مىسىردىكى ئىككىنچى شىر تەنلىك ھەيكەلنىڭ مارستىكى ھەيكەللەر بىلەن ئوخشاپ قېلىشى تاساددىپىيلىقمۇ؟

تەرجىمىدە زۆھەل
دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزە تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا سىرلىق بىر ئىمارەت_ئەل ئېھرام پەيدا بولىدۇ. ئېھرام دۇنيادىكى بەش چوڭ ئېچىلمىغان سىرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىسىر ۋە ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھەيۋەتلىكى مىسىردىكى گىزا ئېھرامىدۇر.
بۇ ئېھرامنىڭ ئىگىزلىكى 146.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 230 مېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2.5 توننا كېلىدىغان ئىككى مىليون 300 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تاشتىن قوپۇرۇلغان. گىزا ئېھرامى ھازىرغىچە بەش مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى يەنىلا بىر سىر.
ئېھرامنىڭ قاينام-تاشقىنلىقى سانسىزلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. كىشىلەر ئېھرامنىڭ شەكلىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ، يەنە ئېھرام ئەتراپىدىكى شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلمۇ بار. بۇ غەلىتە تاش ھەيكەل قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 21 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 57 مېتىر بولۇپ، پەقەت تاش ھەيكەلنىڭ قۇلىقىلا ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتا. بۇ تاش ھەيكەلنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدا ئالىملار ئۇنى تەركىبىدە قۇلۇلە قېپى قاتارلىق ئارىلاشما ماددىلار بولغان قورام تاشلاردىن پايدىلىنىپ ئويۇپ ياسالغان دەپ قارىماقتا.
يېقىندا، ئەسلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلدىن باشقا، ئالىملار يەنە مىسىر ئەتراپىدىن ئىككىنچى شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلنى بايقىدى. بۇ بايقاش كىشىلەرنى ئىختىيارسىز ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، چۈنكى تۇنجى شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلنىڭ سىرى تېخى ئېچىلمىغان ئىدى، مانا ھازىر ئىككىنچىسى بايقالدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟
ئىككىنچى شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلنىڭ بايقىلىشى تىلغا ئېلىنسا، بۇنىڭ ئۆزى بىر توغرا كېلىپ قېلىشقا تولغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى كىشىلەر تاشيول ياسىغاندا بايقىغان بولۇپ، لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، بۇ شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەيدىكەن.
بۇ ھەيكەل يەر ئاستىغا بەك ئۇزۇن كۆمۈلۈپ قالغاچقا، ئۇنىڭ چىرىپ كېتىشى ياكى بۆلۈنۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئارخېئولوگىيە خادىملىرى قېزىش خىزمىتىنى ۋاقتىنچە ئېلىپ بارماسلىقنى قارار قىلدى. ئالىملار يەر شارىدىن باشقا، يەر شارىنىڭ قوشنىسى مارستىمۇ ئېھرامغا ئوخشاپ كېتىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
2002ـ يىلى، ئامېرىكىنىڭ مارس ئەتراپىدىكى سۈنئىي ھەمراھى يەر شارىغا تەقى-تۇرقى ئېھرامغا ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر جىسىمنىڭ سۈرىتىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. لېكىن يەر شارىدىكى ئېھرامغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ پىرامىدانىڭ پەيدا بولغىنى بىر ئۈچ ياقلىق جىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئومۇمىي كۆرۈنۈشى مىسىردىكى ئېھرام بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يۇمىلاق ھەم سىلىق ئىكەن. ئالىملار بۇنىڭ تەبىئىي شەكىللەنگەن نەرسە ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆڭۈل قويۇپ ئويۇپ ياسالغانلىقى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
2015ـ يىلى، ئامېرىكىنىڭ مارسقا قويۇپ بەرگەن تەكشۈرۈش ئەسۋابىمۇ ئېھرامغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىمارەتلەرنىڭ سۈرىتىنى يەر شارىغا يەتكۈزۈپ بەردى. داڭلىق UFO مۇتەخەسسىسى سكوت ۋارىڭ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: مانا بۇ مارستا مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ بىۋاسىتە ئىسپاتى.
كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى شۇكى، كېيىن كىشىلەر مارستا شىر تەنلىك ئادەمنىڭ ھەيكىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان جىسىمنى بايقىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۈرەتتىن قارىغاندا بۇ شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل بىلەن مىسىردا بايقىغان ئىككىنچى شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلنىڭ ئەھۋالىمۇ ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ يېرىمى يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان. تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، ئېھرام بىلەن مارس مەدەنىيىتى ئارىسىدا بەلكىم مەلۇم بىر خىل ئاجايىپ باغلىنىش مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئېھرام ئېچىلمىغان سىرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ قىياپىتى يەر شارىدىلا ئەمەس، ھەتتا تاشقى پىلانېتتىمۇ بايقالغان، بۇ بەلكىم بىر خىل تاسادىپىيلىق بولماسلىقى مۇمكىن. يەر شارىدا بولسا، مىسىردىكى ئەل ئېھرامدىن باشقا كىشىلەر يەنە ياپونىيە دېڭىزىنىڭ دېڭىز ئاستىدىن ئېھرام ئىمارەتلىرىنىمۇ بايقالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مايا مەدەنىيىتىدىمۇ بىر نەچچە ئېھرام شەكلىدىكى ئىمارەتلەر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قارىماققا تاسادىپىيلىق ئەمەستەك قىلىدۇ.
بەلكىم، ئېھرام بىلەن تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتى بىر-بىرىگە باغلانغان بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، يەر شارىدىكى ئېھرام ھەتتا مارستا بايقالغان ئېھراملارنىڭ ھەممىسى تاشقى پىلانېت جانلىقلىرىنىڭ نادىر ئەسىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن.