You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » يولچى

يولچى


يولچى
ئاپتور:ھەبىبۇللا ئابلىمىت

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن

يولنىڭ بېشى ئۈمىد، ئارزۇ، بەختىيار، ھاياجان ۋە جۇشقۇنلۇق بىلەن باشلانسىمۇ، ئەمما ھەرۋاقىت ئۇنداق بولىۋەرمەيدۇ. بەزىدە كۆز ياش، ھىجران ۋە قايغۇ-ئەلەملەر بىلەن باشلىنىدىغان يوللارمۇ بولىدۇ. بۈگۈن بامدات نامىزىدىن كېيىن ئىلچىنىڭ خەلپىلىك ھويلا مەھەلىسىدىن يولغان چىققان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بۇ ھالىدىن يا خوشاللىقنىڭ، يا ئازابنىڭ ئالىمىتىنى كۆرىۋېلىش تەسرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىراشلىق بىلەن تەمكىنلىك ئارلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ روھىي ھالېتى، خوتەننىڭ مۇشۇ فېبرال ئايلىرىنىڭ ئاخىردىكى قىش بىلەن باھارنىڭ ئارلىشىپ كەتكەن ئېقلىمىغا ئوخشايتى. بۇنداق سىرلىق روھى كەيپىياتنى ئەلۋەتتە باشقىلار ئاسان مۆلچەرلىيەلمەيتتى. چۈنكى ئۇنىڭ تېشىغا چىقارمىغان، باشقىلاردىن، ئەتراپتىكى بارلىق مەخلۇقات ۋە تەبىئەتتىن ھەتتا ئۆزىدىنمۇ يوشۇرىدىغان سىرلىرى بار ئىدى. بۇ مۇقەددەس سىرلارنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە يوشۇرغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ يولدا ئەنە ئاشۇنداق كەيپىيات ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتى. ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۈمىدىنى تاپقان بىر ئىرادە ،بىر جەڭگىۋارلىق، بىر پىداكارلىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يولغا چىققانتى. ئۇ قارا خۇرۇم ئۆتۈكىنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىنى ئىلچىنىڭ كوچىلىرىغا قالدۇرۇپ قويۇپ، قاراقاشقا قاراپ ئىلاندەك تولغۇنۇپ ياتقان كەڭ دالادىكى توپىلۇق يولغا چىقتى. ئوڭ مۇرىسىنى مىدىرلىتىپ، كەشتىلەنگەن ئانارگۈلى تاڭ شەپىقىدە جۇلالىنىپ تۇرغان خۇرجۇننى تۈزەشتۈرۈپ قويدى – دە، قارا قاشلىرىغا تاقىشىپ قالغان قارا قوزاتېرىسىدىن تىكىلگەن تەلپىكىنى سول قولى بىلەن سەل يۇقۇرغا كۆتۈرۈپ،ئەتراپقا نەزەر كۆزىنى ئاقتۇردى. ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوق بۇ يولنىڭ سول تەرىپىدە بىخ چىقىرىشقا پىتىنالماي تۇرغان جىگدە دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى سەھەر شامىلىدا لىڭشىۋاتاتتى، ئەمما قۇم ئارلاش توپىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تۇيى بولسا مىدىر قىلمايتى. چۈنكى بۇ قۇرغاق ئېقلىمنىڭ تەبىئىيتىگە ماسلاشقان جىگدە كۆچەتلىرىنىڭ يىلتىزى ئاشۇ قۇم ئارلاشقان ئانا تۇپراق ئاستىغا مەككەم باغلانغان ئىدى. ھىندىقۇش ۋە قۇرۈم تاغلىرىدىن كەلگەن سوغۇق ھاۋا بىلەن تەكلىماكان قۇمباراھسانلىرىدىن كەلگەن قۇرغاق ھاۋا بىرلىشىپ ئەسكەن شامال سەھەردە يولچىنىڭ يول ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتاتتى. يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كەڭ كەتكەن ئىكىنزارلىقلاردا دۇۋە-دۇۋە ئوغۇتلار خۇددى ئادەمگە گۆرىستانجىمجىتلىقى ئىچىدە ياتقان قەبرىستانلىقنى ئەسلىتەتتى. مانا بۇ تۇپراقلاردا ئۆسۈپ يېتىلىدىغان كېۋەزلەر، بۇغدايلار، قوناقلار، جۈملىدىن بارلىق مايسىلار ھەتتا ئۈستىدە ھاياتلىقنىڭ تەمىنى تېتىۋاتقان بارلىق جان-جانۋارلار، ئۇچار-قۇشلار ۋە ئىنسانلار شۈنچىلىك كۈچلۇك ياشاش كۈچى بىلەن ماشۇ تاغلار بىلەن چۆللەر ئارىسىدىكى بوستانلىقنىڭ ناچار تەبىئىي ئېقلىمنىڭ بېسىمىغا ئەسىرلەردىن بېرى چىداپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بۇ تۇپراقلاردا ئەزەلدىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى يالغۇز تەبىئەتنىڭلا بېسىمىغا قارشى كۈرەش قىلىپ قالماي يەنە مۇشۇ زېمىنغا بېسىپ كەلگەن تاجاۋۇزچىلارنىڭ زۇلىمىغىمۇ قارشى كۈرەش قىلماقتا. مانا بۈگۈن مېڭىۋاتقان يوللار ئەنە شۇ كەلگۈسىدىكى ۋەتەننىڭ مۇستەققىللىق ئۈچۈن، ئىقبالى ئۈچۈن، مىللەتنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن، ھۆرلىكى ئۈچۈن بېسىلىدىغان يوللارنىڭ مۇقەددىمىسىدىن ئىبارەت.