ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇللا روزى قاتارلىق ئىنقىلابچى زىيالىيلارنىڭ قسمىتى
1945-يىلى 9-ئايدا ئاقسۇدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا ئابدۇللا روزى ئىسىملىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن ئوت يۈرەك مىللەتپەرۋەر ئوغلانى، شائىرى دراماتورگى ۋە مائارىپچىسىمۇ بار ئىدى. ئۇ 1920-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان، كېيىن ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان ۋە ماناستا تۇرغان ھەم شۇ جايدا ئۆيلەنگەن. ئابدۇللا روزى ئۈرۈمچىدىكى دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ماناس قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەندىن كېيىن، 1944-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاقسۇ تەۋەسىگە سۈرگۈن ھېسابىدا ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. 1945-يىلى 5-ئايلاردا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئاقسۇدا «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچقۇنى» تەشكىلاتىنى قۇرغان . ئۇ ، شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئاكتىپ يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئابدۇللا روزى ئۇچتۇرپاندا بىر مەزگىل پائالىيەت قىلغان ۋە «ئۆگەي ئانا» ناملىق دراممىنى يازغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئۇچتۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى سەھنىلەردە ئوينالغان.
رەھىمسىزلىك ئوبرازى «ئۆگەي ئانا» خىتاي دائىرىلىرىغا قارىتىلغانلىقى ئۈچۈن دەرھال چەكلەشكە ئۇچرىغان.

ئابدۇللا روزى ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقيار يېزىسىدا قولغا ئېلىنىپ، ئۇچتۇرپان تۈرمىسىدە ئازراق ۋاقىت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ئاقسۇغا يۆتكەپ كېتىلىپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن بىر تۈرمىگە تاشلانغان. بۇ 1945-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا سوپاخۇن پارتىزان ئەترىتى 1945-يىلى، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى باينى ئازاد قىلىپ، باينى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باي ناھىيەلىك ھۆكۈمىتىنى قۇردى ۋە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىپ، ئالدى بىلەن مۇزداۋان يولىدىكى قورغاننى 21-ئاۋغۇست كۈنى ئازاد قىلدى. ئۇلار قورغاندا بىر ھەپتىگىچە يېڭى پىدائىيلارنى قوشۇپ قوشۇننى كېڭەيتىپ مەشىق قىلدۇرغاندىن كېيىن ئاقسۇ شەھىرىگە قاراپ ئاتلاندى. ئەنە شۇ ئەھۋاللاردىن ئاقسۇدىكى خىتاي قوشۇنى قاتتىق ئالاقزادە بولۇشقانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنى تۇتۇش ۋە تۈرمىدە قاتتىق كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەنىدى. مىللىي قوشۇن بۇ جەرياندا تۇزاۋات، بوزدۆڭ، جام قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى ۋە 1945-يىلى 1-سېنتەبىر كۈنى كوناشەھەر، يەنى ئونسۇ ناھىيەسى ئازاد بولدى. 7-سېنتەبىر كۈنى غەلىبە تەنتەنىسى ۋە روزا ھېيت بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلدى ھەم ئاقسۇ يېڭى شەھەر سېپىلى قورشاۋغا ئېلىندى. 14-سېنتەبىر كۈنى كېچىدە جاۋ خەنچى باشچىلىقىدىكى ئاقسۇدىكى خىتاي جاللات ھەربىي-ساقچىلىرى شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچقۇنى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ يېرىمىنى، يەنى مۇنىردىن غوجا قاتارلىقلارنى ئۆلتۈردى. ئارىلىقتا مىللىي قوشۇن ئاقسۇدىن چېكىنىپ، بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن 21-سېنتەبىر كۈنى ئاقسۇ سېپىلىنى ئىككىنچى قېتىم قورشىدى، ئەنە شۇ 22-چىسلاغا ئۆتىدىغان كېچىسى جاۋ خەنچى باشچىلىقىدىكى جاللاتلار لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا روزى قاتارلىق تەشكىلاتنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن چاناپ ۋە ئېتىپ يوقاتتى. مەزكۇر جاللاتلار شۇ قېتىم مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاقسۇنى چوقۇم ئازاد قىلىشىغا كۆزى يەتكەنلىكى ئۈچۈن ل. مۇتەللىپ قاتارلىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ سەرخىل زىيالىيلىرىنى تىرىك ھالدا ئۇلارنىڭ قولىغا قالدۇرۇشنى خالىماي ھەممىسىنى ئۆلتۈرىۋېتىشنى قارار قىلغانىدى. ل. مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۇشىگە ئائىت تەكشۈرۈش دوكلاتى 1950-يىللاردا تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتىن قارىغاندا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلار ئىچىدە 3 ئۇيغۇر ساقچى بار، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي ھەربىي ۋە ساقچىلىرى ئىدى.

