سەل قارىلىپ قالغان پەن-تېخنىكا ماگناتى ـــ ئىنتېل شىركىتى
تەرجىمىدە قايدۇجان
ئىنتېل شىركىتى ئۆتكەن بەش يىلدا ئۆزىنى ئۆزگەرتتى، مۆلچەرىمىزچە كەلگۈسى 10 يىلدا جاۋابقا ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇ شىركەت كۆلىمى ۋە تېخنىكىسىغا تايىنىپ بۇلۇت ھېسابلاش، سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئىدراكلىق ھېسابلاش ساھەسىنىڭ ئاساسلىق ئىشتىراكچىسى بولالايدۇ. ئەڭ ناچار ئەھۋالدىمۇ، يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەم پايدا ئالىدىغان شىركەتتۇر، مەبلەغ سالغۇچىلارغا قايتۇرالايدىغان نۇرغۇن مەبلىغى بار.
ئىنتېل شىركىتى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى قىممىتى ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن شىركەتلەرنىڭ بىرسى. بۇ بەلكىم شىركەتنىڭ ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىكى «ناچار ئىپادىسى» سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ئىش شىركەت ئۆزىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىنتېل شىركىتى ھازىر سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ھەتتا سۈنئىي ئىدراك ساھەسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئېشىش سۈرئىتى ئارقىلىق بازار ئىگىلەشكە تەييارلىنىپ قويدى. گەرچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان تەقدىردىمۇ، سىز يەنىلا ئىنتايىن بىخەتەر ھەم پايدا ئالىدىغان شارائىتقا ئىگە بولىسىز، مانا بۇ بىزنىڭ ئىنتېل شىركىتى ئەڭ ياخشى جاۋاب قايتۇرۇش پۇرسىتى تەمىنلەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى.
ئىنتېل شىركىتىنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى كىرىم ئېشىش ئەھۋالى باشقا كەسىپداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئانچە ياخشى ئەمەس. ھازىر بىز ئىنتېل شىركىتى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە قارشى ئېلىنمايدىغان يېتىم بالىغا ئايلىنىپ قالدى دەپ قارىماقتىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ساتىدىغان كەسىپداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىنتېل شىركىتىنىڭ بازار پايدا نىسبىتى خېلىلا تۆۋەن. ئەلۋەتتە بۇنى چۈشەندۈرۈش ناھايىتى ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ ئىنتېل شىركىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى ئەمەس.
كۆك رەڭ ئىنتېلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
ئۈستىدىكى ئىسخېمىدا ئىنتېل شىركىتى، ئېنۋىدىيا شىركىتى، MD ئىنتېل شىركىتى ۋە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق كىرىم ئېشىش ئەھۋالى سېلىشتۇرمىسى بار. ئىنتېل شىركىتى بىر چوڭ كارخانا، بۇ كارخانا مىكرو ئۆزەك، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە قاتتىق دېتالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەدە رىقابەتلەشمەكتە. گەرچە ھازىر ئىنتېل شىركىتىدە قارىماققا ئۇتتۇرغاندەك ئالامەتلەر بولمىسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقى تۆت شىركەت ئىچىدە ئۇنىڭ سانلىق مەلۇماتى ھەقىقەتەن تېخىمۇ ناچار. كىشىلەرنىڭ مۆلچەرلىگىنىدەك، ئېنۋىدىيا شىركىتى كىرىم ئاشۇرۇش ۋە مۆلچەرلەنگەن قىممەت (بىز ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمگە باغلىق) جەھەتتە خېلىلا ئالدىدا ماڭماقتا.
شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇرىنى تەتقىق قىلىش مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر ئاسان خىزمەت. ئېنۋىدىيا شىركىتى، AMD ئىنتېل شىركىتى ۋە مىكروسوفت شىركىتى قاتارلىق ھازىر ئىپادىسى ياخشى بولۇۋاتقان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىش ھەرگىزمۇ ناچار تاكتىكا ئەمەس، ئەمما بۇ مەبلەغنىڭ داۋاملىق يۇقىرى پايدا يارىتالىشى ناتايىن.
ئىنتېل شىركىتى كېيىنكىسى سۈپىتىدە كۆزگە كۆرۈنىدۇ. بۇ شىركەت ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېنىق ئارزۇ ۋە پىلانغا ئىگە. بۇ شىركەتنىڭ ئىلگىرىكى ئىپادىسى ياخشى بولماسلىقى ئۇنىڭ ئىزچىل ئۆزىنى قايتىدىن بەرپا قىلىۋاتقانلىقىدىن بولغان. ئەمما ئىنتېل شىركىتى ھازىر راسا نۇر چېچىشقا تەييارلىنىپ بولدى.
ئىنتېل شىركىتى: قايتىدىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان كۈچلۈك كارخانا.
يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، ئىنتېل شىركىتى تۈرلۈك ساھەلەرگە ئىگە چوڭ شىركەت، ئەمما ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، بۇ شىركەت ئىزچىل تۈردە سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە ئىچكى ساقلىغۇچ قاتارلىق ئېشىش نىسبىتى يۇقىرى ساھەلەرگە سالىدىغان مەبلەغنى زورايتتى. بۇ جەھەتتە، ئەڭ يېقىنقى پەسىللىك نەتىجىسى كىشىنى خېلىلا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ئالدى بىلەن، سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ كىرىمى %42.59 ئاشتى. سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە ئىچكى ساقلىغۇچ كەلگۈسى كىرىمنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم نۇقتا. بۇلۇت ھېسابلاش ئاساسىدىكى ئالاقە تورىغا پۈتۈنلەي كىرىشىمىزگە ئەگىشىپ، مىكرو ئۆزەككە بولغان ئېھتىياجىمىز مۇشۇ يەردىن كېلىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچنى تىلغا ئالساق، ئىنتېل شىركىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىماقتىمىز، پەسىللىك تىجارەت كىرىمى %46 ئاشتى. ئىنتېل شىركىتىنىڭ تېخنىكىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كەلگۈسىدىكى سانلىق مەلۇمات ۋە ئىچكى ساقلىغۇچ ساھەسىدىكى ئاساسلىق تەمىنات كارخانىسىغا ئايلىنالىغۇدەك كۆلىمىمۇ بار.
ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئىنتېل شىركىتى 5G بازىرىدىن چېكىنمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۆزىنى 5G ساھەسىنىڭ ئاساسلىق ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرسى قىلىپ بېكىتتى، بەلكىم خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئىنتېل شىركىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كرېمىنىي جىلغىسىنىڭ تەمىنات كارخانىسىغا ئايلىنىشقا كۈچىمەكتە، ئۇنىڭ ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئىنتېل شىركىتىدىكىلەر يەنە كەلگۈسىدە 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، يەر شارى مىقياسىدا ئالتە مىليون يۈرۈش ئىنتېل 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىنتېل شىركىتىنىڭ غايەت زور پايدىغا ئېرىشىشى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 5G مەھسۇلات بىرىكمىسىگە باغلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ شىركەت يەنە نۇرغۇنلىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى شۇكى، ئىنتېل شىركىتى راكۇتېن شىركىتى بىلەن 5G تورىدىكى پەرق مەسىلىسىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىپ، ئۇچتىن ئۇچقا بارىدىغان تۇنجى بۇلۇت ئىپتىدائىي كۆچمە قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلدى.
ئاخىرىدا، بۇ شىركەت يەنە سۈنئىي ئىدراك ۋە گىرۋەك ھېسابلاش ساھەسىدە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئىنتېل شىركىتىنىڭ پىلانىغا ھېلىھەم ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئىنتېل شىركىتىنڭ يېقىندا توردا ئاپتوموبىل چاقىرىش كارخانىسى Moovit شىركىتىنى سېتىۋېلىشىنى ئىنتېلغا كۈچلۈك تىرەك بولدى. Moovit شىركىتى يۇبېر، دىدى شىركىتىگە ئوخشاش كارخانا بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى 102 دۆلەت ۋە رايوندا توردا تاكسى چاقىرىش، ئاممىۋى قاتناش تەكشۈرۈش، ۋېلىسىپىت ۋە ئىككى چاقلىق توكسىكلىت ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدۇ. بۇ شىركەت سېتىۋىلىنغاندىن كېيىن، ئىنتېل شىركىتىنىڭ بالا شىركىتى بولغان Mobileye شىركىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇردى. Mobileye شىركىتى يۇقىرى دەرىجىلىك شوپۇر ياردەمچى سىستېمىسى ۋە ئاپتوماتىك ھەيدەش بويىچە كۆرۈش سېزىمى تېخنىكىسى ئېچىش جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىنتېل شىركىتى بۇ بالا شىركەت ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھەيدەش پىلانىنى تۈزۈۋاتىدۇ. ئىنتېل شىركىتى يەنە BMW شىركىتى ھەمكارلىشىپ، 2021-يىلى مىقدارلاپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلنى بازارغا سالماقچى، بۇ ھەرگىزمۇ يىراق كەلگۈسىدىكى رېئاللىق ئەمەس.