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يول بويى، ئادەمنى خوشاللىق ۋە قايغۇغا سالىدىغان بارلىق تەبىئەتتىكى مەۋجۇداتلارنى ۋە تەبىئەت ھادىسلېرىنى كۈزۈتىپ ماڭدى. ئەتراپقا قاراپ ئۆز كاللىسىدا ھەممىنى بىر-بىرىگە باغلىدى ھەمدە ئۆز مېڭىسى ئىچىگە شۇنچىلىك گۈزەل بىر مەنزىرىنى سېزىپ چىقتى. ئۇ بولسىمۇ ئانا ۋەتەن ئىدى. يەنى تۇپ ماھىيىتى بىلەن ئېيتقاندا ئازات بىر ۋەتەن، مۇستەققىل بىر ۋەتەن. دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل گۈزەللىك ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدىلا بار بولىدۇ. ئۆز ۋەتەنى بولغانلارنىڭ گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ. گۈزەللىك ئايرىم بىر نەرسە بولماستىن بەلكى ۋەتەن بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ئىنسان ئۆزىدە ئەزەلدىنلا بار بولغان ئەركىنلىك ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسىدىن ئىبارەت. ئەمما ۋەتەنگە ئىگە چىقالمىغانلارنىڭ ئانا تۇپرىقى دۈشمەنلەرنىڭ قانلىق ئاياقلىرى ئاستىدا چەيلىنىدۇ، بۇنداق چاغدا ئۇ ۋەتەن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئانا تۇپراقتىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۆز گۈزەللىكى يوقاتقان بولىدۇ. چۈنكى روھلار ئۆلگەن، ئەركىنلىك يوقالغان ۋە ئىنساننىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسى ئۆلۈپ، قارا كۆزلەر ئۆز نۇرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. مانا بۇ ئاددى ھەقىقەتنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ 32 يىللىق ھايات يولىدىكى تەجىربىلىرى ئارقىلىق چۈشۇنۇپ يەتكەن. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ يولى مىللەتنىڭ روھىنى تىرىلدۇرىشتىن باشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىدراك قىلغان. ئۇ 21 يېشىدا خوتەن ۋە قاراقاشتىكى مەدرىسلەردە ئەرەبچە ۋە پارىسچە تىللىرىدىكى يۈكسەك دىنىي ئىلىم ئوقۇشىنى پۈتۈرگەندىن كېيىن مۇدەررىس بولۇپ، بىر تەرەپتىن بالا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانسا يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە كىرىشكەن.
خەلق ئىچىدە ھەم ئىلىمى ھەم پەزىلىتى بىلەن سۆيۈش ۋە سۆيۈلۇشتەك ئۇلۇغ نېمەتكە ئىگە بولغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار خوتەن خەلقى ھۆرمەتلەپ «ھەزرىتىم» دەپ چاقىرىدىغان بولغان. مانا مۇشۇ «ھەزرىتىم»دېگەن ئۇلۇغ نامغا ئىگە بولغان بۇ مۇبارەك زات 1930-يىللىرىنىڭ بېشىدا مەشھۇر تاتار ئالىملىرىدىن چۆچەكتە ئولتۈرۇشلۇق مۇھەممەد مۇرات ئەپەندىمنىڭ قېشىغا «ھەدىس ۋە تەپسىر بىلىملىرىدىن دەرس ئېلىش ئۈچۈن بارىمەن» دەپ، خوتەندىن يولغا چىقىپ، كۇچا، كورلا، تۇرپان، ئۈرۈمچى، چۆچەك، ئىلى، ئاقسۇ ۋە ئارىدىكى شەھەرلەرنى ئالتە ئاي ساياھەت قىلىپ، خوتەنگە قايتىپ كەلگەن. بۇ ئۇزۇن يولچۇلۇق جەريانىدا ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ-دەريالىرىنى تاماشا قىلىش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى شۇ جايلاردىكى زىرەك ۋەتەن سۆيەر زاتلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان ۋە شۇ جايلارنىڭ سىياسى، ھەربى، ئىجتىمائىي، تەبىئىي شارائىتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققان. مانا مۇشۇ ئۇلۇغ يولچۇلۇق بىلەن ئىلىغا كەلگەندە ئۆزۈ بىلەن بىر ئىدىيەدىكى، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىزدەپ يۈرگەن ئادېمىنى تاپقان. ئۇ بولسىمۇ ئىلىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان سابىت داموللام ئىدى. ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كۆيگەن بۇ ئىككى يۈرەك نەچچە كۈن ھەم سۆھبەتتە بولۇپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قارارلارنى ئالغان. تېگى ئاتۇشنىڭ ئازاق كەنتىدىن بولغان سابىت داموللام چوڭقۇر بىلىمى، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى، يېراقنى كۆرەيەرلىكى ۋە پەرق ئىتىش تۇيغۇسىنىڭ يۈكسەكلىكى بىلەن ئۆزىدىن ئون سەككىز ياش كىچىك بولغان مۇھەممەد ئىمىنگە ئاجايىپ پەخىرلىنەرلىك تەسىراتلار قالدۇرغان. ئاشۇ قىتىملىق ئۇچرىشىشتا ھەر ئىككىلىسى يۈرەكنى يۈرەككە يىقىپ، كۆيسە تەڭ كۆيۈپ، ئاقسا تەڭ ئېقىپ، ھېچ ئۈمىد يوق شارائىت ئاستىدا جاسارەت قىلسىلا ۋە بەدەل تۆلەشتىن قورقمىسىلا ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ، قاراڭغۇلۇقتىن ئايدىڭلىققا چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىغىغا ئىشەنگەن. ئۆز ۋاقتىدا ۋەتەننى قوراللىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئازات قىلىشقا قەسەمياد قىلغان بۇ ئىككى زاتنىڭ بىرى خوتەنگە قاراپ يول ئالغان بولسا، يەنە بىرى ھەرەمگە ھەج قىلىش بىلەن بىرگە تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن چەتئەلگە قاراپ يولغا ئاتلانغان.

يولغا چىقىش ئۈچۈن كىملەر بىلەن چىقىش ۋە نېمە ئۈچۈن چىقىدىغانلىغىڭنى بىلىشىڭ كېرەك. ھەمدە يولنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشىڭ كېرەك. چۈنكى ئۆزۈڭ چۈشەنمىگەن يولنى باشقىلارغا چۈشەندۈرەلمەيسەن. چۈشەندۈرەلمىسەڭ بىرلىكتە ئالغا باسالمايسەن. ئالغا باسالمىساڭ يول ئالالمايسەن. چۈشىنىش ئۈچۈن يەنە شۇ يولچى بولۇشىڭ كېرەك، يولچى بولۇشىڭ ئۈچۈن يولغا چىقىشىڭ كېرەك. يولغا چىقىش ئۈچۈن جاسارەت كېرەك، ئىرادە كېرەك ۋە مىھنەت كېرەك. مىھنەت جاپادۇر، مىھنەت دەردۇر، مىھنەت غەمدۇر، مىھنەت ئاۋارچىلىققا يولۇقۇشتۇر، مىھنەت ۋاقتى كەلگەندە جاننى تىكىشتۇر، مىھنەت يەنە تەجىربىدۇر، يەكۇندۇر ۋە يەنە شۇ يولدۇر، يولچىلۇقتۇر. شۇڭا يولغا چىق، يولچى بول ۋە بىللە يولغا چىققان دوستۇڭنى يولدا تاشلىما ھەمدە يول ئۈستىدە تاپقان دوستقا ئىشىنىپ ھەممە سىررىڭنى ئاشكارلىما.
…………………………….

(مەنبە: «يول» ناملىق روماننىڭ «يولچى» ناملىق بىرىنچى بابىدىن ئېلىندى)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top