مەرسىيەئى ئابدۇلكەرىم رەھمان
پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
* * *
مۆھتەرەم پروفەسسور ئابدۇلكەرىم رەھمان،
مۇشۇ ئون سەككىز ئاۋغوستتا قايتىش قىلغان.
سىلكىندى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىلىم دۇنياسى،
چۆكتى مۇسىبەتكە تۈم خەۋەردار بولغان.
* * *
ئۇستاد ئىدى كۆپ دوكتور شاگىرت چىقارغان.
ئۇيغۇر فولكلور ئىلمىدە باشلاپ چوڭ كارۋان.
«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلەرى» دەك ئونلاپ كىتاب،
ئۇنىڭ مۇئەللىپلىكىدە نەشىر تاپقان.
* * *
تۇنجى بوپ كىتاب قىلىپ»سىيىت نوچى»نى،
ئۇيغۇر پىداكارلىقى چۈن كارناي چالغان.
غايەلىك ئەۋلادلار ھەر ئىز باسقان ياشلار،
باتۇرلۇق روھىيەتتن زۆرۈر دەرس ئالغان.
* * *
تۈركىيەدە «ئۇيغۇر فولكلور»ىن يايىملاغان.
يىل مىلادىيە بىر مىڭ توققۇز يۈز توقسان.
ئىلىم سۆزلەپ ئەنقەرەدە، ئىستابۇلدا،
ساپالىق ئىلمى بىلەن ھۆرمەت قازانغان.
* * *
پۈتۈن ئۆمۈر ھىچ تەمەسىز كۈرەش قىلغان،
ئىرپانگاھ ئۇنىۋەرسىتىتنى قىلىپ قورغان.
ئەلۋىدا، تۆھپەكار ئۇستاد ئابدۇلكەرىم،
گۈزەل جەننەت بولغاي سەنىڭ يەرىڭ ياتقان.
* * *
2020-يىل 18-ئاۋغوست، سان دىياگو.
ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.