You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » فىرئەۋننىڭ ئەپسۇنى ھەقىقەتەن 22 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتىمۇ؟

فىرئەۋننىڭ ئەپسۇنى ھەقىقەتەن 22 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتىمۇ؟

تەرجىمىدە ھېكىمجان

مىسىردىكى ئەلېھرامنىڭ قاراڭغۇ ھەم چوڭقۇر قەبرىسىگە ھەيۋەتلىك بىر سۆز ئويۇلغان: «كىم فىرئەۋننىڭ خاتىرجەملىكىگە دەخلى قىلسا، ئەجەل قانات قېقىپ شۇنىڭ بېشىغا قونىدۇ.» كىشىلەر ئىلگىرى بۇ ئەپسۇننى قەبرە يولىغا ئويۇپ قويۇلۇشى پەقەت كېپەن ئوغرىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن دەپ ئويلىغان.
1922-يىلى 11-ئايدا ئارخېئولوگىيە ئەترىتى مىسىردىكى «پادىشاھ جىلغىسى» دىكى پەردە ئىچىدىن ئالتۇندىن قۇيۇلغان ھەيكەل، ھايۋانلار ھەمدە مومىيالارنى بايقىدى، بۇ ئارخېئولوگىيە تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بايقاشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەمما ئارقىدىن 1923-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قېزىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان جەمئىي 22 ئادەم بىنورمال ئۆلۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى دەل بىر ئىشقا يەنى-مومىيا ئەپسۇنىغا چېتىشلىق دەپ قارالدى.

موميا ئەپسۇنى دېگىنىمىز: تۇتانكامون قەبرىسىدىن مۇنداق بىر قانچە جۈملە بايقالغان: «كىم فىرئەۋننىڭ ئارام ئۇيقۇسىنى بۇزسا، ئەجەل قانىتىنى ئېچىپ ئۇنىڭ بېشىغا قونىدۇ،» «بۇ قەبرىگە قەلبى ساپ بولمىغان يامان نىيەتلىك ھەرقانداق بىرى كىرسە، مەن ئۇنىڭ گېلىدىن بوغىمەن».

1923-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەنگلىيەدە مومىيا قازغان كىشىدىن 22 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ئاخبارات دۇنياسىدا ئاجايىپ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى مومىيا ئەپسۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى.

بۇ 22 كىشىدىن بىرىنچى بولۇپ جان ئۈزگىنى جورجى ئېدۋارد ھېربېرد (George Edward Herbert) دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ 1914-يىلى مىسىرنىڭ «پادىشاھ جىلغىسى» نى قېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 1922-يىلى 11-ئايدا، ئۇ 30 نەپەر مۇتەخەسسىسنى باشلاپ جىلغىدىكى سىرلىق قەبرە ئىچىدىن ئاجايىپ نەرسىلەرنى بايقىغان: ئالتۇندىن قۇيۇلغان ھەيكەل، ھايۋانلار ۋە مومىيالار… بۇ ئارخېئولوگىيە تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بايقاشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئەمما، بۇ ئىشتىن كېيىن مۇنداق بىر «ئاجايىپ» ئىش يۈز بېرىدۇ، تۆت ئايدىن كېيىن جورجى ئېدۋارد ھېربېرد قاھىرەدە ئاغرىپ يېتىپ قالىدۇ، كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق ئەمەس… دوختۇر: پاشا سول يۈزىنى چېقىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەيدۇ. ئۇ 4- ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بەرداشلىق بېرىپ ئەڭ ئاخرىدا نالە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن تۈگەشتىم، بىرى مېنى چاقىرىۋاتىدۇ، ئاڭلىدىم، مەن ھەممىگە تەييارلىق قىلىپ بولدۇم.» ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندە يەنە ئىككى غەلىتە ئىش يۈز بەرگەن، شۇ كۈنى قاھىرەدە تۇيۇقسىز پۈتۈن شەھەر بويىچە توك توختاپ قالغان؛ جورجى ئېدۋارد ھېربېردنىڭ يۇرتى ئېنگلاندىكى ئامراق ئىتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆلۈپ قالغان.