خىتاي گومىنداڭ ھەربىي ۋە ساقچى دائىرىلىرى شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، باي، كۇچارلاردىمۇ مەخپىي تەشكىلات ئەزالىرىنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاتارىدا يەنە ئاتاقلىق شائىر نىمېھىت ئەرمىيە ئېلىنىڭ ئىنىسى قادىر ئېلىمۇ بار ئىدى.
ئەپسۇسكى، ئاقسۇدىكى مەزكۇر ياشلارنىڭ مىللەتنى ئازاد قىلىش يولىدىكى پىداكارلىقلىرى بىكارغا كەتتى. 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى سوپاخۇن، قاسىمجان، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، مىرزىگۇل، ئاسىلخان، داموللا رازى قاتارلىقلار باشلىغان ئاقسۇ تەۋەسىگە ئەۋەتىلگەن بارلىق قوشۇن ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان تەرەپكە بېسىم كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى باشلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇيرۇققا بىنائەن ئىلىغا چېكىنىشكە ئاتلاندى. ئەمما ۋەدىسىدە تۇرمىغان ئاقسۇدىكى خىتاي قوشۇنلىرى بىردىنلا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى، بۇ خىتاي ئەسكەرلىرى تىنچ ئاھالىلارغا قارىتا «ئوغرىلارغا ياردەم بەردىڭ» دەپ رەھىمسىزلەرچە ئۆچ ئېلىپ قىرغىنچىلىق قىلدى. كەمىنەنىڭ قولىدا شۇ قىرغىنچىلىق خاتىرلىرى تۇرۇپتۇ، بۇ بايانلار «12 توملۇق ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى» نىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قىسىملىرىدىن ئورۇن ئالدى ئەلۋەتتە.
ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، كونا شەھەر، باي قاتارلىق جايلاردا خىتاي گومىنداڭ ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلىرىنىڭ 1945-يىلى 9-11-ئايلاردا ئېلىپ بارغان مەزكۇر قىرغىنچىلىقلىرى بۇ خۇددى ياپون مىلىتارىست ئارمىيەسىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى، گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا بېسىلۋالغان جايلاردا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرىدىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇكى ھەرگىز تۆۋەن ئەمەس ئىدى. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر ئاقسۇ خەلقىگە چوڭقۇر ئىز قالدۇردى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇللا روزى، ئابدۇللا داۋۇتوف ۋە باشقا شۇ قېتىملىق قىرغىندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئەڭ ئىلغار، مىللەتپەرۋەر ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىيلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر، بىر قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاراقول، مەرغىلان، تاشكەنت قاتارلىق شەھەلىرىدە تۇغۇلغان ۋە دەسلەپكى بالىلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەنلەر، يەنە بەزىلىرى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغانلار ئىدى. بۇ ياشلارنىڭ ئىچىدە ئاقسۇدا ياشايدىغان ئىككى نەپەر ئۆزبېك، بىر نەپەر قازاق، 2 نەپەر رۇس بار بولۇپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىدى.