پاھىشخانە بولمىغان شەھەر

تۇپراقبەگ
ئۈمىد بىلەن كىتىپ بارىمەن،
تاپماق ئۈچۈن يىگانە دۇنيا.
ھەر قەدەمدە ئۇچرار بىر سۇئال،
نەدىن كەلدىڭ ئويلان ۋە توختا؟.
قىزىل چىراق تۇرار ھەر زامان،
يوقتەك نۆۋەت يىشىلغا بىردەم.
قاينار جانلار دوزاقتا ئاتەش،
ھىچ قانمىغان شەيتانلارغا غەم.
قانلىرىدا شەيتىنى ئاققان،
غىلامانلار پۇتلىشار يەردە.
تىل پەرقىدە چىقماس ھىچ خاتا،
ھەممە ئۆيدە يوق قىزىل پەردە.
يوقتۇر ھايا ئاتا ۋە قىزدا،
ئۇچرىشىدۇ ئاخشام گاھ سەھەر.
ھەممە كىشى زىناغا چۇمگەن،
پاھىشخانە بولمىغان شەھەر.
مەنبە: خاقانىيە مۇنبىرى