You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئوتۇنچى مەھمۇد ئاتا قەسىدەسى

ئوتۇنچى مەھمۇد ئاتا قەسىدەسى

(مەسنەۋى) 

پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

(1)

* * *

ئى، ئوتۇنچى مەھمۇد* ئاتا!

شەنىڭگە ئەڭ مۇناسىپ ھەمدۇ سانا!

چۈنكى، سەن ئاماننىساخان نەفسىينىڭ ئاتاسى،

ئاماننىساخان بولسا،

* * *

ئۇيغۇر مۇقام-كۈيلەرى ۋە تەكىستلەرىنىڭ رەتلەگۈچىسى،

قوغداغۇچىسى،

مۇقامشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئۇستادى، ئەڭ كاتتاسى.

* * *

نە قەدەر شەرەپ ئاماننىساخانغا ئاتا بولماق،

نە قەدەر ئامەت پىير كامىل ئۇستادغا دادا بولماق.

* * *

(2)

* * *

ئون ئالتىنجى ئەسىر ئۇيغۇر يۇرتى ئاپتاپ-قۇياشلىق،

بىپايان زەمىن مۇنبەت، ئوخشايدۇر زەپ گۈرۈج- ئاشلىق.

* * *

دولان خەلقى ئەمگەكچان، ئىجادچان ھەم خۇش تەبىئەت،

ھەر ئىشىدا جىلۋەلەنەر بىر بىلىك، بىر مەئرىپەت.

* * *

ئاتىزلىقلاردا ياڭرايدۇر كۈندۈز تۈگەمەس ناخشا،

پەنجىرەلەردىن تەشىپ چىقار ئاخشام كۈي- مۇزىكا.

* * *

ماڭالاغانلىكى ئادەم  ئۇسسۇل ئوينار بىمالال،

گەپ قىلالاغان ئىنسان ئەيتار شوخ ناخشا ھەر ئامال.

* * *

تۇغۇلدى مۇشۇنداق گۈل-گۈل  مۇھىتتا ئاماننىسا،

كۈلدى ئاتا مەھمۇدنىڭ دىلى شادلىقتىن پەيز راسا.

* * *

«ئوقۇيمەن» دەدى قىز ئوقۇش ياشىغا يەتىپ- يەتمەي،

بىلگەننى يازاتتى يەرگە، تامغا «قەغەز بەر» دەمەي.

* * *

«تەنبۇر ئالىپ بەرسەڭىز»* دەدى ئۇ كىچىكلا تۇرۇپ،

تال ئوتۇننى تەمسىل قىلىپ، ئاڭا زەخمەكلەر ئۇرۇپ.

* * *

شاديانە بولدى كۆڭۈلدىن، يۈرەكتىن قوللادى خوپ،

قىزىنىڭ قىزىقىش- رىغبەتىنى بايقاغان مەھمۇد.

* * *

دەمەدى «قىز بالاغا نە كەپتۇ كۈي-ساز ئۆگرەنىش،

كىر قارا لىباس ئىچرە، بۇرچۇڭ كورلۇڭ بەندە بولۇش».

* * *

پەرزەنتنىڭ دەگەنىن تەييار قىلدى ھايالسىز ئاتا،

ئىلىم ئۆگرەنەرنى توسۇشنى بىلگەچكە چوڭ گۇناھ.

* * *

(3)

* * *

ئۆگرەندى ئۆزلۈكىدىن كەچە-كۈندۈز ئاماننىسا،

ئاشۇ نە كومپيوتەر، ئۈندىدار، يانفون يوق زاماندا.

* * *

«ئوقۇيمەن» دەپ ئىستانبۇل، بەيجىڭ، پارىژغا كەتمەدى،

نە باكلاۋىر، ماگىستىر، دوكتور شەپكەسىن كەيمەدى.

* * *

تاللاشى بولدى ئۇنىڭ ئائىلە مائارىپ، شۇنداق،

قازاندى ئەمەلدە دۇنياۋى سەۋىيە مۇشۇنداق.

* * *

ئوتۇنچى مەھمۇد ئاتا ئىدى ئۆيدە يەتەكچىسى،

نەۋائىي، زەلىلىي ئەسەرلەرى بولدى دەرسلىكى.

