You Are Here: Home » ئومۇمى » ئامېرىكا كارتونلىرى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇتۇق قازىنىدۇ؟

ئامېرىكا كارتونلىرى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇتۇق قازىنىدۇ؟

تەرجىمىدە مەمنۇنجان

بىر كارتون ئەسىرى ئىشلەشكە قانچە پۇل كېتىدۇ؟ پۇلدارلار نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا كارتون فىلىملىرىگە 100 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ؟ ئىشىنىمەنكى بۇنىڭغا يالغۇز مەنلا قىزىقمايمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىز ئامېرىكا كارتون فىلىملىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى تەخمىنەن چۈشىنىپ باقايلى.

ئامېرىكا كارتون فىلىملىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى:
دەسلەپكى مەزگىلى (1907 يىلىدىن 1936-يىلىغىچە)
بىرىنچى قېتىملىق تەرەققىيات مەزگىلى (1937-يىلىدىن1949-يىلىغىچە)
بىرىنچى قېتىملىق گۈللىنىش مەزگىلى (1950-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە)
يوشۇرۇن تەرەققىيات مەزگىلى (1967-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە)
ئىككىنچى قېتىملىق گۈللىنىش مەزگىلى (1989-يىلىدىن ھازىرغىچە)

1907-يىلى بلاكتون كارتون فىلىم «ھەجۋى چىراينىڭ يۇمۇرىستىك تۇرقى»نى ئىشلەپ، ئامېرىكا كارتون فىلىمچىلىكىگە ئۇل سالغان.

1928-يىلى دىسنېي تۇنجى ئاۋازلىق كارتون فىلىم «ماتورلۇق كېمە ۋىلى»نى ئىشلىگەن، يەتتە يىلدىن كېيىن دىسنېي يەنە بىر رەڭلىك كارتون فىلىم «گۈل ۋە دەرەخ»نى ئىشلىگەن، ئۇلار ئامېرىكا كارتون فىلىمچىلىكىنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىدىن دېرەك بەرگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 1919-يىلى ئىشلەنگەن ئامېرىكا كارتون فىلىمى «سىياھ قۇتىسىدىن سەكرەپ چىقىش» نىڭ ئەھمىيىتى زور دېيىشكە بولىدۇ. 1937-يىلى 12-ئايدا دىسنېي ئىشلىگەن «قار مەلىكە» ناملىق كارتون فىلىم قويۇلغان.

«قار مەلىكە» ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى كارتون فىلىم بولۇپ قالغان، ئامېرىكىدا يەتتە مىليون 840 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمى يارىتىپ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 180 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئارقىدىنلا دىسنېي يەنە «ياغاچ قونچاقنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى» ۋە «بۇغىچاق بامبى» قاتارلىق ئۇزۇن كارتون فىلىملەرنى ئىشلىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، دىسنېي شىركىتى كارتون فىلىم ئىشلەشنى توختىتىپ، 40-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئاندىن فىلىم ئىشلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1950-يىلىدىن كېيىن دىسنېي ھەر يىلى دېگۈدەك «رېئاللىققا ئايلانغان چۈش»، «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال»، «ئەيلىسنىڭ تۈن سەيلىسى» ۋە «كۈل قىز» قاتارلىق يېڭى كارتون فىلىملەرنى ئىشلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا كارتون فىلىمچىلىكى بىرىنچى قېتىملىق گۈللىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان، شۇنداقلا دىسنېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا كارتون فىلىم ساھەسىدىكى زومىگەرلىك ئورنىنى ياراتقان.

