ئالىملار: تاشقى پىلانېت ئادەملىرى بەلكىم قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە بولۇشى مۇمكىن!

تەرجىمىدە شىرئەلى روزى
ئىنسانلار ئىزچىل تۈردە تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنى ئىزدەپ كەلدى، ئۇلار تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنى يەر شارىدىنمۇ ئىزدىدى، كائىناتتىنمۇ ئىزدىدى. تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن ئىنسانلار كائىناتنىڭ چوڭقۇر قىسمىنى كۆزىتەلەيدىغان ئاستىرونومىيە رادىيو تېلىسكوپى ياساپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق كائىناتنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىن تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئىزناسىنى تېپىشنى ئۈمىت قىلدى. ئەپسۇسكى شۇنچە ئۇزۇن يىل ئىزدىگەن بولسىمۇ تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئۆزىنى ئەمەس بىر تال مويىنىمۇ تاپالمىدى. ئەجىبا تاشقى پىلانېت ئادەملىرى مەۋجۇت ئەمەسمىدۇ؟ بۇ گەپكە سىزمۇ، مەنمۇ ئىشەنمەيمىز! شۇنچە چوڭ كائىناتتا يەر شارى پەقەت بىر كىچىككىنە زەررىچە تۇرسا، تاشقى پىلانېتلاردا ئالى دەرىجىلىك جانلىقلارنىڭ بولماسلىقى،ئالى دەرىجىلىك تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنىڭ مۇمكىنمۇ؟
يەر شارىنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئەمدى قانچىلىك بولدى؟ ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولغىنىغىمۇ تېخى ئاران نەچچە يۈز مىڭ يول بولدى، بىراق كائىناتتا يەر شارىدىنمۇ يېشى چوڭ سەييارىلەر سان-ساناقسىز، ناۋادا ئوبرازلىق قىلىپ يەر شارىنى بىر بوۋاق دېسەك، كائىناتتا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ھەممىلا جايدا ئۇچراپ تۇرىدۇ.بۇلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى بەلكىم يۈز مىليون بىرلىك بىلەن پەرقلەندۈرۈش مۇمكىن. يەر شارىدىكى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلغىنىغا ئاران يۈز نەچچە يىل بولدى، بىراق مۇشۇ يۈز نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئىنسانلار يەر شارىدىن چىقىپ، كائىناتنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەنگۈدەك سەۋىيىگە يەتتى. ئۇنداقتا كائىناتتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقىنىغا نەچچە ئون مىڭ يىل، ھەتتا نەچچە يۈز مىليون يىل بولغان سەييارىلەردىكى جانلىقلارنىڭ كائىناتنى چۈشىنىش دەرىجىسى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ، بىز قىلالمىغان ئىشلار ھەرگىزمۇ بۇ ئىشلارنى تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنىڭ قىلالمايدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتى بەلكىم ئاللىبۇرۇنلا يەر شارىدا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولۇشى، پەقەت ئارىدىكى مەدەنىيەت پەرقى بەكلا چوڭ بولغاچقا تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ نەزەرىدە يەر شارىدا ياشاۋاتقانلار پەقەت ئىپتىدائىي ئىنسانلار دەپ قارالغاچقا، ئۇلار بىزنى قالاق كۆرۈپ بىز بىلەن يېقىنلاشمىغان بولۇشى مۇمكىن!
بەزى ئالىملار يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق بىر تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغان: بەلكىم تاشقى پىلانېت ئادەملىرى كائىناتتىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە ياشىشى مۇمكىن، شۇڭا بىز ئۇلارنى تاپالمايمىز! بۇ يۈرەكلىك قاراشنىڭمۇ مۇمكىنچىلىكى يوق ئەمەس، ئىنسانلار تېخى ئەمدىلەتتىن كائىناتنى چۈشىنىۋاتىدۇ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە بولغان تونۇشىمۇ ئىنتايىن ئاز، بىز پەقەت قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۆزىگە يېقىنلاشقان بارچە ماددىنى يۇتۇۋالىدىغانلىقىنىلا بىلىمىز، قارا ئۆڭكۈرگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەھۋاللار تېخى بىزگە نامەلۇم، نېمىلا دېگەن بىلەن بىز قارا ئۆڭكۈرگە بارالمايمىز ھەتتا يېقىنلىشالمايمىز. بەلكىم قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۆزىگە يېقىنلاشقان ماددىلارنى يۇتۇۋېلىشى پەقەت ئۇنىڭ بىر ئاساسى ئىقتىدارىلا بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ روللىرىنى بىز تېخى چۈشەنمەيمىز.
قارا ئۆڭكۈر بىر بىخەتەر تۇرالغۇ بولالامدۇ؟ تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنىڭ قۇدرەتلىك ئەمەلى كۈچىگە نىسبەتەن قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە كىرىش ئەزەلدىن ئۇنداق تەس ئىش ئەمەس، قارا ئۆڭكۈر ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن بوشلۇق شەكىللەنگەن بولىدۇ، ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ھەممىنى يۇتۇۋېتىدىغان مۇشۇنداق ۋەھشىيدەك كۆرۈنگىنى بىلەن بەلكىم قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكى قىسمى ناھايىتى تىنچ بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ يۇتۇۋېلىش خۇسۇسىيىتى تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنى ئۇنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ بىخەتەر ياشاش شارائىتىغا ئىگە قىلغان بولۇشى، بۇ ئارقىلىق كائىناتتىكى بەزى خەۋپ-خەتەرلەردىن، شۇنداقلا باشقا مەدەنيەتلەرنىڭ ئۆزىنى بايقىۋېلىش خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلىشى مۇمكىن.
رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ۋېسلاف دوكوچايېف پىروفېسسورنىڭ قارىشىچە كائىناتتىكى بەزى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەر ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئىچكى قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، كائىناتتىكى بەزى فوتون، سەييارىلەر ۋە مىكرو زەررىچىلەرنىڭ ھەممىسى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ مەركىزىدىكى ئالاھىدە نۇقتىنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماددىلار مۇۋاپىق ۋاقىتتا بىر پۈتۈنلەي يېڭى زامان ۋە ماكان قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. فوتون ۋە سەييارىلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، فوتون ۋە سەييارىلەر ئوربېتىسىنى بويلاپ توختىماستىن ئايلانغاندا ئۇلار بىر خىل ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسىگە ئىگە بولالايدۇ، بۇ خىل ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ قارا ئۆڭكۈردە ياشىشىغا پۈتۈنلەي يېتىپ ئاشىدۇ.
ناۋادا تاشقى پىلانېت ئادەملىرى راستىنلا قارا ئۆڭكۈردە ياشىسا، ئۇنداقتا يەر شارىنىڭ ھازىرقى پەن-تېخنىكا سەۋىيىسى بۇنى تەتقىق قىلىشقا پۈتۈنلەي ئامالسىز، قارا ئۆڭكۈر ئىنسان ئالىملارغا نىسبەتەن تېخى بىر ئېچىلمىغان بوز يەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، قارا ئۆڭكۈر دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا قانداق ئەھۋاللار بار؟ قارا ئۆڭكۈردىن كېسىپ ئۆتكەندە قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر كەلگۈسىدىكى ئالىملارنىڭ بىر-بىرلەپ يېشىشىنى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ، بىراق بۇ جەريانغا قىسقىسى نەچچە يۈز يىل، ئۇزۇنىسى نەچچە ئون مىڭ يىل كېتىدۇ.