نەفىسىيدىن بىمىسلى تۆھپە
پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
*
ئادەمىي ياشامدا كۈيلەر ۋە غەزەللەر،
سۆزلەنۈر ئۇندا كەلەچەك ھەم ئەزەللەر؛
بىر مىللەت، بىر توپلۇمنىڭ كۈلتۈر تارىخى،
كۈيلۈك قوشاق-داستان بىلەن زىننەتلەنەر.
*
مەھمۇد قىزى ئاماننىساخان نەفىسىي،
ئون ئالتىنجى ئەسىر ئۇيغۇر ئالىمەسى؛
بىباھادۇر تۈم دۇردانە ئەمگەكلەرى ،
قايىل ئۇنىڭغا ئىلىم دۇنيا جۈملەسى.
*
توپلاغان ئۇيغۇر مۇقام تەكىستلەرىنى،
تەرگەندەك ئاتىزلاردىن بۈغداي ئۈنچەنى؛
ئاڭا جۆرە كۈي-ئاھاڭنى رەتلەش ئۈچۈن.
ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنكىن تۈندىن قانچەنى.
*
ھىچبىر خۇراپاتلىققا يانداشقان ئەمەس،
زۇلمەت لىباسىنى راۋا كۆرگەن ئەمەس؛
راھەت خانىش ھاياتىغا چۆكۈپ كەتمەي،
مىللەت ئۈچۈن قىلغان خىزمەت مەڭگۈ ئۆلمەس.
*
قويۇپ «شۇرۇھۇل قۇلۇب»قا* گۈل قولىنى،
مەدھىيەلەگەن مۇزىكا- كۈي رولىنى؛
ئىجاد قىلىپ ئىشرەت ئەنگىز مۇقامىنى*،
قاڭداغاندۇر نەغمەشۇناسلىق ئۇلىنى.
*
«ئەخلاقى جەمىيلە»دۇر* بىر نادىر ئەمگەك،
جاۋابلانغان ئۇندا گۈزەل خۇلق نە دەمەك؛
ئىجاد بىلەن گۈللەنەر ئىنسان ياشامى،
كۈي-مۇزىكالار ھەر قاچان روھقا ئەمەك.
*
ئۇيغۇر مۇقاملارى دۇنياۋى خەزىينە،
ئاماننىساخان ئۇنىڭغا پىير-ساھىبە؛
شۇڭا دەرمىز: بىتخوۋىندىن ھىچ قالىشماس ،
نەفىسىيمىز قالدۇرغان بىمىسلى تۆھپە!
*
2020-يىل 10-ئىيۇل، سان ديەگو.
ئىزاھاتلار:
* «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلبلەر شەرھلەرى): ئاماننىساخان نەفىسىي يازغان مۇزىكاشۇناسلىق ھەققىدىكى خاس ئەسەر.
* ئىشرەت ئەنگىز مۇقامى: «‹ئىشرەت ئەنگىز› ناملىغ بىر مۇقام ھەم بۇ مەلىكە (ئاماننىساخان) نىڭ ئىختىرائاتلارى (ئىجادىيەتى) ئەردى، » (قاراڭ: ئىسمەتۇللاھ مۆئجىزىي: «تەۋارىخى مۇسىيقىييۇن»، قوليازما، 36-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل نەشرى، بەيجىڭ).
* «ئەخلاقى جەمىيلە» (گۈزەل ئەخلاق): ئاماننىساخان نەفىسىي يازغان ئەخلاقشۇناسلىق توغراسىدىكى خاس ئەسەر.
ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.
