You Are Here: Home » ئومۇمى » يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ توققۇز ھەسسىسىچىلىك ئۇچىدىغان سىرلىق ئاسمان جىسىمى

يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ توققۇز ھەسسىسىچىلىك ئۇچىدىغان سىرلىق ئاسمان جىسىمى

تەرجىمىدە ئارافات

ماسسىسى بار جىسىم يورۇقلۇق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلالمايدۇ، 100 نەچچە يىل ئىلگىرى ئېينىشتىيىن بۇ سۆزنى ئېيتقان. ئىلىم-پەن ساھەسىمۇ يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ لىمىت نەزەرىيەسىگە قارىتا كۆپ قېتىم مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان، نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا، يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ لىمىت نەزەرىيەسىنىڭ خاتاسى يوق، پەقەت نىسپىيلىك نەزەرىيەسى خاتا بولمىسىلا. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر زەررىچە تېزلەتكۈچنى ياساپ چىقتى، ئالاھىدە ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ مىكرو زەررىچىلەرنى تېزلىتىپ يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، بىراق يورۇقلۇق تېزلىكىگە تامامەن يەتكىلى بولمايدۇ.
ئەجەبا ئالەمدە تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىدىغان جىسىم يوقمۇ؟ تەجرىبىدە ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ تېزلىكىنى يورۇقلۇق تېزلىكىگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقەتەن ئامالىمىز يوق، ھەقىقىي مەنىدىكى يورۇقلۇق تېزلىكىدىن تېز جىسىمنى تاپماقچى بولساق، نەزىرىمىزنى يەنىلا ئالەمگە قارىتىشىمىز كېرەك. 1997-يىلى ئالىملار ئاخىرى ئالەمدىن يورۇقلۇقتىنمۇ تېز ھادىسىنى بايقىدى، ئۇ دەل يۇلتۇزسىمان جىسىمدىكى رادىياتسىيەنىڭ مەنبەدىن ئايرىلىشى، بۇ بىزنىڭ تېزلىككە بولغان تونۇشىمىزنى بۇزۇپ تاشلىدى.

ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە نېمىنىڭ يۇلتۇزسىمان جىسىم ئىكەنلىكىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى، بۇ خىل ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە مىليارد يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، بەزى يۇلتۇزسىمان جىسىملار ھەتتا 10 مىليارد يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا. بۇ خىل سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، سىپېكترى تۇمانلىققا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما تۇمانلىق ئەمەس، سىرتقا تارقاتقان رادىيو رادىياتسىيەسىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىمۇ يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار چىقارغان ئېنېرگىيە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ، بەزى چوڭ تىپتىكى يۇلتۇزسىمان جىسىملار چىقارغان ئېنېرگىيە يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ ئېنېرگىيە يىغىندىسىدىن ئىبارەت.

ئېلان قىلىنغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، يۇلتۇزسىمان جىسىم قارىماققا پارقىراق جىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن، بەزى ئالىملار ئۇنىڭ شار شەكلىدە ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىنىدىكەن. يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى مىليارد 500 مىليون يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان جايدا ئوتتۇرا ھال بىر يۇلتۇزسىمان جىسىم بولۇپ، 1963-يىلى بايقالغان. بۇ يۇلتۇزسىمان جىسىم يەر شارىغا يېقىنراق بولغاچقا، ئالىملار ئۇنى نۇقتىلىق كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلغان. 1997-يىلى ئالىملار ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئىككى غايەت زور رادىياتسىيە مەنبەسىنى بايقىغان بولۇپ، قورقۇنچلۇق رادىياتسىيە ئېنېرگىيەسى توختىماستىن ئۇنىڭدىن سىرتقا تارقىلىدۇ.

كېيىن ئالىملار يەنە بۇ ئىككى رادىياتسىيە مەنبەسىنىڭ ئايرىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ئۇلار ماتېماتىكىلىق مودېل تۇرغۇزۇپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەكۈنگە ئېرىشتى، رادىياتسىيەنىڭ مەنبەدىن ئايرىلىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا ئىككى مىليون 880 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ! يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، يۇلتۇزسىمان جىسىمنىڭ رادىياتسىيەسىنىڭ مەنبەدىن ئايرىلىش سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ توققۇز ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ لىمىت نەزەرىيىسى كۈچتىن قالدىمۇ؟ ئالىملار بۇ ھادىسىنى كۆزەتكەندىن كىيىن ئامال قىلىپ ئۇنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. سىرتقا رادىئاتسىيە قويۇپ بەرگەن ئىكەن، ئۇنداقتا رادىئاتسىيە مەنبەسىمۇ ماسسىلىق جىسىم، بىز ئۇنىڭ يورۇقلۇقتىنمۇ تېز بولۇش ھادىسىسىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئالىملار بىر خىل مۇمكىن بولىدىغان پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بەزى كېچىلىكلەردە دائىم نۇر يىغىش چىرىغى ئىشلىتىلىدۇ، بىر چوڭ تىپتىكى نۇر يىغىش چىرىغى بۇلۇت قاتلاملىرىنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. ئەگەر بۇلۇت قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى بىر قەدەر چوڭ بولسا، ئۇ ھالدا ئالاھىدە نۇر دېغى ھاسىل بولۇشى مۇمكىن. بۇلۇت قاتلىمىمۇ مولېكۇلالاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مولېكۇلالار توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ. پەقەت يەر يۈزىدە نۇر يىغىش چىرىغى يۆتكەلسىلا، بۇلۇت قاتلىمىدىكى نۇر داغلىرىمۇ يۆتكىلىدۇ. بۇلۇت قاتلىمى قانچە يۇقىرى بولسا نۇر دېغىنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ.

يۇلتۇزسىمان جىسىملار سىرتقا رادىئاتسىيە قويۇپ بەرگەندە، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك زەررىچىلەر ئېقىمى قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۇلار يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ ئەتراپىدىكى ۋاسىتىچى ماددىلارغا چۈشكەندە ئوخشاشلا «نۇر دېغى»نى شەكىللەندۈرىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر يۇلتۇزسىمان جىسىملار بىرلا ۋاقىتتا كۆپلىگەن يۆنىلىشلەردە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك زەررىچىلەر ئېقىمىنى قويۇپ بەرسە، ئۇ ھالدا بۇ يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك زەررىچىلەر ئېقىمىنىڭ رادىياتسىيە مەنبەسىگە بولغان نىسپىي يۆتكىلىش سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ سانلىق قىممەت ئېنىق ئەمەس ئىكەن. لېكىن نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ 100 ھەسسىسىگە توغرا كېلىشىمۇ مۇمكىن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا ھازىرقى زامان فىزىكىسى يول قويىدۇ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. بىراق، بۇ خىل ھادىسىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق، ئۇ ئۇچۇر يەتكۈزەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا يورۇقلۇق ئۇچۇر يەتكۈزەلەيدۇ، يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى دولقۇن ۋە زەررىچىدىن ئىبارەت ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە، ئۇ ھەم دولقۇن ھەم زەررىچە بولۇپ، ھەر ئىككىسى مەلۇم ئۇچۇرنى يەتكۈزىدۇ، چاستوتا ۋە دەۋرىيلىك ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئېلىپ يۈرۈشىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

ئالەمدە سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى بەك كۆپ، يۇلتۇزسىمان جىسىملار پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى، بىزنىڭ يۇلتۇزسىمان جىسىملارغا بولغان تونۇشىمىز تېخى يېتەرلىك ئەمەس، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلارنى بايقاشنى ئۈمىد قىلىمىز.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top