You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » خىتاي مەنبەلىرىدە ئىسلامىيەتنىڭ خىتايغا كىرىشى

خىتاي مەنبەلىرىدە ئىسلامىيەتنىڭ خىتايغا كىرىشى

ئەرتۇغرۇل جەيلان

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەھمەد سۇلۇق

تەھرىر: قەلبىنۇر مۇھەممەد

ئىلاۋە: نۇرغۇن دىنلارنىڭ تارىختا بارلىققا كەلگەن جۇغراپىيىلىك رايونلاردا قوبۇل قىلىنىشى تەس بولغان. ئىسلام دىنىمۇ بۇ دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، تۇنجى ۋەھىي كەلگەن مەككە زېمىنىدىكى مەلۇم ساندىكى كىشىلەردىن باشقا قوبۇل قىلىنمىغان. بۇنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە، مەككىدىن مەدىنەگە كۆچۈش يۈزبەرگەن ئىدى. ئەرەبىستاندا بارلىققا كەلگەن ئىسلام، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىگە يېتىپ كەلگەن ۋە 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خىتايغا كىرگەن. ئىسلام تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپلا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سۇڭ، يۈەن، مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسىدىكى ئوخشىمىغان تەرەققىياتلارنى كۆرسىتىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان ئىدى. ئىسلام دىنىنىڭ خىتايغا كىرىشى تارىخىي مەنبەلەردە ئوخشىمىغان ۋاقىتلار كۆرسىتىلگەن. بۇ ماقالىدە، خىتاينىڭ مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىسلامنىڭ خىتايغا كىرگەن ۋاقتى ۋە ئىسلامنىڭ خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى تارىخى تەرەققىياتى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇچۇر بېرىش مەقسەت قىلىنغان.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىسلام، ئىسلامنىڭ خىتايغا كىرىشى، خىتايدىكى ئىسلام، تاڭ سۇلالىسى

كىرىش

خىتاي مەدەنىيىتى تارىختىن بۇيان باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ غەربىي چېگراسى خىتاينىڭ غەربىي مەدەنىيىتى ۋە كۈلتۈرىنى تونۇشى  جەھەتتە ئەڭ مۇھىم جۇغراپىيىلىك رايون ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرمەكتە. گەرچە دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك خەرىتىلىرىدە چېگرا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت خەرىتىلىرىدە چېگرا يوق. مەدەنىيەت، ئاتموسفېرادىكى ھاۋا مولېكۇلاسىغا ئوخشاش دۇنيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى قاپلىدى. تارىختىن بۇيان، خىتاي قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ئېچىۋېتىلدى. بۇ ئىككى يول ئوخشاش ۋاقىتتا دۇنيانىڭ خىتايغا تۇتىشىدىغان يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. بۇ ئىككى خىل يولنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئىككى پايدىسى بار. بۇ يوللارنىڭ ماددىي پايدىسى سودا ، مەنىۋى پايدىسى بولسا مەدەنىيەتتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىككى خىل يول بىلەن سودا مەھسۇلاتلىرى بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا توشۇلۇپلا قالماي، يەنە يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدىن بەكرەك، مەنىۋى باھاسى جەھەتتە ئىنتايىن قىممەتكە ئىگە بولغان ” مەدەنىيەت “ مەدەنىيەتلەر ئاراسىدا سەپەرگە ئاتلاندى. خىتاي مەدەنىيىتى ۋە باشقا مەدەنىيەتلەر ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭلاشقا، خىتاي تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى «يول مەدەنىيەتتۇر» دېگەن سۆزنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر.

شامان دىنى، بۇددا دىنى، يەھۇدىي دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلار ئوخشىمىغان ۋاقىتتا خىتاي زېمىنىغا كىرگەن. ئىسلامنىڭ خىتايغا كىرىشدىكى جەريانى ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىتى ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي تارىخىدا 7-ئەسىرگە كەلگەندە، تاڭ سۇلالىسى (唐朝) ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئىسلام بۇ مەزگىلدە خىتاي زېمىنىغا كىرگەن. ئىسلام دىنىنىڭ خىتايغا كىرىشى ۋە تارقىلىشىدا ھەم يىپەك يولى )قۇرۇقلۇق يولى(  ھەمدە دېڭىز يولى تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. 7-ئەسىردە، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت خىتاي ۋە ئەرەب ئىمپېرىيىسى يىپەك يولى ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ساھەدە بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى (باۋگۇاڭ ، 1990-يىل ، 257-بەت). بۇ يوللارنىڭ يىپەك يولى لىنىيىسى: مەككە، ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاي بولغان. دېڭىز لىنىيىسى: قىزىل دېڭىز، ئومان دېڭىزى، ھىندى ئوكيانى ، مالاككا بوغۇزى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى بولغان.

قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولىنى ئىشلىتىدىغان مۇسۇلمان سودىگەرلەر ئۈچۈن «خىتابنامە» نىڭ مەجبۇرىيىتى كەم بولسا بولمايدۇ. ئىسلام ئەقىدىسىگە ئاساسەن يەتكۈزۈش بىر پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. شۇڭلاشقا، ھەر بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە پەيغەمبەرنىڭ يولىغا مېڭىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايدۇ. بۇ خىل چۈشىنىش ۋە لوگىكا دائىرىسىدە، يىپەك يولى ۋە دېڭىز يولى مۇسۇلمانلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك سودا يولىغا ئايلاندى.

خىتايغا بارغان مۇسۇلمان سودىگەرلەرسودا بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆزئۈستىگە ئالدى. شۇنداق قىلىپ، ئىسلام ئالدى بىلەن دېڭىز يولى ئارقىلىق گۇاڭجۇ، ياڭجۇ ۋە چۈەنجۇۋ شەھەرلىرىگە، قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا يېتىپ باردى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ نۇقتىلاردىن خىتاينىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا تارقالدى.

خىتاي مەنبەلىرىدە ئىسلامنىڭ خىتايغا كىرگەن ۋاقتى ھەققىدە بىردىن كۆپ خاتىرىلەر بار. تەتقىقاتىمىزدا ئىسلام دىنىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى بۇ تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسەن ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتىمىز. پەقەت، تەھلىل قىلىش جەريانىدا بىر نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. بۇ نۇقتا «ئىسلام» سۆزىنىڭ خىتاينىڭ تارىخى مەنبەلىرىدە قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە بولىدۇ. ئىسلام دىنى ھازىرقى خىتاي تىلىدىكىگە ئوخشاش قەدىمكى خىتاي مەنبەلىرىدە «يى سىلان جياۋ (伊斯兰教)» دەپ تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ ئىسىملار تەتقىقاتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. دېمەك، بىز خىتايچە مەنبەلەردىن يى سىلان جياۋ (伊斯兰教) دەپ ئىزدىسەك، بۇ ئىسلام دىنى ئاتالغۇسى بۈگۈنكى خىتاي تىلىدا قوللىنىلغان بولغاچقا، بىز ئىزدەۋاتقان نەرسىنى خىتاي مەنبەلىرىدىن تاپالمايمىز. شۇڭلاشقا، ئالدى بىلەن، ئىسلام سۆزىنىڭ خىتاي تارىخىنىڭ ۋاقىت تەرتىپىگە ئاساسەن قوللىنىلغان دەۋر ھەققىدە توختىلىمىز.

ئىسلام سۆزى تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىسىگە تەۋە خىتايچە مەنبەلەردە «داشى ​​جياۋ (大 食 教)» ياكى «داشى ​​فا (大 食 法)» دەپ تىلغا ئېلىنغان. «داشى» سۆزى (大 食 / 大石) پارس تىلىدىن كەلگەن سۆز. بۇ سۆز پارس تىلىدا ئەرەب مىللىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن« تازى »ياكى« تازىك »سۆزىنىڭ تەلەپپۇزىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان ۋە پارس تىلىدىن خىتايچىغا ئۆتكەن. (ماي ، 1983-يىل ، 63-بەت). بۇ ئىسىم قويۇش سەۋەبىدىن، ئىسلام «داشى ​​جياۋ» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئەرەبلەرنىڭ دىنىنى ياكى ئەرەبلەرنىڭ قانۇنىنى بىلدۈرىدىغان «داشى ​​فا» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىسلام سۆزى يۈەن ۋە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بولغان خىتاي مەنبەلىرىدە «تيەنفاڭ جياۋ (天 方 教)» ۋە «خۇيخۈي جياۋ (回回 教)» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. خۇيخۈي سۆزى خىتاينىڭ غەربىي رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىلگەن «خۇيگې (回 纥)» ياكى «خۇيخۇ (回鹘)» سۆزىنىڭ ئاۋاز ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن سۆز. «خۇيخۈي جياۋ» سۆزى تۇنجى قېتىم شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خاتىرىلەنگەن. «تيەنفاڭ جياۋ» سۆزىدىكى «تيەنفاڭ» سۆزى ئىسلام تۇنجى قېتىم پەيدا بولغان مەككە شەھىرى ۋە كەبىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. «تيەنفاڭ جياۋ» مەككە دىنى ياكى كەئبە دىنىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆز مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىشلىتىشكە باشلىغان. بەزى مەنبەلەردە «تيەنفاڭ جياۋ» سۆزىنىڭ «مىڭ ۋە چىڭ دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە» ئىشلىتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان (ما، 1983-يىل ، 64-بەت).

مىڭ دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «چىڭجېن جياۋ (清真 教)» سۆزى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ كۈلەمدە قوللىنىلغان. بۇ سۆز ھەم خىتاي تارىخىدا، ھەم بۈگۈنكى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنىڭ بىرىدۇر. «چىڭجېن» سۆزى «ھالال» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بىز «چىڭجېن» سۆزىنى تىلىمىزغا «ساپ ۋە ھەقىقىي» ياكى «پاكىز ۋە ھەقىقىي» دەپ تەرجىمە قىلالايمىز. خىتاي مۇسۇلمانلىرى بۇ سۆزگە مەھكەم باغلانغان. شۇڭلاشقا، مىڭ دەۋرىنىڭ بېشىدا ۋە چىڭ دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا ئىشلىتىلگەن «چىڭجېن» سۆزىمۇ بۈگۈنكى كۈندە كۆپ قوللىنىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالدى. بەزى مۇسۇلمانلار، خىتايلار چاي ئىچىدىغان چەينەكتىن چاي ئىچمەيدۇ. ئۇلار «بۇگۇ چىڭجېن 不够清真» ئىپادىسىنى «يېتەرلىك پاكىز ئەمەس» دەپ چۈشەندۈرىدۇ (گلادنىي ، 1991-يىل ، 7-بەت). خىتايدا چەتئەللىك بولۇپ ياشايدىغان ياكى ئوقۇۋاتقان ئادەم بۇنداق ۋەقەلەرگە يولۇقماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرسەك خىتايدا چىڭجېن دېگەن سۆزنى قەيەردە كۆرسىڭىز، بىر مۇسۇلمان خىتاينى كۆرەلەيسىز، مۇسۇلمان خىتاينى كۆرسىڭىز، «چىڭجېن» سۆزىنى كۆرەلەيسىز.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا «خۇيجياۋ (回教)» سۆزى «ئىسلام» سۆزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. پەقەت، 1956-يىلى «ئىسلام» سۆزىنىڭ تەلەپپۇزىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان «يىسىلان جياۋ (伊斯兰教)» سۆزى بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەن. «يىسىلان جياۋ» سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىشى خىتاي مۇسۇلمانلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئەدەبىيات بىرلىكى بارلىققا كەلدى (ما، 1983-يىل ، 64-بەت).

1. خىتاي مەنبەلىرىدە ئىسلامىيەتنىڭ خىتايغا كىرىشى

1.1 مىڭ سۇلالىسى تارىخى مەنبەلىرى

«مىڭ تارىخ خاتىرىسى» گە ئاساسەن; ئىسلام سۈي كەيخۇاڭ (隋开皇) دەۋرىدە (581-604) خىتايغا كىرگەن. بۇ ئەھۋال «مىڭ تارىخ خاتىرىسى» نىڭ «غەربىي رايون» بۆلىكىدە مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: «مەدىنە خۇي خۇينىڭ ۋەتىنى. ئۇ كەبىگە يېقىن. سۈي كەي خۇاڭ دەۋرىدە، بۇ دۆلەتتىكى ساھابىلەر خىتايغا كىرگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، بۇ كىشىلەر خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ ئورنىنى ھېچ نەرسە ئالالمايدۇ». بۇ خاتىرىلەرگە ئاساسەن ئىسلام 581-604-يىللىرى ئارىسىدا خىتاي زېمىنىغا كىرگەن. مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ تارىخى خاتىرىلەرنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىش كەڭ تارقالغان. (خىتاي ئىسلام بىرلەشمىسى، 2011-يىل ، 5-بەت). پەقەت، تارىخى ۋاقىت تەرتىپى جەھەتتە، ئىسلامنىڭ بۇ مەزگىلدە خىتاي زېمىنىغا كىرىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھىي 610-يىلى كەلگەن. «خىتاينىڭ تارىخى خاتىرىسى ۋە ئىسلام تارىخى ۋاقىت تەرتىپى جەھەتتە بۇنداق تارىخى توقۇنۇشنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئىنساننىڭ ئەقلىگە كەلگەن بىرىنچى نۇقتا، ئىسلام كالېندارى بىلەن خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كالېندارى ئوتتۇرىسىدا ھېسابلاش خاتالىقى يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن». (گەنسۇ مىللەتلەر تەتقىقات كومتىتى، 1985-يىل ، 38-بەت). پەقەت، بۇ تىزىس توغرا ئەمەس. چۈنكى ئىككى كالېندار ئارىسىدىكى يىللارنى ھېسابلىغاندا، يىل پەرقىنىڭ يېقىنلاشمىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. شۇڭلاشقا، سۈي كەيخۇاڭ دەۋرىدە ئىسلامنىڭ خىتايغا كىرىشى مۇمكىن ئەمەس.

1.2. مىنشۇ (闽 书)

مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خې چياۋيۈەن (何 乔 远) يازغان مىنشۇ (闽 书)  خاتىرىلەرگە قارىغاندا، خىتاي تۇنجى قېتىم تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 618-626 يىللىرى ئارىسىدا ئىسلام بىلەن تونۇشقان. مىنشۇدا بېرىلگەن بۇ ۋاقىت دائىرىسىگە دىققەت قىلغىنىمىزدا، بۇ مەزگىل ھەزرىتى مۇھەممەد ھايات بولغان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام 610-يىلى مەككىدە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن باشقا ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ۋەقەگە قارشى تۇرغان. گەرچە بۇ قارشىلىقلار دەسلەپتە ئاغزاكى بولسىمۇ، ئەمما كېيىن ئىجدىمائى ئالاقە جەھەتتىن يەكلىنىشكە دۈچ كەلدى. پسىخولوگىيىلىك ۋە جىسمانىي بېسىمنىڭ تەسىرىدە، مەككە مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلىشىشكە مۇۋاپىق بولمىغان  شەھەرگە ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن، بىر توپ مۇسۇلمانلار 615-يىلى تۇنجى كۆچمەن بولۇپ، ھابەشىستانغا كەتكەن. 622-يىلى، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى مەككىدىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلدى. ئىسلام تارىخى جەھەتتە 618-626 ئارىلىقىدىكى دەۋر ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بۇ تارىخلار مۇسۇلمانلارنىڭ كۆچمەن جاي ئىزدەۋاتقان مەزگىللىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام مەككىدىن چىقىپ كەتكەن يىللاردۇر. بۇ مەزگىلدە مەككىدىن ئايرىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ تۆتى دېڭىز يولى ئارقىلىق خىتايغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى «تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى 5-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ» (برومھال ، 1910-يىل ، 5-بەت). مىنشۇ خاتىرىسىگە ئاساسەن «تاڭ سۇلالىسى ۋۇ دې (武德) دەۋرىدە (618-626) ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام تۆت چوڭ سالىھ كىشىلەرنى خىتايغا ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ دىنىنى تارقاتقان. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى گۇاڭجۇدا ، ئىككىنچىسى ياڭجوۋدا ، ئۈچىنچىسى ۋە تۆتىنچىسى چۇەنجۇدا تارقاتقان »(خىتاي ئىسلام بىرلەشمىسى ، 2011-يىل ، 5-بەت).

بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دېڭىز يولى ئارقىلىق توشۇش لىنىيىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. بېرىلگەن ۋاقىت دائىرىسى ۋە 5-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قاتناشنى ئويلاشقاندا، بۇ خاتىرىلەرنىڭ توغرا بولۇشى مۇمكىن.

