ئون ئىككى مۆچەلدە، كىم ئەڭ تەلەيلىك؟

چاشقان يىللىق كىشىلەر ئەقىللىق ھەم زېرەك كېلىدۇ، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھەمىشە باشقىلار دىققەت قىلمىغان كىچىك ھالقىلارغا دىققەت قىلالايدۇ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى كۆزىتىشكە ماھىر ھەم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى بىلىدۇ، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار.
چاشقان يىللىق كىشىلەر گەرچە نۇرغۇن زەربىگە ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇشنى بىلىدىغانلار بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە. ئاخىرى بىر كۈنى تەلىيى كېلىپ، ھالاۋەتتە ياشايدۇ.
ئەگەر چاشقان يىللىق كىشىلەر قانائەت قىلىشنى بىلىپ، ئاچكۆزلۈك قىلماي، باشقىلارغا نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇشنى بىلسە، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولى چوقۇم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
كالا يىلى
كالا يىللىق كىشىلەر سەمىمىي ھەم تەمكىن كېلىدۇ، ئەزەلدىن مېھنەتسىز راھەت بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، مەيلى قانداق جاپا تارتسۇن، ھەمىشە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئەستايىل ئىش قىلىدۇ، تەۋەككۇلچىلىك، پۇرسەتپەرەسلىك قىلمايدۇ. ياش ۋاقتىدا ناھايىتى ئەستايىدىل خىزمەت قىلىدۇ، ئوتتۇرا ياشتىن كېيىن ھەممە ئىشلىرى يۈرۈشۈپ، قەدەممۇ-قەدەم ئۆرلەيدۇ.
كالا يىللىق كىشىلەردە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ھەققانىيەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەتچانلىق بار، ئۇلار ئادالەتسىزلىككە چىدىمايدۇ، بەك كاللا ئوينىتىدىغان، قۇۋ، ساختا كىشىلەرگە ناھايىتى ئۆچ، ئۆزى دوست دەپ قارىغانلارغا ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئەگەر كالا يىللىق كىشىلەر ئازراق ئۆزگىرىشنى بىلسا، باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىسا، ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
يولۋاس يىلى
يولۋاس يىللىق كىشىلەر قەيسەر ھەم ئىرادىلىك، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى بار، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى ۋە رىقابەتنى ياخشى كۆرىدۇ، مەيلى قانچە چوڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسۇن ھەرگىزمۇ باش ئەگمەيدۇ، ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ.
يولۋاس ئورمانلىقنىڭ شاھى، يولۋاس يىللىق كىشىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا يېتەكچىلىك قابىليىتىگە ئىگە، ئۇلاردا شاھلارغا خاس قىياپەت بار، ئۇلار ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، كۈچلۈكلەردىن قورقمايدۇ، لېكىن ئۆزى ئازابلانسا يالغاندىن قەيسەر بولۇۋىلىشقا ئامراق، ھېچكىم يوق بىر يەرگە بېرىپ ئۆزى يالغۇز يارىسىنى داۋالايدۇ.
ئەگەر يولۋاس يىللىق كىشىلەر باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ھەمكارلىشىشنى ئۆگەنسە، ئىشلارغا يولۇققاندا باشقىلار بىلەن مەسلىھەت قىلىشنى بىلسە، بەك مۇستەبىت بولۇپ كەتمىسە، ئۆزىگە دۈشمەن تېپىۋىلىشتىن ساقلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىپ ھەممەيلەننىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.
توشقان يىلى
توشقان يىللىق كىشىلەردە سەزگۈر بولغان بىۋاستە سېزىم بار، كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ناھايىتى ئىنچىكە كۆزىتەلەيدۇ، باشقىلارغا ناھايىتى توغرا باھا بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى سىپايە، مۇلايىم ھەم ئاقكۆڭۈل، قەلبى ساپ، ھەمىشە ياخشى نىيەت بىلەن باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىدۇ.
جۇڭگو چۆچەكلىرىدە، توشقان ئايدىكى زېرەكچاق بولۇپ، ئاي پەرىسىگە ھەمرا بولۇپ، ئاي تولغان كۈنى كەچتە دارچىنگۈل ئاستىدا قېرىمايدىغان دورا يەيدۇ، شۇڭلاشقا توشقان يەنە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىمۋولى. توشقان يىللىق كىشىلەر ناھايىتى رومانتىك بولۇپ، قەلبىدە ناھايىتى تىنچ تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ.