* * *

دولان كۈي- سەنئەتى ئىدى ھەيدەكچىسى ئەلبەتتە.

ئۇيغۇر مۇقام- مەشرەپلەر مەسلەكداش ئەمەلىيەتتە.

* * *

ئون ئۈچ ياشتا مەزمۇت شائىرە يەتىلدى نەفسىي،

پەنجگاھنى ئاڭلاپ پادىشاھ بولدى ھەيرانەسى*.

* * *

(4)

* * *

ئائىلە مائارىپى تۈم مائارىپلار ئاناسى،

ئۆزلۈكىدىن ئۆگرەنىش بىلىشنىڭ ھوسۇل داداسى.

* * *

ئۇنىۋەرسىتىت شەرت ئەرمەستۇر مەئرىپەتلەنىشتە،

ئۇنۋان ئالىش چوقۇم ئەرمەستۇر مەدەنىيلەشىشتە.

* * *

ئەرمەس قۇرۇق گەپ بۇ مەن دەۋالغان كاسامغا ئۇرۇپ،

يا توقۇلغان چۆچەك ئەرمەس بىر كىمسە چىققان توقۇپ.

* * *

ئەنە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىيدۇر شاھىت،

ئوتۇنچى مەھمۇد ئاتا بولۇر ئاغدۇرۇلماس پاكىت.

* * *

مەھمۇد ئاتا! سەنىڭ بىلەن پارلاق قەدىمىي دولان،

سەن بىلەن غۇرۇرلۇق ھەر ئاتا، ھەر بىر ئۇيغۇر ئوغلان.

* * *

سەن ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپىنىڭ سەركەردەسى،

سەنكى پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ نەمۇنەكەردەىسى.

* * *

ئۆي مائارىپى بۈگۈن ياڭى قىممەت بىلەن زاھىر،

ئۆزلۈك ئوقۇش ئەلنى قىلۇر نەفىسىيلەرگە قادىر.

* * *

كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول، مەڭگۈ ئەستلەر سەنى ئۇيغۇر،

سەن باشلاغان ئۆگرەتىش نەق بىزگە مىراس ئۇدۇمدۇر.

* * *

(5)

* * *

ئويلاپ قالدىم ھاسىلات مول تارىخلىق ئۆتمۈشۈمنى،

باھالادىم بىر ئۆمۈرلۈك باسقان يول كەچمىشىمنى.

 * * *

ھەركىم كاشغەرىي بولۇپ كەتەلمەس ئەرتە يا ئۆگۈن،

ئوتۇنچى مەھمۇد بولالماغاندىن چىقار نە يەكۈن؟!

* * *

2017-يىل7-دىكابىر، كاشغارىيە.

2020-يىل 3-ئىيۇن، كالىفورنىيە.

ئىزاھاتلار:

* ئوتۇنچى مەھمۇد:  «ئاماننىساخان مەھمۇد ئاتلىق بىر ئوتانچىنىڭ قىزى ئەردى» (قاراڭ: ئىسمەتۇللاھ مۆئجىزىي: «تەۋارىخى مۇسىيقىييۇن»، قوليازما، 35-بەت، يۇقىرىدىن 3-4-قۇرلار. بەيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل نەشرى).

* «ئول ئايدىكى: ‹مەن تەنبۇر چالىشنى بىلمەسمەن. ئۇشبۇ قىزىمىز  ماڭا تەنبۇر ئالىپ بەرىڭ دەپ خەفا قىلىپ ئالدۇردى. قىزىم چالىدۇر› دەپ ئەردى» (ئالىندى: يۇقىرىقى قوليازما ئەسەر، 35-بەت)

* «ئاماننىساخان تەنبۇرنى كەلتۈرۈپ، پەنجگاھ مۇقامىغا ئانداغ چالدىكى، سۇلتان ئابدۇررەشىد خان ھەيران قالدى»(ئالىندى: يۇقىرىقى قوليازما ئەسەر، 35-بەت، تۆۋەندىن 6-5-4- قۇرلار)


ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top