يانفون بىلەن ئىنسانلارنىڭ جېڭى: زادى كىم غەلىبە قىلىدۇ؟

يانفون ئىنسانلارغا نىسبەتەن روھىي ئىنقىلاپ ئېلىپ بارماقتا.
تەخمىنەن بۇنىڭدىن 12 مىڭ يىل بۇرۇن، ئىنسانلار بۇغداي تېرىشنى باشلىغاندىن تارتىپلا، ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى توختاتقان، بۇ ئىنسانلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى تۇنجى زور ئىنقىلابى-دېھقانچىلىق ئىنقىلابى. بۇ قېتىملىق ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسى بولسا، بۇغداي ئىنسانلارنىڭ بەدىنىنى (ئىككى پۇتىنى) بويسۇندۇردى.
بۈگۈنكى دەۋردە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يانفون ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش ئەۋج ئالدى، كىشىلەر ئاستا-ئاستا ئەتراپىدىكى ئادەملەر، نەرسىلەردىن ۋاز كېچىپ، پۈتۈن زېھىن-قۇۋۋىتى، ۋاقتى، بىر جۈپ كۆزى ۋە چوڭ مېڭىسىنى يانفون ئېكرانىغا مۇجەسسەملىمەكتە، يانفون ئىنسانلار روھىي ئوزۇقلۇقىنىڭ مەنبەسىگە ئايلانماقتا.
بۇ ئىنسانلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىملىق زور ئىنقىلابى- دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىنقىلابى.
يانفون گەرچە قورال خاراكتېرلىك ئىنقىلاب بولسىمۇ، كەڭ كۆلەمدە ئىنسانلار چوڭ مېڭىسىگە سىڭىپ كىرىپ، تەتۈر يۆنىلىشتە ئىنسانلارنىڭ روھىي خاسلىقىغا ئېرىشىپ، ئىنسانلارنى ئۆزىمۇ تۇيمىغان ئاساستا نۇرغۇنلىغان نەرسىلىرىدىن قۇرۇق قويماقتا.
ئىنسانلارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقىدا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ۋاقىت، يەنى ۋاقىتنىڭ قايتىلانماسلىقى، يانفوننىڭ ئىگە بولغىنىمۇ دەل كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ۋاقىت سەزگۈسى. يانفونغا بېرىلىپ كەتكەنسېرى كىشىلەر بارغانسېرى ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا.
بىرىنچى قېتىمىلىق ئىنقىلابتا بويسۇندۇرۇلغىنى بولسا ئىنسانلارنىڭ- ئاشقازىنى.
بۇ قېتىملىق ئىنقىلابتا بويسۇندۇرۇلغىنى بولسا ئىنسانلارنىڭ- چوڭ مېڭىسى.
يانفون ئىنسانلارنىڭ ھايات يولىنى تەۋرەتمەكتە.
بۇغداي بولسا ھاياتى كۈچى بار ئۆسۈملۈك، يانفون بولسا ھاياتى كۈچى بولمىغان «تاش»تىن ئىبارەت. بۇغداي نەچچە ئون مىڭ يىلدىن ئۆزگىرىپ باقمىدى، بىراق «تاش»نىڭ ئۆزگىرىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ھېس تۇيغۇسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، يانفۇن بولسا تېخىمۇ ئەقىللىق بولغان «قارا ئۆڭكۈر»، ئۇ ماددىي بۇيۇمغا، مولىكۇلا ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇلىشىغا موھتاج ئەمەس، يانفون ئۆزىدىكى توختىماستىن ھېسابلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيىتنىڭ ئۆزىدە، كىشىلەردىكى ئەتراپىدىكى تۇرمۇشقا بولغان تۇيغۇلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ.
پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئاساسىي گەۋدە ۋە ئوبيېكتتىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇناسىۋەت بار: بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ئوبيېكت دۇنيا رېئال دۇنيادىن مەۋھۈم دۇنياغا قاراپ ئۆزگەرمەكتە، يانفون بولسا كىشىلەرنى رېئال مۇناسىۋەتتىن ئايرىيدىغان قورالدۇر. بىر قىسىم كىشىلەر ھاياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەزكۇر مەۋھۇم دۇنياغا باغلاپ قويماقتا. ئۇلار بۇ يەردە ئەمەلىي دۇنيادىكىدىنمۇ مول، باياشات، رەڭدار ياشىماقتا. ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتىدە بار بولغان ئازاب، ئاجىزلىق مۇشۇ يەردە تەسكىن تاپماقتا.
يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆرىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، يەر يۈزىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى پارچىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئوبيېكتى رېئاللىقتىكى ئەمەلىي نەرسىدىن تور بوشلۇقىدىكى مەۋھۇملۇققا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئۇنداقتا قەدىمدىن تارتىپ، ئىنسانلار ياشاپ كېلىۋاتقان يەر يۈزى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۆتكىلىشىدىن ھاسىل بولغان مەۋھۇم بوشلۇق تەرىپىدىن ئىگەللىنىدۇ، بۇ خىل يۆتكىلىش ئىنسانلارنى قەيەرگە باشلاپ بارىدۇ؟
كۆپ قىسىم ئىنسانلار ئۇچۇر ھارغىنلىقى ئۇنۋېرىسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ.
ئۇچۇر ھارغىنلىقى ئونۋېرىسال كېسەللىكى بولسا، كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلغان ئۇچۇر مىقدارىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان پىسىخولوگىيىلىك كېسەللىك. مەزكۇر كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلەش، تەشۋىشلىنىش، ياكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بۇ خىل كېسەللىك ئەڭ دەسلەپتە خىزمەت سەۋەبلىك پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن، خىزمەت سەۋەبلىك ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئارقىلىق كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كىشىلەر توپى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، يانفون ھەر بىرىمىزدە بۇ خىل كېسەللىكنى پەيدا قىلدى ھەمدە تۆۋەن ياشتىكى كىشىلەرمۇ بۇ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولماقتا. زىيادە كۆپ ئۇچۇر كىشىلەرنىڭ تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىنى بۇرمىلاپ، كەسكىن قارار چىقىرالمايدىغان قىلىپ قويدى.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يانفون بىزنى كونترول قىلالمايدۇ؟
بۇ مەسىلىگە جاۋاپ تېپىشتا، ئاۋال قانداق ئەھۋال يانفون تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشقا، قانداق ئەھۋال يانفون تەرىپىدىن كونترول قىلىنماسلىققا تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئايرىۋېلىش كېرەك. بۇلارنى پەرقلەندۈرۈشتە تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىگە قارايمىز:
1. تۇرمۇشتىكى روھىي ئوزۇقنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى.
2. يانفوندىكى ئۇچۇرلارنىڭ قىممەت مەسىلىسى.
3. يانفوننىڭ پايدىلىق ئىقتىدارى بىلەن «ئەپيۇن» ئىقتىدارىنى پەرقلەندۈرۈش.
1. روھىي ئوزۇقنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى
بىر ئادەمنىڭ مول تۇرمۇشى ئاساسلىقى ئەمەلىي تۇرمۇشتىن كېلەمدۇ ياكى يانفوندىن كېلەمدۇ (بۇ يەردە ئاساسلىقى يانفوننىڭ خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىدىن باشقا ئىقتىدارلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، بۇ توغرىسىدا ئېنىق ئۆلچەم يوق. شۇنىسى بىزگە ئايانكى، يانفون ئىشلىتىش ئەسلىدە تۇرمۇشنى ياخشى سۈپەتلىك قىلىش.
ئۇزۇن مەزگىل يانفون ئىشلىتىش جەريانىدا، ناۋادا ئۆزىڭىزنى ئاستا-ئاستا ئۇچۇر ھارغىنلىقى ئۇنۋېرىسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندەك ھېس قىلسىڭىز (تەھلىل قىلىش ئىقتدارى تۆۋەنلەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، تەشۋېشلىنىش قاتارلىقلار) بۇ سىزدە كۆرۈلگەن ناچار ئەھۋال. مۇبادا بۇ ۋاقىتتىكى روھىي ئوزۇقىڭىزنىڭ كېلىش مەنبەسى يانفون بولسا، ئۇنداقتا يانفون ئىشلىتىشنى ئازايتىپ، تېخىمۇ كۆپ قىزىقىشلىرىڭىزنى تۇرمۇشقا قارىتىشىڭىز كېرەك.
2. يانفوندىكى ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتى مەسىلىسى
يانفونىمىزدا ئاساسلىقى بەش خىل قىممەت بار :
A: خەۋەر ئۇچۇرلىرى
B: ئالاقە ئىقتىدارى
C: قورال ئىقتىدارى
D: ئويۇن-تاماشا
E: بىلىم
ھەر بىر ئادمنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنىڭ خاراكتېرى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، يانفوننىڭ قىممىتىگە بولغان تەلەپلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. خەۋەرنى توختىماي كۆرۈش كېرەكمۇ؟ دوستلىرىڭىزدىن كەلگەن ئۇچۇر شۇنچە جىددىيمۇ؟ ھەر خىل پايدىلىنىش خاراكتېردىكى APPلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش كېرەكمۇ؟ يانفوندىن خۇشاللىق ئىزدەش كېرەكمۇ؟ قانچىلىك ۋاقىت ئىزدەش كېرەك؟ ئۇچۇر ئىزدىگەندە يانفونغىلا تايىنىش كېرەكمۇ؟
ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، يانفوننىڭ يۇقىرىدىكى بەش خىل قىممىتىنىڭ بىرەرسىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەس. بۇنداق بولغاندا، تۆۋەندىكى ئۈچىنچى مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ.
3. يانفوننىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەنلىرىمىز بولسا يانفوننىڭ ئىقتىدارلىرى بولۇپ، بۇ ئىقتىدارلار سەۋەبلىك يانفون بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
دەل مۇشۇ خىل قولايلىق بىزنى يانفونغا تايىنىدىغان قىلىپ قويدى. بۇ خىل تايىنىشنىڭ يەنە بىر مەنبەسى دەل بىزنىڭ ئۇچۇر يېڭىلىنىشقا بولغان تەشۋىشلىنىشىمىزدىن كېلىدۇ. چۈنكى، ئۈندىدار ئۇچۇرلىرى، خەۋەر، مال سېتىۋېلىش ئۇچۇرلىرى، سەنئەت پروگراممىلىرى، دوستلار چەمبىرىكى، سالون قاتارلىق ئۇچۇرلار توختىماستىن يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
نورمال يانفون ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ھەر ئىككى سائەتتە توپلىغان ئۇچۇرىنى كۆرۈشكە تەخمىنەن 15 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ناۋادا ئالتە سائەت يانفونغا قارىمىسا، 45 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرىشى كېرەك. كىشىلەردىكى تەشۋىشلىنىش دەل مۇشۇنداق پەيدا بولىدۇ، كىشىلەر ئەزەلدىن بۇ 15 مىنۇت ياكى 45 مىنۇتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئۈنۈمى، قىممىتىنى تەھلىل قىلمايدۇ.
ناۋادا بىر كىشى ئاغرىپ قېلىش سەۋەبلىك، توپتوغرا ئۈچ كۈن يانفونغا قارىمىغان بولسا، ئۇ كىشى يانفوننى قايتا قولىغا ئالغىنىدا، ئۇچۇر يېڭىلاشقا كېتىدىغان ۋاقتى 30 مىنۇتقىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن، ھەر قانداق ئۇچۇرغا تاپشۇرۋالغاندىن كېيىنلا دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.
بۇ يەرگە كەلگەندە بىز بىر مەسىلىنى بايقايمىز. بىزنىڭ شۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆرگەن ئۇچۇرلىرىمىز ئەمەلىيەتتە بولسىمۇ -بولمىسىمۇ بولىدىغان ئۇچۇرلار، يانفون بىزگە ئېلىپ كەلگەن يۈزەكى خوشاللىق بولسا، ئەمەلىيەتتە يوشۇرۇن ھالەتتىكى تەشۋىشلىنىشتىن قۇتۇلۇش ھەمدە ئۆزىدىكى زېرىكىشنى ئاشكارىلاشتۇر، بۇ دەل بىز ئېيتىۋاتقان يانفوننىڭ زىيانلىق تەرىپىدۇر. ئۆزىمىزىنىڭ يانفون ئىشلىتىش ئەھۋالىمىزنى تەھلىل قىلىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
چۈنكى بىز يانفون سەۋەبلىك، ئاتا-ئانىمىزغا ھەمراھ بولۇشتىن مەھرۇم قالدۇق، يانفون سەۋەبلىك ئۇرۇق-تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق، يانفون سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان تەپەككۇر قىلىشقا تېگىشلىك ۋاقىتتىن ئايرىلدۇق، يانفون سەۋەبلىك تۇرمۇشنىڭ جىمجىتلىقىدىن ھۇزۇر ئالالمىدۇق، يانفون سەۋەبلىك ئۆز-ئۆزىمىز توغرىسىدا ئويلىنىدىغان، ھەقىقىي مەنادىكى تۇرمۇشنى قوغلىشىشنى قولدىن بېرىپ قويدۇق.
بىز يانفوننىڭ قۇلى ئەمەس، ئەكسچە يانفوننىڭ خوجايىنى!
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر ئامېرىكىلىق فوتوگراف ئېرىك پېتىرىسگىلنىڭ «ئۆچۈرۈلدى» ناملىق يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرىدىن كەلگەن. ھەر بىرىمىز بۇ سۈرەتلەردىن ئۆزىمىزنىڭ سىماسىنى تاپالايمىز. پەقەت ۋە پەقەت ۋاقىت بىر توختاپ، تۇراقلىق بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولغاندىلا، «يانفون قارا ئۆڭكۈرى»نىڭ قانداق قىلىپ ئۈن-تىنىسىز ھالدا تۇرمۇشىمىزنى يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.