You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » شۇنچە «كالامپاي» كۇئالانىڭ نەسلى نېمىشقا قۇرۇپ كەتمىدى؟

شۇنچە «كالامپاي» كۇئالانىڭ نەسلى نېمىشقا قۇرۇپ كەتمىدى؟

تەرجىمىدە يۇپىتېر

كۇئالا ئاۋسترالىيەنىڭ «دۆلەت گۆھىرى»، ئۇ ناھايىتى ياۋاش ئوتخور ھايۋان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەرىكىتىمۇ ھەقىقەتەن بەك ئاستا. ئۇنداقتا «دۆلەت گۆھىرى» بولۇپ قوغدىلىشتىن بۇرۇن كۇئالا نېمىگە تايىنىپ بۈگۈنگىچە ياشىيالىغان، بىز بۇ مەسىلىنى ئاددىي ھالدا مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى.

ئالدى بىلەن بىز ئۇنى قىسقىچە چۈشىنىپ باقايلى. كۇئالا دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىسمىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئېيىق بىلەن ئازراق چېتىشلىقى باردەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئوخشاش سىنىپ ئەمما ئوخشاش بولمىغان كەنجى سىنىپتىكى ھايۋانلار بولۇپ، ئەترەت ۋە ئائىلە تەۋەلىكىنىڭ پەرقى تېخىمۇ چوڭ. شۇڭا كۇئالا بىلەن ئېيىقنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئەگەر چوقۇم ئازراق مۇناسىۋەت ئىزدەشكە توغرا كەلسە سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا ئۇ بىر كىچىك ئېيىققا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېيىق ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىسى گۆش يەيدىغان ئوزۇق تاللىمايدىغان ھايۋان، لېكىن كۇئالا بولسا ساپ ئوتخور ھايۋان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق دائىرىسى ئىنتايىن تار بولۇپ، پەقەت ئېۋكالىپىت دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنىلا يەيدۇ.

ئېۋكالىپىت دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن كۇئالانى ئۇزاق تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا «كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن» دېيىشكە بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئېۋكالىپىت دەرىخى مىرتا دەرىخى ئائىلىسىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ ئېۋكالىپىت دەرىخىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئېگىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرەخ غولىدا ئاچىماقلىرى ناھايىتى ئاز، شۇڭا ئېۋكالىپىت دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى كۆپىنچە دەرەخ تاجىسىغا مەركەزلەشكەن، شۇڭا كۇئالا ئېۋكالىپىت دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنى يېمەكچى بولسا چوقۇم ئېگىز ئېۋكالىپىت دەرىخىگە يامىشىپ چىقىشى كېرەك، شۇڭا ئۇنىڭ تۆت پۇتى تەرەققىي قىلىپ ئۆتكۈر تىرناق ئۆسۈپ چىققان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدى پۇتىدا بەش تىرنىقى بار بولۇپ، ھەممە تىرنىقى ئايرىلىپ تۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ دەرەخ غولىنى قاماللىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن قالسا ئېۋكالىپىت دەرىخى يوپۇرمىقى بىرقەدەر قاتتىق ھەم چايناش قىيىن بولغان بىر خىل ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا كۇئالانىڭ ئۇدۇل چىشى بىلەن ئېزىق چىشى ئارىسىدا يېتەرلىك بوشلۇق پەيدا بولۇپ، تىلى تاماق يېگەن ۋاقىتتا ئىلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. كۇئالانىڭ ئۆمرى ئاساسەن دەرەخ ئۈستىدە ئۆتىدۇ، ئۇ بىر بولسا ئۇخلايدۇ، بىر بولسا ئېۋكالىپىت دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنى يەيدۇ.

