بىر ئېھرام ياساشقا قانچىلىك ئادەم كېتىدۇ؟

تەرجىمىدە ئادىلجان
بىز ئېھرامنىڭ قانداق ياسالغانلىقىنى مەڭگۈ بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز ھېچ بولمىغاندا ئېھرامنى ياساشقا قانچىلىك ئادەم كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئىشەنچىمىز كامىل. بىر غايەت زور ئېھرام ياساشقا كېتىدىغان ئادەم كۈچى ئىلگىرى ئويلىغاندىكىدىن خېلىلا ئاز. كۇفۇ ئېھرامى 4600 يىل ئىلگىرى ياسالغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئېگىزلىكى 146.6 مېتىر، ھەجىمى تەخمىنەن 2 مىليون 600 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئېھرام پۈتۈپ 2100 يىلدىن كېيىن، قەدىمكى يۇنانلىق تارىخشۇناس ھېرودوت ئېھرامغا 100 مىڭ ئادەم ئىشلەتكەن، بۇنىڭغا تەخمىنەن 20 يىل ۋاقىت كەتكەن، دېگەن.
1974-يىلى فىزىكا ئالىمى كۇرت مېندېلسون ئادەم سانىنى 70 مىڭ پەسىللىك ئىشچى ۋە 10 مىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۈنەرۋەن دەپ قىسقارتقان. بۇ سانلاردا ئېھرام ياساشقا كېتىدىغان ئادەم كۈچى زور دەرىجىدە يۇقىرى مۆلچەرلىۋېتىلگەن.
بىز ئاددىي فىزىكىدىن پايدىلىنىپ يۈزەكى مۆلچەرلىيەلەيمىز. ئېھرام ماھىيەتتە غايەت زور تاشنى مەلۇم ئېگىزلىككە كۆتۈرۈپ چىقىپ ياسالغان، ئۇنىڭغا كېرەكلىك ئومۇمىي ئېنېرگىيەنى ماسسا، ئېغىرلىق كۈچى ۋە ماسسا مەركىزىگە ئاساسەن ھېسابلاشقا بولىدۇ. ئېھرامنىڭ ھەر كۇب مېتىرىنىڭ ئېغىرلىقى 2.6 توننا دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئېغىرلىق ماسسىسى 6 مىليون 750 مىڭ توننا، كېرەكلىك ئېنېرگىيە تەخمىنەن 24 تىرىليون جوئۇل بولىدۇ.
ئاساسىي ماددا ئالمىشىشنى ساقلاش ئۈچۈن، 70 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ئادەم تەخمىنەن ھەر كۈنى 7.5 مېگا جوئۇلغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. مۇقىم بولغان جىسمانىي كۈچ سەرپىياتى بۇ ساننى ئاز دېگەندە %30 كۆپەيتىشكە ئېھتىياجلىق. ئاشقان %20نى خىزمەتكە ئايلاندۇرىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، بۇ ھەر كۈنى 450 مىڭ جوئۇلغا باراۋەر. ئېھرامنىڭ يوشۇرۇن ئېنېرگىيەسىنى 450 مىڭ جوئۇلغا بۆلسەك، ئېھرام قۇرۇشقا 5 مىليون 300 مىڭ خىزمەت كۈنى كېتىدۇ.
ئەگەر بىر ئادەم ھەر يىلى 300 كۈن خىزمەت قىلسا، ئۇنداقتا يىلىغا تەخمىنەن 18 مىڭ ئادەم ئىشلىشى كېرەك. 20 يىللىق پەرەز پەقەت 900 ئادەم ئىشلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تاشنى كېسىش، سىلىقلاش، توشۇش ۋە يېمەكلىك قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلىغاندا، 7000 ئادەم كۇپايە قىلىدۇ. مىسىرنىڭ قەدىمكى پادىشاھلىقىدا تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭدىن 1 مىليون 600 مىڭغىچە نوپۇس بار بولۇپ، 10 مىڭغا يەتمىگەن ئادەمنى ئېھرام ياساشقا ئىشلەتسە، بۇ ئىقتىساد ئۈچۈن غايەت زور بېسىم پەيدا قىلمايدۇ.