You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » تەۋسىيىلىك كىتاب — «باففېت بىلەن چۈشلۈك تاماق يېگەندە مەن ھېس قىلغان بەش ھەقىقەت»

تەۋسىيىلىك كىتاب — «باففېت بىلەن چۈشلۈك تاماق يېگەندە مەن ھېس قىلغان بەش ھەقىقەت»

ئابلىز ئۇيغۇر

گاي سپېر ۋە مەبلەغ سېلىش ئۇستىسى مونىس پابلېخاۋ ، باففېت بىلەن 2008-يىلى 6-ئايدا 650مىڭ 100 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولغان. 650 مىڭ 100 ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ باففېت بىلەن چۈشلۈك تاماقتا زادى نېمىنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟ گاي سىپېر مەبلەغ سېلىش ۋە كىشىلىك ھايات توغرىسىدىكى بەش ھەقىقەتنى چۈشەنگەن.

« باففېت بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولغاندا، مەن بىردىنلا ھېس قىلغان بەش ھەقىقەت» ناملىق بۇ كىتابتا گاي سىپېرنىڭ قىممەتكە ئىگە مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى بايان قىلىنغان، كىتابتىن بۇ چۈشلۈك تاماقنىڭ ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىدىيەسىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ھەمدە كىشىلىك ھاياتىنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. كىتاب ئاپتورلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىش دېلو مىسالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئوقۇشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك.

« باففېت بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولغاندا، مەن بىردىنلا ھېس قىلغان بەش ھەقىقەت»تە كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ھېكايىلەر سۆزلەنگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ قاراڭغۇ جايدىن پارلاق يولغا قاراپ ماڭغان خىيالىي سەپىرى بايان قىلىنىپ، قىممىتى بار بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ بۇ جەرياندا قوبۇل قىلغان تەربىيەسى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان. بۇ كىتاب مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات قىبلىنامىسى بولۇپ قالغان. بۇ كىتاب ئۆز يولىنى تېپىش ئىرادىسىگە كەلگەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ بىر چوڭقۇر ھەم دانا ھەرىكەت قىبلىنامىسى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top