50 يىل بۇرۇن NASA نېمە ئۈچۈن ئاي شارىنى تەكشۈرۈش پىلانىنى تۇيۇقسىز توختاتقان؟

تەرجىمىدە ئوغلان
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60~70-يىللىرىدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش قىزغىنلىقى ئىنسانلارنى ئاخىرى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقتى، NASA ئىشقا ئاشۇرغان «ئاپوللو ئايغا چىقىش پىلانى» كىشىلەرگە ئاي شارىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىنغان ئايغا چىقىش ھەرىكىتىنىڭ راست-يالغانلىقىدىن گۇمان قىلىشتى. گەرچە «ئاپوللو 11-نومۇر» نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئامستروڭ ئاي شارىدا قالدۇرغان ئاياغ ئىزى ھازىرغىچە ئاي شارىدا مۇكەممەل ھالەتتە تۇرسىمۇ، ئەمما، كىشىلەر «ئاپوللو ئايغا چىقىش پىلانى» دا NASA كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن بايقاشلارنى يوشۇرغان ھەمدە ئاي شارىدا ئۇچرىغان ئىشلار NASA نىڭ ئايغا چىقىش ھەرىكىتىنى تۇيۇقسىز توختىتىۋەتكەنلىكىگە سەۋەب بولغان، دەپ گۇمانلاندى.
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئاددىي ئاسترونومىيە تېلېسكوپى ئارقىلىقلا يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆزىتەلەيدۇ. 2019-يىلى ياز پەسلىدە بەزىلەر تېلېسكوپ بىلەن ئاي شارىنى كۆزەتكەندە، تۇيۇقسىز ئاي شارىنىڭ يورۇق بىر تەرىپىدىن نۇرغۇنلىغان غەلىتە نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ چىققانلىقىنى بايقىغان، UFO ھەۋەسكارلىرى ئاي شارىدىكى بۇ بايقاشلاردىن غەلىتىلىك ھېس قىلمىغان، يەنە كېلىپ ئەينى يىلى ئاي شارىغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى كۆرگەن، دەپ قارالغان.
چۈنكى، NASA ئېلان قىلغان ئايغا چىقىش جەريانىدىكى سۈرىتىدە ئالاھىدە تېخنىكا توسۇۋېلىنغان ئىزلار بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايغا چىققان بىر قىسىم ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن بۇ خىزمەتكە قايتا كىرىشمىگەن، «ئاپوللو پىلانى» نىڭ تۇيۇقسىز توختىتىلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ NASA نىڭ باشقا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان سىرلارنى ئىگەللىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىغا سەۋەب بولغان.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاي شارى ھەققىدىكى بەزى خەۋەرلىرىدە، ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە «ئەينەك ئەگمە ئۆگزە» دەپ گۇمان قىلىنغان قۇرۇلۇشلارنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئېنىق بولمىغان سۈرەتلەردىن ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھەتتا بۇ بۇزۇلغان «ئەينەك ئەگمە ئۆگزە» گە يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ھەمدە NASA نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كېيىنكى قونۇش جەريانىدا ئاي شارى يۈزىدە نامەلۇم ئۇچار جىسىمغا يولۇققانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
گەرچە NASA توردا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئېلان قىلىنغان سىن فىلىمىدىن ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ھەقىقەتەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارغا يولۇققانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
1969-يىلىدىكى «ئاپوللو 10-نومۇر» نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ سىن فىلىمىدە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى تۇيۇقسىز ئالەم كېمىسىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن غەلىتە ئاۋازنى ئاڭلىغان ھەمدە بۇ ئەھۋالنى دەرھال يەر يۈزىدىكى قوماندانلىق مەركىزىگە ئىنكاس قىلغان. گەرچە NASA قوماندانلىق مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل غەلىتە ئاۋازنىڭ پەقەت رادىيودىن چىققان شاۋقۇن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇنىڭ ئاي شارىنىڭ مەلۇم يېرىدە پەيدا بولغان شاۋقۇن ئەمەسلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ ئاۋازلارنى ئېلىپ NASA نىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ھەمدە بۇ ئاۋازلارنىڭ مەلۇم مەقسەت بىلەن ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا يەتكۈزۈلگەن دەپ قارىغان، بەلكىم بۇ مەلۇم بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
كېيىن ئايغا چىقىش پىلانىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇنىڭغا ئوخشاش غەلىتە ئاۋازنى يەنە ئاڭلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ خىل غەلىتە ئىشقا سۈكۈت قىلغان، چۈنكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئايغا چىقىش جەريانىدا ئېنىق بولمىغان كاشىلىلارغا ئۇچرىغاندا چوقۇم دەرھال قايتىپ كېلىشى كېرەك، روشەنكى، بۇ بارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى دۇچ كېلىشنى خالىمايدىغان نەتىجە، شۇڭا بۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا ئۇچرىغان بارلىق ئىشلارنى يوشۇرغان، بۇ بەلكىم نېمىشقا ھېچكىمنىڭ ئاي شارىدىكى غەلىتە ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويمىغانلىقى ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
ھازىر توردا راست-يالغانلىقىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان كۆپلىگەن ئاي شارى سۈرەتلىرى تارقىلىپ، ئاي شارىنىڭ سىرلىقلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. «ئاپوللو پىلانى» توختىتىلغاندىن كېيىن، ھېچكىم ئاي شارىغا چىقىپ باقمىدى، بۇ بىر نەچچە يىلدا ئاي تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مەغلۇپ بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى، ئەگەر ئاي شارىنى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى «ئاپوللو 11-نومۇر» ئالەم كېمىسىنىڭ ئاي شارىدىكى سۈرىتىنى سۈرەتكە تارتىۋالمىغان بولسا، بەلكىم ھېچكىم ئۇنىڭ 50 يىل ئىلگىرى ئاي شارىغا چىققانلىقىغا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.