You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «بۆرە ئوغلى» ھەققىدە رىۋايەت

«بۆرە ئوغلى» ھەققىدە رىۋايەت

«بۆرە ئوغلى» ھەققىدە رىۋايەت

ئاپتور: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۆرىلەرنىڭ كىشىنى ئەلەمگە قويىدىغان ئېچىنىشلىق ھۇۋلاشلىرىنىڭ تىگىگە ئەمدى يەتتىم.
(خاتىرەمدىن)

ئەردەم بىلەن ئەرەندىن ئىبارەت ئىككى ياشنىڭ بۇ كېچە ئۇخلىماي قىلغان سۆھبىتى ناھايىتى مەنىلىق بىر سۆھبەت بولدى. خۇددى يامغۇر قۇرۇق تۇپراقنى قانداق جانلاندۇرغان بولسا، بىر-بىرلىرىنىڭ روھلىرىنى شۇنداق تىرىلدۇردى. بولۇپمۇ يىگىتنىڭ تەسىرلىك كەچۈرمىشلىرى ئەردەمنىڭ سۇنۇق دىللىرىنى قايتىدىن ياشناتتى. ئۇلار ئۆز ئەلەملىرىنى، ھەسرەت-نادامەتلىرىنى، غايىلىرىنى، ئۈمىدلىرىنى ئۆزارا بەھىرلەپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئەرەننىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان بۆرە ئوغلىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئەردەمنى ئۆزىگە بەكمۇ جەلپ قىلدى. ئەسلىدە «بۆرە ئوغلى» دېگەن بۇن نام بۇ يىگىتنى بىقىۋالغان دادىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ناھايىتىمۇ ئېچىنىشلىق بىر تارىخى ئارقا كۆرىنىش بار ئىدى.

ئەلقىسسە، ئەرەن ئاتىسىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدى:

1858-يىلى چىڭ سۇلالىسى شەرقىي تۈركىستانغا نۇرغۇن چېرىك يوللاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىشغال قىلغان ئىكەن. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبۇدىكى رايونلارنى ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئىشغال قىلىپ، قەشقەرگە كەلگەندە، قەشقەردە ئۆزىنى «پادىشا» دەپ ئىلان قىلغان ۋەلىخان تۆرە، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئورنىغا خەلقتىن يېغىۋالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئادەملىرى بىلەن بىللە پەرغانىغا قاراپ قېچىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان باشسىز خەلق، چىڭ سۇلالىسىنىڭ تاجاۋۇزچى چېرىكلىرى تەرىپىدىن قانلىق قىرغىنچىلىققا ئۇچراپتۇ. تۆمەن دەرياسى قان بولۇپ ئېقىپتۇ. پۈتكۈل تارىم ۋادىسى خەلقنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولۇپتۇ. قەشقەدىن داۋاملىق ئىلگىرلەپ ماڭغان چېرىكلەر خوتەنگىچە يول-يولدا ئۈچرىغانلا خەلقنى قەتلئام قىلىپ مېڭىپتۇ. ئەينى چاغدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ باسمىچى چېرىكلىرى يەركەندىن ئۆتۈپ خوتەنگە يېقىنلاشقاندا، ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلق نۇرغۇن ئۇششاق بالىلارنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، بىر تاۋۇز تىرىغان ئېتىزلىققا گەمە كولاپ يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئەمما بۇ ئەھۋالنى چېرىكلەر بايقاپ قاپتۇ ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن قىلىچلىرىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، بۇ نارىسىدە بالىلارنىڭ ئاھ-زارلىرىغا پەرۋا قىلماي، قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپتۇ. تاۋۇزلۇق ئۇشاق بالىلارنىڭ دات-پەريادلىرى، مەسۇم قانلىرىنى بىلەن تولۇپ، بەئەينى جەھەننەمنىڭ ئۆزىگە ئايلىنىپتۇ. مېھرىبان ئانىلىرىنىڭ سۆيگۈگە لىق تولغان لەۋلىرى تەككەن يۇمران بويۇنلارغا جاللاتنىڭ قاللىق قىلىچى كېلىپ ئۇرۇلۇپتۇ، كىچىك گەۋدىلەردىن ئايرىلغان باشلار، ساپىقىندىن ئۇزۇلگەن تاۋۇزلاردەك يەرلەرگە دۇمۇلاپ چۈشۈپتۈ. كىچىك-كىچىك باشسىز گەۋدىلەردىن ئىتىلىپ چىققان قانلار چەيلەنگەن تاۋۇزلارنىڭ سۈلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ياپ-يېشىل ئېتىزلىقنى ھەش-پەش دېگىچە قىپ-قىزىل رەڭ بىلەن بوياپتۇ. كېسىلگەن باشلاردىكى مەسۇم كۆزلەردىن چاچراپ چىققان قاپ-قارا كۆز قارچۇقىلار تاۋۇز ئۇرۇقلىرى بىلەن تەڭ جاللاتلارنىڭ خەيلىرى ئاستىدا مىجىلىپ چەيلىنىپتۇ. بۇ دۇنيانىڭ جەھەننىمىگە ئايلانغان ئېتىزلىقتا قايسىنىڭ باش،قايسىنىڭ تاۋۇز. قايسىنىڭ كۆز قارچۇغى، قايسىنىڭ تاۋۇز ئۇرۇقى، قايسىنىڭ قان، قايسىنىڭ تاۋۇز سۈيى ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلى بومايدىغان دەھشەتلىك بىر مەنزىرە پەيدا بوپتۇ. ئاللاھنىڭ ياراتقان بۇ ئالەمىدە مۇنداق ۋەھشىلىك بىرىنچى قېتىم، مانا مۇشۇ ماكاندا، مۇشۇ زاماندا يۈز بېرىپتۇ. ئەجابا، قۇياش كۆتۈرۈلگەن يەردىن تارتىپ تا پاتقان يەرگىچە بولغان پۈتۈن زېمىندا مۇنداق بىر قىرغىنچىلىق ھېچ كۆرۈلگەنمىدۇ؟

