تاغ چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى نېمىشقا 20 مىڭ مېتىردىن ئاشالمايدۇ؟

تەرجىمىدە يۇپىتېر
قۇياش سىستېمىسىدا بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ ئېگىز تاغ مارستىكى ئولىمپىك تېغى بولۇپ، 21 كىلومېتىرلىق ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن تەنھا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، مارستا ھاياتلىق يوق، پەقەت قىزىل رەڭلىك چۆللەرلا بار. يەر شارىدا ئېگىزلىكى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىدىن 14ى بار، يەر شارىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى جۇمۇلاڭما چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8844.43 مېتىر كېلىدۇ.
يەر شارىدىكى يەنە بىر تاغ چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئەمەلىيەتتە 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇ ھاۋايدىكى ماۋناكېيا يانار تېغى. بۇ يانار تاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4205 مېتىر، ئەمما ئۇنىڭ تاغ گەۋدىسىنىڭ ئاستى قىسىمى دېڭىز يۈزىدىن 5998 مېتىر تۆۋەن، شۇڭا ئۇنىڭ تاغ گەۋدىسىنىڭ ئاستىدىن ھېسابلىغاندا ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 10 مىڭ 203 مېتىرغا يېتىدۇ، لېكىن مەيلى جۇمۇلاڭما چوققىسى بولسۇن ياكى ماۋناكېيا يانار تېغى بولسۇن ئېگىزلىكى 15 مىڭ مېتىردىن ئاشمايدۇ.
يەر شارىدىكى تاغ چوققىلىرى نېمە ئۈچۈن 20 مىڭ مېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؟ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلەپ يۈرۈش تەلىماتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يەر شارىنىڭ سىرتقى قېپىنىڭ ماھىيەتتە يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى ئارا قاتلامدا لەيلەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. قۇرۇقلۇق بۆلىكى پەسكە چۆكىدۇ، ئەگەر راستتىنلا مۇشۇنداق چوڭ بىر تاغ شەكىللەنگەن بولسا ئۇلار يەر شارىنىڭ ئوتتەك ئىچكى قىسمىغا چۆكۈپ كېتىدۇ، چۆكۈش ئارىلىقى يېتەرلىك بولسىلا، لاۋىغا ئايلىنىپ يۇمشاپ كېتىدۇ. شۇڭا يەر شارىدىكى تاغلارنىڭ ئېگىزلىكى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، بەزىلەر 15 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، دەپ مۆلچەرلىمەكتە.
ھەر قايسى قۇرۇقلۇق بۆلەكلىرى ئىزچىل ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، بۇ خىل ھەرىكەت قارىماققا ئاستىدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما قۇرۇقلۇق بۆلىكىنىڭ تونناژى چوڭ بولغاچقا، سوقۇلۇش ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. يەر شارىدىكى چوڭ تىپتىكى تاغ تىزمىلىرى ئۇلارنىڭ سوقۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى، سوقۇلۇش يەنە تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۆلەكلەر ئارىسىدىكى سوقۇلۇش تاغلارنى ئېگىزلىتىۋېتىدۇ ياكى پاكارلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
توردىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشچە يەر شارىنىڭ ماسسىسى 5.964 كۆپەيتىلگەن 10نىڭ 24-دەرىجىسى كىلوگىرام ئىكەن، مارسنىڭ ماسسىسى بولسا 6.4219 كۆپەيتىلگەن 10نىڭ 23-دەرىجىسى كىلوگىرام. يەر شارىنىڭ ماسسىسى مارستىن خېلىلا چوڭ بولۇپ مارسنىڭ تەخمىنەن 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئوخشاش ئېگىزلىكتىكى ئەھۋالدا يەر شارىدىكى تاغ چوققىلىرى مارستىكى تاغ چوققىلىرىغا قارىغاندا بەرداشلىق بېرىدىغان ئېغىرلىق كۈچى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئېغىرلىق كۈچى تەرىپىدىن ئاسانلا يىمىرىلىدۇ.
خۇددى پولات چىۋىقلىق بېتون بىنانى سالغانغا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ ئۇنى چەكسىز ئېگىز قىلىپ سېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەڭ چوڭ سەۋەبى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت، ناھايىتى ئاددىي بىر قائىدە، چۈنكى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى جۇغلانما ئېغىرلىق پۈتۈنلەي ئەڭ ئاستىغا بېسىلىپ تۇرىدۇ، ئەڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى چەكسىز يۇقىرىمۇ؟ ناھايىتى ئېنىقكى ئۇنداق ئەمەس، ئۇنداقتا بىنادا تەبىئىي ھالدا بىر چەكلىك ئېگىزلىك مەۋجۇت. بىر تال بامبۇك ئۆسۈپ بەلگىلىك ئېگىزلىككە يەتكەندىن كېيىن، چوققىسى مەيلى شامال كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسۇن ياكى ئۇچرىمىسۇن، بۇ بامبۇكنىڭ ھەممىسى ئېگىلىدۇ، سەۋەبى بەلگىلىك ئېگىزلىككە يەتكەندىن كېيىن ئېغىرلىق مەركىزى يۇقىرىغا ئۆرلىگەندە تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئەگەر بامبۇكنىڭ ئەۋرىشىملىكى بولمىسا ئەڭ ئاخىرىدا سۇنۇپ كېتىدۇ.
ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئېگىزلىكى 12 مىڭ مېتىردىن ئاشقان، ئەمما كېيىن يەر تەۋرەش ياكى ئۆز ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ھازىرقى جۇمۇلاڭما چوققىسنىڭ ئېگىزلىكى ئاشماقتا، ھەر 100 يىلدا 7 سانتىمېتىر ئۆرلەيدۇ. لېكىن ئۇ 20 مىڭ مېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى تەرىپىدىن يىمىرىلىدۇ. مارسنىڭ ماسسىسى يەر شارىنىڭكىدىن كىچىك بولغاچقا مارستىكى يانار تاغلار 20 مىڭ مېتىردىن ئارتۇق دۆۋىلەنسىمۇ يىمىرىلمەيدۇ. يەر شارىدىكى تاغ چوققىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئىزچىل ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، نەزەرىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەك قىممىتى 15-20 مىڭ مېتىر ئارىلىقىدا بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ ئېگىز جۇمۇلاڭما چوققىسىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا خېلى يۇقىرى، لېكىن بۇ ئېشىش جەريانى ناھايىتى ئاستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشىش جەريانىدا ھەر خىل پايدىسىز شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇقىم تەڭپۇڭ ھالەتكە يېتىدۇ.