كۈچ بىرلىكتە – ئە. ئىلىلىق
كۈچ بىرلىكتە
ئە. ئىلىلىق (ئەخمەتجان قاسىمى)
(«ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان گېزىتى»نىڭ 1948-يىلى 1-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنىدىكى 200-سانىغا بېسىلغان)
تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
بېشى ئۆتكەن سانلاردا …
3-خىتاي ھەربىيلىرىنىڭ قوراللىق باسقۇنچىلار تەشكىل قىلىشى
مەن بۇ يەردە بۇ ھەرىكەتلەر ئۈستىدە تولۇق توختالمايمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەپسىلىي رەۋىشتە گېنىرال جاڭ جىجۇڭغا 1948-يىل 17-فېۋرالدا يېزىلغان خەتتە تولۇق بايان قىلىنغان ئىدى.
مېنىڭچە بۇ يەردە خىتاي مۇستەملىكەچىلىرىنىڭ يەنە بىر بىزگە قارشى قارىتىلغان ئەڭ چىركىن قاباھەتچىلىك بولغىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئۆتتۇق. بۇ ئۇياتسىزلىق بولسىمۇ شەكسىز شەرەپسىز بىت-چىت بولدى. لېكىن بۇ تارىخىي ساۋاقلارنى كۆزدىن بىر كەچۈرۈش بىزگە مەغرۇرلىنىپ كۆرەڭلەش ئۈچۈن كېرەك ئەمەس. ۋەياكى مۇشۇ ساۋاقلارنى ئەسلەپ، يەنە شۇنداق مەككارلىق، قاباھەتچىلىك، ئۇياتسىزلىق، تۇيۇقسىز ئىغۋا ھەرىكەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، ھەرقانداق تاساددىبىي ئەھۋالغا قارشى خەلقىمىزنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان ھالدا قورقماستىن، ئەندىشىسىز، تەشكىلىي سوققا (زەربە) بېرىشكە دائىم تەييار تۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي-ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئەھۋالىمىزنى مۇنتىزىملەش يولىدا تىرىشچانلىق بىلەن بەلنى مەھكەم باغلاپ، تەر چىقىرىپ ئىشلىشىمىز كېرەك بولىدۇ.
ئوسمان ۋە قالىبېكلەر تېخى ھايات ۋە ئۇلارنىڭ ئەمدى يوقىتىدىغان ھېچ نەرسىسى قالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يەنە بىر قېتىم تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ بېقىشتىن باش تارتمايدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئاۋۋالقى ئابرويلىرى قايتا ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى، بۇ يەردىكى خەلق ئۇلارنى ئۆز قوللىرى بىلەن سوت قىلىدىغانلىقىنى ئۇلار ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىگىلىرى-خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بولسا، ئۇلارغا بىكار تاماق بېرىپ بېقىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ئۇلارغا بېرىۋاتقان كىيىم، تاماق بەدىلىگە ئۇلاردىن «خىزمەت» تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارغا تاپشۇرۇلغان خىزمەت سىزلەرگە مەلۇم. ھەر ۋاقت بىر تەرەپتىن ئولجا تېپىپ كېلىش ياكى ھەر دائىم ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنى تەشۋىشتە ساقلاش ئۈچۈن بۇلاپ-تالاپ، ئۇرۇپ-ئۆلتۈرۈپ زورلۇق قىلىشتىن ئىبارەت.