ئەگەر توشقان يىللىق كىشىلەر ئەسلى مەقسىتىنى ئۇنۇتماي، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، كۆپرەك ياخشى ئىشلارنى قىلسا، ناھايىتى تەلىيى كېلىدۇ، بىر ئۆمرى راھەت ھەم پاراغەتتە ئۆتىدۇ، ھېچنىمىدىن غەم قىلمايدۇ.
ئەجدىرھا يىلى
ئەجدىرھا يىللىق كىشىلەردە يۈكسەك ئىرادە ۋە كۈچلۈك بولغان ئالغا ئىلگىرىلەش روھى بار، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ، يۈرەكلىك ھەم جاسارەتلىك، بەك كىچىك ئىشلاردا توختىماي زىغىرلاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، ھەق-ناھەقنى تېخىمۇ ياقتۇرمايدۇ، باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، رەزىل ھەم ساختا قىلمىشلارنى يامان كۆرىدۇ.
ئەجدىرھا يىللىق كىشىلەر ناھايىتى تەلەيلىك بولۇپ، چوقۇم جاپادىن كېيىن راھەت كۆرۈپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
ئەگەر ئەجدىرھا يىللىق كىشىلەر رەھىمدىل بولۇپ، باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ھاياتلىق يولى داغدام ھەم بىپايان بولىدۇ، قالغان ئۆمرى خاتىرجەملىك ۋە ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، تەلىيى ئۈزۈلمەي كېلىۋېرىدۇ.
يىلان يىللىق
يىلان يىللىق كىشىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا سىرلىق كېلىدۇ، ئۇلار خوشاللىق ۋە ھەسرىتىنى ھەمىشە قەلبىگە يوشۇرىدۇ، ئۇلار ياخشى ياماننى يۈزىدە ئىپادىلىمەيدۇ، خوشاللىقى ياكى ھەسرىتىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، تەمكىن ھەم سالماق، خەتەر ئالدىدا قالايمىقان بولۇپ كەتمەيدۇ، ھەرخىل ئىشلارغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
يىلان يىللىق كىشىلەر توغۇلۇشىدىنلا ئەقىللىق بولۇپ، تەپەككۇر قىلىشقا ئامراق، ئاددىي ياشاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئاستا-ئاستا كۈچ توپلاپ، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بىراقلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنى ئويلايدۇ.
ئەگەر يىلان يىللىق كىشىلەر گۇماننى ئاز قىلىپ، ھەممە ئىشتا سەمىمىي بولالىسا، ئىشلار ۋە ئادەملەرگە نىسبەتەن كەڭ قورساق بولسا، نۇرغۇن بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىپ قېلىپ، تەلىيى كېلىدۇ.
ئات يىلى
ئات يىللىق كىشىلەرنىڭ قېنى قىزىق كېلىدۇ، كىشىلەرگە تەمكىن ھەم مەردلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلار ناھايىتى مېھرىبان، ھەمىشە باشقىلار ئۈچۈن ئويلايدۇ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەممە ئىشنى ئۆزى تارتىپ، ئەركىنلىككە، توسقۇنسىز تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ.
ئات يىللىق كىشىلەر تالانتلىق ھەم جۈرئەتلىك كىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلى مەقسىتىنى ئۇنتۇمىغاندا چوقۇم ئۇلارنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان بىرىگە ئۇچرايدۇ.
ئەگەر ئات يىللىق كىشىلەر ھاكاۋۇرلۇقىنى، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان مىجەزىنى تاشلاپ، سالماقلىق بىلەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالىسا، ھاياتلىق يولىدا چوقۇم باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېىشىپ، ئىشلىرىمۇ بارغانسىرى ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىدۇ، ھەرقانچە قىيىن ئىشلارمۇ ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتىدۇ.
قوي يىلى
قوي يىللىق كىشىلەرنىڭ قەلبى ساپ ھەم ئاقكۆڭۈل كېلىدۇ، ئىللىق ھەم كۆيۈمچان بولىدۇ، ئۇلار بەك نام چىقىرىپ كېتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، قارىماققا يۇۋاش-يۇمشاق، لېكىن ئىچكى دۇنياسى ناھايىتى قەيسەردۇر، ئۇلاردا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ھاياتىي كۈچ ۋە ئىرادە بار.
قوي ئەڭ مۇلايىم ھەم گۈزەل ھايۋانلارنىڭ سىمۋولى، ئۇلار ئادەملەرگە تەلەي ئېلىپ كېلىدۇ. قوي يىللىق كىشىلەرنىڭ خاراكتىرى مۇلايىم كېلىدۇ، ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىدىن كېچىپ باشقىلارغا قۇربانلىق بېرەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بىر ئۆمرىدە بەك چوڭ ئاپەتلەر يوق، كۈنلىرى خاتىرجەم ئۆتىدۇ.
