سالام دەڭلار
تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
سالام دەڭلار
داۋۇتجان تۆرەخمەت خۇشتار
*
ھاۋادىكى لاچىنلار،
ناخشا ئېيتاي ئاڭلاڭلار.
ھىجران …ئوتىدا كۆيگەن،
يارىمغا سالام دەڭلار.
*
يارىم سورىسا مېنى،
بەختىيار، ئامان دەڭلار.
زۇلمەت ئاستىدا يېتىش،
ھەممىدىن يامان دەڭلار.
*
جاننى سادىغا ئەتمەي،
جانان تاپمىغاي دەڭلار.
ئاشىق ۋەسلىگە يەتمەي،
ئارام تاپمىغاي دەڭلار.
*
جانان ئۈچۈن جەڭ قىلغان،
بوۋاڭنىڭ يولى دەڭلار.
قاقاس چۆلنى گۈل قىلغان،
ئىنساننىڭ قولى دەڭلار.
*
باغقا ئىشلىگەن جانلار،
باغدا ئوينىغاي دەڭلار.
باغۋەن يارىنى ھەرگىز،
چۆلدە قويمىغاي دەڭلار.
*
مەزكۇر كۈي شېئىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە غۇلجىدا چىققان «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ مەلۇم سانىدا «ئۆسۈش» ناملىق ئەدەبىي سەھىپىگە بېسىلغان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا مۇزىكىسى ئاتاقلىق مەرھۇم بەستىكارىمىز غىياسىدىن بارات تەرىپىدىن ئىشلىنىپ، ناخشا بولۇپ ۋەتەندە كەڭ تارالغان، ھەتتا خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئاھاڭغا سېلىش جەريانىدا سۆزلىرىگە مەلۇم ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلۈپ، مۇھەببەت ناخشىسى ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن بۇ شېئىر ئەسلىدە تېخى ئازاد بولمىغان جەنۇب ۋىلايەتلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىزگە يېزىلغان بولۇپ، شىمالدىكى خەلقىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبنى تېرزراق ئازاد قىلىشىنى نەقەدەر زارىقىپ كۈتىۋاتقانلىقى ۋە غەلبىگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچى تەسۋىرلەنگەن.
ناخشىنىڭ ھازىر ئېيتىلىۋاتقان نۇسخىلىرىدىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن ئاڭلاڭ:
مۇزداۋاندىن ئۆتۈپ جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي فرونت قىسىملىرى

تۆۋەندىكىسى بۇ شېئىرنىڭ گېزىتكە بېسىلغان ئەسلى نۇسخىسى