بۇ ۋەھشىلىكنى كۆرۈپ تۇرغان قۇياشمۇ چىداپ تۇرالماي، چارىسىزلىق ئىچىدە گۈزەل يۈزىنى پارە-پارە قىلىپ پارچىلاپ، قارا بۇلۇتلارنىڭ ئىچىدە غايىپ بوپتۇ. دەل مۇشۇ چاغدا يېراقتا شىلدىرلاشلاردىن توختاپ، قورقىنىدىن قېتىم قالغان ئورمالىق ئارسىدا، مۆكۇنۇپ ياتقان قارا قۇرۇم تاگغ ئېتەكلىرىدە ياشايدىغان ئىككى بۆرە بۇ قىرغىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ بويۇنلىرى ناھايىتى توم، ياللىرى ناھايىتى قويۇق، كۆكۇش رەڭلىك تۈكلىرى شۇنچىلىك ئۆزىگە چىرايلىق ياراشقان، چاقناپ تۇرغان نۈر ئۆتكۈزگۈچى كۆپكۆك كۆزلىرى ئۇنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرسىتىپ تۇرىدىغىنى بولسا چىش بۆرە ئىكەن. يەنە بىرى ئەركەك بۆرە بولۇپ، ئۆزۈ ناھايىتى كۈچلۇك، تېرىلىرى قىلىن، كۈمۈش رەڭلىك قويۇق تۈكلىرى تاۋلىنىپ تۇرىدىغان، چىشلىرى ئىنتايىن ئۆتكۈر، تەق-تۇرقى بەھەيۋەت ئىكەن. بىر چاغدا بىر كىچىك بالا تاۋۇزلۇق ئارىسىدىن ئۆمۈلەپ ئۆتۈپ، ئۇلار تەرەپكە يەر بىغىرلاپ قېچىپتۇ. ئارقىدىن ئىككى چىرىك قان تىمىچىپ تۇرغان قىلىچلىرىنى كۆتۈرۈپ «شا..»(ئۆلتۈرۈڭلار!) دەپ يۈگرەپ كەپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن چىش بۆرە تۇرغان يېرىدىن، يايدىن چىققان ئوقتەك ئىتىلىپ چىقىپ، بالىنىڭ دۇمبىسىدىن چىشلەپلا ئېلىپ، ئورمان تەرەپكە بەدەر قېچىپتۇ. ئارقىسىدىن ئەركەك بۆرە ئۇلارنى قوغداپ چېپىپتۇ. قوغلاپ كەلگەن ئىككى چېرىك چارىسىزلىكتىن، ئالدىغا ساڭگىلاپ قالغان ئۇزۇن ئۆرمە چاچلىرىنى چىشلەپ، جىرتاق كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، قانلار قېتىم قالغان قىلىچلىرىنى قېنىغا مىڭ تەستە كىرگۇزۇپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قايتتىپتۇ. بىردىنلا بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنى يۇقۇردىن كۆرۈپ، شائىت بولغان ئەرشى ئەلا، ئۆلگەن بالىلارنىڭ ئۇۋالىغا چىداپ تۇرالماي، دەخشەتلىك گۆرۈلدىگەن ئاۋاز بىلەن ئۆزىنى ئۆزۈ پارچە-پارچە قېلىۋېتىدىغاندەك غەزەپلىنىپتۇ ۋە چاقماقلارنى چېقىپ، قارا بۇلۇتلارنى سۇرۇپ ئەكىلىپ، ئۆزىنىڭ تەزىيە يېشىنى تاۋۇزلۇق ئۈستىگە ئەكىلىپ تۆكۈپ، مۇنداق ئىپادىلەرنى بىلدۇرگەندەك قىپتۇ:«ئەگەر ئىنسانلار مېنىڭ ماكانىمدا يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىدا ياشىغان بولسا، بۇ كۆكمۇ ئۇلارغا تار كېلىپ، ماكان تالىشىپ ئۇرۇشۇپ، بىر-بىرلىرىنى قىرىپ-چېپىپ، يامغۇرنىڭ ئورنىدا زېمىنغا قان ياغار ئىكەن. ئەگەر ئىنسانلار دېڭىزلاردا ياشىغان بولسا، بىر-بىرلىرىنىڭ تۆككەن قانلىرىدىن دېڭىز ئوكيان، دەريا-ئۆستەڭلەردە قانلار سەل بولۇپ ئاقار ئىكەن. ھېلىمۇ ياخشى بۇلار مۇشۇ كۆتۈرۈشلۈك قارا تۇپراق ئۈستىدە ياشايدىغان بولۇپ قاپتۇ»