4-ئۆلكىدە مىللىي زىددىيەتچىلىك ئوتىنى يېقىشى
ئۆلكىدە «مىن-جۇ-پيىڭ-دىڭ» (民主平等) سىياسىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن مىللىي سىياسەت ھەممىگە بەلگىلىك. مىللىي زىددىيەتچىلىك ئوتىنى يېقىش، مىللەتلەر ئارا بىر-بىرىگە قارشى ئۆچلۈك زەھىرىنى چېچىش، قېنى بىر قەبىلىلەر ئارىسىدا بىر-بىرىگە دۈشمەنلەرچە ئۆچلۈك قىلىشنى بۇ قەدەر پۈۋدەپ بېرىشى، قازاق بىلەن ئۇيغۇر، قىرغىز بىلەن قازاق، ئۇنىڭدىن ئىلەرى (كېيىن) ھەتتا بىر قازاق ئېلىنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقلارنى ئۆز ئارا بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىپ، زىددىيەتچىلىكنى رەھىمسىز قانلىق باسقۇنچىلىققا قەدەر ئېلىپ بېرىش ئىشلىرى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى خىتاي مۇستەملىكچىلىرى ئىستىلا ئېتىپ، خەلقىمىز ئۈستىدىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقاندىن كېيىنكى تارىخىمىزنىڭ ھەممىسىدە بۇنداق كۆلەم ۋە قىياپەتتە ئەۋج ئالدۇرالىغان ئەمەسلىكىنى بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
خىتاي مۇستەبىت دائىرىلىرى قازاق خەلقىمىزنىڭ تارقاقلىقىدىن پايدىلىنىپ، خەلقىمىزنى قالاق ئۇرۇقچىلىق ھېسىياتى ئۈستىدە ئويناپ، بىر ئۇرۇقنى ئىككىنچى ئۇرۇققا قارشى قويۇش ئۈچۈن، بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى «ھىمايە قىلغان» بولۇپ ۋە ئايرىم ئۇرۇق ياكى قەبىلىلەرنىڭ «غەمخورى» بولغان بولۇۋېلىپ، كۆچمەن خەلقلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇقچىلىق مۇناسىۋەت ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشتىكى قاراشىرىدىن پايدىلانغانلىقلىرى ھەممىگە مەلۇم.
بىز ئۆتمۈشتىكى تارىخىمىزنى ئالىدىغان بولساق، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇرۇقلار ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتچىلىكنى كۈچەيتكۈزۈپ، قانلىق چېلىش ئوتىنى يېقىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆز باشلىقلىرىنى بىر-بىرىگە يامان كۆرسىتىپ، بىرىنى بىرىگە ئۆمۈرلۈك دۈشمەن قىلىپ، بىرىنى بىرىگە كۈش-كۈشلەپ قويۇپ، بۇلارنىڭ ئۆز ئارا سوقۇشلىرىنى ئۇلغايتىپ، ئۇرۇقلار، ئاندىن قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن پايدا ئېلىپ، بۇلارنىڭ ئۆز ئارا ئۇرۇشلىرىنى تاماشا قىلىپ، ئۆز سىياسىتىنى يۈرگۈزەتتى. ھەر دائىم خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن قىلغان ھەر قانداق ئۇرۇشلاردا بىزنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر، دانا داھىيلىرىمىز ھالاكەتكە ئۇچراپ، مۇستەبىت يالاقچى ئۇنسۇرلار خىتاي چېرىكلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن غەلبە قازاندى. ئۆتمۈش مۇستەملىكە دەۋرىدىكى تارىخىمىز شۇنداق ئىدى.
بىز پۈتۈم (11 ماددىلىق بىتىم)گە ئىمزا قويغان كۈنلەردە ئۆلكە تارىخىمىزنىڭ بۇ داغلىق سەھىپىلىرى ئۆتمۈش بولۇپ قالار دەپ ئويلىغان ئىدۇق. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى سەھنىدىن ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن چۈشمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەن بولساقمۇ، لېكىن پۈتۈمنى ئىمزا قىلغان كۈندىن باشلاپ رەسمىي ئەزالار بۇزغىلى باشلايدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدۇق. ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ئەكسىنى كۆرسەتتى. پۈرۈمنى 18-ئىيۇندا ئېلان قىلىپ، 1-ئىيۇل كۈنى ناھايىتى داغ-دۇغا بىلەن تېنچلىق پۈتۈم بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتمەيلا پۈتۈمنىڭ تېگىشلىك ماددىلىرىنى بۇزۇپ، ساۋاتسىز، پاسكىنا، مەنسەپپەرەس، ئەشەددىي ئىستىبداتچى، بەغەرەز خادىۋاڭنى بىر تەرەپلىمە ئۈرۈمچى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىق ۋەزىپىسىگە بەلگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەرتىسىدىنلا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ھېچ بىرىگە خەۋەر قىلماستىن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىگە مالىيە نازىرلىق ۋەزىپىسى بىلەن ھۆكۈمەت ئەزاسى سۈپىتىدە ساۋاتسىز، مۇستەبىت، مۇتەئەسسىپ جانىمقان كىرگۈزۈلدى.
ئەگەر بىر كىچىك بالىغىمۇ «بىزنىڭ ئۆلكە مالىيەمىزنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارماقلىرىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى ساناشنى بىلمەيدىغان ئادەم مالىيە نازىرى بولۇپ تۇرىدۇ» دەيدىغان بولسىڭىز كۈلۈپ كېتەر ئىدى. بۇ بىر كۈلكىلىك ئىش. لېكىن بۇ بىر ئېچىنارلىق ھەرىكەت. قازاق خەلقىنىڭ ئىچىدىن ئەمدى جان تەكەي ئۇرۇقىدىن ساۋاتلىق ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئىزدەپ تېپىش مۇمكىن ئەمەسمىدى؟ ئەلۋەتتە، سۆزسىز مۇمكىن ئىدى. لېكىن ئۆلكە مالىيەسىدە تەرتىپ بولۇشى مۇستەبىت دائىرىلەرنى زادى خوش قىلمايدۇ. چۈنكى: مۇستەملىكەچىلەر ئۈچۈن ئۆلكىدە تېنچ، تەرتىپلىك تۇرمۇشقا رازى بولۇش ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈم خېتىگە رازى بولۇش بىلەن باراۋەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلكىدە تەرتىپسىزلىكنى داۋام قىلدۇرماق ئۈچۈن «كىم بولسا بولسۇن، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ سادىق ئىتى بولسۇن» دېگەن پىرىنسىپنى مەھكەم تۇتۇشقا مەجبۇردۇر.
مەسىلەن: نېمە ئۈچۈن قازاق خەلقىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتىنىڭ ھىمايىچىسى، قازاق خەلقىنىڭ ئىچىدە مەشھۇر بولغان مەركىزىي (ئۈرۈمچى) قازاق-قىرغىز مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، تەرەققىيپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك، ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە قاسىم ئەپەندىم خىتاي مۇستەملىكەچىلىرى تەرىپىدىن قوغلاندى بولىدۇ ۋە جان تەكەي ئۇرۇقىدىن مىڭلىغان ئۆيلەرنى خانە-ۋەيران قىلغان، يۈزلىگەن جان تەكەي قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلغان خىتاي مۇستەملىكەچىلىرىنىڭ قول چومىقى بولغان تويماس بۇلاڭچى ئوسماننى جان تەكەي جانىمقان ھۆرمەت ۋە ھىمايە قىلىدۇ؟! دېگەن سوئال پەيدا بولىدۇ.
ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە خىتاي مۇستەبىتلىرىدىن مەسئۇدنىڭ بەلگىلىنىشىنى يەنە بىر مىسال ئالايلۇق. ئۇنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە بىر تەرەپلىمە بەلگىلەش مەسىلىسى پۈتۈمنى قوپاللىق ۋە قاباھەتلىك بىلەن بۇزۇشتىن ئىبارەت پاكىت بولسىمۇ، خىتاي مۇستەبىتلىرى بىر تەرەپتىن ئۇنى بۇ ئورۇنغا بەلگىلەش بىلەن ئۆلكىدە مۇستەبىت، زالىم سىياسىتىنى ۋە مۇستەملىكە ئەھۋالىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆلكىنى ئىدارە قىلىش تىزگىنىنى مەھكەم ئۆز قوللىرىدا ساقلاشتىن ئىبارەت ئىدى. ئىككىنچى تەرەپتىن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان، ئۆزىنىڭ ئىشەنگەن، سادىق ئادىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىرلىك سېپىنى ئىككىگە بۆلۈپ، مىللىي ئازاتلىق بىرلىك سېپىنى بۇزۇشتىن ۋە تەپرىقىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
خىتاي مۇستەبىت دائىرىلىرى مىللىي زىددىيەتچىلىك ئوتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇنى پۈۋدەش بىلەنلا قانائەت قىلماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئومۇمىي خەلق سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقتتا سايلامدا يېقىلىپ، مەقسەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ئىچىدىن ۋىجدانسزلارنى سېتىپ ئېلىپ، خەلق ئارىسىدا سۈنئىي گۇرۇھلارنى تەشكىل قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇندى. كونا مەنسەپدارلارنىڭ يېڭى خىزمىتىگە ئورۇنلاشقانلارغا قارشى قوراللىق توقۇنۇشقا قەدەر تەشكىل قىلغان ئىغۋالىرى ھەممىگە مەلۇم.
