مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ئەپەندىنىڭ خىتاي تارىخچى لى دۇڭفاڭغا بەرگەن رەددىيەسى (خىتايچە ئەسلى نۇسخىسى)
مەرھۇم ئىنقىلابچى، تارىخچى ۋە مىللىي رەھبىرىمىز مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى پايتەختى چۇڭچىڭ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان چاغدا خىتاي تارىخچى لى دۇڭفاڭ (黎東方) بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ نامى ۋە مىللىتىمىزنىڭ تەۋەلىكى ھەققىدە ئىلمىي مۇنازىرە قىلغانلىقى ۋە سەپسەتىلەرگە تولۇق پاكتلىق مەنبەلەر ئارقىلىق رەددىيە بەرگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. مەزكۇر مۇنازىرە ماقالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ئەپەندىنىڭ «قەلەم كۈرىشى» ناملىق كىتابىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ماقالىلەر ئەينى چاغدا چۇڭچىڭدا چىققان «چۇڭچىڭ مەركەز كۈندىلىك گېزىتى» (重慶中央日報)گە بېسىلغان بولۇپ، شۇ گېزىتتىن قىيىلغان ماقالە پارچىلىرى ھازىر تەيۋەننىڭ سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرىستىتى (政法大學) كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. مەزكۇر پارچىلارنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرىستىتى تور بېتىدە ئېلان قىلغان بولۇپ، مەرھۇم تارىخچىمىزنىڭ بەرگەن رەددىيەلىرى بىلەن ئەسلى ئېلان قىلىنغان نۇسخىسى ئارقىلىق قايتا تونۇشۇپ چىقىش ۋە ئىلمىي ساھەدە مەنبە سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئۈشبۇ مۇنبەرگە يوللاندى.
تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر