مانجۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەھمەد سۇلۇق
تەھرىر: ئابدۇرېھىم پاراچ
قىسقىچە مەزمۇنى: 17– ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدا ئىلىنى مەركەز قىلغان جۇڭغا خانلىقى قۇرۇلغان ۋاقىتتا، جەنۇبتا ئاق تاغلىقلار ۋە قارا تاغلىقلاردىن ئىبارەت ئىككى خوجىلار قوشۇنى ئۆز-ئارا بىر-بىرلىرى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشىۋاتاتتى. ياركەنت خانى ئىسمائىلخان تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان ئاق تاغلىقلارنىڭ دىنىي رەھبىرى ئاپاق خوجىنىڭ جۇڭغارلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشى بىلەن «كىچىك بۇخارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان قەشقەرنىڭ جۇڭغارلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىغا يول ئېچىلدى. بۇ ئارىلىقتا، جۇڭغارلارنىڭ قولىدىن قۇمۇلنى، ئاندىن تۇرپاننى تارتىۋېلىشتا ئۈستۈنلۈك قازانغان مانجۇلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىدە مەۋجۇت بولۇشقا باشلىدى. 1755-يىلى جۇڭغارىيەنى ئىگەللىگەن مانجۇلار جۇڭغارلارنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغىمۇ كۆز تىكىتى. 1759- يىلى ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننى رەسمى بېسىۋالدى. خوجىلار ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق ئۇرۇش-جىدەللەر ئۇلارنىڭ تۇپراقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىلىۋاتقان جۇڭغار ۋە مانجۇلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنىڭ يولىنى توسۇپ قويدى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر
ئاق تاغلىقلار، قارا تاغلىقلار، ئاپپاق خوجا، جۇڭغارلار، خان خوجا ئاكا-ئۇكىلار، شەرقىي تۈركىستان
مىلادى 1635-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا (ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە گوبى چۆللۈكىنىڭ غەربى) ئىلىنى مەركەز قىلغان جۇڭغار خانلىقى (ئويرات دۆلىتى) قۇرۇلۇپ، مۇڭغۇللارنىڭ غەربىي تارمىقىغا تەۋە ئويراتلارنىڭ چوروس قەبىلىسىدىن بولغان باتۇر قۇنتەيجى تەختكە چىقتى. كۈچلۈك سىياسىي ھاكىمىيەت ئورنىتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان جۇڭغارلار تەسىر دائىرىسىنى سىبىرىيەنىڭ جەنۇبى ۋە غەربى قىسىملىرىغا، موڭغۇلىيەنىڭ جەنۇبى، تۈركىستان، ھەتتا تىبەت ۋە چىڭخەيگىچە كېڭەيتتى. 1680- يىلى ئۇلار قۇمۇل ۋە تۇرپاننى ئىگەللىدى. 1644-يىلى سەدىچىننىڭ سىرتىدىن بېيجىڭغىچە كېلىپ ئىمپېرىيە قۇرغان مانجۇلار 1720-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار جۇڭغارلاردىن ئالدى بىلەن قۇمۇلنى، ئاندىن ئۆزلىرىگە نىسبەتەن يېپ-يېڭى بىر رايۇن بولغان تۇرپاننى ئالدى.
بۇ چاغدا، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تارىم ئويمانلىقىدىكى ياركەنتنى مەركەز قىلغان ياركەنت خانلىقىدىكى خوجىلارنىڭ كۈرىشى تازا ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئۇلار ياركەنتنى مەركەز قىلغان قارا تاغلىقلار ۋە كاشغارنى مەركەز قىلغان ئاق تاغلىقلاردىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىلغان ئىدى. ئۇلار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي-سىياسىي ئورنىنىڭ بارا-بارا كۈچىيىشى بىلەن بىرگە، دىنى ساھەدىكى ئىمتىيازلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، سىياسىي جەھەتتىنمۇ رەھبەرلىك ئورۇنغا چىقىشقا ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ كۈچلىنىشى بىر-بىرىگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلدى ۋە بۇ دۈشمەنلىك ئۇلارنى ئىككى چوڭ سەپكە ئايرىدى. تۈگىمەس ئىچكى نىزا ۋە تەخىت تالىشىشلار نەتىجىسىدە خوجىلار، ياركەنت خانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا سورۇن ھازىرلاپلا قالماستىن، جۇڭغار خانلىقى ۋە مانجۇلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىمۇ بىر كۈچ سۈپىتىدە جەڭ قىلالمىدى.
