قەدىمكى مىسىردا پادىشاھ بولغانمۇ؟

تەرجىمىدە نۇرمەمەتجان
مىسىر تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپچىلىكنىڭ تۇنجى تەسىراتى ئېھرام بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا سوئال تۇغۇلدى: ئېھرام قەدىمكى مىسىر پادىشاھىنىڭ پەرمانى بىلەن ياسالغانمۇ؟
ئىنسانلار ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا، ماددىي بايلىق يارىتىپلا قالماي، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، سەنئەت قاتارلىق ئىپتىدائىي مەنىۋى مەدەنىيلىكنىمۇ ياراتقان، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرىدىغان دەسلەپكى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىزنالىرىدىن قارىغاندا، ئىپتىدائىي جەمىيەتتىن كېيىنكى ئەڭ دەسلەپكى سىنىپىي جەمىيەتتە، قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى دەسلەپكى مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئۇلار نىل دەرياسى بويىدىكى قەدىمىي مىسىر، ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمىي دۆلەتلەر، ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمىي ھىندىستان ۋە قەدىمكى خىتاي، قەدىمكى گرېتسىيە، قەدىمكى رىمدىن ئىبارەت. بۇ چاغدا ئىنسانىيەت جەمىيىتى دەسلەپكى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان.
قەدىمكى يۇناننىڭ داڭلىق تارىخشۇناسى ھېرودود مۇنداق دېگەن: «مىسىر نىل دەرياسىنىڭ سوۋغىسى». ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نىل دەرياسى بولمىغان بولسا، مىسىرنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىمۇ بولمىغان بولاتتى. نىل دەرياسى دۇنيادىكى بىرىنچى ئۇزۇن دەريا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6600 كىلومېتىر كېلىدۇ، مىسىردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريا ۋادىسى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقنىڭ ئاران ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن 6000 نەچچە يىل ئىلگىرى، قەدىمكى مىسىر ئىپتىدائىي جەمىيەتتىن قۇللۇق جەمىيەتكە قەدەم قويغان. مىسىردا نىل دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىككى پادىشاھلىق بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى مىسىر پادىشاھلىقى ۋە تۆۋەنكى مىسىر پادىشاھلىقىدىن ئىبارەت. يۇقىرىقى مىسىر پادىشاھى ئاق تاج كىيگەن، دۆلەت گېربى ئاق رەڭلىك گۈلسامساق بولۇپ، 22 شەھەر دۆلىتىدىن تەركىب تاپقان، قوغدىغۇچى ئىلاھى بولسا بۈركۈت ئىلاھى؛ تۆۋەنكى مىسىر پادىشاھى قىزىل تاج تاقىغان، دۆلەت گېربى ھەسەل ھەرىسى، قوغدىغۇچى ئىلاھى بولسا يىلان ئىلاھى بولۇپ، 20 شەھەر دۆلىتىدىن تەركىب تاپقان.
قەدىمكى مىسىر
تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3100-يىلى، يۇقىرىقى مىسىر پادىشاھى مېنىس يۇقىرى-تۆۋەن مىسىر پادىشاھلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنى، يەنى تارىختىكى بىرىنچى خاندانلىقنى قۇرغان. قەدىمكى مىسىردا پادىشاھ دېگەن نام بولمىغاچقا، ئۇ چاغدىكى بىر دۆلەتنىڭ خوجايىنى، يەنى كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان پادىشاھ فىرئەۋىن دەپ ئاتالغان (ئۇ چاغدىكى ھۆكۈمرانلار قىسقارتىلىپ فىرئەۋىن دەپ ئاتىلاتتى)، شۇنىڭدىن كېيىنكى 3000 يىلدىن تاكى ئالېكساندىر مىسىرنى بويسۇندۇرغانغا قەدەر، فىرئەۋىن دەۋرىدىكى مىسىر جەمئىي 31 خاندانلىقنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەلېھرام، (قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىننىڭ قەبرىسى) ئوتتورا شەرق تىلىدا «ئومۇرتقا گەۋدىسى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بىر خىل چاسا، ئۇچلۇق تاشتىن قوپۇرۇلغان ئىمارەت ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ كۆلىمى زور بولۇپ، تۆت تەرەپتىن قارىغاندا تەڭ بەللىك ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، خەنزۇچە خەتتىكى «ئالتۇن» دېگەن خەتكە بەك ئوخشايدۇ، شۇڭا، خەنزۇچە ماتېرىياللاردا ئۇنى ئوبرازلىق قىلىپ ئېھرام دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. قەدىمكى مىسىردا فىرئەۋىن دەۋرىدىكى ئۈچىنچى خاندانلىقتىن ئىلگىرى ئېھرام يوق ئىدى.
ئېھرام
خۇفۇ، قەدىمكى مىسىرنىڭ 4-سۇلالىسىنىڭ 2-ھۆكۈمرانى، خۇفۇ پىرامىداسى، مىسىردا ھازىر بايقالغان 80 پىرامىدانىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى، شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرىنچىسى ھېسابلىنىدۇ. (داڭلىق پىرامىدالاردىن يەنە خافرا پىرامىداسى، مېنكاۋۇلا پىرامىداسى قاتارلىقلار بار).
ئېھرام توپى
قەدىمكى يۇنان تارىخشۇناسى ھېرودود قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، فىرئەۋىن خۇفۇ ئاز دېگەندە 100 مىڭ قۇلىنى ئىشقا سېلىپ، 20~30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئېھرامنى پۈتكۈزگەن. بىراق بۇنداق سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقىي ئەمەستەك قىلىدۇ.
لېكىن ئەڭ يېڭى نوپۇزلۇق ئارخېئولوگلارنىڭ بايقىشىچە، ئېھرامنى قۇللار ئەمەس، ئەمگەكچىلەر ياسىغان بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى نامراتلار ۋە ھۈنەرۋەنلەر بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ خىزمەت قىلىش تۈزۈمى قوللىنىلغان، ھەر بىر قۇرۇلۇش مۇددىتى تەخمىنەن ئۈچ ئاي بولغان. چۈنكى ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ئېھرام ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئەمگەكچىلەرنىڭ كوللېكتىپ ياتىقى قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىزنالىرى ۋە قەبرىستانلىقىنى بايقىغان، شۇنداقلا تاش ماتېرىياللىرىنى ھېسابلاش، پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدىغان زور مىقداردىكى قوراللار (ھەمدەپنە بۇيۇملىرى قىلىنغان) نى بايقىغان، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قۇللار ھەرگىزمۇ بۇنداق مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.