«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى: 1949 – يىلىدىكى كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتى» – دوكتور نەبىجان تۇرسۇن
لىكسىيە سۆزلىگۈچى: نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
رىياسەتچى: قۇددۇس ئىمام
لىكسىيەنى يوتىيۇب ئۇلىنىشىدىن كۆرۈڭ: https://www.youtube.com/watch?v=b6xdv04bgSA
ۋاقتى: 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى (يەكشەنبە) ۋاشىنگىتون ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 11:00 دىن چۈشتىن كېين 1:00 گىچە
لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورگان: ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيېسى
نۆۋەتتىكى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى بولۇپمۇ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئۆگۈنۈش ۋە تارىختىن ساۋاق ئىلىش تولىمۇ مۇھىمدۇر. دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مۇستەقىل بىر تارىخشۇناش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز كەسپى بويىچە داۋاملىق ئزدىنىپ، بىزگە توغرا، ھەقىقى بولغان تارىخىمىزنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرمەكتە. ۋە بۇ مېھنەتلىرىنىڭ مىۋىسى، 12 توملۇق ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ قىسىملىرى پات ئارىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كورۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ مۇناسۋەت بىلەن دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى لىكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.