ئۇرۇشتا قارا تاغلىقلار ئۈستۈنلۈك قازاندى. ياركەنت خانلىقىنىڭ ھوقۇقدارى ئىسمائىلخان (1678_1670) قارا تاغلىقلارنى قوللىغان بولۇپ، ئاق تاغلىقلارنىڭ كۈچىنى ئۈزۈل-كىسىل يوق قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئىدى. 1677- يىلى ئاق تاغلىقلارنىڭ دىنىي داھىيسى ئاپاق خوجىنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى. دۆلەتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئاپاق خوجا ئالدى بىلەن كەشمىرگە، ئاندىن تىبەتكە بېرىپ دالاي لامادىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇنى ناھايىتى ياخشى قارشى ئالغان دالاي لاما تىبەتتىن قەشقەرگە ئەسكەر ئەۋەتىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئېيتتى ۋە 1676- يىلى تەختتە ئولتۇرغان جۇڭغار خانى غالدان بوشگوت خانغا خەت يېزىپ، ئاپاق خوجىغا بەردى. ئاپاق غوجىنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان غالدان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تىزلىك بىلەن «كىچىك بۇخارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان قەشقەرنى ئېلىش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتتى.
1678- يىلى بوسگوت خانى غالدان ئۆزى قۇماندانلىق قىلغان ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە 1678- يىلى قەشقەرتۇپرىقىغا ئاياق باستى. باباك سۇلتان قەشقەردە ئۆلتۈرۈلدى. ئىسمائىلخان ياركەنتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق غالدانغا تەڭ كىلەلمىدى. نەتىجىدە غالدان ھېچقانچە كۈچىمەيلا قەشقەر ۋە ياركەنتنى ئىگەللىدى. ئارقىدىن ئىسمائىل خان بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەسىر ئېلىپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئىلىغا ئېلىپ كەتتى. ئاپاق خوجىنى بولسا جۇڭغار خانلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ۋالىيلىقىغا تەيىنلەپ، ياركەنت ۋە قەشقەرنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. ھەر يىلى جۇڭغار خانلىقىغا مۇقىم باج تاپشۇرۇلۇپ تۇردى. ئاپاق خوجا قارا تاغلىقلار تەرىپىدىن خائىن دەپ ئېلان قىلىندى. شۇنداق قىلىپ، ياركەنت خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، ئورنىغا جۇڭغارلاربىلەن تىل بىرىكتۈرگەن خوجىلار ھۆكۈمرانلىقى ئورنىتىلدى.
1678- يىلى ئاق تاغلىقلارنىڭ دىنىي رەھبىرى بولغان ئاپاق خوجىنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن، خوجىلار (1678-1759) دەۋرى باشلاندى. نىمىلا دىگەن بىلەن ئاپاق خوجا دالاي لامانىڭ ياردىمى ئاستىدا تەخىتكە چىققان بولغاچقا ، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارشىلىقى كۈنسىرى كۈچەيدى. ئاپاق خوجا ياركەنت خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى بولغان ئىسمائىلخاننىڭ ئىنىسى مۇھەممەد ئىمىننى «خىتاي» دەپ ئىلان قىلىپ، ۋەزىيەتنى ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق تەرەپكە بۇرىماقچى بولدى. بۇ ۋاقىتتا موھەممەت ئىمىن خان جۇڭغارىيەدە يۈز بەرگەن ئىچكى مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ جۇڭگارلارغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئوتتۇز مىڭغا يېقىن جۇڭغار ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە چىكىندۈردى. ئۇزۇن ئۆتمەي مۇھەممەد ئىمىن خان ئۆلتۈرۈلدى. جۇڭغارلارنى ئارقا تېرەك قىلغان ئاپاق خوجا 1693-يىلى ئۆلگەنگە قەدەر تەخىتكە ئولتۇردى.
ئاپاق خوجىنىڭ ئۆلىمى ئىچكى مالىمانچىلىقنىڭ ئوت پىلتىسى بولدى، نەتىجىدە ئۇرۇش-جىدەل ۋە زوراۋانلىق ھەركەتلىرى يۈز بىرىشكە باشلىدى. 1693-يىلى ئاپاق خوجىنىڭ ئايالى ھەنىم سۇلتان تۆتىنچى ئوغلى مەھدىنى تەختكە ئولتۇرغۇزماقچى بولۇپ، ئاپاق خوجىنىڭ باشقا ئايالىدىن بولغان ئوغلى يەھيا خاننى ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقە ئاپاق خوجا ۋاپات بولۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن يۈز بەردى. ئۇ يەنە باشقا ئىككى ئوغلىنىمۇ ئۆلتۈردى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ «جاللات خېنىم» دەپ ئاتالدى. قەشقەرھاكىمى سەييىد بەگ ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن ئورنىغا موللا ساقى قويۇلدى. سۇلتان خېنىم (جاللات خېنىم) مۇ يەھيا خوجا ۋاپات بولۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلدى. قارا تاغلىقلار بۇ ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، دەرھال ئىسمائىل خاننىڭ ئىنىسى ئاقباشنى ياركەنتتە خان دەپ جاكارلىدى. مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. ئاقباش دانىيال خوجىنى خوجەنتتىن ياركەنتكە چاقىرىپ كىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ياركەنتتە تەختكە چىقتى. قەشقەردە ئاق تاغلىقلار ئەھمەد خوجىنى تەخىتكە چىقاردى. نەتىجىدە تەرىقەت يولىدىكى ئىككى گوروھ ئۆز-ئارا قانلىق توقۇنۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى. بۇ ھال جۇڭغارلار ۋە مانجۇلارنىڭ تاجاۋۇز قىلالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئىدى.
1697- يىلى جۇڭغار خانى غالدان ئۆلدى. ئۇنىڭ ۋارىسى تساۋاڭ رابدان (1697-1727) پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، نۇرغۇن ئەسكەرلەر بىلەن ياركەنتكە كەلدى. بۇ ۋاقىتتا خوجا دانىيال ئۇلار بىلەن ماسلىشىپ، بىرلىكتە قەشقەرگە كەلدى. قەشقەردىكى ئاق تاغلىقلار تەرىپىدىن تەخىتكە چىقىرىلغان ئەھمەد خوجا ئۇلارغا قارشى تۇرالمىدى. بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپلا جۇڭغارلار قەشقەرنى ئىگەللەپ، ئەھمەت خوجىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، دانىيال خوجا جۇڭغارلارغا: «ئەگەر سىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئىگەللىمەكچى بولساڭلار ئەسلا ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنى ئۆلتۈرمەڭلار. چۈنكى ئۇلار ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ھەرگىز راۋا كۆرمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆلتۈرۈلسە، ھەتتا ئايال بالىلاردىن تارتىپ سىلەرگە قارشى ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرىدۇ» دەپ، ئەھمەد خوجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى توسۇپ قالدى. 1720- يىلى جۇڭغارلا ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان دانىيال خوجىنى قەشقەردە تەخىتكە چىقىرىپ، ئەھمەد خوجا ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇرتلىرىنى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئىلىغا سۈرگۈن قىلدى. دانىيال خوجا ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلەپ، دۆلەتنىڭ بارلىق ئىقتىسادىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئالدى. جۇڭغارلار ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىدى، پەقەت دانىيال خوجا ئۆلگىچە ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ تۇردى.
جۇڭغار خانى رابدان ئۆلگەندىن كىيىن، غالدان سېرېن (1727-1745) جۇڭغار خانى بولدى. بۇ ۋاقىتتا جۇڭغارلار كۈنسىرى ئاجىزلاشقا باشلىغان ئىدى. 1753- يىلى دانىيال خوجىنىڭ ئۆلىشى بىلەن تارىم ئويمانلىقىدا ئۆزلىرىگە قارشى بىر كۆچنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىن ئەنسىرىگەن جۇڭغارلار، خوجىلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلدى ۋە دانىيال خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى خوجا جاھاننى ياركەنتكە، ئىككىنچى ئوغلى يۈسۈف خوجىنى قەشقەرگە، ئۈچىنچى ئوغلى ئەيۇپ خوجىنى ئاقسۇغا، كىچىك ئوغلى ئابدۇللا خوجىنى خوتەنگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. قارا تاغلىقلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان ئاق تاغلىقلارنىڭ دىنىي رەھبىرى خوجا ئەھمەدنىڭ ئوغۇللىرىدىن خان خوجا بىلەن بۇرھانېدىن خوجىنى ئىلىغا ئېلىپ بېرىپ، نەزەربەند قىلدى. ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان ئىسيانلار نەتىجىسىدە مانجۇلارنىڭ قەشقەردىكى ھۆكمىرانلىقى خىرىسقا دۈچ كەلدى. ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا باج-سېلىق تاپشۇرۇش بەدىلىگە ھاكىمىيەت قارا تاغلىقلارنىڭ ۋەكىلى بولغان دانىيال خوجىنىڭ ئائىلىسىگە قالدۇرۇلدى. بۇ ئەھۋال تاكى 1755-يىلغىچە داۋاملاشتى.
يىللارچە داۋاملاشقان تەخت تالىشىش كۆرەشلىرى جۇڭغار خانلىقىنى ئاجىزلاشتۇردى. بۇ كۆرەشلەر 1745-يىلى جۇڭغار خانى غالدان سېرېننىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. 1749-يىلى لامادروج جۇڭغار خانى بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئامارسانا بىلەن داۋاتسى ئىسيان قىلدى ۋە ئوردىنى ئىگەللەپ، لامادروجنى ئۆلتۈردى. داۋاتسى تەختكە چىققاندىن كېيىن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي، ئامارسانانى ئىتىبارسىز تاشلاپ قويدى. بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئامارسانا مانجۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن تەخىتنى ئىگەللىمەكچى بولدى. 1754- يىلى ئامارسانا مانجۇ ئىمپېراتورى چيەن لوڭ (1735-1795) تەرىپىدىن (热 河) رېخېدا قوبۇل قىلىندى. مانجۇلار ئۈچۈن پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يەتكۈزگەن مەلۇماتلىرى مانجۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئىدى. چيەن لوڭ ئامارسانادىن ئىرىشكەن مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، جۇڭغارلارنى يوق قىلىشنىڭ تۈنجى قەدىمىنى ئۇلارنى تۆتكە پارچىلاشتىن باشىدى.
نەتىجىدە مانجۇلارجۇڭغارلارغا ئىككى يۆنىلىشتىن ھوجۇم قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ، ئىشنى ئەۋۋەل ئىلىدىن باشلىماقچى بولدى. ۋە ھەربىي تەييارلىقلارنى تىزلەشتۇرۈپ، جۇڭغارلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، ھەربىي كۈچى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى ياخشى ئىگەللدى، ھەمدە جۇڭغار خانى داۋاتسىغا قارشى كۈچلەر بىلەن ئالاقە ئۇرناتتى. ئۇيراتلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغان مانجۇلار بۇ قېتىم غەلبە قىلىدىغىنىغا ئىشىنەتتى. مانجۇ، موڭغۇل ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان 30 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇن 1754- يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتۈن تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈردى.
پىلان بويىچە 1755-يىلى 2-ئايدا، مانجۇ ئارمىيىسى ئىككى يۆنىلىشتىن ئىلىغا قاراپ ئاتلاندى. شىمال تەرەپتىن يولغا چىققان ئەسكەرلەرگە بەندىي (班 第) باش قۇماندان، ئولاستايدىن يولغا چىققان ئەسكەرلەرگە بولسا ئامارسانا مۇئاۋىن قۇماندان بولدى. ئۇلار ئۇلۇنگۇر دەرياسى، چىڭگىل دەرياسى ۋە ئېلىن كۆلىنى كېسىپ ئۆتۈپ، بورتالا دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ ئىلگىرلىدى. غەربى قىسىم ئارمىيەگە (西路军) شەنشى ۋە گەنسۇنىڭ ۋالىيسى يۇڭچاڭ قۇماندان بولدى. باركۆل ۋە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان قىسىمغا سالەيئىر (萨赖尔)مۇئاۋىن قۇماندان بولدى ۋە ئىككى ئاي يەتكۈدەك ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن ئىككى قوشۇن ئۇچراشماقچى بولغان بۆرتالا دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ ئاتلاندى. ئامارسانا بىلەن سالەيئىر ئايرىم-ئايرىم 3مىڭ ئەسكەر بىلەن داۋاتسىغا قارشى ئەۋەتىلدى.
مانجۇلارنىڭ شىمالىي ۋە غەربى يول ئارمىيەلىرى 5- ئايدا بورتالادا ئۇچراشتى. ئۇلار نەچچە مىڭ كىلومېتىر يولنى ھېچقانداق قارشىلىقسىز باسقان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا جۇڭغارلا ھەتتا چېگراغا ئەسكەرمۇ ئورۇنلاشتۇرمىغان بولغاچقا، قوشۇن5- ئاينىڭ 5- كۈنى ئىلىغا يىتىپ كەلدى. جۇڭغار خانى داۋاتسى بولسا ئۇرۇش قىلماستىن چىكىنشنى قارار قىلدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي مانجۇلار يەتتە مىڭغا يېقىن جۇڭغار ئەسكىرىنى ئەسىر ئالدى. داۋاتسى بولسا ئاز بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن قەشقەرگە قاراپ قاچتى ۋە 7 ئاينىڭ 16- كۈنى ئۈچتۇرپانغا كەلگەندە ئەسىرگە چۈشتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدا 100 ئەتراپىدا ئەسكەر بار ئىدى. داۋاتسى ئۈچتۇرپان ۋالىيسى خوجەس تەرىپىدىن مانجۇلارغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەندىن كىيىن، قۇماندان باندى ئۇنى بېيجىڭغا ئەۋەتتى. مانجۇ خانى چىيەنلۇڭ داۋاتسىنى ئۆلتۈرمەستىن بەلكى ئۇنىڭغا ناھايتى ياخشى مۇئامىلىدە بولدى. چۈنكى چىيەنلۇڭ ئامارساناغا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، كەلگۈسىدە يۈز بىرىش ئىھتىمالى بولغان ئىسيانلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئىشقا سېلىشنى ئويلىغان ئىدى. ئاقىبەت سىتراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن موھىم بولغان تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى قىسمى مانجۇلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.
ئامارسانا ئۆزىنىڭ چىيەنلۇڭنىڭ يېنىغا ئەۋەتىلىشىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوقلىغىنى تىزلا چۈشىنىپ يەتتى. مانجۇلار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئۇنى جۇڭغا خانلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تۇپراقلاردىن چىكىنىش نىيىتى يوق ئىدى. ئاخىرىدا ئامارسانا مانجۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن، مانجۇ ئىمپىراتۇرلۇقىنىڭ رېخېدىكى يازلىق ئوردىسىغا چاقىرتىلىپ، ئەسىر ئېلىش پىلانلاندى ۋە قارشىلىق قىلسا ئۆلتۈرۈپ تاشلاش بۇيرۇقى بىرىلدى. بۇ ۋاقىتتا ئامارسانا ئۇلۇنغۇر دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تارباغاتايغا قېچىپ كەتتى.
ئامارسانا بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، مانجۇلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. جۇڭغارلاردىن نۇرغۇن خەلق ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى. نەتىجىدە ۋىلايەت مەركىزىدىكى ئامانلىق ساقلاش ئورۇنلىرىغا ھوجۇم قىلىپ، باندى ۋە ئەرۇڭئەن قۇماندانلىقىدىكى 500 گە يېقىن مانجۇ ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى يەنە قايتا ئامارسانانىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنى ئويرات خانى دەپ جاكارلىدى. ئۇ تەختىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر قانچە تىرىشقان بولسىمۇ ، بۇ خانلىقنىڭ ئۆمرى ئۇزۇنغا بارمىدى. 1756- يىلى 2-ئايدا مانجۇ ئارمىيىسى ئىلىغا ھۇجۇم قىلدى. ئامارسانا ئۇلارغا قارشى تۇرالماي، قازاقلاردىن پاناھلىق سوردى.
مانجۇلارنىڭ قۇماندانى جاۋخۇي جۇڭغارىيەدە مانجۇلارغا قارشى قوزغالغان ئىسيانلارنى قانداق تىچىتىشنى بىلەلمەي، 1500 كىشىلىك قوشۇنى بىلەن باركۆلگە چىكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئامارسانا مانجۇلارغا قارشى بىر نەچچە قېتىم ھوجۇم قىلغان بولسىمۇ ئۇتۇق قازىنالمىدى. بۇ ۋاقىتتا تەخىت تالىشىش كۆرەشلىرى جۇڭغارلار ئارىسىدا قايتىدىن باش كۆتۈردى. بۇنى ئەڭ ياخشى پۇرسەت بىلگەن مانجۇلار 1757- يىلى جۇڭغارلارنى مەغلۇپ قىلدى.
جاۋخۈي ۋە فۇدە باشچىلىقىدىكى مانجۇ قوشۇنى بارچە كۈچىنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ ئامارسانانى تۇتالمىدى. قېچىپ قازاقلاردىن پاناھلىق تىلىگەن ئامارسانا ئاخىرى 6- ئايدا روسيە چېگراسىغا كىلىۋالدى. 1957- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى چېچەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئالتە كۈندىن كىيىن توبولسىكتا 35 يېشىدا ئۆلدى. چىيەنلۇڭ بارلىق ئويراتلارنى ئۆلتۈرۈش يارلىقى چۈشۈردى. 1758- يىلى جاۋخۇي بىلەن فۇدى بىر قانچە يولدىن ئىلگىرلەپ كىلىپ، جۇڭغارلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈردى. بىر ئەسىرگە يېقىن توختىماي داۋملاشقان ئۇرۇش ئاخىرى مانجۇلارنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۈرۈمچى ۋە تارباغاتاينى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن مانجۇ ۋە خىتاي ئەسكەرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
بۇ جەريانىدا مانجۇلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەكلىدە جۇڭغارلارنى قىرغىن قىلدى. ئەسىر ئېلىنغان ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى. ئالتە يۈز مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ 3/10 ى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىنغان بولسا، 2/10 قىسمى سەھرالارنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا، قازاق ۋە رۇسلار تەرەپكە قېچىپ بېرىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى. 4/10 قىسمى چېچەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ تۈگىدى. بۇ قېتىمقى قانلىق قىرغىنچىلىقتا جۇڭغارلارنىڭ پەقەت 1/10 قىسىم نوپۇسىنىڭ ھايات قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. موللا مۇسا سايرامى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، مانجۇلارنىڭ جۇڭغارۋادىسىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى قىرغىن قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. كۇروپاتكىن ۋە ئەتىف قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ سايرامىنىڭ دىگەنلىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ.
1755- يىلدىن 1758- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، جۇڭغار ۋادىسىدا مانجۇلارغا قارشى قوزغىلاڭلار ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ تۇردى. ئاخىرقى ھىساپتا مانجۇلار جۇڭغارلار ئۈستىدىن غەلبە قىلغاندىن كىيىن، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا موھىم شەھەرلىرىنىمۇئىگەللىمەكچى بولۇپ، جۇڭغارلار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان ئاق تاغلىقلارنىڭ دىنى رەھبىرى ئەھمەد خوجىنىڭ ئوغۇللىرىدىن خان خوجا بىلەن بۇرھانىدىن خوجىنى سىمۋۇللۇق دىنى رەھبەر سۈپىتىدە ئىشلىتىش نيتىدە ئىلىغا ئېلىپ كەلدى ۋە پۇرسەتنى قاچۇرماستىن تىزلىك بىلەن ھەركەتكە ئۆتتى.
1755-يىلى، مانجۇلار قارا تاغلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بىرىش ئۈچۈن، مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن يەتتە مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا بۇرھانىدىن خوجىنى باش قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا ئەۋەتتى. خان خوجا بولسا ئىلىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى. كىشىلەر خان خوجىنى كىچىك خوجا، ئاكىسى بۇرھانىدىن خوجىنى چوڭ خوجا دەپ ئاتايتتى. بۇ قوشۇن ئاقسۇ بىلەن كۇچارنى ئاسانلا قولغا ئالغاندىن كىيىن، ئەمدىكى مەسىلە قەشقەر ئىدى. مانجۇلارنىڭ مەقسىتى بولسا، جۇڭغارلارغا ئوخشاشلا قارا تاغلىقلار بىلەن ئاق تاغلىقلارنىڭ زىددىيتىدىن پايدىلىنىپ، بىر-بىرىنى قىرغىن قىلدۇرۇش ئىدى.
قەشقەردە جۇڭغارلارغا قارشى مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان يۈسۈف خوجا بۇرھانىددىن خوجىغا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مانجۇلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇرۇش بولۇپ ھىساپلىناتتى. ئۇزاق ئۆتمەي يۈسۈپ خوجا 1756- يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇللا ئولتۇرۇپ، ئۇرۇش تەييارلىقىنى داۋاملاشتۇردى ۋە قەشقەر، يېڭىسار، ياركەنت، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىن ئەسكەر يىغىپ ئۇچتۇرپانغا قاراپ ئاتلاندى. بۇ قېتىمقى جەڭدە يېڭىلگەن ئابدۇللا خوجا ئۇچتۇرپاندىن قەشقەرگە چېكىندى. مانا موشۇ پەيتتە ئابدۇلمەجىد ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئابدۇللا خوجىنىڭ ئەسكەرلىرى ئارىسىدا پىتنە تارقىتىش ۋە قىرغىزلارنى بۇرھانىدىنغا قارشى ئۇرۇشماسلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن موھىم رول ئوينىدى. قىرغىزلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەن بۇرھانىدىن خوجا ئاخىرى قەشقەرنى قولغا ئالدى. ئابدۇللا خوجا ياركەنتكە چېكىندى. قەشقەر ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئايىغى چىقماس ئۇرۇش ۋە دۈشمەنلىكلەرگە يەنە بىر قېتىم شاھىد بولدى.
بۇرھانېددىن خوجا 1757-يىلى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك دۈشمىنى بولغان دانىيال خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى جاھان خوجا بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ياركەنتكە قاراپ ئىلگىرلىدى. جاھان خوجا ئۆزىنىڭ ئەخلاقى ۋە ياخشى مىجەز خاراكتېرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بىرى ئىدى. بۇرھانىددىن خوجا ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ياركەنتكە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن، دەرھال جاھان خوجىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلدى. جاھان خوجا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈشنى ئەسلا خالىمايتتى، شۇنداقلا مانجۇلارغا ئەل بولۇشنى تېخىمۇ خالىمايتتى. نەتىجىدە تەسلىم بولۇش تەكلىپىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىپ، «مانجۇلارغا قارشى جىھاد قىلىش»تىن باشقا مەخسىدى يوقلىقىنى بىلدۈردى. جاھان خوجىغا سادىق ۋە ئىتائەتكار خەلق ئاممىسى ئۇنىڭ بىلەن «ئاخىرغىچە بىللە تۇرۇش»قا ۋەدە بىرىشتى. ئۇرۇش قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىدا بولۇپ قالدى.
بۇرھانېددىن خوجا ياركەنتكە يىتىپ كىلىپ، ئىلى، ئاقسۇ، كۇچار، ئۇچتۇرپان، قەشقەر، دولان، تۇرپان ۋە يېڭىسار قاتارلىق يۇرتلاردىن تەشكىللەنگەن ئەسكەرلەر بىلەن شەھەرنى قورشاۋغا ئالدى. قورشاۋغا ئالغان ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىدا ھەتتا قۇبات قىرغىز بەگنىڭ قوماندانلىقىدىكى نۇرغۇن قىرغىز ئەسكەرلىرىمۇ بار ئىدى. توقۇنۇش ئۇزۇن داۋام قىلدى. ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلدى. جاھان خوجا باشچىلىقىدىكى ياركەنت خەلقى بۇرھانىدىن خوجىغا قارشى مۇستەھكەم تۇرۇپ جەڭ قىلغان بولسىمۇ، غازى بەگنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ھاكىملىق مەنسىپىدە قېلىش شەرتى بىلەن خىيانەت قىلىشى نەتىجىسىدە شەھەر دەرۋازىسى ئېچىۋىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇرھانىدىن خوجا شەھەرنى ئاسانلا قولغا ئالدى. قېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان جاھان خوجا بۇرھانىدىن خوجىنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ، پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بىللە ياركەنتتە ئۆلتۈرۈلدى. جاھان خوجىنىڭ بىردىنبىر ئوغلى بولغان نەزەر خوجا ھىندىستانغا قېچىپ كەتتى. بۇرھانېددىن خوجا ياركەنتتىن كېيىن خوتەننى ئىگەللىدى. بىر نەچچە ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ بەرىبىر مانجۇلار ئۈچۈن بىر قورچاق ئىدى. شۇنداق قىلىپ مانجۇنىڭ پىلانى تەدرىجىي ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىدى.
بۇرھانىدىن خوجىنىڭ ئىلىدا قېلىپ قالغان ئىنىسى خان خوجا ئامارسانا بىلەن بىرلىشىپ مانجۇلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. بۇ ئىسيان مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ئىلىدىن ياركەنتكە قېچىپ كىلىپ، ئاكىسى بۇرھانىدىننى جۇڭغار ۋادىسىنىڭ ۋەزىيتىدىن خەۋەردار قىلدى ۋە «ئەگەر مانجۇلارغا باش ئەگسە، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مانجۇلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىپ، <قەپەستىكى قۇش>تەك ياشاشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، يوللار ئىنتايىن خەتەرلىك بولغاچقا مانجۇلارنىڭ جۇڭغارىيە ۋادىسىدىن ياركەنتكە كىلىش ئىمكانىنىڭ ئەسلا يوقلىقى» نى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بۇرھانىدىن خوجا بۇنى ئەسلا خالىمىسىمۇ، ئىنىسىنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
مانجۇلار مەخسىدىگە يەتكەندىن كىيىن، قەشقەرنى بۇرھانىدىن خوجىغا بىرىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى . نەتىجىدە بۇرھانېددىن خوجا بىلەن خان خوجا 1758-يىلى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، مانجۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ ۋاقىتتا كۇچار، باي ۋە ئاقسۇنىڭ بېگى مىرزا خۇدى (米儿咱.鄂对) ئۆز خەلقىگە خائىنلىق قىلىپ، ئىلىغا قېچىپ كەتتى ۋە مانجۇلارنى بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلدى. جۇڭغارلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىدىن مەغرۇرلانغان مانجۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئاكا-ئۇكا بۇرھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجىغا قارشى ئۇرۇش ئاچتى.
جاۋ خۇي ئالدى بىلەن ئامىنداۋ (阿敏 道 / 阿敏 圖) ۋە مىرزا خۇدىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئىككى مىڭ ئەسكەرنى مۇھىم ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان كۇچارغا ئەۋەتتى. بۇ قوشۇن كۇچاغا ھوجۇم قىلىپ نەتىجە قازىنالمايلا قالماستىن، ئامىنداۋ بىلەن بىرلىكتە كۆپلىگەن ئەسكەر ئابدۇل ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. مىرزا خۇدى ئىلىغا قېچىپ كەتتى.
جۇڭغارلار يولغا قويغان سىياسەتنى قوللىنىشنى قارار قىلغان مانجۇلار، ئامىنداۋنىڭ ئۆلۈمى باھانىسىدا ئەسكىرى كۈچ بىلەن بىر پۈتۈن ئىشغال قىلىشنى قارار قىلدى ۋە قۇمۇلدىن يىتىپ كەلگەن يارخاشەن قۇماندانلىقىدىكى 10 مىڭ كىشىلىك مانجۇ قوشۇنى تۇرپاندىن يولغا چىقىپ، 1758- يىلى 5- ئايدا كۇچارنى مۇھاسىرىگە ئالدى. خان خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى مانجۇلارغا قارشى پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىم، مۇھاسىرە ۋاقتى ئۈچ ئايغا سوزۇلۇپ، يېمەك-ئىچمەك، ئوق-دورا ۋە تەمىناتلار پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتكەچكە، كۇچادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ جەڭدە مانجۇلارمۇ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان بولغاچقا، مانجۇ خانى قۇماندان يائىرخاشەن، شۈن دېنە (顺德訥) ۋە ما دېشېڭ (马德勝) قاتارلىقلارغا ئۆلۈم جازاسىغا بەردى. جاۋ خۇي بولسا يائېرخاشەننىڭ ئورنىغا چىقتى. كۇچادا نۇرغۇن ئادەم مانجۇلارغا تەسلىم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى.
مانجۇلار كۇچاردىن كېيىن شەھرىيار، ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئىگەللىدى ۋە ئاقسۇنى ھەربىي بازا قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ۋاقىتتا خان خوجا ياركەنتتە، بۇرھانېدىن خوجا قەشقەردە بولغاچقا، مانجۇلار جىددي ھەركەتكە ئۆتۈپ، 1758- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى جاۋ-خۇي قۇماندانلىقىدىكى 4 مىڭ كىشىلىك مانجۇ ئارمىيەسى ياركەنتكە يىتىپ كەلدى ۋە قارا سۇ دەرياسى بويىغا ئورۇنلاشتى. خان خوجىنىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار ئىدى. ياركەنت شەھرىنىڭ جەمئىي ئون ئىككى دەرۋازىسى بار بولۇپ، ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە مانجۇلارنىڭ ئەھۋالى خاراپلاشتى. خان خوجىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكى ئالدىدا ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان مانجۇ قوشۇنى ئاخىرى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاقسۇغا قاچتى. دەل شۇ ۋاقىتتا قىرغىزلار قەشقەردە ئىسيان كۆتۈردى. خان خوجا بۇ ئىسياننى تنچىتىش ئۈچۈن ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى قەشقەرگە ئەۋەتتى.
