You Are Here: Home » ئومۇمى » ئېھرام ۋە شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل ھەققىدە

ئېھرام ۋە شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل ھەققىدە

تەرجىمىدە نۇرمەمەتجان

مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ غەربىي سائا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان ئېھرام قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇ قۇملۇقتا ياسالغان، قۇرۇلمىسى نەپىس، سىرتقى شەكلى ھەيۋەتلىك، مىسىرنىڭ سىمۋولى. ئەلئېھرام بولسا قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنلىرىنىڭ قەبرىسى.
قەدىمكى مىسىرلىقلار شىرنى بەك چوڭ بىلىدۇ، ئۇلار شىرنى كۈچنىڭ نامايەندىسى دەپ قارايدۇ، شۇڭا قەدىمكى مىسىرنىڭ فىرئەۋىنلىرى شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلنى ئۇلارنىڭ قەبرىسىنىڭ سىرتىغا قويۇپ قوغدىغۇچى قىلغان. داڭلىق شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل خۇفۇ پىرامىداسىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، خۇفۇ پىرامىداسى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 350 مېتىر كېلىدۇ. شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل بىر غايەت زور تەبىئىي تاغ جىنسلىرى ئۈستىدە ئويۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 4500 يىللىق تارىخقا ئىگە. قەدىمكى مىسىر ئەپسانىلىرىدە: «شىر تۈرلۈك جانلىقلارنىڭ قوغدىغۇچىسى، شۇنداقلا يەر ئاستى دۇنياسىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، فىرئەۋىن ئۆلگەندىن كېيىن قۇياش پادىشاھىغا ئايلىنىپ، شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەللەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇلار فىرئەۋىننىڭ دەرۋازىسىنى قوغدىغان» دېيىلگەن.

شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلنىڭ يۈز شەكلىگە پادىشاھ خۇفۇنىڭ يۈز شەكلى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بەدىنى شىر، ئېگىزلىكى 22 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 57 مېتىر، ھەيكەلنىڭ بىر قۇلىقىنىڭ ئېگىزلىكىلا ئىككى مېتىر كېلىدۇ. پۈتكۈل ھەيكەلنىڭ شىر تىرنىقىدىن باشقا، ھەممە يېرى بىر پارچە تەبىئىي تاشتىن ئويۇلغان. تاشنىڭ سۈپىتى بوش بولغاچقا، ھەيكەلنىڭ يىمىرىلىشى ئېغىر بولۇپ، يۈز قىسمى قاتتىق بۇزۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇننىڭ بۇزۇلۇشى ئېغىر بولۇپ، نۇرغۇن رىۋايەت بار، بەلكىم يىللارنىڭ ئىزنالىرى ئاستا-ئاستا ئۇپراپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە تارىختا دېيىلگەن ئەسلىدىكى باش سۈرەت بىلەن ھازىرقىسىدا يەنىلا ئازراق پەرق بار.

كىتابتىن ئېھرامنىڭ ئاجايىپ ۋە چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز بولغان نۇرغۇن ھادىسىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، مەسىلەن: كۇفۇ چوڭ ئېھرامىنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ 10 ھەسسىسنىڭ جۇغلانمىسى يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقىغا تەڭ، مۇنارنىڭ تېگىدىكى يەر كۆلىمى 3.1415926 گە باراۋەر كېلىدۇ. بۇ دەل چەمبەر تۇراقلىقى بىلەن ئوخشاش، مۇنارنىڭ ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ 10E15 گە كۆپەيتىلىشى دەل يەر شارىنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ، يەر شارىنىڭ ئىككى قۇتۇپىنىڭ ئوق مەركىزى مىقدارىنىڭ كۈندىلىك ئۆزگىرىشى 25827 يىلدىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ. يەنە بىر قىسىم سىرلىق ئەپسۇن دېگەندەك نەرسىلەرمۇ بار بولۇپ، ئومۇمەن ساياھەتچىلەر قىزىقىش بىلەن بۇ يەرگە كېلىدۇ.

ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئېھرامنىڭ تاشلىرى ئارىسىدا ئازراقمۇ يوچۇق يوق بولۇپ، قەدىمكى كىشىلەرنىڭ قانداق ياسىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىر كىچىك يولغا چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېھرام بىلەن شىر تەنلىك ئادەم شەھەرنىڭ چېتىدە. لېكىن ئۇ يەر ئۇنچە يىراق قاقاسلىق ئەمەس. ئۇ 4000 يىلدىن ئارتۇق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈردى، شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىشى ئاسان ئەمەس.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top