You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇبارەك بولسۇن قەدىرلىك قىزىم! ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى سىياسەت دەرسىڭىزگە!

مۇبارەك بولسۇن قەدىرلىك قىزىم! ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى سىياسەت دەرسىڭىزگە!

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

بۈگۈن، 2020-يىلى 31- ئاۋغۇست كۈنى مېنىڭ قەدىرلىك قىزىمنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، دەرس باشلىغان بىرىنچى كۈنى ! ئۇ بۈگۈن ئۆزىنىڭ سىياسەتشۇناس- قانۇنشۇناس بولۇش ئارزۇسى يولىدىكى تۇنجى سىياسەتشۇناسلىق دەرسىنى ئاڭلىدى!

مېنىڭ قەدىرلىك قىزىم ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، ئالى مەكتەپ ھاياتىنى باشلىدى. قىزىم ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئامېرىكانىڭ نەچچىلىگەن ياخشى مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىپ، ئاخىرى بىر قانچە مەكتەپلەر ئىچىدە ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئامېرىكاغا داڭلىق ۋە ئەڭ كونا ئۇنىۋېرىسىتېتلاردىن بىرى، 1693-يىلى قۇرۇلغان «ۋىللىيام ۋە ماري كوللېجى» بىلەن 1821-يىلى قۇرۇلغان «گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى»دىن ئىبارەت ئىككى ئالى مەكتەپنىڭ قايسىسىغا بېرىشقا دۇچ كەلدى. ئۇنىڭ ئارزۇسى «ۋىللىيام ۋە ماري كوللېجى»، يەنى ئامېرىكادىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كېيىنكى ئەڭ كونا مەكتەپكە بېرىشنى قاتتىق ئارزۇ قىلىپ شۇ جاينى تاللىدى. بۇ مەكتەپتە ئامېرىكانىڭ بىر قانچە پرېزىدېنتلىرى ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئوقۇغان بولۇپ، ئامېرىكا مائارىپ ساھەسىدە شۆھرەتكە ئىگە ئىدى. لېكىن مەن قىزىمغا گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلدىم. لېكىن قىزىمنىڭ ئارزۇسى يەنىلا «ۋىللىيان ۋە مارى كوللېجى» ئىدى. ئاخىرى ئۇ كۆپ ئويلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەس ، بەلكى مېنىڭ ئۈمىدىمنى قوبۇل قىلدى. مەن رەخمەت ئېيتتىم!

قىزىم «ۋىللىيام ۋە ماري كوللېجى» ۋە «گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق كەسپىگە تاللانغانىدى. دېمەك، قىزىم مەخسۇس سىياسەتشۇناسلىق ئىلمى بويىچە مەخسۇس ئالى مەكتەپ تەربىيەسى ئالىدۇ.

قىزىم ،ئۆز ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ مېنىڭ ئۈمىدىمنى قوبۇل قىلىشتا كۆپ ئويلاندى ۋە كۆپ تەھلىل قىلدى ! ئاخىرى ئۇ «دادا سىزنىڭ ئۈمىدىڭىز ۋە پىكىرلىرىڭىز دۇرۇس! مەن شۇ يولنى تۇتىمەن» دېدى!

ئۇنداقتا مېنىڭ ئارزۇيۇم قانداق ئىدى؟ چۈنكى بۇ مەكتەپ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دېموكراتىك دۆلەت-ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، تۇنجى پرېزىدېنتى گېئورگى ۋاشىنگتوننىڭ خاسىيەتلىك نامى بىلەن ئاتالغان. گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسىپلىرى ئوخشاشلا ئامېرىكادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كەسىپلەر ھېسابلىنىپلا قالماستىن، مەزكۇر ساھە بويىچە ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئامېرىكا قانۇنشۇناسلىرى، سىياسىيونلىرى، داڭلىق ئىستراتېگىيەچىلەر، مۇتەخخەسىسلەر، دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ھەتتا دۆلەت رەھبەلىرى دائىم دېگۈدەك بۇ مەكتەپكە كېلىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ، لېكسىيەلەر بېرىپ تۇرىدۇ.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت بىۋاسىتە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بۇ مەملىكەتنىڭ پايتەختىگە، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئۆيى ۋە پرېزىدېنت ئاپپاراتى- ئاقساراينىڭ يېنىغا جايلاشقان. دېمەك، بۇ مەكتەپتە ئوقۇش ئەنە شۇ ئاقسارايغا، دۆلەت مەجلىسىگە ئەڭ يېقىن يەردە تەربىيە ئېلىش ھېسابلىنىدۇ. كەلگۈسىدە ئەنە شۇ جايلاردا پراكتىكا قىلىش، سىياسىيونلار ، ئالىملار، مۇتەخخەسىسلەر، دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىرىش، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاش ئىمكانىيەتلىرى كۆپ بولىدۇ.

بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن ئىستراتېگىيەچى، سىياسەتچى ئاقىلللار مەركەزلىرى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە باشقا نۇرغۇن نۇرغۇن ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلار بار. ئەنە شۇلاردىنمۇ ئۆگىنىش پۇرسەتلىرى بولىدۇ.!

ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۆزۈم گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا پروگراممىسى دائىرىسىدە ھەمدە خەلقئارا مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا جەمىيىتىنىڭ يىللىق ئىلمىي يىغىنىدا ئۈچ قېتىم ئىلمىي دوكلات بەرگەن ۋە يىغىنلاردا سۆز قىلغانىدىم. ماقالىلىرىممۇ بۇ مەكتەپ تەرىپىدىن چىقىرىلغانىدى.دېمەك، ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ بۇ مەكتەپ خاسىيەتلىك ئىدى!

مېنىڭ قىزىمنى قايىل قىلغان مېنىڭ يەنە بىر ئۈمىدىم شۇ بولدىكى، گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى مېنىڭ ئۇيغۇر خەلقىمنى، جۈملىدىن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولاپ،ھاقارەتلەۋاتقان، خارلاۋاتقان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىلىنى، دىنى، مەدەنىيىتىنى ھەتتا ئۆزىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقان دۇنيادىكى بىردىنبىر ئاخىرقى ناتسىسلار -شوۋىنىستلار ھاكىمىيىتى-خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيىتىنى « قولۇڭنى تارت !»، « قىلمىشلىرىڭنى توختات !» دەپ جاكارلاپ، ئەنە شۇ ھاكىمىيەتكە مىق بولۇپ قادىلىپ، ناتىۋان ئۇيغۇر خەلقىنى ھىمايە قىلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى رەھبەرلىرىگە ئەڭ يېقىن جايدا ئىدى.

ئەلۋەتتە، كەلگۈسى يېڭى ئەۋلادلارنىڭ قولىدا ! ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ھامان ئەمەلگە ئاشىدۇ، بۇنى ئاللادىن تىلەيمىز شۇنىڭدەك بۇ يولدا ئۆزىمىز ھەم تىرىشىمىز ! ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي داۋا كۈرەشلىرى مىڭلىغان يۇقىرى مەلۇماتلىق سىياسىيونلارغا، ئىستراتېگىيەچىلەرگە، قانۇنشۇناسلارغا، ئىلىم ئەھلىلىرىگە مۇھتاج! نادانلىق ئۇيغۇر خەلقىگە بۇرۇنمۇ دۈشمەن ۋە كەلگۈسىدىمۇ دۈشمەندۇر! ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارا سەھنىلەردە يەنە ئۇزۇن يىللار، بەلكى ئۇيغۇرلار ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقىچە داۋاملىشىشى تەبىئىي ! بۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلەرنى پۇل تاپىدىغان، ياخشى جان باقىدىغان كەسىپلەردىنمۇ باشقا يەنە سىياسەتشۇناسلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەت، قانۇنشۇناسلىق ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردىمۇ تەربىيەلەش كېرەك ! ئامېرىكادىكى ئىككى ئۇيغۇر، يەنى دوستۇم نۇرى تۈركەلنىڭ ئامېرىكا خەلقارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى بولۇپ خىزمەتكە تەيىنلىنىشى، ئۆز سىڭلىمىز كەبى ئەلنىگار ئالدۇلھېكىم ئىلتەبىرنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ خىتاي بويىچە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىلىقىغا تەيىنلىنىشى مانا شۇ نۇقتىنىڭ ئىسپاتىدۇر!

مەن خەلقىمىز ئۈچۈن ئىككى قىزىمنى سىياسەتشۇناس قىلىپ يېتىشتۈرۈش يولىدا مەن ! شۇنىڭدەك 3 ياشلىق ئوغلۇمنىڭمۇ كەلگۈسى ئۈچۈن خەلقنىڭ ئېسىل ئوغلانى بولۇشقا تەييارلىنىشىنى ئاللادىن نامازلىرىمدا تىلەيمەن!

دېمەك قىزىم ،ئاخىرى مېنىڭ ئۈمىدىمنى قوبۇل قىلىپ، مانا بۈگۈن گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسىلىق ھاياتىنى رەسمىي باشلىدى. تۇنجى سىياسەتشۇناسلىق دەرسىنى ئاڭلىدى ! ئاللاھدىن قىزىمغا ۋە بارلىق قىزلارغا، ئانىلارغا، ئاتىلارغا، پەرزەنتلەرگە ! ئومۇمەن خەلقىمگە بەخت تىلەپ دۇئا قىلىمەن!

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top