ئىنتېل شىركىتىنىڭ بۇلۇت، تور ۋە سۈنئىي ئىدراكقا تايىنىپ كىرىم ئاشۇرۇشى مۆلچەردىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، ھېسابلاش سىستېمىسى ۋە تېخنىكىسى بارغانسېرى مەركەزلەشتى ۋە ئۆزئارا باغلاندى. كومپيۇتېر، يۇمشاق دېتال ۋە ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتال ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرا بارغانسېرى مۇھىم بولماي قېلىۋاتىدۇ. ئىنتېل شىركىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغۇدەك يېتەرلىك كۆلىمى ۋە تېخنىكىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يۇمشاق دېتال ئېچىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق جەھەتتىمۇ توغرا ئۇسۇل قوللاندى. ئەمما ھازىر شىركەتنىڭ مۆلچەرلەنگەن قىممىتى يوشۇرۇن كۈچىدىن خېلىلا تۆۋەن.
مۆلچەرلەنگەن قىممەت.
ئىنتېل شىركىتىنىڭ بازار پايدا نىسبىتى (P/E) ۋە بازار پايدا نىسبىتىنىڭ نىسپىي پايدا ئېشىش نىسبىتى (PEG) ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئەرزان. جەدۋەلدىكى باشقا سانلىق مەلۇماتلارمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئىنتېل شىركىتىنىڭ كىرىم ئېشىش نىسبىتى AMD شىركىتى ۋە مىكروسوفت شىركىتىدىنلا بىر ئاز تۆۋەن بولدى. ئەگەر ھەر بىر پاينىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ باقساق، ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەت مىكروسوفتتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئىنتېل شىركىتى ئەڭ يۇقىرى پاي ئۆسۈمى تەمىنلىدى، بۇ شىركەتنىڭ ئەركىن نەق پۇل ئېقىم مىقدارى (FCF) بۇنداق پايدا نىسبىتىنى قامداشقا يېتىدۇ.
ئىنتېل شىركىتى باشقا كەسىپداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلەنگەندەك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىنتېل شىركىتىنىڭ مىكروسوفتقا ئوخشاش چوڭ كۆلىمى ۋە تەسىر كۈچى يوق، شۇنداقلا ئېنۋىدىيا شىركىتىدەك يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىمۇ يوق، ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرماقتا، مۆلچەرلەنگەن قىممەت بۇ نۇقتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار ئىنتېل شىركىتى خۇسۇسىي كومپيۇتېرنىلا مەركەز قىلغان شىركەت دەپ قارايدىغاندەك قىلىدۇ، ئەمما بۇ شىركەت سانلىق مەلۇماتنى مەركەز قىلغان شىركەتكە قاراپ قۇرۇلما ئۆزگەرتىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق.
خۇلاسە:
ئىنتېل شىركىتى باھا چۈشۈرۈش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ئېشىشقا ناھايىتى ياخشى دو تىكتى. ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بۇ شىركەت يەنە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك غايەت زور بىخەتەرلىك تورى تەمىنلىدى. ئەگەر ئىشلار پۈتۈنلەي شىركەتنىڭ پىلانى بويىچە ئېلىپ بېرىلغاندا، ئەڭ ناچار ئەھۋالدىمۇ، كىرىمى مۇقىم ئاشىدىغان، مالىيە ئەھۋالى ياخشى، مەبلەغ سالغۇچىلارغا يېتەرلىك جاۋاب قايتۇرغۇدەك مەبلىغى بار پەن-تېخنىكا ماگناتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. خەۋپ-خەتەر ۋە پايدىغا ئېرىشىش جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىنتېل شىركىتى بەلكىم ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى بولۇشى مۇمكىن.