1966-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى، كارتون ئۇستىسى ۋالىت دىسنېي ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا كارتون فىلىم ساھەسىمۇ تەدرىجىي پەسكويغا چۈشۈپ قالغان. دىسنېي بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن تالاش-تارتىش قوزغىغان كارتون فىلىملەرنى ئىشلىگەن، ئەمما كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىملەرمۇ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان، بىزگە تونۇشلۇق بولغان «مۈشۈك بىلەن چاشقان» ۋە «سىمپسون ئائىلىسى» قاتارلىق كارتونلار مۇشۇ دەۋرلەردە ئىشلەنگەن. 1989-يىلى دىسنېي نەچچە يىللىق چېنىقىشتىن كېيىن، كارتون فىلىمنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىققان، بۇ مەزگىلدە دىسنېي بىزگە تونۇشلۇق بولغان «ئالاۋىدىن»، «ساھىبجامال بىلەن ياۋايى مەخلۇق»، «خۇامۇلەن»، «شىر پادىشاھ» قاتارلىق كارتون فىلىملەرنى ئىشلىگەن. 90-يىللاردىن كېيىن، ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون كۆپلەپ ئىشلىنىشكە باشلىغان، 1986-يىلى پىكسار كارتون ئىشخانىسى رەسمىي قۇرۇلغان، دەسلەپتە ئاساسلىقى كومپيۇتېر زاپچاسلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

1991-يىلى پىكسار كارتون ئىشخانىسى دىسنېي مەبلەغ سالغان 26 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشكەن بولۇپ، 1995-يىلى تۇنجى بولۇپ كومپيۇتېردا ئىشلەنگەن كارتون فىلىم «ئويۇنچۇقلار سەپەرۋەرلىكى» قويۇلغان. بۇ كارتون ئامېرىكىدا قويۇلغاندىن كېيىن، 192 مىليون دوللارلىق بېلەت كىرىمى بىلەن ئىلگىرى قويۇلغان كارتون فىلىملەرنىڭ بېلەت كىرىمى رېكورتىنى يېڭىلاپ، پۈتۈن دۇنيادا 360 مىليون دوللارلىق بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن.
ئامېرىكا كارتون فىلىملىرى يەنە بىر قېتىم گۈللىنىشنى كۈتۈۋالغان، بىراق رىقابەتنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دىسنېي بىلەن پىكسار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتمۇ بارغانسېرى كەسكىنلەشكەن، بۇ مەزگىلدە ئىككى تەرەپ كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەن. 2004-يىلى 1-ئايدا سۆھبەت ئاخىرى بۇزۇلۇپ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى مەسخىرە قىلغان. بىراق ھەممە زىديەت 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاخىرلاشقان، دىسنېي ھەر بىر پاينى 59 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا ھېسابلاپ پىكسار كارتون ئىشخانىسى سېتىۋالغان، سېتىۋېلىشقا جەمئىي يەتتە مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان، دەرۋەقە پۇل بولسا خالىغىنىنى قىلغىلى بولىدىكەن.

ئەمما دىسنېي شىركىتى يالغۇز ئەمەس ئىدى، 1994-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان چۈش زاۋۇتى (dream factory) دىسنېي شىركىتىنىڭ مونوپول ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. چۈش زاۋۇتىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئەجدىھا كۆندۈرۈش ماھىرى» يۈرۈشلۈكى، «غەلىتە مەخلۇق شرېك» يۈرۈشلۈكى ھەمدە «گۇمپىچى مۈشۈكېيىق» يۈرۈشلۈكى، «تالانتلىق كۆزەينەكلىك ئىت»، «ماداغاسقاردىكى پىنگىۋىنلار» ۋە «تەلۋە تاشقى پىلانېت ئادىمى» قاتارلىقلار بار.
2001-يىلى يازلىق تەتىلدە چۈش زاۋۇتى ئىشلىگەن «غەلىتە مەخلۇق شرېك» ناملىق كارتون 267 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمى يارىتىپ، ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان كارتون فىلىمگە ئايلانغان، بۇ رېكورت 2003-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن «دېڭىز ئاستى سەپەرۋەرلىكى» تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلانغان. «غەلىتە مەخلۇق شرېك» ناملىق كارتون فىلىمدە باش رولچىنىڭ تەقى-تۇرقى «كۆرۈمسىز» ۋە «غەلىتە» بولسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن يۇقىرى بېلەت كىرىمىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە شۇ چاغدا بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان كارتون فىلىمگە ئايلانغان.
ئۇنداقتا، سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئىككى مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى سۇئال: بۇ پۇللار كېيىن قەيەرگە خەجلىنىدۇ؟ ئىككىنچى

سۇئال: ئۇلار نېمىشقا زىيان تارتىشتىن قورقمايدۇ؟

1.بۇ پۇللار قەيەرگە خەجلىنىدۇ؟

«ئويۇنچۇقلار ئومۇمىي سەپەرۋەرلىكى» فىلىمىدە، ئەندىنىڭ جەمئىي 12 مىڭ 384 تال چېچى، كۈچۈكنىڭ 15 مىڭ 977 تال تۈكى بولۇپ، ھەر بىر تال چاچنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نەچچە ئون خىل چاچ چاپلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان.
بۇ ئاساسلىقى يۈز، تەر تۈكچىلىرى ھەمدە تەر تۆشۈكچىلىرى ئىنچىكە ئۈنۈمىدە ئىپادىلەنگەن، بۇ ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈش تەسىراتىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. «قار-مۇزدىكى ئاجايىپ قىسمەت» ئەسلىدە 2000-يىلى قويۇلماقچى بولغان، لېكىن ئالاھىدە ئۈنۈمى ياخشى بولمىغاچقا، 13 يىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىپ، 2013-يىلى ئاندىن قويۇلغان.

چاچ مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، يەنە بىر تېمىدىن سىرت قىزىقارلىق ۋەقەلىك بار. بۇلتۇر قويۇلغان «نېجا» ناملىق فىلىمدە ئىلگىرى بىر بۆلەك قاپلانغا ئۆزگەرگەن كۆرۈنۈشى بار، رېژىسسورنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا بۇ بۆلەكنى بىر ھۆددە شىركىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، ھۆددىگە ئالغان شىركەت بۇ ئالاھىدە ئۈنۈمنى توپتوغرا ئىككى ئاي سەرپ قىلىپمۇ قىلالمىغان، كېيىن بۇنى باشقا شىركەتنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈم خادىملىرى ئىشلىگەن.

دىسنېينىڭ ھەر بىر كىنوسىنى ئىشلىگۈچىلەر تەخمىنەن 205 تىن 300 گىچە بولۇپ، بىر كىنوغا كېتىدىغان ۋاقىت تەخمىنەن تۆت يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ. ئۇنداقتا ئىككىنچى مەسىلە كەلدى، ئۇلار نېمىشقا زىيان تارتىشتىن قورقمايدۇ؟ دىسنېي شىركىتىنىڭ بەش چوڭ تارماق شىركىتى بار، بۇ بەش شىركەتنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە تەۋە IP يارىتىش ئىقتىدارى بار، بىر فىلىم بېلەت كىرىمىدە مەغلۇپ بولسا، ئومۇمىيلىقتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
يەنە بىرى، ئۇلار فىلىملىرىنىڭ بېلەت كىرىمىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدۇ. دىسنېيدەك بىر كونا IP ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەسلىدىنلا بىر قىسىم تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلالايدۇ، ھەقىقەتەن زىيان تارتقان تەقدىردىمۇ ۋەيران بولمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مۇناسىپ ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى بار. 2009-يىلى دىسنېي تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا مارۋېلنى سېتىۋالغان، دىسنېي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مۇھىم بىلىدىغىنى مارۋېل بايرىقى ئاستىدىكى IP. دىسنېي 2012-يىلى يەنە تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا لۇكاس كىنوچىلىقىنى، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى 71 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا 21-ئەسىر فوكس كىنو شىركىتىنى سېتىۋالغان. شۇڭا دىسنېينى ئاساسىي جەھەتتىن زومىگەر دېيىشكە بولىدۇ. ياپونىيەنىڭ كارتون كەسپى ئۆز-ئۆزىنى قامداشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولسا، ئامېرىكا بولسا كارتون كەسپىنى پۈتكۈل دۇنياغا كېڭەيتكەن.
2016-يىللىق مالىيە كىرىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە كارتون فىلىمىنىڭ يىللىق پايدىسى 118 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولغان. بىر ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، دىسنېي شىركىتىنىڭ 2016-يىللىق مالىيە كىرىمى 66 مىليارد 700 مىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن. كەسىپ جەھەتتە، ئەڭ دەسلەپتە دىسنېي باشقا دۆلەتلەردىن نەچچە ئون يىل بۇرۇن باشلىغان بولۇپ، يېتەرلىك مەبلەغ تىرىكىگە ئىگە بولغان، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، كۆرۈرمەنلەر قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن.

ئومومەن ئېيتقاندا، ئاساسىي جەھەتتىن مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش: بىر ئەسەرگە مەبلەغ سېلىپ، قانۇن ئارقىلىق ئۇنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ئوغرىلىقچە نەشر قىلىنغان تاۋارلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن قورقماسلىق، غەم-ئەندىشىدىن خالىي بولۇش دىسنېينىڭ خىزمەت پرىنسىپى، نېمىلا دېگەن بىلەن دىسنېينىڭ «ھوقۇقنى قوغداش تەلۋىسى» دېگەن نامى بىكارغا چىقمىغان.

ئەگەر سىز بىر قاقاس ئارالغا بېرىپ قىلىپ، ساھىلغا بىر مىكى چاشقان ياكى ئۆردەك دونالدنى سىزىپ قويسىڭىزلا، دىسنېي سىزنى ئەڭ يېقىن سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ھەمدە سىزنى ئەرز قىلىدۇ، نەشر ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە ھەقىقەتەن ئۇلارغا يەتكۈدەك ھېچقانداق شىركەت يوق.

2. بىر فىلىمنى ئىشلەشتىن بۇرۇن، مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ بازار تەكشۈرۈپ، بىر قەدەر ئىستىقبالى بار تېمىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىدۇ.

3. فىلىملىرىنىڭ ۋەقەلىكى بىرلا خىل ئەمەس: ئاساسلىقى پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلارغا يۈزلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېكايىسىدە روشەن ئالاھىدىلىك بار، چوڭ قائىدىلەرنى بىۋاسىتە سۆزلىمەيدۇ، بەلكى باش قەھرىماننىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەربىر ھېكايىدىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى قائىدىلەرنى چۈشىنىشنى ئاساس قىلىدۇ. خۇددى سىز دىسنېينىڭ فىلىملىرىدە كۆرگەندەك بولىدۇ.

دىسنېينىڭ كۆپ ساندىكى ئەسەرلىرى كىلاسسىك چۆچەكلەردىن ئۆزگەرتىلگەن، مەسىلەن: «قار مەلىكە»، «ساھىبجامال بىلەن ياۋايى مەخلۇق»… دېگەندەك، بۇ فىلىملەردىكى ھەر بىر باش قەھرىمان ئاقكۆڭۈل ھەم باتۇر. پىكسارنىڭ ئەسەرلىرى يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ھېكايىگە بەزى يوشۇرۇن ئوخشىتىشلارنى قوشقان، كىچىككىنە ھاشاراتلاردىن تارتىپ ئاپتوموبىللارغىچە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق مەزمۇن ئاتا قىلغان.

چۈش زاۋۇتىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن كىلاسسىك ئەسەرلەر قارىمۇ-قارشى بولۇپ، «ئەجدىھا كۆندۈرۈش ماھىرى» يۈرۈشلۈكى، «غەلىتە مەخلۇق شرېك» يۈرۈشلۈكى ھەمدە «تەلۋە تاشقى پىلانېت ئادىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىكى ھەر بىر پېرسوناژدا ئازدۇر-كۆپتۇر كەمتۈكلۈك بار، ياكى قورقۇنچاق، ياكى پاسسىپ … ئەمما ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ ئوخشاشلا قىممەتلىك پەزىلەتلەر بار. سىز ھەتتا ئۇلاردىن ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەرنىڭ سايىسىنى تاپالايسىز. يېشى كىچىكرەك تاماشىبىنلار ھېكايىدىن قىيىنچىلىققا قانداق يۈزلىنىشنى ئۆگىنەلەيدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەر بولسا ھېكايىدىن ئورتاقلىققا ئىگە بولىدۇ.

بالىلىق مەزگىلىدىكى سەبىيلىك ۋە خۇشاللىق ھامان يوقىلىدۇ، بىز كىشىلىك ھاياتتا پەقەت خۇشاللىقلا بولمايدىغانلىقتەك پاكىتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر. ئەگەر بالىلىق دەۋرىمگە يەنە بىر قېتىم قايتالىسام، مەن ئاۋۋال قاقاقلاپ كۈلىمەن، ئاندىن ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلايمەن، كۆز يېشىم ھەم كۈلكەم بولسا ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن! بۇ، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب بولسا كېرەك.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top