You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » 2013-يىلى رۇسىيە ئاسمىنىدىكى مېتېئورىت تاشنى UFO ۋەيران قىلغانمۇ؟

2013-يىلى رۇسىيە ئاسمىنىدىكى مېتېئورىت تاشنى UFO ۋەيران قىلغانمۇ؟

تەرجىمىدە ئايبۇلاق

ئالەم بوشلۇقىدا نۇرغۇن چاڭ-توزان ۋە تاغ جىنسلىرى لەيلەپ يۈرىدۇ، ئۇلارنى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئۆزىگە تارتىۋالىدۇ، ھەر يىلى مۇشۇ سەۋەبتىن يەر شارىنىڭ ماسسىسى نەچچە ئون مىڭ توننا ئاشىدۇ. سىرتتىن كەلگەن بۇ مېھمانلارنىڭ ئىچىدە، چوڭلۇقى يېتەرلىك بولغان ئالەم بوشلۇقى تاغ جىنسلىرى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئۆتكەندە كۆيۈپ پارچىلىنىپ كېتەلمىسە، مېتېئورىتقا ئايلىنىپ يەر يۈزىگە يېتىپ كېلىدۇ.

مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى 6100 دانە مېتېئورىت تاش يەر شارىغا چۈشۈپ تۇرىدىكەن، بۇ ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 17 دانە مېتېئورىت چۈشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. يەر شارىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ئادەم ئىنتايىن ئاز ياكى ئادەم ئاياغ باسمىغان جايلار بار، ئىنسانلار ئىگىلىگەن يەر يۈزى يەر شارى قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ ئاران %0.44 ىنى، ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %0.13 ىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن يەر شارىغا چۈشكەن مېتېئورىت تاشلارنى ئىنسانلار بىلەلمەيدۇ. لېكىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم مېتېئورىت تاشلار قايناق شەھەرلەرگە چۈشكەن ھەمدە كىشىلەر تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن، 2013-يىلى رۇسىيەنىڭ چېليابىنسكدىكى مېتېئورىت تاش چۈشۈش ۋەقەسى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

ئەينى ۋاقىتتا، دىيامېتىرى 20 مېتىر، ئېغىرلىقى 10 مىڭ توننا كېلىدىغان بىر كىچىك سەييارە سېكۇنتىغا 19 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يەر شارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرگەن. يۇقىرى سۈرئەتتە تۆۋەنگە چۈشۈش جەريانىدا، كىچىك سەييارە ئالدى تەرەپتىكى ھاۋانى كۈچلۈك قىسىپ، تېمپېراتۇرىسى نەچچە مىڭ گىرادۇسقا ئۆرلەپ، ئاسمان گۈمبىزىنى كېسىپ ئۆتكەن ئاقار يۇلتۇزنى شەكىللەندۈرگەن.

بىراق، بۇ ئوت شارى بىۋاسىتە يەر يۈزىگە سوقۇلمىغان، بەلكى يەر يۈزىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بوشلۇقتا شىددەتلىك پارتلىغان. بۇنىڭدىن قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە 500 مىڭ توننا TNT ئېكۋىۋالېنتىغا ياكى خىروشىما ئارىلىدا پارتلىغان ئاتوم بومبىسىدىن 25 دانىنىڭ پارتلاش ئېنېرگىيەسىنىڭ يىغىندىسىغا باراۋەر كېلىدۇ.

گەرچە پارتلاش ھاۋا بوشلۇقىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يەر يۈزىدىكى قۇرۇلۇش ۋە كىشىلەرگە نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن. كىچىك سەييارىنىڭ پارتلىشىدىن پەيدا بولغان زەربە دولقۇنى نۇرغۇن ئەينەكلەرنى چېقىپ، ئاز دېگەندىمۇ 1500 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى، 7000 دىن ئارتۇق ئىمارەتنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

چېليابىنسك مېتېئورىتىنىڭ ھاۋادا پارتلاش سەۋەبى توغرىسىدا UFO ئىزىنى قوغلىغۇچىلار بىر خىل دادىل قىياسنى ئوتتۇرىغا قويغان. مېتېئورىت تاشنىڭ چۈشۈپ كەتكەن سۈرىتىگە ئاساسلانغاندا، مېتېئورىت پارتلاشتىن بۇرۇن، خۇددى بىر ئۇزۇنچاق قارا رەڭلىك نامەلۇم جىسىم مېتېئورىتنى قوغلىغاندەك كۆرۈنۈش بار بولۇپ، بۇ جىسىم مېتىئورېتنى قوغلاپ يېتىشىۋالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ھەمدە ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىماي تېز سۈرئەتتە ئايرىلغان، نەتىجىدە مېتېئورىت تاشمۇ پارتلىغان. شۇڭا بەزىلەر UFO مېتېئورىتنى ۋەيران قىلدى دەپ قارايدۇ.
بىراق، پەقەت مۇشۇ غۇۋا كۆرۈنۈشكە ئاساسلىنىپلا UFO نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پەرەز قىلىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ پەقەت بىر ئادەتتىكى مېتېئورىت تاش، UFO نېمە ئۈچۈن مېتېئورىت تاشنى سوقۇپ ۋەيران قىلىدۇ؟ ئەجىبا تاشقى پىلانېت ئادەملىرى يىراق يەرشارىغا ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن كەلگەنمىدۇ؟

ئېنىقكى، UFO نىڭ مېتېئورىت تاشنى پارچىلىۋەتتى دېگەن سۆزى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ھازىرغا قەدەر، بىز تېخى ھېچقانداق تاشقى پىلانېت ئادىمى بايقىمىدۇق. ئىنسانلار ئالەمنى نەچچە ئون يىل ئىزدىگەن بولسىمۇ، تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنىڭ پائالىيەت ئىزنالىرىنى تاپالمىدى، يەر شارىغا كەلگەن تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تاپالمىدى.

مېتېئورىت تاشلار ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئۇچقاندا، ئۇنىڭدىكى غايەت زور ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى زور مىقداردىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىدۇ، بۇ مېتېئورىت تاشلارنىڭ تەدرىجىي پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھېلىقى ئۇزۇن قارا رەڭلىك جىسىم مېتېئورىت تاشلارنىڭ پارچىلىرى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، UFO بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس. تېمپېراتۇرىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مېتېئورىت تاشلار ئاسمان بوشلۇقىدا پارتلايدۇ، بۇ بىر خىل تەبىئىي ھادىسە، نۇرغۇن مېتېئورىت تاشلار يەرگە چۈشۈشتىن بۇرۇنلا پارتلاش يۈز بېرىدۇ، تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭمۇ ھەر قېتىم قول سېلىپ يەر شارىنى قۇتقۇزۇپ يۈرىشى مۇمكىن ئەمەستە.

بۇ قېتىمقى ھاۋا بوشلۇقىدىكى پارتلاشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئۆتكەن 100 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان ھاۋا بوشلۇقىدىكى پارتلاشنى 1908-يىلىدىكى تۇنگۇس چوڭ پارتلىشىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاساسىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، تۇنگۇس چوڭ پارتلىشىمۇ مېتېئورىت تاشلارنىڭ پارتلىشىدىن كېلىپ چىققان. بۇ مېتېئورىتنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن 100 مېتىردىن ئاشىدۇ، پارتلاشتىن ھاسىل بولغان ئېنېرگىيە خىروشىما ئارىلىدىكى 1000 ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلاش ئېنېرگىيەسىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ كېلىدۇ.

تۇنگۇستىكى چوڭ پارتلاش يەر يۈزىگە تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى پارتلاش ئېگىزلىكى 10 كىلومېتىردىن ئاشمىغان. بەختكە يارىشا پارتلاش نۇقتىسى ئادىمىزات ئاياغ باسمىغان سىبىرىيە ئورمانلىقى بولۇپ، نەتىجىدە ھېچقانچە ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىمىغان، لېكىن 2100 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق ئورمان تۈپتۈز بولۇپ كەتكەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top