كۇئالا راستتىنلا بەك «كالامپاي»مۇ؟

كۇئالانى نۇرغۇن تورداشلار «دۆلەت گۆھىرى ساھەسىدىكى دۆت» دەپ ئاتىشىدۇ، بۇنداق دېيىشتە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار، تۆۋەندە بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بۇ نۇقتىلارنى خۇلاسىلەپ باقايلى: كۇئالانىڭ چوڭ مېڭىسى ناھايىتى كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە پۈرۈلمە يوق، كاۋلانىڭ بىر كۈن ئىچىدە قىلىدىغان ئىشى ئۇخلاشتىن باشقا يېيىش، ئۇ پەقەت ئېۋكالىپىت دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنىلا يەيدۇ. يۇقىرىدىكىلەر توردا تارقىلىپ يۈرگەن كۇئالانىڭ «كالامپاي» دەپ ئاتىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، يۇقىرىقى سەۋەبتىن تۆۋندىكى بۇ تەھلىلنى كۆرۈپ باقايلى.

ئالدى بىلەن چوڭ مېڭە پۈرمىسى يوق. گەرچە بىز ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە نۇرغۇن پۈرمىلەر بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە پۈرۈلمە بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە پۈرۈلمىنىڭ بولۇشى ئادەمنىڭ يېتىلىش ۋاقتىنىڭ بىر قەدەر ئۇزۇن بولغانلىقىدىن بولىدۇ، ئادەم ئانا تېنىدىكى ۋاقىتتىلا ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى يېتىلىشكە باشلايدۇ، بۇ خىل يېتىلىش جەريانى 20 يىل ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ، بۇ جەرياندا چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى تەدرىجىي كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كېڭىيىش سۈرئىتى مېڭە ئىچكى بوشلۇقىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ قاتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈرۈلمە پەيدا بولىدۇ. نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ كۆپ پۈرۈلمە تېخىمۇ كۆپ نېۋروننى سىغدۇرالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ نېۋرونلار بىزنىڭ شەيئىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە پەقەت ئىنسانلار دەل مۇشۇ «ئەلا ياتلىشىش» ئارقىلىق ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئۇچىدا تۇرغان. شۇڭا كۆپ ساندىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە پۈرمىلىشىش بولماسلىقى بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئىنسانلارنىڭكىگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ «دۆت»لىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارمۇ شۇنداق، كۇئالامۇ شۇنداق.
ئۇنىڭدىن قالسا «ئۇيقۇچان» بولۇش. ئەمەلىيەتتە كۇئالانىڭ كۆپ ئۇخلىشى «كېسەللىك» بولماستىن بەلكى مۇھىت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، كۇئالانىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى دەرەختە ئۆتىدۇ، دەرەختىكى ھەرىكەت بوشلۇقى نىسبەتەن چەكلىك، شۇڭا كۇئالانىڭ جىسمانىي كۈچى ناھايىتى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېۋكالىپىت دەرىخى يوپۇرمىقى نىسبەتەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئوزۇقلۇق ماددا بولغاچقا بۇ خىل يېمەكلىكتىن ئېرىشكەن ئېنېرگىيە دەرەخ خالتىلىق ئېيىقىنىڭ «سەكرەپ-تاقلاش» ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. شۇڭا دەرەخ ئۈستىدە ھېچ ئىش بولمىغاچقا ئۇ يېيىشتىن باشقا يەنە ئۇخلىماي نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بۇ نۇقتا دەرەخ خالتىلىق ئېيىقىنىڭ «كالامپاي» لىقىنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالمايدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا يەككە يېمەكلىك. ئەمەلىيەتتە مەخسۇس بىر خىللا يېمەكلىك يېيىش تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھايۋانلار ئىچىدە يېڭىلىق ئەمەس، مەسىلەن خىتاينىڭ «دۆلەت گۆھىرى» مۈشۈكئېيىق ئاساسلىقى بامبۇكنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئافرىقا چوڭ يايلىقىدىكى قاپلانمۇ ئاساسلىقى بۆكەننى ئوزۇق قىلىدۇ. بۇ بىر خىللا يېمەكلىك يەيدىغان ھايۋانلاردىن بىز ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ئۇچۇرنى يەنى رىقابەتنى بايقايمىز. چوڭ تىپتىكى ھايۋانلار ئىچىدە بامبۇك يەيدىغان مۈشۈكئېيىقتىن باشقا يەنە باشقىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ، ئافرىقا چوڭ يايلىقىدا بۆكەن قوغلاپ يېتىشەلەيدىغان قاپلاندىن باشقا گۆشخور ھايۋانلارمۇ يوق دېيەرلىك (قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش بۇنىڭ سىرتىدا). كۇئالامۇ ئوخشاش، ئاۋسترالىيەدە ئاساسەن ئېۋكالىپىت دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئوزۇق قىلىدىغان جانلىق پەقەت كۇئالادىن ئىبارەت. دېمەك يېمەكلىكنىڭ مەخسۇسلۇقى مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا رىقابەتچىلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن بولىدۇ، يەنە كېلىپ مەيلى قايسى خىل يېمەكلىك مەخسۇسلاشقان ھايۋان بولسۇن ئۇلارنىڭ يېمەكلىك مىقدارى جەزمەن غايەت زور بولىدۇ (دۇنيادا تەخمىنەن 500 خىلدىن ئارتۇق ئېۋكالىپىت دەرىخى ئاۋسترالىيەگە تارقالغان).

كۇئالانىڭ نېمە ئۈچۈن نەسلى قۇرۇپ كەتمىدى؟

بىر خىل جانلىقنىڭ يوقىلىشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار، سۈنئىي ئامىلنى ھېسابقا ئالمىغاندا يېمەكلىكنىڭ كەمچىل بولۇشى، كۈشەندىسى ۋە تۈرلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل جانلىقلارنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردۇر. شۇڭا كاۋلانىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش-كەتمەسلىكىگە قاراش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن كۇئالا (دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى)نىڭ كۈشەندىسى بار-يوقلۇقىغا قاراپ باقايلى.

ئاۋسترالىيە مەلۇم بىر تۈر ناھايىتى ئاسان يامراپ كېتىدىغان دۆلەت، مەسىلەن توشقان، ھەتتا ئاۋسترالىيە زېمىنىدىكى كېنگۇرۇ قاتارلىقلار يامراپ ئاپەتكە ئايلانغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئاۋسترالىيەدە جانلىقلار تۈرىنىڭ ئاسانلا يامراپ كېتىشى گۆشخور ھايۋانلارنىڭ تەھدىتىنىڭ كەملىكىدىن بولغان دېيىشىدۇ، ئۇنداقتا ئەمەلىيەت راستتىنلا شۇنداقمۇ؟ جاۋابى بولسا ناتايىن، چۈنكى ئىپتىدائىي مۇھىتتا كۇئالا كۈشەندىسى ئاز ئەمەس، مەسىلەن ئاۋسترالىيە ياۋا ئىتى، مۈشۈكياپىلاق ۋە شىنا قۇيرۇقلۇق بۈركۈتى قاتارلىقلار. ئاۋسترالىيە ياۋا ئىتىنىڭ كاۋلانى ئوۋلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي، يەنى دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى ياشايدىغان دەرەخ ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ، ئۇ دەرەخ ئالماشقان ۋاقىتتا ئوۋلايدۇ، باشقا ئىككى خىل يىرتقۇچ قۇشنىڭ ئۇسۇلى بولسا تېخىمۇ ئاددىي ھەم قوپال بولۇپ ئۇلار بىۋاسىتە ئۆتكۈر تىرنىقى بىلەن كاۋلانى ئېگىز دەرەختىن يىقىتىدۇ.

تەبىئىي كۈشەندىلىرىدىن باشقا نۇرغۇن قېرىغان ۋە كېسەل بولغان دەرەخ غولى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا كۇئالا دەرەخ غولىنى چىڭ تۇتالماي پەسكە چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈشمۇ كۇئالانىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بىر قىسىم تاشيوللار ئورمانلىقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ نۇرغۇن كۇئالا ماشىنىغا سوقۇلۇپ قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۇئالانىڭ «كۈشەندىسى» ئەمەلىيەتتە ئاز ئەمەس، قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ كاۋلا دەرەختىن يېقىلىپ ئۆلۈپ كەتكەندىن سىرت، يەنە ئاۋسترالىيە ياۋا ئىتى قاتارلىق گۆشخور ھايۋانلارمۇ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «قاتناش ھادىسىسى»نى قوشقاندا، كۇئالانىڭ ھەقىقىي ياشاش ھالىتى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.

ئەمىسە كۇئالانىڭ «كۈشەندىسى» شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمەيدۇ؟

يۇقىرىدا تەھلىللەردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى كۇئالا بىر خىل ئېگىز دەرەختە ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ياشايدىغان دەرەخ بولسا ئېگىز ئېۋكالىپىت دەرىخى، شۇڭا ئېگىز دەرەخلەردە تەبىئىي كۈشەندىلىرى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۇئالا دەرەختىن ناھايىتى ئاز چۈشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاۋسترالىيە ياۋا ئىتى ئامالسىز قالىدۇ، گەرچە شىنا قۇيرۇق بۈركۈت، مۈشۈكياپىلاق قاتارلىق چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ قۇشلار دەرەخ كۇئالانىڭ بالىلىرىغا بەلگىلىك تەھدىت سالسىمۇ بۇ يىرتقۇچ قۇشلار ئاساسلىقى غاجىلىغۇچى ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، كۇئالانىڭ مەخسۇس كۈشەندىسى ئەمەس.
ئۇنىڭدىن قالسا كۇئالانىڭ بىردىنبىر ئوزۇقى ئېۋكالىپت دەرىخى يوپۇرمىقى، ئېۋكالىپىت دەرىخى يوپۇرمىقى بولسا تەركىبىدە توكسىن بولغان بىر خىل دەرەخ يوپۇرمىقىدۇر، دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاۋسترالىيەنىڭ ياۋايى مۇھىتىدا يەنە بىر خىل ھايۋان ئېۋكالىپىت دەرىخى يوپۇرمىقىنى يېيەلمەيدۇ. شۇڭا باشقىلار بىلەن ئوزۇقلۇق جەھەتتە رىقابەت بولماسلىق كۇئالانىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى سىر.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا كۇئالانىڭ ياشاش سورۇنى (ئېگىز ئېۋكالىپىت دەرىخى) ئۇنى كۈشەندىلىرى ناھايىتى ئاز ئوۋلىيالايدىغان شارائىتقا ئىگە قىلغان، زەھەرلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ رىقابەتچىلىرى يوق ھالەتكە كەلگەن. شۇڭا باشقىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلمايدىغان كۇئالانىڭ ھازىرچە نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپى بولمايدۇ.

يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى كۇئالانىڭ ھەرىكىتى ھەقىقەتەن ئاستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىدىن كەچكىچە ئۇخلاش ۋە نەرسە يېيىشتىن باشقا ئىش قىلمايدۇ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنى «كالامپاي» دېيىشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ. ئەكسىچە ئاستا ھەرىكەت كۇئالانى ئۇزۇن مەزگىل ئېگىز دەرەخـتە تۇرغۇزۇپ، باشقا گۆشخور ھايۋانلارنىڭ تەھدىتىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولسىمۇ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىپ، ئۇنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، يۇقىرى ئاقسىللىق ماددىلارنى يېيىشكە مەجبۇرلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زەھەرلىك ئېۋكالىپىت دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنى يېيەلەيدىغان بولغاچقا، كۇئالانىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، دەل تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولغاچقا، كۇئالانىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمىگەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top