شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ كوماندىرلىرىنىڭ سۈرىتىگە ئىزاھات
نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى)
يۇقىرىقى سۈرەت، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى 1949-يىلى،10-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا مىللىي ئارمىيە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئۆزگەرتىلىپ، 5-كورپۇس 13- ۋە 14-دېۋىيەدىن ئىبارەت ئىككى دېۋىزىيە ۋە بىر مۇستەقىل ئاتلىق پولكتىن تەركىپ تېپىپ، 5-كورپۇس شىتابى غۇلجىدا تۇرغاندىن كېيىن ، 1950-يىلى، 10-ئايدا تارتىلغان. بۇ ۋاقىتتا 13-دېۋىزىيە مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوفنىڭ كوماندىرلىقىدا جەنۇبقا ئورۇنلاشتى، 14-دېۋىزىيە قازاق ئىبرايىمباينىڭ كوماندىرلىقىدا شىمالغا ئورۇنلاشتى. يۇقىرىقى بۇ سۈرەتتىكىلەر 5-كورپۇسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلىرى تەركىبى بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپى 1950-يىلى، 10-ئايدا مەخسۇس خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە باشقا شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇلغانلار ئىدى.
سۈرەتتىكى ئوفىتسېرلار كىم؟
1-رەت، ئوڭدىن 1-كىشى پولكوۋنىك مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف، 13-دېۋىزىيە كوماندىرى، ئۇيغۇر. بىرىنچى رەت ئوتتۇرىدىكى بەدەلقان سۇگۇربايېف، ئالتاي پولكىنىڭ كوماندىرى، قازاق. چەتتىكى كىشى ئۇيغۇر ئوفىتسېر، ئىسمىنى بىلىش مۇمكىن بولمىدى. ئەمما ئۇنۋانى كاپىتان.
ئىككىنچى رەتتىكىلەر: ئوڭدىن بىرىنچى كىشى پودپولكوۋنىك زاھىر ساۋدانوف، ئەسلى مىللىي ئارمىيە سىياسىي بۆلۈم باشلىقى، 1950-يىلى،5-كورپۇستىن يۆتكىلىپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىنىڭ 3-مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 2-رەت ئوڭدىن 2-كىشى فاتىي ئىۋانوۋىچ لېسكىن ،رۇس . 5-كورپۇس كوماندىرى. پولكوۋنىك لېسكىن ئەسلى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى كەڭساي ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى، 2-ئايرىم ئاتلىق بىرىگادىنىڭ كوماندىرى بولغان. 1949-يىلى، 8-ئايدا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىسھاقبېك مۇنونوف ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن غۇلجىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۇ لېسكىننى مىللىي ئارمىيەنىڭ ۋاقىتلىق قوماندانىلىققا تەيىنلىگەن. ئەسلىدە مىللىي ئارمىيەنىڭ سىياسىي ئىشلار بويىچە مۇئاۋىن قوماندانى، پولكوۋنىك ۋە مىللىتى ئۇيغۇر ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف مىللىي ئارمىيەنى باشقۇرۇشى كېرەك ئىدى.لېكىن ۋاقىتلىق كوماندىرلىق لېسكىننىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى. ئۇ 5-كورپۇس قۇرۇلغاندا، 5-كورپۇسنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، 1951-يىلى، ۋاڭ جېن تەرىپىدىن ئۇيغۇرىستان قۇرماقچى بولغان « 51 چىلەر»نى قوللىغان دېگەن ئەيىبلەشكە ئۇچىرغان، نەتىجىدە، 1952-يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرگە سوۋېت ئىتتىپاقىغا داۋالىنىشقا بېرىپ قايتىپ كەلمىگەن. لېسكىن غۇلجىدا چوڭ بولغان. ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇ،1980-يىللاردا ئالماتادا ۋاپات بولغان ھەم بىر مەزگىل تۈرمىدىمۇ ياتقان. 2-رەت ئوڭدىن 3-كىشى پولكوۋنىك زۇنۇن تېيىپوف. ئۇ ئەسلىدە مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى ئىدى. ئۇ « ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ ئەزاسى ھەم جۇمھۇرىيەت ھەربىي ئىشلار نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئەمما زۇنۇن تېيىپوف 1948-يىلى مۇئاۋىن كوماندىرلىقتىن ئېلىۋېتىلگەن. ئەمما ئۇ 1950-يىلى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ 3-مۇئاۋىن شىتابى باشلىقى بولغان.
2-رەتتىكى 4-كىشى نۇسۇپقان كۇنبايېف ، قازاق، پولك كوماندىرى، توققۇزتارا پولكىنىڭ كوماندىرى ۋە قوبۇق پولكىنىڭ كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان، كېيىن ئۈرۈمچى ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى بولغان. 1944-يىلى، 7-ئۆكتەبىر كۈنى غەنى باتۇر قاتارلىقلار نىلقانى ئازاد قىلغاندا، ئۇ تۈرمىدىن ئازاد قىلىنغانىدى. 2-رەتتىكى سولدىن 1-كىشى ۋولىنوف، غۇجىدا چوڭ بولغان رۇس، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدۇ. مىللىي ئارمىيە مايورى، باش شىتابتا بۆلۈم باشلىقى ئىدى.كېيىن 5-كورپۇس شىتابى مۇئاۋىن شىتابى باشلىقى بولدى. 2-رەت سولدىن 2-كىشى تۇڭگان ئوفىتسېر، ئۇنۋانى كاپىتان. 3- كىشى ئىبرايىنباي، قازاق، پودپولكوۋنىك، قىزىق يېرى ئۇنىڭ ئۇنۋانى پودپولكوۋنىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ 5-كورپۇسنىڭ 14-دېۋىزىيەسىنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، 14-دېۋىزىيە مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغانىدى. ئەسلىدە 14-دېۋىزىيەگە قازاقلاردىن نۇسۇپقان كۇنباي ۋە باشقا ئۇيغۇر ھەم قازاق پولكوۋنىكلار بار تۇرۇقلۇق ئۇلار تەيىنلەنمىگەنىدى. ئىبرايىمباي ئۇنچە داڭلىق پولك كوماندىرلىرىدىن ئەمەس ئىدى. 5-كورپۇس كوماندىرلىقىغا رۇس لېسكىن، مۇئاۋىنلىقىغا ۋە شىتابى باشلىقلىقىغا تاتارلاردىن مەرغۇپ ئىسھاقوف سىياسىي كومىسسارلىقىغا خىتايلاردىن تەيىنلەنگەنىدى.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، باشلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كاكارلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5 يۇلتۇزلۇق كاكارىنى تاقىدى، مەيىدىسىگە بولسا خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە « جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» دېگەن خەت يېزىلغان لاتا بەلگىنى تاقىدى، ئەمما كىيىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي كىيىم فورمىلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا قارشى چىقىپ، تاكى 1951-يىلىغىچە بۇرۇنقى ئۆز ھەربىي فورمىسىنى كىيىپ يۈرگەندىن كېيىن بىردەك قاتتىق بۇيرۇق بويىچە كىيىملىرىنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش قىلدى، ئەمما مۆرىلىرىدىكى پاگونلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئارقىدىن ئۇنىمۇ ئېلىۋەتتى. چۈنكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىدە تاكى 1955-يىلىغىچە ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمى يوق بولۇپ، پەقەت 5-كورپۇسلا ئۆزىنىڭ ھەربىي ئۇنۋانلىرىنى تاكى 1952-يىلىغىچە ساقلىغانىدى. 1954-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى 5-كورپۇسنى ، يەنى مىللىي ئارمىيەنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن 1955-يىلى، خىتاي بويىچە ھەربىي ئۇنۋان يولغا قويغاندا، خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يۇقىرقى سۈرەتتىكى 3 ئۇيغۇرغا، يەنى مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف، زاھىر ساۋدانوف، زۇنۇن تېيىپوفقا گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بەردى. شۇ قېتىم ، يەنى ،1955-يىلى، سەيپىدىن ئەزىزگە گېنېرال لېيتىنانت، مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف، زاھىر ساۋدانوف، زۇنۇن تېيىپوف، مەرغۇپ ئىسھاقوف ( تاتار)لارغا گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بەردى، يەنە باشقا بىر قىسىم پولكوۋنىكلەرگە ، مەسىلەن رەپىق بايچۇرىن قاتارلىقلارغا چوڭ پولكوۋنىك ( ستارشىي پولكوۋنىك) ئۇنۋانى، بىر قىسىم مايورلارغا پولكوۋنىك ئۇنۋانلىرىنى بېرىلگەنىدى. لېكىن، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ سابىق پولكوۋنىكلىرىدىن ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجى، قۇربانجان قاتارلىقلار 1950-يىلى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى. رۇسلاردىن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى باشلىق گېنېرال مايور ماجاروف، مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى پولكوۋنىك ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف، پولكوۋنىك سوپاخۇن سوۋۇروف، پولكوۋنىك زىيا سەمەدى ۋە باشقا ئونلىغان پولكوۋنىك ھەم پودپولكوۋنىكلار ئۆستۈرۈلمەستىن كېسىپ ئالماشتۇرغۇزىۋېتىلگەنىدى.
يۇقىرىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى گېنېراللىق ئۇنۋانى بەرگەن 5 ئادەمنىڭ ئىچىدە زۇنۇن تېيىپوف بىلەن مەرغۇپ ئىسھاقوف 1962-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ ئالماتادا ياشاپ، كېيىن ۋاپات بولدى. مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى، پەقەت سەيپىدىن ئەزىز بىلەن زاھىر ساۋدانوفلا ئېشىپ قالغانىدى.