مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايلىرىدە ئىجتىمائىي ئەخلاق

ياسىنجان تۇرسۇن
قىسقىچە مەزمۇنى : مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى ئۆتكۈر كىنايە ، كۈچلۈك ھەجىۋىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئېچىپ بېرىپ ، ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدىكى ئجتىمائىي ئەخلاق تېمىسى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى جەمئيىتمىزدىكى رېئال ئەھمىيىتى توغىرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ نادىر ھېكايە ، رومان، پوۋېستلىرى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئادەملىرىنىڭ خاراكتېرىنى ، ھېس- تۇيغۇلىرىنى ، قىممەت ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆتكۈر كىنايە ، كۈچلۈك ھەجىۋىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن سۆرەتلەپ بېرىپ ، ئەدەبىياتمىزنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئەدىب. خەلقىمىز تەرىپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن تالانىتلىق يازغۇچى، يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلۇشىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان پىروزا سېپىدىكى بايراقدار.
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئوچېرىك خاراكتېرىدىكى تۇنجى ئەسىرى 《مېنىڭ ئانام》 1959-يىلى، تۇنجى ھېكايىسى بولغان《ئالما》ناملىق ئەسرى 1965-يىلى 《شىنجاڭ گېزىتى》دە ئېلان قىلىنغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تۇنجى ئجادىيەت مېۋىلىرى 《شىنجاڭ گېزىتى》دە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە 《ئاخىرقى سىناق》،《قىز قەلبى》،ناملىق ھېكايىلىرى قوليازما ھالىتىدە باشقىلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلمىغان. پارتىيە11-نۆۋەتلىك3-ئومۇمي يىغىنىنىڭ غەلبىلىك ئېچىىلىپ ئەدەبئى ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنى چەكسىز ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئۇلارنىڭ زوق-شوق بىلەن بېرىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش روھىنى ئۇرغۇتتى. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرمۇ تۇنجى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان 1959-يىلدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا،20 يىلدىن كېيىن قولىغا قايتا قەلەم ئېلىپ ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتا يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېسىت، ئەسلىمە ۋە ئىلىمى ماقالىلىرىنى ، ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپتىن ئىبارەت مەشھۇر خەلق سەنئەتكارىنىڭ ھايات-سەركۈزەشتىلىرىنى،خەلق مۇقامى، ناخشا – مۇزىكىسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى تارىخى ۋە بەدىئىي يوسۇندا بايان قىلىنغان بئوگىرافىك قىسسە《يىللار شۇنداق ئوتكەن》 نى ئەپسانىۋى تۇيغۇغا تۇيۇنغان 《قۇم باسقان شەھەر》رومانىنى،《ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى》 ناملىق ئىلىمىي ئەسەرىنى سەنئەتخۇمار خەلىقىمىزگە سۇندى .
ئەجىرىگە مۇناسىپ ھالدا،يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرى خەلىقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. 1992-يىلى《تەڭرىتاغ》ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر خەلىقىمىز ياخشى كۆرىدىغان 《ئۈچ مۇنەۋۋەر يازغۇچى》نىڭ بىرسى دېگەن شان-شەرەپكە ئېرىشتى. ئەسەرلىرى، توپلاملىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك،مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىششتىن سىرت،ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر نەچچە يىلدىن كېيىن توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان تۇنجى نۆۋەتلىك 《گۈلزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى》نىڭ《تۆھپىكار مۇكاپاتى》غا نائىل بولدى. ئاساسلىق ھېكايىلىرىنڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشتىن سىرت، بىر قىسىم ئەسەرلىرى قازاق، ئۆزبىك، موڭغۇل، ئېنگىلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى.
