You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » 01-ئۆكتەبىر خىتايغا قارشى ھەرىكەت چاقىرىقى

01-ئۆكتەبىر خىتايغا قارشى ھەرىكەت چاقىرىقى

سالام، ئەزىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار!

مەلۇم بولغىنىدەك، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەتىنىمىزنىڭ كومىنىست خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 71-يىللىق ماتەم كۈنى. مۇشۇ سەۋەپتىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ئەتىگەندىن كەچكىچە پۈتۈن بىر كۈن ئىشىتىن رۇخسەت سوراپ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئۇسۇلدا دۇنيا دۆلەت ۋە خەلىقلىرىگە، ھەم شۇنداقلا خىتاي تاجاۋۇزچىلارغا ھەرگىزمۇ خىتاي مۇستەملىكىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى ئېنىق ئىپادىلەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىزنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز.

بىز قىلالايدىغان ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش-ھەرىكەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1) مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە شەھەرلەردە ئۆيلىرىنىڭ بالكون ۋە دېرىزىلىرىدىن سىرتقا ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شەكىلدە «ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق» ىمىزنى ئېسىشىمىز،

2) مۇھاجىراتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپ شەخىسلەرگە ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە شەھەرلەردە 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كوللىكتىپ ياكى يالغۇز شەكىلدە خىتايغا قارشى نامايىش قىلىشىمىز،

3) تېلىۋۇزۇر، گېزىت-ژۇرنال ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبى مۇڭغۇلىيە (ئىچكىي مۇڭغۇلىيە) قاتارلىق دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلغانلىقى، جازا لاگىرلىرىنى ئاچقانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلمىي ۋە پاكىتلىك شەكىلدە پاش قىلىشمىز زۆرۈردۈر.

ئاخىرىدا، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىدە مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تىنچ ۋە خاتىرىجەملىك ئىچىدە ياشىشىمىزنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە بىرلىكتە يىتەرلىك تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top