You Are Here: Home » ئومۇمى » ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو 11-نومۇر ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسى توغرىسىدىكى 19 ھەقىقەت

ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو 11-نومۇر ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسى توغرىسىدىكى 19 ھەقىقەت

ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (National Aeronautics and Space Admini stration، قىسقارتىلىپ NASA) نىڭ ئاپوللو پىلانى (Project Apollo) دا، ئاپوللو 11-نومۇر (Apollo 11) بەشىنچى قېتىملىق ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ۋەزىپىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسى ھېسابلىنىدۇ، قىسقارتىلىپ ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

بىرىنچىسى: ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى فلورىدا ئىشتاتىنىڭ كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدە ساتۇرننىڭ 5-نومۇرلۇق راكېتاسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چىققان.
بۇ راكېتانىڭ ئېگىزلىكى 110 مېتىر بولۇپ، نيۇيوركتىكى ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلىدىن ئېگىز بولۇپ، يېقىلغۇ قاچىلانغان چاغدا راكېتانىڭ ئېغىرلىقى 2800 توننىدىن ئاشىدۇ.

ئىككىنچىسى: ساتۇرن 5-نومۇرلۇق راكېتاسى، 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي ئالەمگە قاراپ ئۇچقان، ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋە نۇرغۇن پەن-تەتقىقات مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھەلەر بار ئىدى.

ئۈچىنچىسى: ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ۋە ئاممىسى فلورىدا ئىشتاتىنىڭ كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدە ساتۇرن 5-ناملىق راكېتانىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كۆرگەن.

تۆتىنچىسى: نەچچە مىڭ ئامېرىكا پۇقراسى قويۇپ بېرىش سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بوش يەرگە بېرىپ، ساتۇرن 5-ناملىق راكېتانىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كۆرگەن.

بەشىنچىسى: ئەينى چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنى ئاي شارىنىڭ يۈزىگە ئېلىپ چىققان تۇنجى ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسى ئىدى.

ئالتىنچىسى: ساتۇرن 5-ناملىق راكېتانىڭ فلورىدا ئىشتاتىنىڭ كاناۋېرال تۇمشۇقىدىن كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا يەر يۈزى پونكىتى كونترول مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئېكراندا كۆرمەكتە.

يەتتىنچىسى: ئۇچۇشتىن بۇرۇن، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى نىل ئارمستروڭ، باز ئولدرىن ۋە مايكول كوللىنىس نيۇيورك شەھىرىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە، نيۇيورك شەھىرىدىكى ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

سەككىزىنچىسى: ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى سولدىن ئوڭغا: نىل ئارمستروڭ، مايكول كوللىنىس ۋە باز ئوردرىن. بۇنىڭ ئىچىدە نىل ئارمستروڭ تۇنجى بولۇپ ئاي شارىغا چىققان ئادەم.

توققۇزىنچىسى: بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارى ئاي شارىنىڭ ئۇپۇق سىزىقىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان. ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارى يۈزىگە قونغاندىن كېيىن، بۇ سۈرەتنى تارتقان.

ئونىنچىسى: ئالەم ئۇچقۇچىسى باز ئولدرىن ئاي شارىدا ماڭغان بولۇپ، بۇ يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى نىل ئارمستروڭ تارتقان سۈرەت.

ئون بىرىنچىسى: ئالەم ئۇچقۇچىسى باز ئولدرىن ئامېرىكا دۆلەت بايرىقى يېنىدا تۇرغان بولۇپ، نىل ئارمستروڭ تارتقان سۈرەت. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ بايراق خادىسى يەنىلا ئاي شارىنىڭ يۈزىدە مەۋجۇت.

ئون ئىككىنچىسى: ئالەم ئۇچقۇچىسى باز ئولدرىن ئاي شارىدا ئىلمىي تەجرىبە قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ يېنىدا بىر تەۋرىنىش ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى، يەنە بىر لازېر نۇر قايتۇرغۇچ بار.

ئون ئۈچىنچىسى: ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاي شارى يۈزىدىكى يەر شەكلى ئالاھىدىلىكىنى سۈرەتكە تارتقان.

ئون تۆتىنچىسى: ئالەم ئۇچقۇچىسى باز ئولدرىننىڭ ئىزى ئاي شارىنىڭ يەر يۈزىگە بېسىلغان. بۇ ئىز بۈگۈن يەنىلا ساقلىنىپ قالدى، چۈنكى ئاي شارىدا شامالنىڭ ئۇپرىتىشى يوق.

ئون بەشىنچىسى: بۇ رەسىم ئالەم ئۇچقۇچىسى نىل ئارمستروڭ ۋە باز ئالدرىننىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ، ئاي شارى يۈزىگە قونماقچى بولغاندىكى ئەھۋالى.

ئون ئالتىنچىسى: ئالەم ئۇچقۇچىسى مايكول كوللىنىسمۇ ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان، بىراق ئۇ ئەزەلدىن ئاي شارىغا دەسسەپ باقمىغان، بۇ ئەھۋال ئۇنى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئالەم ئۇچقۇچىسى قىلىپ قويغان.
بىراق، مايكول كوللىنىس مۇنداق دەپ قارىدى: ئۇ مۆجىزىلىك ئۇچۇشقا قاتناشتى، ھەمدە ئىنسانىيەت تارىخىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇچقۇچى.

ئون يەتتىنچىسى: ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قونۇش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق يەر شارىغا قايتىپ كېلىپ، تىنچ ئوكياندىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بىۋاستە قوندى.

بۇ يەردە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە قونۇش قۇرۇلمىسى ۋە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئامېرىكىغا ئېلىپ بارغان.

ئون سەككىزىنچىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رىچارد نىكسون ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى كۈتۈۋالغان.

بۇ چاغدا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تېخىچە دېزىنفېكسىيەلەش ئۆيىدە ئىدى.

ئون توققۇزىنچىسى: ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئاي شارىغا چىقىش ۋەزىپىسى ئورۇنلانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە، ئالەم ئۇچقۇچىسى مايكول كوللىنىس، نىل ئارمستروڭ ۋە باز ئولدرىن ئامېرىكا ۋاشىنگىتون دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى مۇزېيىدا مۇكاپاتلانغان.

تەرجىمىدە ئاۋزەر

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top