You Are Here: Home » ئومۇمى » كۆپ سالام

كۆپ سالام

كۆپ سالام

(مەزكۇر شېئىر «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان گېزىتى»نىڭ 1947-يىلى تارقىتىلغان 94-سانىنىڭ «ئۆسۈش» ناملىق ئەدەبىي بېتىگە بېسىلغان)

دوستى

 

ئەي سەھەرنىڭ سالقىنى دىلدارغا ئېيتقىن كۆپ سالام،

دەرت ئەلەمدە يىغلىغان جانانغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

يەلپۈنۈپ ئۆتسەڭ داۋاندىن يارنى ئۈندەپ ئويغىتىپ،

ئالتە شەھەرنىڭ گۈللىرى گۈليارغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

گەر بېرىپ يەتسەڭ جەنۇبقا چەرخ ئۇرۇپ پەرۋاز بىلەن،

ھەر قوياشقا ئىنتىزار گۈلباغقا ئېيتقىن كۆپ سالام.

شۇم رەقىبنىڭ زۇلمى بىرلە بۇلبۇلىدىن ئايرىلىپ،

قاغا قۇزغۇن قاپلىغان گۈلزارغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

ئۇ جۇدالىغ ھىجرى بىرلە يارىيار دەپ ئۇخلىماي،

نالە ئەفغان ئەيلىگەن بىدارغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

كۈندە يۈزمىڭ رەشكى بىرلە ئاھ ئۇرۇپ قان يىغلىغاچ،

ئەرتەيۇ كەچ كۆزلىرى گىريارغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

ھەددىن ئاشقان تەنە بىرلە زالىملاردىن خورلىنىپ،

دادى پەرياد ئەيلىگەن سەرسانغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

سەيسە ئالۋان دەستىدىن بىر پارچە نانغا زار بولۇپ،

كېچە-كۈندۈز غەم بىلەن دېھقانغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

«خوش كېلىپسىز، مەرھابا» دەپ چىقسا يارىم تولغىنىپ،

بىز ئۈچۈن سەن ھال سوراپ خۇشتارغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

دەرتكە دەرمان مەھبۇبى مەجنۇن سۈپەت فەرھاتىدىن،

شەھرى يارنىڭ شېرىنى لەيلاغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

پەس نىجىس مەلئۇنغا قارشى ئەرك ئۈچۈن بەل باغلىغان،

چىن ھەقىقەت ئاشىقى پالۋانغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

تويمىغۇر قانخور مۇناپىق زۇلمىدىن ھەم رەشكىدىن،

باغنى تاشلاپ چۆلدە يۈرگەن يارغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

بەس! يېتەر ئەمدى جاھالەت، كۆزنى ئاچقىل غۇنچىلار،

تۇرغۇزۇپ ناز ئۇيقىدىن ھوشيارغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

بار ھۇجۇدى يارنى سۆيگەن غەمخورانە دوستىدىن،

ۋاقتىدا تېز يەتكۈزۈپ دىدارغا ئېيتقىن كۆپ سالام.

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر


شېئىرنىڭ گېزىتكە بېسىلغان ئەسلى نۇسخىسى:

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top