قوي يىللىق كىشىلەر چوقۇم ئۆزىنى قوغداشنى بىلىشى، كىشىلەرگە پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىشى، نىيىتى يامان كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
مايمۇن يىلى
مايمۇن يىللىق كىشىلەرنىڭ خاراكتىرى جانلىق ھەم ھەرىكەتچان كېلىدۇ، ئۇلار تالانتلىق ھەم زېرەك، مېڭىسى ھەقىقەتەن ئۆتكۈر، ئەقىلللىق ھەم زېرەك، ئۇلار ھەمىشە تەڭسىزلىكلەرنى كۆرگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، داۋاملىق باشقىلار ئۈچۈن ئويلايدۇ.
مايمۇن يىللىق كىشىلەرنىڭ قىسمىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بىر ئۆمرىدە ياخشى ئىشلار ئۈزۈلمەيدۇ، پۇل-دۇنيادىن غەم يېمەيدۇ.
ئەگەر مايمۇن يىللىق كىشىلەر ئالدىراڭغۇ مىجەزىنى ئۆزگەرتىپ، ئوڭۇشسىزلىقلارغا كەلگەندە سەۋر قىىلىشنى، مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشنى ئۆگەنسە، ھاياتى چوقۇم بەختلىك ھەم خوشال-خورام ئۆتىدۇ.
توخۇ يىلى
توخۇ يىللىق كىشىلەر ئوچۇق ھەم تۈز كېلىدۇ، كۆڭلىدە نېمىنى ئويلىسا شۇنى دەۋېتىدۇ، مېڭىسى ئوچۇق، كۆڭلى نازۇك، تىرىشچان ھەم ئاقكۆڭۈل كېلىدۇ، مەسئۇلىيەتچان ھەم ئۆيىگە بەك مېھىرلىك كېلىدۇ.
توخۇ يىللىق كىشىلەرنىڭ مۆلچەرى ھەمىشە توغرا چىقىدۇ. توخۇ يىلى تۇغۇلغانلار ھەمىشە ئىشلارنى ئالدىنئالا پەرەز قىلىپ، ئۆزىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
توخۇ يىللىق كىشىلەر سەۋرچان بولۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ھاياتىنىڭ ھەربىر قەدىمىنى باسالىسا، ئىستىقبالى ناھايىتى پارلاق بولىدۇ.
ئىت يىلى
ئىت يىللىق كىشىلەردە سەزگۈر بولغان كۆزىتىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە، كاللا ئويناتمايدۇ، ئىشلاردا سىخي ھەم مەرد، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار، ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىگە ناھايىتى كۆيۈمچان.
ئىت يىلىدا تۇغۇلغانلار سەزگۈر ھەم ساداقەتمەن، كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ئەگەر ئىت يىللىق كىشىلەر بەك قاتمال بولماي، كىشىلەرگە ۋە ئىشلارغا بولغان مۇئامىلىسىدە سەل جانلىق بولسا، قارغۇلارچە چىڭ تۇرماي، ئىشلارنى تەھلىل قىلالىسا، ھاياتلىق يولى چوقۇم ئوڭۇشلۇق بولۇپ، تىنچ ھەم خاتىرجەم ياشايدۇ.
توڭگۇز يىلى
توڭگۇز يىللىق كىشىلەر ساپ ھەم ئاقكۆڭۈل كېلىدۇ، كىشىلەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كېتىدۇ، كىچىك ھالقىلارغا ئېسىلىۋالمايدۇ، بەك زىغىرلىشىپ كەتمەيدۇ، ئۈمىدۋار ھەم مەرد، دوستلىرىغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە بەك كۆيۈمچان.
توڭگۇز يىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى باي ھەم توق، تەلەيلىك ئۆتىدۇ. ئۇلار كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلمايدۇ، كۈنلىرى باياشات ئۆتىدۇ.
ئەگەر توڭگۇز يىللىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل پىكىر قىلىپ، رەت قىلىشنى بىلسا، بەك خاتىرجەم ۋە پاراغەتكە ئىنتىلمەي، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلسا، چوقۇم تېخىمۇ تەلەيلىك بولۇپ، بىر ئۆمرىدە ھېچنىمىدىن غەم قىلماي ئۆتەلەيدۇ.