خىتاي مۇستەملىكەچىلىرى ئۇنداق ئىغۋا تەشكىل قىلالماي، باھانە قىلىش ئۈچۈن، ھادىسە تۇغدۇرالمىغان جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئۇسۇللىرى بىلەن خەلق سۆيۈپ سايلاپ ئالغان ئادەملەرگە چارە كۆردى. يېڭى سايلانغان ھاكىملارنى ۋە ساقچى باشلىقلىرىنى باغلاپ، ئاياقلىرىغا كىشەن سېلىپ، ناھىيەلەردىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. خوتەن، پوسكام، مارالبېشى، قەشقەر ۋە باشقا جايلاردا شۇنداق ئەھۋاللار بولدى. قارغىلىق ناھىيەسىنىڭ يېڭى سايلانغان ھاكىمى، يەركەند ناھىيەسىنىڭ يېڭى سايلانغان ھاكىمى ۋە يەركەند، ئونسۇ ۋىلايەتلىرىنىڭ نۇرغۇن ناھىيەلىرىنىڭ يېڭى سايلانغان مەمۇرلىرى ۋە كېڭەش ئەزالىرى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىقلىرى تەرىپىدىن ناھىيەدىن ھەيدەپ چىقىرىلدى. تۇرپان، پىچان، توقسۇن ناھىيە خەلقلىرىگە قارشى قىلىنغان زورلۇق ۋە قانلىق پاجىئەلىك ۋەقەلەر ھەممىنىڭ ئېسىدىن چىقمىغانلىقىدىن ۋە چىقمايدىغانلىقىدىن مەن بۇنىڭغا ئوخشاش قالغانلار ئۈستىدە توختىلىپ تۇرمايمەن.
جەنۇب بىلەن چەكلەنمەستىن، خىتاي مۇستەملىكەچىلرى شۇنىڭغا ئوخشاشلا سىياسەتنى ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە يۈزگۈزمەك بولىدۇ. بۇنىڭغا بىزنىڭ خەلقىمىزگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن يېقىنقى باسقۇنچىلىقلار ۋە تا شۇ كۈنگىچە نۇرغۇنلىغان ئىشپىيونلار، ئىغۋاگەرلەر ۋە بۇزغۇنچىلارنى ئېۋەتىۋاتقانلىقى پاكىتلىق دەلىل بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز خىتاي مۇستەملىكەچىلىرى يالغۇز جەنۇبتىلا مىللىي زىددىيەت ئوتىنى يېقىش، بۆلگۈنچىلىك سېلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتقان ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى قەيت قىلىپلا قالماستىن، ئۇلار بارلىق كۈچلىرى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىگە كىرىپ، بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ تېنچ تۇرمۇشىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشىمىز لازىم بولىدۇ.
ھازىرقى كۈندە پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئۈچ ۋىلايەت خەلقىگە قارشى قورقۇتۇش، خەلقچىللىق پىكرىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆمۈرلۈك قاماش، ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىدىن تەرەققىيپەرۋەر ئادەملەرنى ھەيدەش، مۇسۇلمان ئاھالىگە قارشى ئىغۋا ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان يالغان بۆھتانلارنى چاپلاپ ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن تېنچ ياتقان مۇسۇلمان ئاھالىسىنى قىرغىنغا تۇتۇش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى بۇنىڭدىنمۇ چىڭراق ئۇيۇشۇپ، مىللىي ئازاتلىق ھەركىتىنى بوغۇشقا قەست قىلغان مۇستەبىت خىتاي ئۈچ ۋىلايەتنى قايتا قۇلچىلىققا چۈشۈرۈپ، مۇستەملىكەلچىلەرنىڭ تۈزىۋاتقان پىلانلىرىغا تەشكىلىي سوققا (زەربە) بېرىش ئۈچۈن تەييار تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
كۈچ بىرلىكتە! پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ قۇۋۋىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇرۇشپەرەس ئىغۋاگەرلەرگە قارشى سەپەرۋەرلىككە تۇرۇشىمىز لازىم. مۇستەبىتلەرنىڭ ئىغۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرى خەلقنىڭ بىرلەشكەن سېپىنىڭ قاتتىق سوققىسىغا (زەربىسىگە) ئۇچراپ تار-مار بولغۇسىدۇر.
تامام.
ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى: