شەپەرەڭ
پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت
تاجسىمان ۋىروس … كورونا… ۋابا…
دۇنيا دەھشەت ئىچىدە، مىسالى قىيامەت…
بىر تەرەپتە ئاتوم، ئالەم كېمەسى… سۇدەك خەجلىنىۋاتقان دوللار…
بىر تەرەپتە ماسكا دەردى… بۇلاڭ-تالاڭلار…
مودېرىن دۇنيانىڭ بۈگۈنكى كۈنتەرتىپى مۇشۇ.
مۇشۇلارغا سەۋەپچى كىچىك بىر شەپەرەڭ…
مەن ئىشەنمەيمەن…
شەپەرەڭ باشى بىلەن گەۋدەسى چاشقانغا ئوخشايدىغان، پۇتلارى بىلەن قاناتلارى ئاراسىدا پەردەسى بار، كەچە ئۇچىدىغان، ھاشارەتلەرنى يەپ ياشايدىغان كىچىك بىر جانىۋار.
خىتاي ئەنئەنەۋى مەدەنىيەتىدە خاسىيەتلىك بىر ھايۋان…
لۇشۈن ئەپەندىمۇ «شەپەرەڭ ھەققىدە» ناملىق ماقالەسىدە «شەپەرەڭنىڭ خىتايدا ئوبدان نامى بار» دەپ يازغان.
خىتاي كۈلتۈرىدە شەپەرەڭ شۇنداق خاسىيەتلىك بىر جانىۋاردۇركى، بەزگەك بولۇپ قالغان ئادەم يەسە پايدا كۆرىدۇ، پوقىنى يەپ بەرسە كور كۆزلەرى ئاچىلىپ كەچەلەرىمۇ كۆرەلەيدىغان بولىدۇ.
خىتايلار شەپەرەڭنى «بىئەنفۇ» دەيدۇ. بۇ سۆزدىكى «فۇ» دەگەن خەت «بەخت» مەناسىدىكى «فۇ» دەگەن خەت بىلەن يىلتىزداش بولغانلىقى سەۋەپ شەپەرەڭنى خىتايلار بەخت-سائادەتنىڭ بىشارەتى ۋە ئىشارەتى دەپ قاراغان.
تەخىمۇ مۇھىمى، خىتايلارنىڭ خەلەق ئىتىقاتىدا شەپەرەڭ، بولۇپمۇ ئاق شەپەرەڭ مىڭ يىل ياشايدىغان بولغاچقا، ئۇنى يەگەن ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولۇپ كۈننىڭ سارىغىنى تازا كۆرىۋالدىكەن.
خىتايلارنىڭ شەپەرەڭنى شاپىلداتىپ ئىشتاھ بىلەن يەپ كەتىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ.
ئەمەلىيەتتە بولسا، شەپەرەڭلەر مىڭ يىل ياشامايدۇ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 20 يىل، ئەڭ كۆپ بولسا بەلكى 30 يىل ياشايدۇ.
ئۇنداق بولسا قانداق قىلپ بۇ خىل ھايۋانلار ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ، ئەبەدى ھاياتنىڭ سىمىۋولى بولۇپ قالغان؟
ئۆلگەندىن كەيىن تىرىلىپ قايتادىن دۇنياغا كەلگەلى بولىدۇ دەپ قاراغان ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتىپ كەلمەگەنلىكىنى، كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندە ئۇزۇن ياشاشنىڭ، ئەبەدى ياشاشنىڭ، ئۆلۈمسۈزلۈكنىڭ دوراسىنى ئىزدەشكە باشلىغان. ئىسكەندەرنىڭ، چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمسۈزلۈك دوراسى ئىزدەگەنلىكىنى ھەممەمىز بىلەمىز.
كىشىلەر ئۇزۇن ياشاش، ئەبەدى ياشاش ئارزۇسىنىڭ چارەسىنى تەبئىي يوللاردىن تاپالماغاندىن كەيىن سىھىر ئارقىلىق دەردىگە دەرمەن ئىزدەگەن. سىھرىگەرلىكتىكى ئوخشاش نەرسەلەر ئوخشاش نەرسەلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ دەگەن ئىتىقات ۋە پرىنسىپ بويىچە كىشىلەر ئۇزۇن ياشاش ئۈچۈن ئۇزۇن ياشايدىغان ھايۋانلارنى ئىستىمال قىلىشقا باشلاغان. تاشپاقا، ئىلان قاتارلىق بەزى ھايۋانلار نىسپەتەن ئۇزۇن ياشايدىغان بولغاچقا، بۇ ھايۋانلار مەڭگۈلۈكنىڭ سىمىۋولى قىلىنغان. مەڭگۈتاش ئابىدەلەرىنىڭ تاشپاقا ئۈستىگە تىكلەنگەنلىكى ھەممەمىزگە مەلۇم.
توخۇ گۆشى يەسە قورقاق بولۇپ قالىدۇ، تۆگە گۆشى يەسە تۇغۇت كەچىكىدۇ، توشقان گۆشى يەسە كەچەسى سىيىپ قويمايدىغان بولىدۇ، ئۈچەي يەسە جىنسىي ئەزاسى ئۇزۇن بولىدۇ ۋاھاكازا دەگەندەك چۈشەنچىلەر سىھرىگەرلىك ئىتىقاتىدىن كەلگەن.
شۇڭا خىتايلار شەپەرەڭنى ئۇزۇن ياشاشنىڭ دوراسى سۈپىتىدە ئىككى مىڭ يىلدىن بەرى ئىستىمال قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
ئۇنى ھىچكىم 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دۇنياغا بالايىئاپەت كەلتۈرىدۇ دەپ ئويلاپ باقماغان.
بۈگۈن شەپەرەڭ دۇنيانىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق جانىۋارى …
ئۇزۇن ياشاشنىڭ سىمىۋولى ئەمەس، ئۆلۈم مالائىكەسى …
گۇناھ ئۆچكىسى بولۇپ قالدى.
مەنچە مەسەلە شەپەرەڭدە ئەمەس، دۇنيانى سۆمۈرىمەن دەپ چۈش كۆرۈۋاتقان ئەجدەرھادا!
تەجرىبەخانەدە ئىشلەپچىقارغان ۋىروسىنى كونترول قىلالمىغان ياكى قەستەن بازارغا ئالىپ بارىپ شەپەرەڭگە ئارتىپ قويغان گەپ.
2020-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئىلاۋە: بۇ يازما پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، تامامەن ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)