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرى قانداق قىلىپ شۇنچىۋىلا زور شۆھرەتكە، خەلىقىمىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولدى؟ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇنداق زور بەدىئي مۇۋۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن ئامىللار نېمە؟ خەن زىيۇڭ ئەپەندى ئېيتقاندەك 《دائىم غەلىتە خىياللارنى سۈرىدىغان،قىززىق پاراڭلارنى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىپ تۇرىدىغان،بازار ئارىلاشقا ئامىراق كىشى》〔1〕بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟﹗ ياكى مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى ئېيتقاندەك: 《تۇرمۇش دېگەن ئۇقۇمنى كەڭ مەنىسى بىلەن چۈشىنىپ، ئۇنىڭ رېئال تاشقى دۇنيادا مەۋجۇت تەرەپلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىدا مەۋجۇت تەرەپنىمۇ كۆرەلىگەن ۋە چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ياكى تۇرمۇشنى ئەتىراپلىق كۆزىتىپ ،ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە ئېسىلىۋالماي، ئۆزى ياخشى چۈشىنىدىغان،پىششىق بىلىدىغان بىر تەرەپنى يېزىش ئارقىلىق كۆپ تەرەپنى يورۇتۇپ بېرىشكە ، قىسقىسى ئومۇمىيلىق بىلەن خاسلىقنىڭ دېئالىكتىك مۇناسىۋىتىنى توغىرا چۈشەندۈرۈشكە ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ بەزى ئەسەرلىرىدە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توغرىسى مۇتلەق كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىك ئالاھىدىلىكى بولغان كۈلكە، چاقچاق، قىززىقچىلىققا خۇشتارلىقى گەۋدىلىنىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇيغۇر پىسخىكىسىدىكى كۈلكىنىڭ ‹ مەنىسىز ھىجىيىش ئەمەس ،بەلكى ئارقىسىغا ئۆتكۈر كىنايە، ئاچچىق تەنە يوشۇرۇنغان › يومۇرلۇق خاراكتېرنى جانلىق ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ بەزى ئەسەرلىرىدە روھى ھالىتى نورمال كىشىلەردىن باشقا روھى ھالىتى غەيرى نورمال كىشىلەر توپىنىڭمۇ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى ۋە مۇھىمى مۇنداق كىشىلەرنى ئىنسانىيەت، كىچىكلىتىپ ئېيتقاندا،مىللەتنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلاب، ئۇلارنى رېئالىستىك يازغۇچىغا خاس بەدىئى دىت بىلەن بەدىئي تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە جاسارەت قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟﹗…》〔2〕.
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىنى مۇۋەپپىقيەتكە ئېرىشتۈرگەن ئامىللار ئىچىدە يۇقىرىدا خەن زىيۇڭ ئەپەندى ياكى مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى تىلغا ئالغان ئامىللارنى مۇھىم رول ئوينىمىغان دېسەك زور دەرىجىدە خاتالاشقان بولىمىز. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئامىللار يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنىڭ رايونىمىز ئىچىدىن مەمىلىكەت ئىچى-سىرتىغا تونۇلۇشىدا، سۆيۈلۈپ ئوقۇلۇشىغا سازاۋەر بولۇشىداھەقىقەتەن شىپاڭلىق رول ئوينىغان. ئەمما بىر يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىشتىكى سىر- ئۇنىڭ بەدىئي ماھارىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا باغلىق بۇلۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئۇنىڭ كۆتۈرۈپ چىققان تېمىسىنىڭ ئاكتىۇال ياكى ئەمەسلىكى، دەۋرنىڭ مەسىللىرىگە ، ئۆزخەلىقىنىڭ تۇرمۇش رېئاللىقىغا يېقىندىن يانداشقان-ياندىشالمىغانلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارغىمۇ باغلىق بولغان بولىدۇ. بىر يازغۇچى بەدىئي ماھارەت جەھەتتىن ھەر قانچە تالانتلىق بولۇپ كەتسۇن، ئەمما ئۇنىڭ تاللىغان تېمىسى ئۆز مىللىتىنىڭ ، ئۆزى تەۋە بولغان مىللىي ئېتنىك توپنىڭ رېئاللىقىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭغا ياندىشالمايدىكەن، ئېنىقكى بۇنداق ئەسەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇلۇشقا سازاۋەر بولۇشى ناتايىن. شۇڭا ئۆزىگە《يازغۇچى- دەۋىرنىڭ ۋىجدانى》﹚چىڭغىز ئايتىماتوف سۆزى﹙دېگەن ئەقىدىنى ئەينەك قىلىپ تۇرۇپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەدىبلەر جەزمەن ئۆزى تەۋە بولغان توپنىڭ يولۇققان ئىجتىمائي مەسسىللىرىدىن ئۆزىنى تارتىشنى ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن ياندىششنى ۋىجدان قەرىزى ۋە پەرىزى ھېسابلايدۇ.
دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىدە زور ئىناۋەتكە ۋە شۆھرەتكە ئىگە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىدىكىلەرمۇ ھەر قېتىملىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر نامىزاتىنى ئويلاشقاندا بۇ نوقتىنى دىققەت نەزىرىدىن ساقىت قىلمىغان. مەسلەن: 2006-يىللىق نوبىل ئەدەبىياتىغا ئېرىشكۈچى تۈركىيىلىك يازغۇچى ئورخان پامۇكقا شىۋىتسيە ئەدەبىيات ئاكادىمىيىسى:《 ئۇ ئۆز دىيارىدىكى غېرىب روھنى ئىزدەش داۋامىدا مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش ۋە گىرەلىشىپ كەتكەن يېڭى سىمىۋولنى بايقىغان》〔3〕دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن.
مۇشۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، يۇقىرى بەدىئي ماھارەت بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن ئاكتىۋال تېما بىر پارچە ئەسەرنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ يول خېتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايىلىرىنڭ زور مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىششتىكى مۇھىم بىر سىرمۇ ئۇنىڭ پىشقان بەدىئىي ماھارىتى بىلەن تاللىغان تېمىسىنىڭ ئاكتىۇاللىقىدا كۆرۈلىدۇ. بىز يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئەڭ يارقىن بىر نوقتىنىڭ ئىجتىمائي ئەخلاق تېمىلىرىغا يېقىندىن يانداشقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
- مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدە ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئائىت مەزمۇنلارئەدەبىيات ئۆزىنى بەرپا قىلغان ئىجتىمائىي توپنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدكى ئېىستېتىك ئېھتىياجىغا قانچىكى يېقىنلىشالىسا ئاندىن شۇ ئجتىمائىي توپ تەرىپىدىن ئالقىشلىنىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرى ئەينى يىللاردا باش كۆتۈرۈپ چىققان، ئۇيغۇر جەمىئيتىدىن ئىبارەت بىر ئىجتىمائي توپنىڭ شۇ دەۋر رېئاللىقىدىكى بىر قاتار ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەردىن تېما ئالغان. لېكىن مەمتىمىن ھوشۇر ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى ئىجتىمائى ئەخلاقنى تەكىتلەپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمىگەن، ئۇ ناھايتتى ئۇستىلىق بىلەن‹كىنايىلەشتۈرۈش› ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئجتىمائىي ئەخلاققا زىت بولغان ئىللەتلەرنى ‹كىنايىلەشتۈرۈش›تىن ئىبارەت «داشقازان» غا تاشلىغان، ئوقۇرمەنلەر مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنى ئوقۇغاندا كۈلكە ئاساسى ئورۇندا تۇرغاندەك قىلسىمۇ ، بىراق چۆمۈچكە چىقىدىغىنى يەنىلا ئىجتىمائىي ئەخلاق، دۇنيا قاراش مەسىللىرى بىلەن چېتىشلىق بولغان. بۇ خىل 《داشقازان》 ئۇسۇلى نوقۇل ھالدىكى شالىنى چاچىرىتىپ ئىجتىمائىي ئەخلاق، دۇنيا قاراشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇلغا قارىغاندا تېخىمۇ جايىدا، ھەم تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان. مەسلەن: 《چوشقىلارغا بايرام》ھېكايىسى ئوقۇماققا پۈتۈنلەي كۈلكىدەك قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغىنى مىللەت پىسخىكىسىغا يوشۇرۇنغان نەپسانىيەتچىلىك، پارىخورلۇق، ئىسىراپىخورلۇق ، چېرىكلىشىش قاتارلىق ئجتىمائىي ئىللەتلەردۇر.
جەمىئيتىمىزدە يېقىندىن بۇيان 《ئۆزلۈك》 ئاتالغۇسى كۆپ تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. ئۆزىنى تونۇش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇ روھىيەتتىكى كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك رېتىسىپى. مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنى ئوقۇغان ئادەم ئۇنىڭدىكى كۈلكە، مەسخىرىنڭ ئۆزىگە قارىتىپ قىلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، بۇ ئەمىلىيەتتە شۇ ئوقۇرمەندىكى «ئۆزلۈك » ئېڭىنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆزىنى تونۇش- «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ دەھشەتلىك بوران- چاپقۇنلىرىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتايلا دەپ قالغان خەلىقىمىز ئۈچۈن زۆرۈرىيەت ئىدى. دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتلەردە مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ نادىر ھېكايىلىرى بىلەن خەلىقىمىزنى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە بۇرۇلۇپ قاراشقا، ئىللەتلەر بىلەن بۇلغانغان كىملىكىنى قولىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قاراشقا دەۋەت قىلدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يالغۇز ئەدەبىيات ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئۆزىنى تونۇشى بۇلۇپ خاراكتېرلەندى.
مەمتىمىن ھوشۇر دەسلەپكى مەزگىللەردە يازغان《سىناش》،《قىزنىڭ قەلبى》،《كۈز يامغۇرى》…قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن يېزىلغان بىر تۈركۈم ھېكايىلىرىدە ئادەملەر ئارىسىدىكى چىن مۇھەببەت، سادىقلىق، ئادىمىيلىك…قاتارلىق ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى ئۇلۇغلاپ ۋاپاسىزلىق ، ئىنسانىي غۇرۇرنى دەپسەندە قىلىش، تۇزكورلۇق …قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى قاتتىق قامچىلىغان بولسا، ئىجادىيىتىنىڭ بۇرۇلۇش باسقۇچىغا، يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان《ساراڭ》 ناملىق ھېكايىسىدىن باشلانغان《بۇرۇت ماجىراسى》،《قىرلىق ئىستاكان》،《ئالتۇن چىشلىق ئىت》،《چار خوراز》، 《ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر》، 《داپ》، 《چوشقىلارغا بايرام》…قاتارلىق كۈچلۈك ھەجىۋىيىگە، ئۆتكۈر كىنايىگە تويۇنغان بىر يۈرۈش چاتما ھېكايىلىرىدە بازار ئىگىلىكىنىڭ نەتىجىسىدە خەلىقىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا شىددەت بىلەن ئۆسمىدەك يامىرىغان ئاچكۆزلۈك، نەپسانىيەتىچىلىك، پۇلپەرەسلىك،ساختىپەزلىك، ئىسىراپخورلۇق…قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى قاتتىق قامچىلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى يېزىلغان ھېكايىلىرىدە ئجتىمائىي ئەخلاق مەسىللىرى، بولۇپمۇ ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى قاراڭغۇ تەرەپلەر ئازىراق تىلغا ئېلىنغان بولسا، يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان كېيىنكى مەزگىلدىكى ھېكايىلىرىدە بۇ مەسىللەر تەلتۆكۈس ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ ھېچكىم دىققەت قىلمىغان تەرەپلەرگە ئۆزگىچە نەزەر بىلەن دىققەت قىلىدىغان، دەۋرنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىيىتىدىكى ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى يۈرەكلىك پاش قىلالايدىغان يازغۇچى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ ، ئۇنىڭ پىشقان، تېخىمۇ پىشىۋاتقان بەدىئي ماھارىتىنى نامايەن قىلدى.
مەن شەخسەن مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ئالتۇن چىشلىق ئىت» ھېكايىسىنى ئجتىمائىي ئەخلاق تېمىسىدىكى نادىر ئۈلگىلەرنڭ ئەڭ نادىرى دەپ قارايمەن. قارايدىغان بولساق ھېكايىنىڭ بېشىدىلا تەھرىر بىلەن ‹ساراڭ›نىڭ ئاپتورنىڭ كۆرۈشۈش ئۇسۇلى، ‹ساراڭ› نىڭ ئاپتورىنىڭ كېيىنش شەكىلى، ئۇنىڭ چەتئەلدىكى يازغۇچىلار توغرسدىكى پاراڭلىرى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. بۇ تەسۋىرلەر ئەمەلىيەتتە جەمىئيتمىزدە باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان دورامچىلىق، ئەنئەنىدىن ياتلىشىش قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ كۈلكە ئاستىغا ئېلىنىشى بولسا، ھېكايىدىكى «مەن» ۋە ئۇنىڭ ئايالىنڭ چەتئەلگە چىقىشى، ئۇلارنڭ چەتئەلدىكى سەرگۈزەشتىسى، «ئاق تاپان »نىڭ قىلىقلىرى، ئەر- ئايالنىڭ ئۆزىگە ، ھەتتا «ئاق تاپان»غا ئالتۇن چىش سالدۇرۇشى، دوختۇرنىڭ «مەن» بىلەن بولغان سودىسى مىللەت پىسخىكىسىغا سىڭىپ كەتكەن روھى زەئىپلىك، باشقىلارغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، پۇلپەرەسلىك، ئاچكۆزلۈك، ئىشرەتپەرەسلىك، دورامچىلىق، پارىخورلۇق… ئىللەتلىرىنى ساتىرىك كەيپىيات ئىچىدە تەسۋىرلەپ، ناھايتتى مول تەركىبلەرگە ئىگە مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنى يۈدۈپ بۈگۈنكى زامان تۇرمۇشى ئىچىگە كىرىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئادەم بولۇش ئۆلچەملىرى، ئەخلاق مىزانلىرى، قىممەت قاراشلىرى، ئستېتىك چۈشەنچىسى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ھەمدە ئۆز خەلىقىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانىلىق تۇيغۇسى بىلەن خەلققە بولغان چەكسىز مېھىرى- مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن.
ھېكايىدە يەنە «مەن» نىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرىنڭ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئوخشاش بولغان مەدەنىيەت يىلتىزىغا ئىگە ئىككى توپنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئەخلاق قارىشى ۋە قىممەت قارىشى بىلەن خاراكتېرلىنىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت پاجئەلىك تەقدىرىنى ھېس قىلىمىز. بۇ ئەمىلىيەتتە بۈگۈنكى جەمئىيتمىزنىڭ بىر پۈتۈن كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھېكايىدىكى «مەن»نىڭ تۇغقانىلرى مىللىي كىملىكنى ئۇنتۇغان، غەيىرىي مەدەنىيەتنىڭ رەھىمسىز قايناملىرىغا غەرق بولغان، مىللىي ئىجتىمائىي ئەخلاقتىن تانغان ئىجتىمائىي توپ سۈپىتىدە مەسخىرە قىلىنسا «مەن» ۋە «ئاق تاپان»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەرخىل كىشىللىك قاراش، گۈزەلىك قارىشى، ئەخلاق قاراشلىرى ئوتتۇرسىدا تەمتىرەپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان، ئۆزى يىلتىز تارتقان ئىجتىمائىي ئەخلاق چەمبىرىكىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن تىنىمسىز تىركىشىدىغان، مال- دۇنيانى ھاياتنىڭ ئاخىرقى نىشانى قىلغان، مال-دۇنيا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى، مىللىي ئەخلاقىنى دەپسەندە قىلىشتىن يانمايدىغان پارازىتلار سۈپىتىدە كىنايە قىلىنغان.
بىز يۇقىرىدا مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنڭ كۈچلۈك كىنايە بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقىنى مىساللار بىلەن تىلغا ئالدۇق. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ كىنايىلىرىنڭ ئارقىسىغا كۈچلۈك ئارزۇ-ئارمان، چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت، ئۆز خەلىقىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇلىرنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. مەمتىمىن ھوشۇر خەلق سۆيەر ئەدىب، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدا مەيلى تىل جەھەتتە بولسۇن؛ مەيلى مەزمۇن، شەكىل جەھەتتە بولسۇن خەلققە يېقىن بولغان ئۇسۇلنى تاللاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى، خەلقنىڭ تەقدىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان تېمىلارنى تاللاپ خەلق ئۈچۈن جان كۆيدۈردى، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئەسەر يازدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆزى يىلتىز تارتقان قوۋمنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشى بىلەن يانداشتى. يۇقىرىقى ھېكايىنىڭ ئاخىرقى قىسىمىلىرىغا قارايدىغان بولساق،«مەن»نىڭ ئايالى كېسەل بۇلۇپ قالغاندا، دوختۇر نەپ ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە ئۇنى داۋالىمايدۇ. دەل مۇشۇ مەزمۇنلاردىن باشلاپ ئاپتۇرنىڭ يۈرىكى ئېرىشكە، خەلق ئۈچۈن ئوت بولۇپ يېنىشقا باشلىغان بولسا، «…بىر كۈنى دوختۇرخانىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەخلەت تۆكىدىغان ئازگالنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قاپتىمەن. ئەخلەت ئازگىلى ئىچىدە كۆزۈمگە تونۇش بىر خىل نەرسە غىل-پال چېلىققاندەك قىلدى ،قارىسام قان-يىرىڭلار ئىچىدە ‹ئاق تاپان›نىڭ جەسىتى يېتىپتۇ. قولۇمغا بىر تاياقنى ئېلىپ، نېرىدىن تۇرۇپ‹ئاق تاپان›نىڭ بېشىنى كۆتۈردۈم. ئۇنىڭ چىشلىرىنى قومۇرۇپ چىقىرىۋېلشىپتۇ. ئىچىم ئېلىشىپ، كۆزلىرىم ياشقا تولۇپ، ئالدىمدىكى ھەممە نەرسە غۇۋالىشىپ كەتتى…».〔4〕دېگەن بايانلار ئاپتۇرنىڭ خەلق ئۈچۈن سوقۇۋاتقان يۈرىكىنى ئاشكارىلاپ، ئەسەرنىڭ ئىسستېتىك قىممىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. - «قىرلىق ئىستاكان » دىن رېئاللىققا سەكىرەش.
يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويۇشىمىز بىلەن بىرگە «زامانىۋىيلىق» ئاتالغۇسى ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان ئەبجەش مەدەنىيەت ناھايتتى ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بېرى تەكلىماكان ئەتىراپلىرىدا يىلتىز تارتىپ يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇر جەمئيىتىمىزگە سەلدەك ئېقىپ كىردى . نەتىجىدە ، بىر قىسىم يات مەدەنىيەتكە ساراڭدەك تەلپۈنىدىغان ، ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى كونىلىقنىڭ ، مۇتەئەسسىپلىكنڭ خۇراپاتلىقنڭ ساقىندىلىرى دەپ قارايدىغان ياشلىرىمىزنى، بۇلۇپمۇ شەھەردىكى ياشلىرىمىزنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئەبجەش مەدەنىيەت قوينىغا تاشلاپ بىر ئەۋلاد زامانىۋى «ماڭقۇرت» لارنى بارلىققا كەلتۈردى . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يات مەدەنىيەتنىڭ ھەر قانداق نەرسسىى «زامانىۋىيلىق »دەپ قارىلاتتى ، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيتتى . بۇ مىللىتىمىزنىڭ پىسخىكىسىدا ئەزەلدىن يىلتىز تارتىپ كەلگەن جاھىللىق بىلەن قوشۇلۇپ نۇرغۇنلىغان «مەن» لەرنى بارلىققا كەلتۈردى. مۇشۇنداق خاسلىق جەھەتىتىن ئېىلىپ ئېيتقاندا نۇرغۇنلىغان «مەن»لەرنىڭ ، ئومۇمىيلىق جەھەتتىن بولسا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىئيتىنىڭ روھىيتى كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى بىر تۈركۈم ھېكايىلىرى بىلەن خەلىقىمىز روھىيىتىگە ناھايتتى ئەتىراپلىق قىلىپ دىئاگىنوز قويدى. بۇ ۋاقىتتا «زامانىۋىيلىشىش» ئۈچۈن ئۇياق- بۇياققا قاتىراپ يۈرگەن بىر تۈركۈم كىشىلىرىمىز «ئالتۇن چىشلىق ئىت »،«قىرلىق ئىستاكان» لاردىن ئۆزىنڭ ئەكسىنى كۆرۈپ ناھايتتى چۆچۈدى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەققىقەتكە قايتىپ ئۆزى ئۈستىدە ، خەلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى، يەنە بەزىلىرى بولسا ھوشىنى تاپماي گۇمىراھلىق پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتتى . ئەلۋەتتە بۇ بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ھايات- ماماتىغا چېتىلىدىغان مۇھىم بۇرۇلۇش ئىدى .
مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرى دەل يۇقىرىدا ئېيتىلىپ ئۆتكەندەك ئىجتىمائىي كۆرۈنۈش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ھېكايىلەر ئىدى . زامانىمىز ياشلىرىنىڭ روھىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان غەيرى ئۆزگىرىشلەرنى ماھىرلىق بىلەن تونۇپ يەتكەن ئەدىب تېما تاللاشتا ناھايتتى ئۇستىلىق بىلەن ئجتىمائىي ئەخلاق تېمىسىنى تاللاپ ، بۇ تېمىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ بىلەن يورۇتۇپ ناھايتتى زور مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشتى . ئۇ ئۆز خەلىقىگە بولغان چەكسىز مېھىر –مۇھاببەت، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىر تەرەپتىن خەلىقىمىز روھىيىتىگە يوشۇرۇنغان ئىللەتلەرنى ئاشكارلىسا ،يەنە بىر تەرەپتىن زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئالدىغا سالمىقى ئېغىر سۇاللارنى تاشلاپ ئۇلارنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى. جىنايەتچىلەر بىلەن توشۇپ كېتەيلا دەپ قالغان تۈرمىلىرىمىز، داقا دۇمباقلىرى بىلەن كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ ھەرخىل ناشايان ئىشلارنىڭ شاھىدى بولىدىغان رېستۇران ، تانسىخانلىرىمىز ، ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇپ بولالماي يوقلىما قىلىش بىلەن ئۆزىنى ئالداپ يۈرۈيدىغان بىر قىسىم مەكتەپلىرىمىز بۇ سۇالغا جاۋاب تېپىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى بىزگە ھېس قىلدۇرغان بولسا ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ناھايتتى مەسئۇلىيەتچانلىق بالقىپ تۇرغان خىتابلىرى بىزنىڭ كاللىمىزنى يەنە بىر قېتىم سەگىتتى.
ھەر قانداق بىر ئەقىللىق ئوقۇرمەن «ئالتۇن چىشلىق ئىت »،« قىرلىق ئىستاكان»،«چوشقىلارغا بايرام» ھېكايىلىرىنى ئوقۇغاندا ئۇنىڭ تەپەككۇرلىرى تەبئىي ھالدا «ئالتۇن چىشلىق ئىت » دىكى «مەن» نىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرىدىن ئۆزىنىڭ رېئال تۇرمۇشىدىكى تۇغقانلىرىغا ، «قىرلىق ئىستاكان»دىكى ئوسمان داڭگالنىڭ ئۆيىدىن ئۆز ئۆيىگە ، «چوشقىلارغا بايرام »دىكى شەھەردىن ھازىرقى زامانىۋى شەھىرىمىزگە يۆتكىلىدۇ،-دە ئەتىراپىقا سەگەكلىك بىلەن يەنە بىر قېتىم نەزەر تاشلاپ بېقىش ئۈچۈن بېشىنى كۆتۈرىدۇ.لېكىن ئۇنىڭ كۆرگىنى يەنىلا شۇ ئىجتىمائىي ئەخلاق چەمبىرىكىنىڭ مەركىزىدىن ئۈزلۈكسىز يىراقلىشىۋاتقان رېئاللىق بۇلۇپ چىقىدۇ . بىراق نېمىلا بولمىسۇن بىز ئۇلارغا ئاپىرىن ئېيتىمىز ،چۈنكى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئەبجەش مەدەنىيەتلەر، مىللىي يىلتىزدىن ئايرىلغان ھەرخىل ئىجتىمائىي قاراشلار، مىللىيەتكە يات گۈزەللىك قاراشلىرى ئارىسىدا قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشنى بىلەلمەي مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان كىچىك بالىدەك تەمتىرەپ قالغان ئىجتئمائىي توپقا «ھايات- ماماتلىق بۇرۇلۇش نوقتىسى » كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا ، ھېلقى ئوقۇرمەن شۇ «بۇرۇلۇش نۇقتىسى » غا يېتىپ بارغانلىقى بىلەن ھەقىقەتەن ئالقىشلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدە تەسىۋىرلەنگىنى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى كىنايە، مەسخىرە بولماستىن، بەلكى مىللىتىمىز پىسخىكىسىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق، كىشىللىك تۇرمۇش قارىشى شۇنداقلا دۇنيا قاراش بىلەن چېتىشلىق بولغان مەسىللەردۇر. بولۇپمۇ مۇئەللىپ قەلىمى ئاستىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىللىرى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلانغان بۇلۇپ ، بۈگۈنكىدەك ئىجتىئمائىي ئەخلاق ئېڭىمىز ئېغىر كىرزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان، خەلىقىمىزدە ئۆزلۈك ئېڭى سۇسلىشىۋاتقان جەمئيتىمىزدە ئىنتايىن زور تەربيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
ئىزاھلار:
〔1〕مۇھەممەت پولات:«ساداقەت زېمىندا ساقلىنىدۇ»﹚ئىلىمي ماقالىلەر توپلىمى﹙، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1999 -يىلى نەشىرى،خەن زىيۇڭ: «مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىچىلىقى » ﹚ماقالە﹙،258-بەت.
〔2〕ئارزىگۈل ، گۈلىشەن ، شادىيە قاتارلىقلار تۈزگەن :« بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى»،شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى،2000-يىل12-ئاي -نەشىرى ،304-بەت .
〔3〕ئورخان پامۇك (تۈركىيە ):« يېڭى ھايات » ، ئەنۋەر مۇھەممەد تەرجىمىسى ، مىللەتلەر نەشىرىياتى ، 2008- يىل 7- ئاي 1- نەشىرى ، 3- بەت .
〔4〕مەمتىمىن ھوشۇر :«مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
〔1〕 ئازات سۇلتان :« بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغىرىسىدا » ، شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى ، 1997- يىل 4- ئاي 1- نەشىرى .
〔2〕 ئازات سۇلتان ، كېرىمجان ئابدۇرېھىم:« ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى»،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى،2002-يىل 9- ئاي 1-نەشىرى .
〔3〕مۇھەممەت پولات: «ساداقەت زېمىندا ساقلىنىدۇ»﹚ئىلىمى ماقالىلەر توپلىمى﹙، خەن زىيۇڭ: «مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىچىلىقى » ﹚ماقالە﹙، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1999 -يىلى نەشىرى.
〔4〕ئارزىگۈل ، گۈلىشەن ، شادىيە قاتارلىقلار تۈزگەن :« بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى »، شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى ، 2000-يىل 12-ئاي 1-نەشىرى.