شۇندىن مۇقەددەم بۇ بالا زۇلمەت باسقان دوزاقتىن يىراقلىشىپ، تاغ-داۋانلاردا، ئەركىن تەبىئەتنىڭ قوينىدا بۆرىلەر بىلەن بىللە ياشاپتۇ. بۇلارنى يېراقتىن كۆرگەن ئىنسانلار بالىغا «بۆرە ئوغلى» دەپ نام قويۇپ قويۇپتۇ. ئارقا-ئارقىدىن پەسىللەر ئالمىشىپ، يىللار سۇدەك ئېقىپ ئۆتۈپتۈ. ئىككى بۆرىمۇ بۇ ئالەمدىن ئۇنتۇنسىز كۆچۈپ كېتىپتۇ. پەقەت بۆرە ئوغلى ھاياتلىق يولىنى قاتمۇ-قات تاغلار ئاراسىدا ئوۋچىلىق قىلىپ بېسىپتۇ. ئانا زېمىننىڭ ئۈستىدە ئەلمىساقتىن بېرى ھېچ قىمىر قىلماي قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاشۇ گۈزەل تاغلارنى ئۆزىنىڭ ماكانى قىپتۇ.

* * *

ئىزىمغا چۈشكەندە دۈشمەنلىرىم،
ئېلىپ قاچتى كۆك بۆرە – تۇتېملىرىم.
كۆرۈندى يەنە مېنىڭ ئۈمىد يولىم،
گۈزەل تاغ بولدى مەنىڭ ماكانىم.

* * *

يېتىشتىم مەن زال ئوغلى رۇستەمدەك،
چاپتىممەن تاغ يولىدا تۇلپاردەك.
ئاتقان ئوقىم جان ئالار ئەزرائىلدەك،
گۈزەل تاغ بولدى مەنىڭ ماكانىم.

* * *

بىر كۈن كېلىپ قىساسىم ئېلىنغاندا،
بۆرە ئوغلى ئەلبەت يەتىدۇ مۇرادىغا.
ئەجەل كېلىپ جان تەسەددۇق بولغاندا،
گۈزەل تاغ ئولۇر ئەبەدىلەبەد ماكانىم.

* * *

ئۇلۇغ ئاللاھ بىر جانلىقنى باشقا بىر جانلىققا يەم بولۇش ئۈچۈن ياراتقان. پەقەت ئىنساننىڭ تەغدىرى ئۇنداق ئەمەس. ئىنسان ئۆز رىزقىنى ماڭلاي تەرى بىلەن، ھايۋانلارنى بېقىش بىلەن تەبىئەتنى ئۆز پايدىسىغا قوللىنىش ئارقىلىق ياشاشنى بىلىدۇ. شۇڭا بىر كۈنى بۆرە ئوغلى تاغدىن چۈشۈپ ئادەملەر بار جايلارغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇ بىر ئارا يول يۇرۇپ بىر قەۋرىستانلىقتىن ئۆتۈپتۇ، بۇ چاغدا ھاۋانى سۇرلۇك تۇمانلار ئۆز ئىلكىگە ئالغان بولۇپ، بۇلۇتلار ئاراسىدا گېرەلىپشىپ كەتكەن تاغلار ئۇنىڭ ئارقىسىدا جۇدالىق داغلىرى ئىچىدە قاپتۇ. كۆكتە قۇياش بىلەن ئايمۇ كۆرۈنمەي، يەر بىلەن ئاسمان گويا تۇتىشىپ كەتكەندەك بىر خىل رەڭگە كىرىپتۇ. ئەتراپىنى رەتسىز گۇمبەزلەر بىلەن دۆۋە-دۆۋە توپىلار ئورۇغان بولۇپ، سەلكىن يەل ئۇچارتىپ ئەكەلگەن قۇملار كۆزلىرىگە كېرىپ، مۆرىسىدكى ياي بىلەن بېلىدىكى ئوقدان ئىرغاڭلاپتۇ. دەل مۇشۇ چاغدا بىر-بىرىگە ئۇلۇنۇپ كەتكەن قەۋرىلەرنىڭ كەينىدىمۇ، ئەيتەۋۇر بىر يەردە، نېمىدۇر بوۋاقتەك ئىڭڭەلىگەن ئاۋاز قۇلىقىغا كېلىپ ئۇرۇلۇپتۇ. بۆرە ئوغلى دەرگۇمان ئىلكىدە، ئاۋاز بار تەرەپكە قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇ ئىڭڭەلىگەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە يەنە دىققەت بىلەن قۇلاق ساپتۇ. ئۇ ئىچىدە:«ئاھ ئاللاھىم! قارىمامدىغان بۇ كارامەتنى، بۇ ئوپمۇ-ئوچۇق بوۋاقنىڭ ئاۋازىغۇ؟» دەپ، ئۆز-ئۆزىگە سوئال قويۇپ، جاۋابنى كىمدىن ئېلىشنى بىلمەي، ئاۋاز چىقىۋاتقان توپىلىرى تېخى قۇرىمىغان بىر قەبرىنىڭ يېنىغا ئاستا يېقىنلىشىپ كەپتۇ. شۇ چاغدا بۆرە ئوغلىنىڭ قامەتلىك ۋۇجۇدىنى دەھشەتلىك بىر قورقۇنچ جۇگغلاۋاپتۇ. ئۇ بىردەم نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ، ئۇلۇغ ئاللاھتىن:«ئاللاھىم ماڭا ئەقىل-ئىدرەك بەرگىن. مېنى ئۆزۈمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىمتىھانلار بىلەن سىنىمىغىن»دەپ، يالۋۇرۇپتۇ ۋە ھوشيار بولماقچى بوپتۇ. ئەمما، ئۇشتۇپتۇت دۇچ كەلگەن بۇ كارامەت ئالدىدا يەنىلا تەپتىرەپ، ھودۇقۇپ، مېڭىسىدىن تۈرلۈك-تۈمەن خىياللار چاقماقتەك يېنىپ، ئەقلى-ھۇشىنى يوقاتقىنى تاسلا قاپتۇ.

ئۆز زامانىسىدا ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئايالى ھەزرىتى ھەجەر ئۆزىنىڭ بوۋىقى ھەزرىتى ئىسمايىلنى قۇچاقلاپ، ئاشلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىدە، چەكسىز كەتكەن باش ئايىقى كۆرۈلمەيدىغان چۆللۈكتە ئۇياقتىن-بۇياققا تەمتىرەپ مېڭىپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي سۇ بار بىر يەرنى كۆرۈش ئۈچۈن يېراقتا كۆرۈنىپ تۇرغان تاغ «سافا» نىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئاندىن يەنە پەسكە چۈشۈپ، قارشى تەرەپتىكى تاغ «مەرۋە» گە يامىشىپ چىقىپ، ئەنە شۇنداق چارىسىزلىك ئىچىدە يەتتە قېتىم ئىككى تاغ ئاراسىدا يۇگرەپ يۇرگىنىدەك، بۆرە ئوغلىمۇ نېمە قىلارنى بىلمەي گۆمبەزلەر ئاراسىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۇرۇپتۇ، ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئىشتىك ئۆتۈشى بىلەن بوۋاقنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلاپتۇ. ئاخىرى ئۇ ئەس- ھۇشىنى يېغىپ، ئوپۇل-توپۇل نەم توپىلارنى كەتمەننىڭ يۈزىدەك كەڭ ئالقانلىرى بىلەن بىر چەتكە توپ-توپ قىلىپ ئىشتىرىپتۇ، ھەتتا ئالدىرغىنىدىن،قەبرىنىڭ ئۈستىدە دۇم يېتىپ تۇرۇپ، تازە پۇراپ تۇرغان نەم توپىلارنى غۇلاچلاپ-غۇلاچلاپ ئېلىپ، ئەڭ ئاخىرى لەھەتنىڭ ئىشىكىنى ياپقان خام كېسەكنى كۆرۈپتۇ. ئەمدى بوۋاقنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ روشەن ئاڭلىنىپتۇ. كۆكتىكى ئون تۆت كۈنلۇك تولۇن ئاي يۈزىنى توراپ تۇرغان پەردىلەرنى قايرىپ ۋاللىدا پەيدا بوپتۇ – دە، گۈزەل جامالىنى لەھەتنىڭ ئاغزىغا توغرىلاپتۇ. بۇ چاغدا بۆرە ئوغلىنىڭ بارلىق قورقۇنچلىرى ئۈستىدىن كۆتۈرلۈپ، يەڭگىل بىر نەپەس ئاپتۇ ۋە ئىچىدە ئىللىق بىر ھېس پەيدا بوپتۇ. ئاندىن ئۇ «بىسسىملاھۇ راھمانىي رەھىم» دەپ، لەھەت ئاغزىدىكى كېسەكنى ئېلىپ، قارغۇدەك بولسا، ئىچىدە ياتقان جەسەتنىڭ ئىككى پۇتى ئارىسىدا بىر بوۋاق بۇدۇرۇق قوللىرىنى ئوماق ئاغزى-بۇرنىغا سۇرتۇپ ياتقۇدەك. بالىنىڭ يۈزى بەئەينى كۆكتىكى تولۇن ئايدەك، قەبرىدىكى مۈنكەر ۋە نەكىر مەلەكلىرىدەك شۇنچىلىك نۇرلۇق تۇرغۇدەك. بۆرە ئوغلى بۇ كارامەتنىڭ ماھىيىتىنى لەھەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپلا بىلىپتۇ ۋە بوۋاقنىڭ ئۆلۈك ئانىدىن تۇغۇلغانلىغىنى ئىدراك قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال بوۋاقنىڭ كىندىكىنى ئاۋايلاپ ئۇزۇپ، ئۈستىدىدكى كۆينىكىنى يېشىپ يۆگەك قىلىپ بوۋاقنى ئوراپ، گۆردىن ئامان-ئېسەن چىقىرىپ، يۇمشاق ساپ تۇپراقنىڭ ئۈستىگە ئاستا پەپىلەپ قويۇپتۇ. ئاندىن قايتا لەھەتنىڭ ئاغزىنى خام كېسەك بىلەن قاملاشتۇرۇپ ئېتىپ، ئۈستىنى بۇرۇنقىدەك توپا بىلەن يېپىۋېتىپتۇ. بۆرە ئوغلى بولسا يۇمۇق كۆزلىرى بىلەن كۆككە قاراپ تۇرغان نۇر توپىدەك ئوغۇل بوۋاقنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بارلىق قورقۇنچلىرىنى، ھارغىنلىقلىرىنى ئۇنتۇپ، بەختىيارلىققا چۆمۈپتۈ. ئاندىن ئۇ كونىلارنىڭ «گۆرىستاندا ئۆي بولماس، توپىلاڭ يەردە ئوۋ بولماس» دېگەن گەپلىرىنى ئەسكە ئاپتۇدە، دەرھال ئەتراپقا بىر قاراۋېتىپ، بۇ يەرگە قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا شۇ يول بىلەن ئۆز ماكانىغا قايتىپ كېتىپتۇ. ئۇ شۇندىن ئىتىبارەن بۇ بالىنىڭ ئىسمىنى «ئەرەن» دەپ ئاتاپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قولىدىكى بوۋاق ئۇنىڭغا بىر جەھەتتىن شۇنچىلىك جەسسۇر، باتۇر يىگىتتەك كۆرۈنسە يەنە بىر جەھەتتىن ناھايىتى ئەرمىش، كامىل ئادەمدەك كۆرۈنۈپتۇ. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى ئىككىلەنمەيلا «ئەرەن» قويۇپتۇ. شۇندىن بۇيان ئەرەننى ئۆزىدىن ھېچ ئايرىماي كۆتۈرۈپ يۇرۇپ ئوۋچىلىق قىلىپ، غارلارنى ماكان قىلىپ، ئەرەننى بېقىپ چوڭ قىپتۇ. ئۇنىڭغا ئوۋ ئوۋلاشنى، چوققىلىرى كۆككە سانجىلغان بۇ تىلسىمات تاغلاردا قانداق ھايات قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگۈتىپتۇ. ۋاقىتنىڭ دەريا سۇلىرىدەك تىنىمسىز ئېقىشى بىلەن بۆرە ئوغلىمۇ ماغدۇردىن قاپتۇ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئەرەن ئىسمىگە مۇناسىپ كۈچ-قۇۋەتكە تولغان باھادىر بىر يىگىت بولۇپ يېتىشىپتۇ. ئۇلار بۇ ھاياتتا يوقسۇللۇق، ماكانسىزلىق دەردىدە ئۆلۈم قۇلاغىغا پىسىلدىسىمۇ، ھېچ بىر ۋاقىت ئەركىنلىكنى قۇللۇققا تىگىشمەپتۇ. يىرتقۇچ ھايۋانلار ئاراسىدا، ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىغاندىن بەتەر ئەركىن، ئازادە ياشاپتۇ. ئەمما ۋەھشى زالىم تاجاۋۇزچىلارنىڭ قانلىق قولى ئاخىر كېلىپ ھايۋانلار ماكانى بولغان كەڭ كەتكەن تەبىئىي بايلىقلارغا تولغان تاغلارغىچە ئۇزىراپ يېتىپتۇ،- تاڭ سۈزىلىش ئالدىدا تۇراتتى، ئەرەننىڭ خىيالى يەنە شۇ ئۆزى ئۆسۈپ-يىتىلگەن ماكان تاغلارنىڭ ئاراسىدا ئىدى.ئۇ دادىسىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا تا ھازىرغىچە ھېچكىمگە سۆز ئاچمىغان ئىدى. ئەسلىدە بىرەسى بىلەن ئومدان مۇڭدۇشۇپ ئىچىدىكى بارلىق ئەلەملىرىنى، دەردلىرىنى تۆكۈپ، ئىچىنى بىر بوشىتىۋالغۇسى بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭغا بۇنداق بىر پۇرسەت كەلمىگەنتى. مانا بۈگۈن ئۇ يالغۇز دەردىنى چىقىرۋېلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە ئوخشاش غايىدىكى بىرسى بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ قانچىلىك مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى. تاغلاردا قانچىلىك كۈچلۈك بولۇپ، ئۆزىنى قوغداپ ياشىغان بولسىمۇ يەنىلا روھىيەت قاتلىمىدا شۇداق بىر ئاجىز نۇقتىنىڭ بارلىغىنى ھېس قىلدى. ئۇ نىشانسىز ئازاب ئىچىدە تەمتىرەپ، ئۇ چوققىدىن بۇ چوققىغا يامىشىپ، ھاياتنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىشنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتسىزلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ، بەئەينى كاماندەك ئېگىلگەن قارا قاشلىرىغا چۈشۈپ تۇرغان قويۇق چاچلىرىنى ئوڭ قولى بىلەن ئارقىسىغا تاراپ تۇرۇپ، دادىسى توغرىسىدا سۆزلىرىنى تۆۋەن ئاۋاز بىلەن يەنە داۋام قىلدى:

ئىككى يىلدىن بېرى يەن دوتەينىڭ ئەسكەرلىرى بىز ماكان قىلغان تاغلارغا كېلىپ يول ئىچىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ مۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدى تاغلاردىكى قىممەتلىك مەدەنلەرگە كۆزى چۈشكەن ئىكەن. ئۇلار بىر چەتتىن يول ئېچىش ئۈچۈن ئورمانلارغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، بىر چەتتىن تاغلارغا مىنامىت كۆمۈپ پارتتىلتىپ، ھەممە يەرنى ۋەيران قىلدى. چۈنكى ئۇلار ئادەم كۈچىگە تايىنىپ يول ياسىسا ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغانلىغىنى بىلەتتە. شۇڭا دەرھال پايدىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تەبىئەتنى ۋە جانلىقلارنى ۋەيران قىلىش يولىنى تاللىغان ئىدى. ئوت قويغان دائىرىدىكى ئوت ئۈچقۇنلىرى باشقا يەرلەرگە يامراپ، پۈتۈن تاغ جەھەننەمنىڭ ئازابى ئىچىدە قالغان ئىدى. ئەزەلدىن بېرى شۇ تاغلاردا ياشاپ كۈن كەچۈرىۋاتقان بارلىق جانلىقلار بۇ زۇلۇمنىڭ شىددەتلىك زەربىسىگە ئۇچراپ، ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. تۇيۇقسىز قويۇلغان ئوتنىڭ دەستىدىن تاغدىكى بارلىق دەل-دەرخ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى بىراقلا كۆيۈپ كۇل بولۇپ كەتتى. دەخشەتلىك ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالغان بۆرە، چىلبۆرە، تۈلكە، كىيىك، بۇغا، ياۋا قوتاز، ياۋا توڭگۇز، ھىمالايا سۈغۇرى، كۈلرەڭ قۇيرۇقلۇق توشقان، بۆكەن، قىرغاۋۇل ۋە كەكلىكتىن تارتىپ يىلانلارغىچە ھەممە ھايۋانلار قورقۇنچ ۋە ساراسىمىگە چۈشتى، جان-تالىشىپ ئۆزلىرىنى ھەرتەرەپكە ئۇردى. ئانا ھايۋانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆز بالىرىنى چىشلەپ ئۇياق-بۇياققا قىچىپ تېرە-پىرەڭ بولۇپ، ئاخىرى چىقىش يولى تاپالماي ئوت ئىچىدە يۈرەك-پارىلىرى بىلەن تەڭ كۆيۈپ كاۋاپ بولۇپ كەتتى. يەنە بەزىلىرى بالىلىرىنى دۇمبىسىدىن چىشلەپ ئېلىپ قىچىپ، تاغدىن چۈشىۋاتقان دەخشەتلىك ئېقىنلارغا سەكرەپ ھالاك بولغان بولسا، يەنە بەزى ئۈچار قۇشلارنىڭ ئانىلىرى دەرەخ شاخلىرىدىكى چاڭگىلىرىدا ئۆز باشكىلىرىنى پوكىنىغا باسۇرۇپ يېتىپ، ئۆز بالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈچۈپ كەتمەي شۇ دەرەخلەر بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتتى. مەن ھاياتىمدا ھېچ ئانا مېھرى كۆرمىگەن بىرسى بولىمەن. ئەمما قۇش ۋە ھايۋانلاردىكى شۇ پىداكارلىقلارنى كۆرۇپ، «ئانا» دېگەن سۆزنىڭ قانچىلىك مۇقەددەسلىكىنى، ئانىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلىغىنى كۆڭلۈمدە ھەقىقى ھېس قىلدىم. مەن ئانا مېھرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى كەڭ تەبىئەت قوينىدا تۇنۇپ يەتتىم. ئانا قۇشلارنىڭ ئۆز باشكىلىرىغا ئۇچۇشنى ئۆگۈتىش ئۈچۈن بېشىمنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن چاغلىرىدا، چىش بۆرىنىڭ كۈچۈكلىرىنى ئىنىدىن ئەگەشتۇرۇپ ئەچىقىپ ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگەتكەنلىرىنى كۆرگىنىمدە، بايتاللارنىڭ قۇلۇنلىرىنىڭ بويۇنلىرىنى يالاپ ئەكىلەتكەنلىكىنى تالاي قېتىم كۆرگەن چاغلىرىمدا، ئانا مېھرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى پىنھان قەلبىمدە قىياس قىلدىم. ئەنە شۇنداق چاغلاردا مېنىڭمۇ ئانام بولغان بولسا، مەنمۇ شۇ بۆرە كۈچۈكلىرىدەك ئەكىلەپ تۇرۇپ كەپسىزلىك قىلىپ، ئۇيان-بۇيانغا قاچقان چاغلىرىمدا شۇ ئانا بۆرېدەك يۈگرەپ بېرىپ تۇتۇپ ئەكىلىپ، ئۆز جايىمغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغان بولسا دېگەندەك شېرىن خىياللاردا بولدۇم. شۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ئانا مېھرىنىڭ قانچىلىك مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتىم. بولۇپمۇ ئۆز ئانامنىڭ ئۆلۈك تۇرۇپمۇ گۆر ئىچىدە مېنى مۇشۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلغانلىغىنى ئويلىسام، ئانىلارنىڭ ھەقىقەتەن تەسۋىرلىگىسىز ئۇلۇغ، پىداكار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يارىتىلغان ئەمەس بەلكى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئىچ-ئىچىمدىن ئۇلارنىڭ قۇتساللىغىغا مەدىھەلەر ئوقىماي تۇرالاميمەن ۋە ئانامنىڭ يوقلىقىدىن ئۆكۈنىمەن. ئەمما بۆرە ئوغلى ماڭا ھەم ئانا ھەما دادا بولدى. ئەسلىدە ئۇ،مەندىنمۇ بەختسىز ئىدى. ئۆكۈنىش ئىچىدە دەرد-ئەلەمنى بىر ئۆمۈر يۈرەگىدە توشۇپ ياشىدى. چۈنكى ئۇ ھەم دادىسىز ھەم ئانىسىز چوڭ بولغان. شۇڭا مەن بۆرە ئوغلىدەك بىر دادامنىڭ بارلىغىدىن پەخىرلىنىپ ئۇلۇغ ئىگەمگە مىڭ شۈكرە قىلىپ كەلدىم. تەبىئەتتە پەسىللەر ئالمىشىپ تۇرغىنىدەك بۇ كىشلىك ھاياتتىمۇ پەسىللەر ئالمىشىپ تۇرىدىكەن. بەزىدە باھاردەك يىقىملىق، جانلىق بولسا بەزىدە كۈزدەك ھەممە نەرسە قۇرۇپ، غازاڭ بولىدىغان چاغلار كېلىدىكەن. بەزىدە يازدەك مول-خوسۇللۇق بولسا، بەزىدە قىشتەك يوقسۇل، قەھرىتان سوغۇق چاغلار بولىدىكەن.ئەنە شۇ ئوت ئاپىتىدىن كېيىنلا دادام بۇ ئالەمدىن كۆچۈپ كەتتى. چۈنكى، ھايۋانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئۇ كۈلپەت بىزنىڭمۇ بېشىمىزغا كەلگەن ئىدى. ئوت ھەر تەرەپتىن ئوراپ، ئۆرلەپ كەلمەكتە ئىدى. بىز ئوتتىن بار كۈچىمىز بىلەن شۇنچىلىك تېز قىچىپ چىققان بولساقمۇ، ۋاھالەنكى، ياشىنىپ قالغان دادام، تاغنىڭ ھەر جايىنى قاپلىغان قويۇق ئىست-تۈتەك ئىچىدە يۇرۇپ، زەھەرلەنگەن ئىكەن. دوزاق ئوتىدىنمۇ بەتەر كۈچلۈك بولغان ئوت -يانغىنىدىن كېيىن، دادام ئاغرىپ يېتىپ قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋاپات بولدى. شۇندىن بۇيان مېنى ھايات دولقۇنلىرى ھەر تەرەپتىن ئۇردى. بۇ ئۇرۇشلار مېنى تاغ باغرىغا يۇمۇلتۇپ چۈشۇردى. تاغ باغرىلىرىدا باھارنىڭ نەزمىسى باشلانغان چاغ بولغاچقا، كۆكلەم تاللىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇمران قوللىرىنى قاناتلىرى كۆيگەن تاغ قۇشلىرىغا سىخىلىك بىلەن سۇنۇپ تۇراتتى. مەن بولسام نەرگە بېرىپ، نەردە تۇرىشىمنى بىلمەي، شامالدا ئۇچۇپ يۇرگەن ياپراقتەك ئۇياق-بۇياقلارغا ئۈچۈپ يۇرگەن شۇ پەيتتە، بۇ ھۈرىيەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلاپ شامىلى تاغ باغرىغىمۇ يىتىپ كەلدى. بۇ خەۋەر روھىمنى ئويغانتى. ئويغانغان روھ مېنى بۇ مۇشەقەتلىك ھاياتنىڭ قاراڭغۇ بۇرجەكلىرىدىن سۆرەپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بۇ يولغا ئاتلاندىم.

(مەنبە: «يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top