جورجى ئېدۋارد ھېربېردنىڭ ئۆلۈمى كىشىلەرنىڭ ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جورجى ئېدۋارد ھېربېرد بايقالغان مومىيانى ئاچقاندا ئىچىدىكى جەسەتنىڭ سول مەڭزىدە بىر يارا ئېغىزى بار بولۇپ، بۇ يارا ئېغىزى جورجى ئېدۋارد ھېربېردنىڭ مەڭزىنى پاشا چاققان ئورۇن بىلەن بىردەك ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن مومىيا ئەپسۇنى ھەممە يەرگە تارقىلىشقا باشلىغان، شۇ ۋاقىتتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قەبرىستانلىقتىكى ئابىدە تېكىستى مۇنداق تەرجىمە قىلىنىپ تارقالغان: «بۇ قەبرىگە نىيىتى ساپ بولمىغان ھەرقانداق ئادەم كىرسە بوينىدىن سىقىمەن، كىم بۇ ئويما يېزىقنى بۇزىدىكەن، ئۇ ئۆيىگە قايتالمايدۇ، بالا كۆرەلمەيدۇ، ئۈمىدىنى يوقۇتىدۇ». كېيىن قەبرىستانلىققا كىرگەن ئالىملار بەس-بەستە غەلىتە كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. 1929-يىلى، جورجى ئېدۋارد ھېربېردنىڭ ئايالىمۇ يىقىلغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سول مەڭزىنى پاشا چېقىۋالغانمىش. شۇ يىللاردا مومىيا ئەپسۇنى ئىنتايىن چوڭ خەۋەرگە ئايلىنىپ، قەبرە قېزىش خىزمىتىگە قاتناشقان 22 كىشىنىڭ بىنورمال سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

«مومىيا ئەپسۇنى» جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر قىسىم ئالىملار ۋە تەبىئەتتىن ھالقىغان سىرلىق ھادىسە ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە، ئەنگلىيە ئىدىنبۇرگ ئۇنۋېرسىتى، برۇنېل ئۇنۋېرسىتى، لىۋېرپول ئۇنۋېرسىتى قاتارلىق نۇرغۇن مەكتەپلەر تېئولوگىيە (سىرلىقشۇناسلىىق) كەسپىنى تەسىس قىلىپ بۇ ئىشنى مەخسۇس تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. لېكىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رەسمىي، غەيرىي رەسمىي تەتقىقاتى ئاستىدا، بۇ «سىرلىق» ئىشقا ئېنىق بىر ھۆكۈم-خۇلاسە چىقىرىلمىغان. بۇلار ئاخىرىدا ئالدى-كەينى بولۇپ ئىككى چوڭ لاگېرغا بۆلۈنگەن. خېرتفورد ئۇنۋېرسىتىدىكى رىچارد دوكتورنى ۋەكىل قىلغانلار: بۇنىڭ بىر پىسخولوگىيە ھادىسىسى ئىكەنلىكىگە، بۇ ۋەھىمنىڭ پەقەت كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. يەنە بىر ئېقىم بولسا: بۇ سىرلىق ئىشنىڭ دۇنيادا ھەقىقىي مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەندى.

«مومىيا ئەپسۇنى» ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان، ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا ئىشتاتىدىكى بىر يازغۇچى جون ۋوغان سۆز-چۆچەكتە كۆرۈلگەن يوچۇقلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن، مەسىلەن: جورجى ئېدۋارد ھېربېرد جان ئۈزگەن سەھەردە پۈتۈن قاھىرەدە توك توختىغان بولماستىن، بەلكى شۇ كىشى تۇرغان مېھمانخانىدا توك توختاپ قالغان. ئۇنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئامراق ئىتىنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۆلۈپ كېتىشىمۇ پىتنە-ئىغۋا ئىكەن.

1999-يىلى قاھىرە ئۇنۋېرسىتىنىڭ بىر پروفېسسورى «مومىيا ئەپسۇنى» غا ئالاقىدار خادىملارنىڭ سالامەتلىك ئارخىپىنى تەكشۈرگەندە كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان، بۇ خىل باكتېرىيە قەبرىدە نەچچە مىڭ يىل ساقلانغان بولۇپ، يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىكەن. نۇرغۇن ئىلمىي تەشكىلاتلار «تەبىئەتتىن ھالقىغان سىرلىق ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلغۇچى» لارنىڭ قاراشلىرىنى نادانلىق ۋە خۇراپاتلىققا تولغان دەپ ئەيىبلىدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top