1.3 قەدىمكى تاڭ تەزكىرىسى

«قەدىمكى تاڭ تارىخى خاتىرىسى» نامىغا ئاساسەن 651-يىلدىكى مۇسۇلمانلار، ئۇلار خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە خىتاينى زىيارەت قىلدى. بۇ زىيارەت، خەلىپە ھەزرىتى ئوسماننىڭ تاڭ گاۋزوڭ (唐高宗) دەۋرىدە خىتايغا باش ئەلچى ئەۋەتىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى. بۇ ئەھۋال كونا تاڭ تارىخى خاتىرىسىدە مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: «بىر ۋەكىل (باش ئەلچى) يۇڭ خۇي (651) دەۋرىدە ئەرەبىستاندىن كەلگەن». بۇ رەسمىي زىيارەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زىيارىتى داۋاملاشتى. بىز بۇ ئۇچۇرلارنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دۇ خۇەن (杜 环) يازغان «ساياھەت خاتىرىلىرى (经 行 记)» ناملىق ئەسەردىن كۆرەلەيمىز. ئەسەرگە ئاساسەن بۇ تۇنجى زىيارەتتىن كېيىن، ئەرەب باش ئەلچىلىرى 651-يىلدىن 798-يىلغىچە بولغان 147 يىل ئىچىدە 39 قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلدى (گاۋ ۋە لى ، 2013-يىل ، 191-بەت). ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە باشلانغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر كېيىنكى يىللاردا داۋاملاشتى. 651-يىلى خىتاي بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت نۇرغۇن ئالىملار تەرىپىدىن ئىسلامنىڭ خىتايغا كىرگەن ۋاقتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان.

گەرچە ئىسلام دىنىنىڭ خىتايغا كىرىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىتلار ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما بۇ تارىخلارنىڭ ھەممىسى تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، تاڭ سۇلالىسى ئىسلام دىنىنىڭ خىتاي ۋە يىراق شەرققە تارقىلىشىدىكى مۇھىم مەزگىلدۇر. پەقەت، ئىسلام دىنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋە ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان تەرەققىياتلارغا ئىگە بولغان. تۆۋەندە بىز تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن چىڭ سۇلالىسىگىچە بولغان سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ئىسلام ۋەزىيىتىنى مۇلاھىزە قىلىمىز.

2. خىتاينىڭ خان جەمەتى تارىخىدىكى خىتايدا ئىسلام

2.1. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىسلام (608-907)

تاڭ سۇلالىسى خىتاي تارىخىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىگە ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن مەزگىللەرنىڭ بىرى. بۇ مەزگىلدە، خىتاي يىپەك يولى ۋە دېڭىز ئارقىلىق تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە ئورناتتى. بۇ يوللار ئارقىلىق سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان ئەرەبلەر ۋە پارسلار خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى گۇاڭجۇغا كەلدى. « چەتئەللىك سودىگەر (胡 商)» ۋە « چەتئەللىك زىيارەتچى (蕃 客)» دېگەن سۆزلەر خىتايغا سودا قىلىشقا كەلگەن بۇ چەتئەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ (چيۇ ، 2012-يىل ، 76-بەت). تاڭ دەۋرىنىڭ ئىسلام جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ئىسلامنىڭ بۇ دەۋردە خىتاي زېمىنىغا كىرگەنلىكىدىندۇر. تاڭ دەۋرىدە خىتايغا كەلگەن ئەرەبلەر ۋە پارسلار كېيىنكى دەۋرلەردە خۇيزۇ (回族) دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى مىللىي قۇرۇلمىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن. بولۇپمۇ تاڭ دەۋرىدە، گۇاڭجۇ شەھىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونغا ئايلاندى. گۇاڭجۇدىكى خۇەيشېڭ مەسچىتى (怀 圣 寺) خىتايدا سېلىنغان تۇنجى مەسچىتتۇر. يازما ھۆججەتلەرنىڭ سىرتىدا بار بولغان ئىسلامنىڭ خىتايغا كىرگەنلىكىنىڭ ئەڭ كونكرېت ئىسپاتى بۇ مەسچىتتۇر. ئۇ يەنە تاڭ دەۋرىدە گۇاڭجۇدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ زىچلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەرەبلەر تارىختىن بۇيان ئىزچىل خىتايغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. 762-يىلى ، ئابباسىيلار خەلىپىسى مەنسۇر (754-775) باغداتنى پايتەخت دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن: «ھازىر بىزدە تىگرىس بار، بۇ بىزنى يىراق زېمىندىكى خىتايغا يېقىنلاشتۇرىدۇ» دېدى ۋە باغدات بىلەن خىتاينىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. (ما، 1997 ، 34-بەت).

خىتاي بىلەن ئەرەبلەرنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختا سودا ئارقىلىقلا بولغان ئەمەس. 751-يىلى تاڭ دەۋرىدە خىتايلار بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن «تالاس ئۇرۇشى» خىتاينىڭ ئىسلام بىلەن قايتا ئۇچرىشىشىنىڭ باشقىچە ئۆلچىمىدۇر. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى غەربىي تۈركىستاندا بىردىنبىر كۈچ بولۇپ تۇرماق ئىدى.

غەربىي تۈركىستان، سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھىملىقى سەۋەبىدىن، 8. ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۈركلەر، ئەرەبلەر ۋە خىتايلار ئارىسىدا ھەر خىل كۈرەشلەر بولدى. ئوخشاش ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولغان ئەرەبىستان ۋە خىتاي غەربىي تۈركىستاندا بىر-بىرىگە يېقىنلاشتى (لى ، 1991-يىل ، 40-بەت).

ئۇزۇن يىل دوستلۇق ۋە تىنچلىق رامكىسى ئىچىدە تەرەققىي قىلغان خىتاي-ئەرەب مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن تالاس ئۇرۇشى پەقەت بەش كۈن داۋاملاشقان، ئەمما نەتىجىسى جەھەتتە كېيىنكى ئەسىرلەرگە تەسىر قىلغان بىر ئۇرۇشتۇر. ” تارىختىكى خىتاي بىلەن ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر توقۇنۇش بولغان تالاس ئۇرۇشى، تۈرك، ئىسلام ۋە دۇنيا تارىخى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىمتەسىرىنى كۆرسەتتى. “(لى ، 1991-يىل ، 41-بەت). مەسىلەن؛ «قەغەز» تالاس ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە كۈلتۈرىگە بەرگەن سوۋغىسى. ئىسلام بىلەن خىتاينىڭ تۆت كەشپىياتىنىڭ بىرى بولغان «قەغەز» ئالدى بىلەن سەمەرقەنتكە، ئاندىن مۇسۇلمانلار بىلەن ئەرەب دۇنياسى ۋە ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىندى. ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە ئۆز-ئارا تەسىر قىلىشى غەرب مەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئارىلىشىشىغا زور تۆھپە قوشتى.

ئىسلام دىنىنىڭ خىتايغا كىرىشى ۋە تارقىلىشىدا ئۈنۈملۈك بولغان يەنە بىر مۇھىم كۈن، 755-763-يىللار ئارىلىقىدىكى «ئەن لۇشەن (安禄山) ئىسيانى» دۇر.

755-يىلى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئەن لۇشەن قوزغىلاڭلىرى خاندانلىقنى قىيىن ئورۇنغا قويدى. بۇ ئىسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن، سۇلالىلەر تەرىپىدىن ئەرەبلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىنغان. ئەرەبلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردەم چاقىرىقىغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇردى ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بەزى ئىنىق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن 4000 ئەسكەر، ۋە بەزى مەلۇماتلارغا قارغاندا 10 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتتى. چوڭ يىمىرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قوزغىلاڭ ئەرەبلەرنىڭ ياردىمى بىلەن باستۇرۇلدى. ئەن لۇشەن قوزغىلاڭلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن، 751-يىلى يۈز بەرگەن ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەرەبلەر بىلەن خىتايلار ئارىسىدا دوستلۇق ئورنۇتۇشقا يەنە باشلىدى. «ئەن لۇشەن قوزغىلاڭلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن، خاندانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ خالىسا خىتاي زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىشىغا يول قويدى. چۈنكى قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەلمىگەن ۋە خىتايدا ئولتۇراقلاشقان ». (Lee, 1991, p.44). شۇنداق قىلىپ، خىتايلار ۋە مۇسۇلمانلار قوشنا بولدى. باشقىچە ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلار ھازىر «چەتئەللىك زىيارەتچىلەر» دىن تەرەققىي قىلىپ «ئۆي ئىگىسى» بولۇپ قالدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىسلام دىنىنىڭ خىتاي زېمىنىغا كىرىشى بىلەن، سۇڭ، يۈەن، مىڭ ۋە چىڭ دەۋرىدە خىتاي چېگراسى ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە يەتتى.

2.2 سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىسلام (960-1279)

سۇڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلغان ۋە يىمىرىلىش تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى يىمىرىلىپ تەخمىنەن 53 يىلدىن كېيىن قۇرۇلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. تاڭ بىلەن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، «بەش سۇلالىسىنىڭ ئون بەگلىك (五代 十 国)» دەۋرىنى خىتاي تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن. بۇ ئۆتكۈنچى دەۋردىن كېيىن، سۇڭ سۇلالىسى 960-يىلى قۇرۇلغان. بۇ دەۋر خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى تېز ئاشقان مەزگىللەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئەھۋالنىڭ تۆت ئاساسلىق سەۋەبى بار: بىرىنچى؛ بۇ تاڭ دەۋرىدە خىتايدا ئولتۇراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى بولغان; ئىككىنجى؛ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاينىڭ غەربىي رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولىشىدۇر. بۇ ئەھۋالنىڭ نەتىجىسىدە، سۇڭ دەۋرىدە خىتاي بىلەن قۇرۇقلۇققا كىرگەن ئىسلام تاڭ دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان. ئۈچىنجى; بۇ خىتاي بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز يولى ئارقىلق سودىسىنىڭ ئېشىشىدۇر. خىتايدا تاڭ دەۋرىدە دېڭىز يولى سودىسى ئۈچۈن ئىككى مۇھىم پورت شەھىرى بار ئىدى. بۇلار; گۇاڭجۇ ۋە ياڭجۇ. پەقەت، سۇڭ دەۋرىدە بۇ ئىككى پورت شەھىرىدىن باشقا، چۇئەنجوۋ ، خاڭجۇ، نىڭبو ۋە خەينەن قاتارلىق پورت شەھەرلىرىمۇ دېڭىز سودىسىدا مۇھىم ئورۇنغا ئېرىشتى. تۆتىنچى سەۋەب، بۇخارادىن كەلگەن بىر مۇسۇلمان ۋەكىللەر ئۆمىكى 1070-يىلى سۇڭ ئىمپېراتورى تەرىپىدىن خىتايغا تەكلىپ قىلىنغان. بۇ تەكلىپنىڭ سەۋەبى 1070-يىلى سۇڭ سۇلالىسى بىلەن لياۋ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتۇر. بۇ ئۇرۇشتا سۇڭ شېنزوڭ (神宗) ئىمپېراتورى ئەرەبلەردىن ياردەم سورىدى. نەتىجىدە، 5300 كىشىلىك ئەرەب ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ياردىمىدە، سۇڭ سۇلالىسى بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى. سوڭ ئىمپېراتورى بۇ ياردەمنىڭ بەدىلىگە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ كەيفېڭ بىلەن يەنجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايوندا ئولتۇراقلىشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى (ئىسرائىلىيە ، 2012-يىل ، 253-بەت).

يۇقارقى تۆت سەۋەبنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە، ئىسلام سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر نەچچە جۇغراپىيىلىك نۇقتىدىن خىتاي زېمىنىغا كىرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ دەۋردە خىتاي-ئەرەب مۇناسىۋىتى پەقەت سودا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئىككى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات نەتىجىسىدە، ئەرەبلەر خىتاي تېبابىتىگە زور تۆھپە قوشتى. ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان بىر قىسىم خىتاي دورىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىدە خىتاي تۇپرىقىغا كىردى. ئەرەبلەرنىڭ «مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرى» گە، خىتاي ھەققىدىكى ھېكايىلەر كىرگۈزۈلگەن ئىدى (كىم ۋە جۇڭ ، 2009-يىل ، 9-بەت). پەقەت ، سۇڭ دەۋرىدە، خىتاي زېمىنىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق كۆپەيدى. تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى خىتايدا تاڭ دەۋرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مەسچىتلەرنىڭ ياسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مەسچىتلەرنىڭ بىرى نىيۇجى مەسچىتى (牛街 清真寺) بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ بېيجىڭدا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ئوچۇقتۇر.

2.3. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىسلام (1271-1368)

يۈەن سۇلالىسى خىتاي تارىخىدىكى ئالاھىدە مەزگىلدۇر. چۈنكى يۈەن سۇلالىسى خىتايلار تەرىپىدىن ئەمەس، موڭغۇللار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. 1271-يىلى قۇبلاي خان تەرىپىدىن قۇرۇلغان يۈەن سۇلالىسى 1279-يىلدىن 1368-يىلغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، 1279-يىلى خىتايدىكى سۇڭ سۇلالىسى ئاخىرلاشقان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، خىتاينىڭ باشقا جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە مۇناسىۋىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى. چۈنكى 13-ئەسىردە موڭغۇللار خىتايدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا رول ئالغان. شۇڭلاشقا، 14-ئەسىردە خىتاي ۋە دۇنيا تارىخىدا موڭغۇللارنىڭ ئىزى بار. تېمىمىزغا كەلسەك، يۈەن دەۋرى خىتاينىڭ غەربى بىلەن خىتاي دۇنياسى ئارىسىدا ناھايىتى تېز ئۆتكۈنچى دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن مەزگىلدۇر. بۇ ئۆتكۈنچى ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىلىم-پەندىمۇ ئەكس ئەتتى. مەسىلەن; خىتاي-ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، ئاناتومىيە، دورىگەرلىك، كۆز كېسەللىكلىرى قاتارلىق ئىلىم-پەن تارماقلىرىغا قوشقان تۆھپىسى بىر قەدەر كۆپتۇر(كىم ۋە جۇڭ ، 2009-يىل ، 10-بەت).

يۈەن دەۋرىدە خىتايغا كەلگەن مۇسۇلمانلار بىلەن ، تاڭ ۋە سۇڭ دەۋرىدە خىتايغا كەلگەن مۇسۇلمانلار خىتايغا كېلىشنىڭ يولى ئوخشاش ئەمەس. يۈەن سۇلالىسىدە، سودا يولى ئارقىلىق خىتايغا كېلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى خىتايغا ئەسكەر ۋە ھۈنەرۋەن سۈپىتىدە كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانىدىن ئاز (خىتاي شېخۈي كېشۈيۈەن شىجى زوڭجياۋ يەنجيۇ سۇ ، 1991-يىل ، 281-بەت). «14-ئەسىردىكى يۈەن سۇلالىسى ئاخىرلاشقاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ سانى تۆت مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. (ئىسرائىلىيە ، 2012-يىل ، 255-بەت). بولۇپمۇ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي خىتاي بىلەن ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىي قۇرۇلمىسى ئەرەب ۋە پارسلاردىن باشقا ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خۇيخۈي (回回) ئۇقۇمىنىڭ بارلىققا كېلىشىدۇر (ياڭ ، 2012-يىل ، 2-بەت). خىتاي زېمىنىغا كەلگەن مۇسۇلمانلار مەيلى ئەرەب، پارس ياكى تۈرك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر «خۇيخۈي» دەپ ئاتالغان. باشقىچە ئېيتقاندا، تاڭ ۋە سۇڭ دەۋرىدە مەلۇم جۇغراپىيىلىك ۋە مەلۇم بىر گۇرۇپپىنىڭ دىنى بولغان ئىسلام دىنى يۈەن سۇلالىسىدىكى خۇيخۈي ئۇقۇمى بىلەن خىتاينىڭ ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلانغان. بۇ ئەھۋال «مىڭ تارىخى خاتىرىلەر» دە «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خۇيخۇيلار (回回 遍 天下)» ئىپادىسى بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. يۈەن دەۋرى ئىسلامنىڭ خىتاي تارىخىدىكى ئورنى نۇقتىسىدىن ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە خىتاينى زىيارەت قىلغان ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ساياھەتچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىبنى باتتۇتا يازغان «ئىبنى باتتۇتانىڭ ساياھەت نامەسى » دا، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەمۇرىي تۇرمۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن. «شەھەرنىڭ (كانتون) بىر تەرىپىدە مۇسۇلمانلار رايونى بار. ئۇلارنىڭ چوڭ مەسچىتلىرى، تۇرالغۇلىرى ۋە بازارلىرى بۇ يەردە خىتاينىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تىجارىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان شەيخ ئەل ئىسلام بار. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قازىمۇ بار ». (تانچى ، 2015-يىل ، 619-بەت).

يۈەن سۇلالىسى دەۋرى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئالاھىدە مەزگىلدۇر. چۈنكى يۈەن سۇلالىسىدە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۇلالىسىدە ئۆزگۈرۈشلەر يۈزبەردى. مەسىلەن; مۇسۇلمانلار خىتايلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلغاندا، ئادەتتە سودا بىلەن شۇغۇللىناتتى. پەقەت، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇلار سودىدىن باشقا باشقۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان ئىدى.

2.4. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىسلام (1368-1644)

يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي مىللىتى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كەلدى. مىڭ سۇلالىسى خىتاينىڭ نۇرغۇن ساھەدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان سۇلالىلىرىنىڭ بىرىدۇر. پەقەت، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مىڭ سۇلالىسى باشقا سۇلالىلەرگە ئوخشىمايدىغان دەۋر ئىدى. چۈنكى مىڭ سۇلالىسىگە كەلسەك، مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، يېيىش-ئىچىش، توي مۇراسىمى، دەپنە مۇراسىمى، كىشىلەرنىڭ ئىسمى قاتارلىق ئىشلاردا خىتايلىشىپ كەتتى. مەسىلەن; مىڭ سۇلالىسىگىچە خىتايلارغا ئوخشىمايدىغان كىيىنگەن مۇسۇلمانلار، مىڭ دەۋرىدە خىتايلارغا ئوخشاش كىيىنىشكە باشلىغان. ئوخشاشلا، مىڭ سۇلالىسىگىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسمى ئەرەب، پارس ۋە تۈركچە قۇيۇلاتتى، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خىتايچە ئىسىملار كۆپەيدى. خىتاي تارىخچىلىرىغا كەلسەك، بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي زېمىنىدا ياشاشتىكى ئىجابىي قەدەملىرى سۈپىتىدە بايان قىلىنغان ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ماسلىشىش دەپ قارالغان. پەقەت، بارلىق مۇسۇلمانلار ئۇنداق ئويلىمايدۇ. خىتايچە ئىسىمغا قارشى تۇرغان مۇسۇلمانلار ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىناقلىق ئەمەس، بەلكى ئاسسىمىلياتسىيە دەپ قارىدى. مىڭ سۇلالىسى ئالىملار تەرىپىدىن «مۇسۇلمانلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، مىڭ دەۋرى يۈەن دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تېخىمۇ قىيىن مەزگىل ئىدى. مىڭ دەۋرىدە ھەر ساھەدە دېگۈدەك تەسىرى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي مەۋجۇتلۇقى مىڭ دەۋرىدە ئاجىزلىدى. پەقەت، مىڭ دەۋرىدە ئوردىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغان نۇرغۇن مۇسۇلمان بار. بۇ مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى جېڭ خې (郑和) بولۇپ ، ئۇ ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ھىندى ئوكيانغا قىلغان نۇرغۇن سەپەرلىرى بىلەن دۇنيا دېڭىز تارىخىدا ئۆزىنىڭ نامىنى ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يازغان (چىيۇ ، 2012-يىل ، 281-290-بەتلەر).

مىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، مۇسۇلمانلار تاڭ ۋە سۇڭ دەۋرىدىكىگە ئوخشاش «چەتئەللىك زىيارەتچى» ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇلار خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن «خۇيخۇي» سۆزى مىڭ دەۋرىدە رەسمىي ئىشلىتىلگەن. باشقىچە ئېيتقاندا، تاڭ دەۋرىدىن باشلاپ خىتايغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان مۇسۇلمانلار ئەمدى كىچىك گۇرۇپپا ئەمەس بەلكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ كەم بولماس بىر قىسمىگە ئايلاندى. مىڭ دەۋرىدە، خۇيخۇيلار ئورتاق تىل، ئورتاق مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي رايۇننى تەڭ ئورتاقلىشىپ  ياشاشقا باشلىغان (چيۇ ، 2012-يىل ، 363-بەت).

2.5. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىسلام (1636-1912)

مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسى خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خاندانلىقتۇر. بۇ دەۋر خىتاي تارىخىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ قىيىن مەزگىللەرنىڭ بىرى  بولغان. ئەگەر چىڭ سۇلالىسىنى مىڭ سۇلالىسى بىلەن سېلىشتۇرساق، بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يولغا قويۇلغان سىياسەت  كەينىگە چىكىنگەن ئىدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان، مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ غەربىي رايونىنى ئىگىلىدى ۋە خىتاينىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك تارقالدى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇلار خىتاينىڭ غەربىي رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان سىياسىي بېسىم كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. ئەمەلىيەتتە، بېسىم نەتىجىسىدە، «چىڭغا قارشى مىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» (反清 复明) شوئارى خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى (چيۇ ، 2012-يىل ، 367-بەت). مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ دەۋردە يۈز بەرگەن. چىڭ دەۋرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ خىتاي مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مەزھەپلەر بۆلۈنۈشكە باشلىغان مەزگىلدۇر (چىن ، 2000-يىل ، 7-بەت).

