نامەلۇم ئۇچار تەخسە راستىنلا مەۋجۇت بولسا ئۇلار قانداق يېقىلغۇ بىلەن يەر شارىغا كېلەلىگەن؟

تەرجىمىدە ئوغلان
نۆۋەتتە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان ھەم تەتقىق قىلىۋاتقان ئالەملىك ئۇچۇش ئېنېرگىيەلىرىدىن يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسى، ئەگرى سۈرئەتلىك ماتور، نۇر يەلكەن قوزغىتىش قاتارلىقلار بار، يەنە ئانتى ماددا ئارقىلىق قوزغىتىش، تۇتۇق ماددا ئارقىلىق قوزغىتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، لېكىن ئەمەلىي تەتقىقاتقا كىرگىنى پەقەت يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسى بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق كونترول قىلغىلى بولىدىغان يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسى مارستىكى ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. تىزگىنلىگىلى بولىدىغان يادرو يىغىلىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %20 ئەتراپىغا يېتەلەيدۇ، گەرچە بۇ خىل سۈرئەت ئوخشاشلا ناھايىتى يىراق ئارىلىقنى بۆسۈپ ئۆتەلمىسىمۇ، ئەمما قۇياش سىستېمىسىدا ھەقىقەتەن خالىغانچە يۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
نەزەرىيە جەھەتتە، تاشقى پلانېت ئادىمىنىڭ ئالەم كېمىسى ئەگەر تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ يەر شارىغا كېلەلىسە، ئۇنىڭ سۈرئىتى ئاز دېگەندىمۇ يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %10دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
ئىلگىرى بەزى تورلاردا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا دېيىلىشىچە، ھازىر ئىنسانلار قۇرۇۋاتقان چوڭ تىپتىكى زەررىچىلەرنى سوقۇلدۇرۇش ماشىنىسى بەزى مىكرو زەررىچىلەرنىڭ سۈرئىتىنى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %99 تىن كۆپرەك تېزلىتەلەيدىغان بولغان. ئەگەر ئۈزلۈكسىز ئېنېرگىيە چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق دېتاللارنى ئەلالاشتۇرۇپ، زەررىچىلەرنى سوقۇلدۇرۇش ماشىنىسىنى ئالەم كېمىسىگە يۆتكەپ، زور مىقداردىكى مىكرو زەررىچىلەرنى يېقىلغۇ قىلىپ، داۋاملىق پۈركۈپ چىقارسا، نەزەرىيە جەھەتتە ئالەم كېمىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ھازىر ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان، يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلىشىدىغان بىردىنبىر ئالغا سىلجىتىش شەكلىدۇر.
بىر خىل تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچۇش ئۇسۇلى بار، ئۇ بولسىمۇ «قۇرت ئۆڭكۈرى». گەرچە «قۇرت ئۆڭكۈرى» ئۇقۇمى نۆۋەتتە ئىلمىي فانتازىيە قاتلىمىدا توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما تەبىئەت ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارشى تۇرمايدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك تاشقى پلانېت مەدەنىيىتى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ غايەت زور ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، زامان ۋە ماكاندىكى بىر نۇقتىنى قارىغا ئالالايدۇ، غايەت زور ئېنېرگىيەنىڭ يىغىلىش نۇقتىسى ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتەلەيدۇ، زامان ۋە ماكاندا «قۇرت ئۆڭكۈرى» ياساپ چىقىلسا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چەكسىز يۇلتۇزلار ئارا ئارىلىقتىن ھالقىپ كەتكىلى بولىدۇ! ئەلۋەتتە تاشقى پلانېت ئادىمى ئىشلىتىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسىنى پۈتۈنلەي بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. مەيلى قانداق شەكىلدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى بولسۇن، چوقۇم ئىنسانلار مەدەنىيىتىدە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك ماتوردىن يۇقىرى دەرىجىلىك بولىدۇ.
ئۇچار تەخسىنىڭ قوزغىتىش كۈچى، پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يادرو ئېنېرگىيەسىدىن باشقا، بەلكىم يەنە فوتون ۋە ئېلېكتىرونلار ئېنېرگىيەسى بولۇشى مۇمكىن، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تاشقى پلانېت ئادىمىنىڭ يەر شارىغا كېلىشىنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ بىز ئىنسانلاردىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن، ھازىرچە ئۇچار تەخسىنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ.