You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » قورغان قەلئەسى

قورغان قەلئەسى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت *

ئېلىدىن جەنۇبقا ئۆتىدىغان تەڭرى تېغىدىكى داڭلىق داۋانلارنىڭ بىرى مۇزداۋان بولۇپ، مۇزداۋان ئارقىلىق موڭغۇلكۈرەنىڭ شۇتا رايونىغا بارغىلى، ھەم  ئۇ يەردىن بىۋاسىتە ئاقسۇ كونا شەھەرگە  كەلگىلى بولىدۇ . مۇزداۋان گەرچە قىش – ياز ئۈستىدىن مۇز كەتمەيدىغان تەڭرى تېغىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك داۋانلىرىنىڭ بىرسى بولسىمۇ، ئەمما شىمال بىلەن جەنۇبنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قىسقا يول بولغانلىقى ئۈچۈن، كارۋانلارنىڭ دائىم قاتنايدىغان يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

مۇزداۋاننىڭ جەنۇبى، يەنى ئاقسۇ كونا شەھەرگە تەۋە قىسمىغا بىر ئۆتەڭ جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەر تارىختىن بۇيان قورغان دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. قورغان ھەققىدە تارىخىي ماتېرىياللاردا ھېچقانچە ئۇچۇر يوق. ئۇنىڭ قاچانلاردا، كىملەر تەرىپىدىن سېلىنغانلىقىمۇ مەلۇم ئەمەس. «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ 2016-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان مامۇت قۇرباننىڭ قەلىمىدىكى «مۇزداۋان يولىدىكى ئۆتەڭلەر» ناملىق ماقالىدا قورغان ھەققىدە مۇنداق ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ: «قورغان تەڭرىتاغنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇزداۋان يولىدىكى  مۇھىم ئۆتەڭ. ئىلگىرى ھۆكۈمەت بۇ يەرگە  قەلئە سېپىلىنىڭ بىر تەرىپىنى دەرياغا، بىر تەرىپىنى تاغ چوققىسىغا سوزۇپ، جەنۇب – شىمال ئېغىزلىرىنى  بېكىتىپ، بىر قورغان سالدۇرغان .  بۇ قورغاندا بىر قاراۋۇلخانا بولغان. بۇ قاراۋۇلخانىدا بۇ يەردىن ئۆتكەنلەر تەكشۈرۈلەتتى. كېيىن بۇ يەرنىڭ نامى قورغان دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.  بۇ قورغاننى ياقۇپ بەگ سالدۇرۇپ، ئەسكەر توختۇتۇپ، كېيىم كېچەك ئىسكىلاتى قىلغانىكەن.» (مامۇت قۇربان، 2016، 40) يوقىردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، قورغان  ياقۇپ بەگ دەۋرىدە سېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كىرونكىت يىلنامىسى ئېنىق ئەمەس. پەقەت بىز ياقۇپ بەگنىڭ ھاكىمىيەت تۇتقان يىلنامىسىغا ئاساسەن، بۇ قورغاننى 1967-يىلىدىن 1877-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان بولۇشى مۇمكىن ، دەپ قىياس قىلالايمىز.

قورغان ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت زامانىدا قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە سۇپاخۇن سوۋۇرۇف باشچىلىقىدىكى جەنۇبقا يۈرۈش ئارمىيەسىنىڭ مۇزداۋاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، گومىنداڭ ئارمىيەسى بىلەن بولغان  كەسكىن جەڭلىرىگە  سەھنە بولغان مۇھىم  يەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ جەڭلەرگە قاتناشقان بىرقانچە  شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان.

«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» نىڭ 128-بېتىدە  قورغاندا بولۇپ ئۆتكەن جەڭ ھەققىدە  مۇنداق دەپ يېزىلغان : «8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە باي ناھىيە بازىرىنى ئىگىلىگەن ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتى ئاقسۇ ۋە كۇچا ھۇجۇم قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ ،  ئىلىغا بارىدىغان مۇھىم ئۆتەڭ مۇزات داۋىنىغا (قورغانغا) ھۇجۇم قىلىشنى قارا قىلدى. 15-كۈنى ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتى  بايدىن يولغا چىقىپ، مۇزات داۋىنىغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياسىنغا بىر قىسىم قوراللىق كۈچكە يېتەكچىلىك قىلىپ، باي ناھىيە بازىرىنى ساقلاشقا بۇيرۇق قىلدى. گومىنداڭنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىمىنىڭ مۇزات داۋىنىغا كېلىپ، بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان  قوشۇنىغا ياردەم بېرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم كۈچنى تۇزئاۋاتقا ئەۋەتتى. ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتى بىر نەچچە كۈن جەڭ قىلىپمۇ مۇزات داۋىنىنى ئىشغال قىلالمىدى. بۇ چاغدا، ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتى گومىنداڭنىڭ كۇچادىن چىققان ياردەمچى قوشۇنىنىڭ باي ناھىيە بازىرىنى ئىگەلىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ،  مۇزات داۋىنىنى ئىمكان قەدەر تېزلىكتە ئېلىپ، ئېلىنىڭ ياردەملىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. 19-كۈنى ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتى مۇزات داۋىنىنى ئىگىلەپ 100 دىن ئارتۇق دۈشمەننى ئەسىرگە ئالدى. 170 تال مىلتىق، 18دانە يېنىك ۋە ئېغىر تىپتىكى پىلىموت، 5 كىچىك تىپتىكى توپ، 210 ئات غەنىيمەت ئالدى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىدىن ئاقسۇغا يول ئېچىلدى.

قورغاندا بولغان جەڭ ھەققىدە مىللىي ئارمىيە قىسىمىنىڭ قوماندانى سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسى ئەڭ تەپسىلىي بولۇپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ قورغانغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ۋە ھۇجۇم جەرياننى ناھايىتى تەپسىلىي تەسۋىرلەيدۇ.

سوپاخان سوۋۇرۇپ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق كىتابىدا مۇزداۋاندىكى قورغاننى ئېلىش جېڭى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق، دەپ يازىدۇ:« شۇ كۈنى تۈزئاۋاتتىن كېلىپ تىزەكتۆرەنى ئون نەپەر خىللانغان قوراللىق پارتىزان بىلەن قورغاننىڭ ئارقىسىدىن بوزدۆڭگە ئۆتىدىغان يولنى توسۇشقا ئەۋەتتىم. مەڭلىك قاسىمنى ئۆز ئىزۋوتى بىلەن قاراباغ ئارقىلىق قورغاننىڭ كۈن چىقىش بېقىنىدىن ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇدۇم . بىز تىز يۈرۈش قىلىش، تىز ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسىنى قوللانمىساق بولمايتتى. بىرئاز ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئالدىدىن ھۇجۇم قىلىشقا ماڭدۇق. بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز نەچچە كۈنى توختىماي ئۇرۇش قىلىش، يول مېڭىش، ئۇيقۇسىزلىقتىن بەك  بوشىشىپ كەتتى. شۇڭا، كېچىدە  يولداشلارنى بىر بۇلۇڭغا يىغىپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف روھىي جەھەتتىن زور تەربىيە بەردى ھەم دىننىي ۋەكىللەر قۇرئاندىن بىرنەچچە ئايەتنىڭ تەپسىرىنى سۆزلىدى.  ئەڭ ئاخىرىدا مەن ئەتىگەندە كۇچا ياكى ئاقسۇدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى ھوجۇمىغا كېلىپ قالسا، چېكىنىپ چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىمىزنى ، شۇڭا بۈگۈن قورغاننى چوقۇم ئېلىشىمىز لازىملىقىنى ئېيتتىم. 8-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىدە بىر قىسىم جەڭچىنى ئۇدۇلدىن ھۇجۇمغا سېلىپ قويۇپ، قورغاننىڭ سول تەرىپىدىكى تاغقا بىر ئودېلىنىيە ئادەم بىلەن يامىشىپ چىقىۋالدىم. 19-كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن ھۇجۇمنى باشلىدۇق. قورغان ئىچىدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى جىددىي ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.  پەستىكى جەڭچىلىرىمىزمۇ قورغان سېپىلىغا شىددەت بىلەن ئوت ئاچتى. مەن تاغنىڭ تۆپىسىدە تۇرۇپ، قورغان ئىچىدىكى ئۇچۇرغانلا گومىنداڭ ئەسكىرىنى ئېتىپ تۇردۇم.  مەن بىر مەرگەن بولغانلىقىم ئۈچۈن ئاتقان ئوقۇم زايە كەتمىدى. بىر چەڭچى مىلتىقىمغا ئوق سېلىپ تۇردى. لېكىن قورغان دەرۋازىسى ئۈستىدىكى ئېگىز پوتەيدىن دۈشمەن چاقلىق پىلىموتى بىلەن  جىددىي ئېتىپ تۇرغاچقا ، بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىلگىرى باسالمىدى. ئەمما سېپىل ئىچىدىكى دۈشمەن قورغاننىڭ ئارقىسىغا قېچىشقا باشلىدى. بىزنىڭ پەستىكى قىسىمىمىز پىلىموت ئوقنىڭ توسقىنلىقىدا ئۇلارنىڭ قېچىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمىدى. بىز «دۈشمەن قېچىۋاتىدۇ» دەپ ۋارقىراپ پەستىكىلەرگە ئاڭلىتالمىدۇق  . مەن دۈشمەن پوتىيىدىكى تۆشۈككە ئارقىمۇ ئارقا ئىككى پاي ئوق ئاتسام، پىلىموت تىمتاس توختىدى. ئەمدى ھۇجۇم قىلىشقا بولاتتى.  ھۇجۇم قىلىشنى پەستىكى يولداشلارغا يەتكۈزۈش قىيىن بولۇپ تۇرغاندا رازىيوف داموللا پەسكە ئۆزى چۈشۈپ، بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن يولداشلار «ھۇررا» دەپ قورغان ئىچىگە كىرىپ، دۈشمەنلەرنى قورشىۋالدى. (431-432-بەت)

قورغاندا بولغان جەڭ ھەققىدە، ئەينى چاغدا گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ تەركىبىدە مىللىي ئارمىيەگە قارشى جەڭگە قاتناشقان ۋە قورغاننىڭ مۇستەھكەم ساقلىغان ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قورغاندا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ھەققىدە قىممەتلىك ماتېرىياللارنى قالدۇرغان.

ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ 1988-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان «ئاقسۇدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر توغرىسىدىكى ئەسلىمە» ناملىق يازمىدا، ئاپتور ھۈسەن ھادىل مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1945-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى مىللىي ئارمىيە قورغاندىكى سېپىلگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ  بىزنى ئوققا تۇتتى. بىزمۇ ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىۋالغاچقا بىزنىڭ ئوت كۈچىمىز بىلەن مىللىي ئارمىيەنى ئىلگىرلەتمىدۇق. ئۇرۇش ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە داۋام قىلدى.  قورغاندىكى ئۇرۇشقا ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى ، سوپاخۇن قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق. مىللىي ئارمىيەنىڭ قوراللىرى خىل، ئاپتومات، ئالتە مىللىمېتىرلىق ، سەككىز مىللىمېتىرلىق مىناميوت، گېرمانىيەدە ياسالغان جىكەس مىلتىق بار ئىكەن. بىز سېپىل ئىچىدە مىللىي ئارمىيە تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ ئوت ئاچتى. 8-ئاينىڭ 20-كۈنى قورغان سېپىلىدىكى جەڭ يەنە باشلاندى. بىزنىڭ ماۋۇن لىيەنجاڭىمىز لى لەنجاڭ ئىسمى لى شىجۈن مۇزات دەرياسىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالدى . بىز تەرەپتىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر، ئاتلار قىرىلدى. ئۇرۇشنىڭ ئەتىسى كەچ سائەت توققۇزدا بىزگە ليەن تەرەپتىن قېچىش بۇيرۇقى بېرىلدى.

بىز ئۆلە تىرىلىشىمىزگە باقماي غەربىي تەرەپتىكى تاغ ئېقىنى ئارقىلىق پىيادە بىر كېچە قېچىپ، ئاقبۇلاققا يېتىپ باردۇق. بىز قېچىپ ماڭغاندا ئەسىرگە چۈشكەنلىرى تۇتۇلدى. قارشىلىق قىلغانلىرى ئېتىلدى. بىز ليەنجاڭ بىلەن 21 نەپەر ئەسكەر ساق قالدۇق. (ئاقسۇ ئەدەبىياتى 1988-يىلى 3-سان 101-بەت)

قورغان قەلئەسى ئاقسۇ كونا شەھەرگە تەۋە بولۇپ، «ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيەسى» تەزكىرىسىدە قورغان ھەققىدە تۆۋەندىكىچە مەلۇمات بېرىدۇ. قورغان قەلئەسى ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيەسى بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ 25 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدا بولۇپ، ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 1905 مېتىر كېلىدۇ.

قورغان قەلئەسى شەرقتە مۇزات دەرياسى، غەرپتە قۇرۇق دەريا تېغىغا تۇتۇشىدۇ. بىر تەرىپى توسۇق، قالغان تەرەپلىرى ئۇچۇق. قورغان قەلئەسى تەرتىپسىزرەك 4 چاسا بولۇپ، كۆلىمى 18 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ . سېپىلنىڭ ئېگىزلىكى 3.5 مېتىردىن مېتىرغىچە كېلىدۇ. سېپىلنىڭ بۇلىڭدا كۈتكۈزۈش راۋىقى بار. سېپىل ۋە كۈتكۈزۈش راۋىقى تاش بىلەن سېرىق لايدىن قوپۇرۇلغان . سېپىلنىڭ غەربىي شىمالى بۇرجىكى غەربتىكى قىيا بىلەن ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر كېلىدىغان تاشتىن قوپۇرۇلغان تام ئارقىلىق تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ . بۇ تامنىڭ ئوتتۇرىسىنىڭ سەل شىمال تەرىپىدە تاشتىن 3 مېتىر ئېگىزلىكتە قوپۇرۇلغان قاراۋۇلخانا بار.

مىنگونىڭ 18-يىلى (1929-يىلى) خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن خۇاڭ ۋىندى بۇ يەرگە كېلىپ، تەكشۈرگەن. 1987 ۋە 1989-يىللىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىنى 2 قېتىم تەكشۈرۈپ، بۇ قەلئەنى ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. (ۋىنسۇ  ناھىيەسى تەزكىرىسى 1139-بەت)

ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قانلىق  شانلىق تارىخىغا شاھىت بولغان قورغان  قەلئەسى بۈگۈنكى كۈندە تەڭرىتاغ باغرىدىكى تاشلاندۇق بىر يەرگە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ  ئۆتمۈشىگە شاھىت بولغان كىشىلەرنىڭ  ھەرخىل ئەسلىمىلىرى ئارقىلىق  ئۇيغۇر تارىخىنىڭ  كېچەك سەھىپىلىرىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

مىراس ژۇرنىلى 2016-يىللىق 3-سان

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

سوپاخان سوۋۇرۇپ «مەن كەچكەن كېچىكلەر»

ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ 1988-يىللىق 3-سانى

ۋىنسۇ  ناھىيەسى تەزكىرىسى 1139-بەت

* بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى شىۋىتسىيەدە ياشايدىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ باش كاتىبلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top