You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » CIA ئارخىپلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مارشى

CIA ئارخىپلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مارشى

تۈركىستان مارشى

گۈزەل ۋەتەن- تۈركىستاننىڭ ئەۋلادىدۇرمىز،

يارالغان ئۇ جەڭنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا.

*

دىلىمىزدا ئۈمىد، جەسۇر ئالغا باسىمىز،

يورۇپ تۇرار يوللىرىمىز ھۆرلۈك نۇرىدا.

*

كۈز كەلسىمۇ چېچەك ئاچار گۈل باھارىمىز،

پارلاپ يۇلتۇز ئېيتار ھايات نىشانى قايدا.

ئېنگىلىز تىلىدىن تاران ئۇيغۇر تەرجىمىسى


مەزكۇر مارش ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئارمىيە ھەققىدە توپلىغان ئىستىخبارات دوكلاتلىرىدىن بىرىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، پەقەت ئېنگىلىزچە ۋە روسچە تەرجىمىسىلا بېسىلىپ، ئۇيغۇرچە ئەسلى تېكستى بېرىلمىگەن. مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلانغان ۋە سۇنۇلغان ۋاقتى ئۆچۈرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى قۇرۇلغان 1947-يىلىدىن كېيىن تەييارلانغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. ئەمما بۇ ئۇچۇرنى تەمىنلىگۈچى مەنبە ۋە ئەسلى ئاپتورىنىڭ ئىسمى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. بۇ دوكلات 2001-يىلى 20-ئاپرىلغا كەلگەندە سىرتقا ئېچىۋىتىلگەن. مەزكۇر دوكلاتنىڭ تېمىسى «شىنجاڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى كومۇنىستىك سىياسىي ناخشىلار» بولۇپ، شىڭ شىسەي دەۋرىدە ئېيتىلغان تۆت ناخشا ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە ئېيتىلغان يۇقىرىقى بىر ناخشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دوكلاتتا يۇقىرىقى «تۈركىستان مارشى» ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بېرىلگەن:

«تۆۋەندىكى ناخشا 1944-يىلى سوۋېت قوللىغان قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە شىنجاڭ ئۆلكىسى ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يۇقارىقى تۆت ناخشا (شىڭ شىسەي ۋە ھاكىمىيىتىنى كۈيلەيدىغان ناخشىلار) ئورنىنى ئالغان. بۇ ناخشا «تۈركىستان مارشى» دەپ ئاتىلىدۇ.

We are the Children of Turkestan, my beautiful country,

Born out of the storm and thunder of war.

We march bravely, straight ahead, with hope in our hearts,

The freedom of Turkestan lights our way ahead.

Let autumn come, for us the spring is blooming,

Our star is shining brightly, revealing the ultimate purpose of life.

مەزكۇر مارشنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

مەزكۇر ئارخىپ ھۈججىتىنىڭ ئۇلانمىسى: https://www.cia.gov/library/readingroom/docs/CIA-RDP80-00926A005400010008-5.pdf

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top