1759- يىلى 1- ئايدا، مانجۇلارنىڭ شىمالىي يول ئارمىيىسى گېنېرال فۇدېنىڭ قوماندانلىقىدا ئاقسۇغا كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن كىيىن، باركۆل ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىدىن ياردەمچى قوشۇن كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مانجۇ ئەسكەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ئوتتۇز مىڭغا يەتتى. بارلىق ھەربىي تەييارلىقلار تاماملانغاندىن كېيىن، 6- ئايدا، جاۋ-خۇي ۋە فۇدې ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 مىڭدىن قوشۇن بىلەن قەشقەر ۋە ياركەنتكە قاراپ يولغا چىقىپ، جاۋخۈينىڭ قوشۇنى ئۇچتۇرپاندىن قەشقەرگە، فۇدېنىڭ قوشۇنى بولسا تەكلىماكان قۇملۇقى ئارقىلىق خوتەنگە، ئۇ يەردىن ياركەنتكە يىتىپ كەلدى.
خان خوجا ۋە بۇرھانېدىن خوجا ئاكا-ئۇكىلار ياركەنت ۋە قەشقەرنى «خۇداغا ئامانەت» قىلىپ، ساركۆلدىن ئۆتۈپ بەدەخشانغا يىتىپ كەلدى ۋە ئۇ يەردىكى خەلق تەرىپىدىن قىزغىن كۈتىۋېلىندى. ئۇلار بىلەن بىللە كۆچۈپ كەلگەن ئون ئىككى مىڭ ئائىلىدىن توققۇز مىڭ ئائىلە قوقەنتكە كەتتى.
ئېغىر يارىلانغان خان خوجا ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىنىسى بۇرھانېدىن خوجا سۇلتان شاھ تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. ئاخىرىدا ئېغىر بېسىم ئالدىدا چارىسىز قالغان سۇلتان شاھ، خان خوجىنىڭ كېسىلگەن بېشىنى جاۋ خۇيغا تاپشۇرۇپ بەردى. كېيىن بېيجىڭدىكى مانجۇ ئوردىسىغا ئەۋەتىلدى. مانجۇلار غەلبە تەنتەنىسى قىلىپ، خان خوجىنىڭ كاللىسىنى تۆمۈر قەپەزگە سېلىپ سازايى قىلدى.
بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن مانجۇلار بۇرھانېددىن خوجىنىڭمۇ كاللىسىنى ئالدى. سۇلتان شاھمۇ قىلغانلىرى بەدىلىگە بەدەخشانغا كىرگەن ئافغانىستان ئەمىرى تەرىپىدىن 1765- يىلى ئۆلتۈرۈلدى.
مانجۇلار قوقەنت ۋە تاشكەنتكىچە كىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى كۆز-كۆز قىلش ئارقىلىق ئافغانىستان ئەمىرىگە ئۈمىد بىرشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بەدەخشاننى ئېلىش بىلەنلا كۇپايىلەندى. قەشقەر خەلقى بولسا مانجۇلارغا بولغان قارشىلىق ھەركەتلىرىنى ھېچ توختاتمىغانلىقى ئۈچۈن، كۆپلىگەن مانجۇ ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ 12 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئەسىر ئېلىنغاندىن كىيىن ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن كىيىنكى ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن چوڭ-كىچىك ئۇرۇشلاردا مانجۇلار تەرىپىدىن 500 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ مانجۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىنى رەسمى ئىشغال ئاستىغا ئالدى.
دېمەك: مانجۇلار جۇڭغارلارنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن ناھايىتى ياخشى پايدىلاندى. نەتىجىدە 1759-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا تۇنجى قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. شۇنداق قىلىپ، تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىتىكى ئەڭ قاباھەتلىك ۋە قاراڭغۇ دەۋرى باشلاندى. بۇ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان نۇرغۇنلىغان تارىخى ھادىسىلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى بولۇپ قالدى. تۈگىمەس ئىچىكى تالاش-تارتىشلار بىلەن بىرلىكتە مانجۇلارنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇش سىياسەتلىرى خەلقنى نامرات ۋە ئېچىنىشلىق قىشمەتلەرگە مەھكۇم قىلدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماستىن مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈككە تەشنا خەلق مانجۇلارغا قارشى ھەركەتلىرىنى بىر ئەسىر توختاتماي دەۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
مەنبە: https://akademiye.org/tr/?p=3988 Mançuların ilk Doğu Türkistan İstilâsı