ئىسلامنىڭ خىتايغا كىرىشى توغرىسىدا يېزىلغان تارىخى خاتىرىلەرگە قارغىنىمىزدە ، خىتاي-ئىسلام تارىخىنى خان جەمەتى تارىخى جەھەتتە ئوخشىمىغان ئىككى دەۋرگە بۆلەلەيمىز. بىرىنچى دەۋر بولسا ئۇنى تاڭ، سۇڭ ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىسلام دېيەلەيمىز. بۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلار سودىگەر، باش ئەلچى، مىسسىيونېر، ھۈنەرۋەن، ئەسكەر قاتارلىقلاردۇر. ئۇلار بۇ سۈپەتلەر بىلەن خىتاي زېمىنىغا كەلدى. بۇ مەزگىل تەخمىنەن 700 يىلغا توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچى دەۋر مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسى دەرۋىدۇر. بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام دىنى خىتاي مەدەنىيىتى ۋە رەڭگى بىلەن تۈس ئالغان دىنغا ئايلاندى. بۇ ئىككىنچى دەۋر بولسا مىڭ ۋە چىڭ دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 600 يىل داۋاملاشتى (گەنسۇ مىللەتلەر كومېتىتى، 1985-يىل ، 58-بەت).

بىز يۇقىرىدىكى تارىخى ۋاقىت تەرتىپىگە قارغىنىمىزدا ، ئىسلام ، خىتاينىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە باشقىچە تەرەققىي قىلغان. ئەگەر بىز ئىسلام دىنىنىڭ خىتاي زېمىنىغا كىرىشى ۋە تارقىلىشىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرسەك، ئۇرۇق-مېۋە مىسالى ئىنتايىن مۇۋاپىق بولىدۇ. ئىسلام دىنى تاڭ دەۋرىدە تۇنجى قېتىم خىتاي زېمىنىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇ دەۋردە مېۋە ئۇرۇقى تۇپراققا چۈشكەندەك خىتاي زېمىنىغا چۈشۈپ كەتكەن، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇ بىخلانغان، ئۆسكەن، چېچەكلىگەن ۋە مېۋە بەرگەن.

خۇلاسە

يۇقىرىدا، خىتاي تارىخىنىڭ ۋاقىت تەرتىپىگە ئاساسەن، ئىسلام دىنىنىڭ تۇنجى سۇلالىسى بولغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ تاكى خىتاينىڭ ئاخىرقى سۇلالىسى بولغان چىڭ دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلدە، خىتاينىڭ چېگراسى ئىچىدە ئىسلامنىڭ تەرەققىياتى تەكشۈرۈلگەن. ئىسلام دىنىنىڭ خىتايغا كىرىشى ھەققىدە خىتاي مەنبەلىرىدە ئوخشىمىغان ۋاقىتلار بېرىلگەن. تەتقىقاتىمىزدا بېرىلگەن بۇ ۋاقىتلار بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈلدى. ئالدى بىلەن، خىتاي مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئەگەر بىز ئىسلام دىنىنىڭ خىتايغا كىرگەن ۋاقتىنى 581-604-يىللار ئارىلىقىدا قوبۇل قىلساق، بۇ ۋاقىتنى ۋاقىت تەرتىپى جەھەتتىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن ئىسلامنىڭ خىتايغا كىرگەن ۋاقتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. باشقا تارىخنى تەكشۈرگەندە، ئالدى بىلەن ئىسلامنىڭ قاچان خىتاي بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى ۋە ئىسلامنىڭ خىتايغا قاچان كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئاللارنى سورىشىمىز لازىم. چۈنكى بۇ ئىككى سوئالنىڭ ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەگەر مەلۇم ساندىكى مۇسۇلمانلار خىتاي زېمىنىغا كېلىپ سودا قىلىۋاتقان بولسا، بۇ ئىسلامنىڭ خىتايغا كىرىشى دەپ قارالسا، بۇ ۋاقىت خىتاي خاتىرىسىگە قارىغاندا 618-626 يىللىرى ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. پەقەت، تەتقىقاتىمىزدا بۇنى بىرىنچى ئالاقىلىشىش دىيىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمىز. چۈنكى، گەرچە بۇ تۇنجى قېتىملىق ئالاقىدە سان جەھەتتىن كۆپچىللىكنى تەمىنلىمىگەنلىكى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ زىيارەتلەرمۇ رەسمىي ئەمەس. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىسلام دىنىنىڭ خىتايغا كىرىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بېرىدىغان ۋاقتىمىز 651- يىلىدۇر. چۈنكى 618-يىلدىن 651-يىلغىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۆپىيىش جەريانىدۇر. ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ئالاقە ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ، خىتاي ئوردىسىدا ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنى قوبۇل قىلدى.

ئىسلام دىنىنىڭ خىتايغا كىرىشى بىلەن مۇسۇلمانلار، خىتاينىڭ مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى، ئىقتىسادى، ئارمىيىسى، خاندانلىقىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلاردا ئۈنۈملۈك رولى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي مۇسۇلمانلىرى دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. خىتايدىكى ئون ئوخشىمىغان ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئېتىقادى ئىسلام دىنى بولۇپ،  بۇلارغا بىز تۇڭگان، ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، قىرغىز، تاجىك، ئۆزبېك، سالار، باۋئەن ۋە دوڭشياڭ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مىسال قىلالايمىز. پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2010-يىلى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىكى رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇسۇلمان نوپۇسى 23 مىليون 300 مىڭ ئىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ سان 2030-يىلى 30 مىليونغا يېتىدىكەن.

مەنبە: Çin kaynaklarına göre İslamiyet’in Çin’e girişi  https://akademiye.org/tr/?p=5196

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top