ئوقۇغۇچى بولدۇم ئالتمىش سەككىزدە
پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
* * *
يىگىرمەنجى سىنتەبىر كۈنىدە،
ئىككى مىڭ ئون سەككىزىنجى سەنە؛
كەلدىم ئۇچۇپ كالىفورنىيەگە،
باشلاپ گويا ياڭى ھايات يەنە.
* * *
بولدى قىبلەمىز مەشرىق تامانغا،
قالغاچ بەيتۇللاھ ئاشۇ تەرەپتە.
تىلىممۇ، پىكرىممۇ ھەم كۆڭلۈممۇ،
ئىش باشلادى ياپياڭى تەلەپتە.
* * *
مەكتەپكە ماڭىمەن ئەرتىگەندە،
ئوقۇيمىز ھەر كۈنى ئىنگلىزچە.
تۇنجى كۈنىدە ئۆگرەندىم ئاران،
one, two, three دىن باشلاپ ten غىچە.
* * *
قاتتى باشىمنىڭ ئىچى ھەم تاشى،
چەتئەل تىل ئۆگرەنىش تەرسلىكىدە.
داۋاندىن ئاشىشقا يەتمەدى كۆز،
ياشىم بولغاچ ساق ئالتمىش سەككىزدە.
* * *
دەل مۇشۇ چاغدا كەلدى يانىمغا،
مەندىنمۇ قەرى بىر بوۋاي كۈلۈپ؛
«ئىسمىم كىيوشى، ياپونلۇق،-دەدى،
كلاسمەيتكەنمىز قويايلى تونۇشۇپ.
* * *
سەكسەن سەككىزدە بۇ يىلى ياشىم،
سەندىن چوڭمەن ساق يىگىرمە سەنە؛
خاھلاساڭ ئەگەر دوستانە ھالدا،
بەھسلەشىپ باقساق تىل ئۆگرەنىشتە.»
* * *
قوبۇل قىلدىممەن بۇ جەڭنامەنى،
كۆرمەگەچ راۋا تەسلىمنامەنى؛
تولغاندەك بولدى ۋۇجۇدۇمغا كۈچ،
ئالغاندا ئەسكە ئۇيغۇرنامەنى.
* * *
ئاتلاندىم پۈتۈن جان-جەھلىم بىلەن،
باشقادىن تۈزۈپ تەپسىلىي پىلان؛
مۇڭداشىشنى قىلدىم ئاڭلىق ئادەت،
ئۆرنەك ساۋاقداش كىيوشى بىلەن.
* * *
سىناپ باقسام، مۇتلەق قەرى ئەرمەس،
تۇتۇش قابىلىيەتى جەھەتتە؛
يادقا بىلۈر تۈم دۇنيا ئەللەرىن،
پايتەختلەرىنىڭ ناملارىن ھەتتا.
* * *
دەيدۇر ئۇ: «قەرىدۇق ياش بويىچە،
كۈچىمىز يەتەلمەس قىرانلارغا؛
زىھنىمىزنى چىن ئۇرغۇتساق ئەگەر ،
ئۇلاشىمىز بىزمۇ ئارمانلارغا.
* * *
ئارزۇيىمىز بىزنىڭ چوڭمۇ ئەرمەس ،
قوغلاشمايمىز چەندىن ئارتۇق زەپەر؛
بار ئىمكانچە بولۇپ تەندە ساغلام،
ھىچكىمگە يۈك بولماساق شۇ يەتەر؛
* * *
ساغلاملىق دوراسىدۇر ئۆگرەنىش ،
ئىشەنگىنكى ئۇنىڭ تەڭداشى يوق؛
مىڭە ھۈجەيرەلەر ساق ھەمىشە،
زىھنىڭ ئىشچان، پىكرىڭ بولغاندا شوق.»
* * *
چىنپۈتۈپ كىيوشىنىڭ گەپىگە،
كىتابلار ئىچىگە كىرىپ كەتتىم؛
ئۆگرەنىشنىڭ پايداسى نە قەدەر،
ئەمەلىيەتتىن نەق بىلىپ يەتتىم.
* * *
سەھەر قوپۇمەن ئوخشاش سائەتتە،
شەنبە، يەكشەنبەلەرمۇ شۇ رەتتە؛
قىرائەت ئۈنلۈك، تەكىستلەر ياڭى،
كۆڭۈل راھەت مىسلى ئىبادەتتە.
* * *
شۇنداقلار قىلىپ ئۆتتى ئىككى يىل،
مەردانە يۈرۈپ يەتمىشكە كىردىم؛
ئۆگرەنىش بىلەن ئۆتكەن ھاياتنى،
ئاللاھتىن بۈيۈك مۇكاپات بىلدىم.
* * *
ھازىر بىراۋلار Hello, man دەسە،
How are you مۇ سەن دەيەلەر بولدۇم.
ئۆزۈم ئولتۇرۇپ كوچا Bus لارغا،
دەڭىز Beach تامان يۈرەلەر بولدۇم.
* * *
قىسقا ئىلتىماس، دوكلاتلار يازىپ،
ئۆزنى باشقاغا ئاڭلاتار بولدۇم؛
ياڭى تىل بىلەن ياڭى تەپەككۇر،
ياڭى ناخشالار ياڭراتار بولدۇم.
* * *
ئۆتمەكتە كۈنلەر يارقىن، رەتىملىق،
ھەر ئەرتىگەندىن تاكى كەچكىچە.
دەلىللەپ ئۇيغۇر ئاتا سۆزىنى:
«ئۆگرەن بۆشۈكتىن تا تۆشۈككىچە».
* * *
ئوقۇغۇچىدۇرمەن يەتمىش ياشلىق،
Miramar College in San Diego;
ھەمىشە چۈشۈمدە كاشغارىيە،
يۈرگۈدەكمەن ئۆرتەڭدە سان ساكو.
* * *
تەبئيكى، بۇلۇتلار ئاراسىدا،
ھەر خەيرلىك ئىشنىڭ بىر داۋانى بار؛
بەلىڭىزنى چىڭ باغلاڭ رەئوپ باي،
بۇ ئىشنىڭ نۇسرەتلىك داۋامى بار!
* * *
2020-يىل 20-سىنتەبىر، سان دىياگو
ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.
