You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » يالغۇز كىشىلىك نامايىشتىكى «ئاچچىق» پاراڭ

يالغۇز كىشىلىك نامايىشتىكى «ئاچچىق» پاراڭ

ئەنۋەر ئەھمەد

ئەسكەرتىش: مەن ئەسلىدە بۇ «پاراڭ» نى يېزىش خىيالىم يوق ئىدى. كېيىنچە ئويلاپ باقسام، بىز ياشاۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىزگە بولغان قارىشى، مۇستەقىللىق كۆرىشىمىزگە تۇتقان پوزىتسىيەسى قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇلارنىڭ ھېسلىرىنى بىلىپ تۇرغىنىمىز ياخشى دەپ ئويلىدىم. ئادەم ئۆزىنىڭ چىرايىنى پەقەت ئەينەكتىنلا كۆرەلەيدۇ. بىزنىڭ غەرب دۇنياسىدا قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى كۈزۈتىۋاتقانلارنىڭ پىكرىدىن پايدىلىنىش بىز ئۈچۈن بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ چۈشەنگىنىم ئۈچۈن «پاراڭ» نى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.
«ئۇ كىشى» ئىسمىنى تونۇشتۇرغان ئىدى، ئەمما خوشلىشىشتىن ئىلگىرى «پاراڭ» نى يېزىش خىيالىم بولمىغاچقا، ئىسمىنى يازسام قوشۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا سورىۋالماپتىمەن، يەنە كېلىپ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى يوق. گېرمانىيەنىڭ شەخسى ئۇچۇر مەخپىيەتلىك قانۇنى بويىچە، سورىماستىن ئىسمىنى يازسام قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلانغاچقا «ئۇ كىشى» دەپ يېزىشقا توغرا كەلدى.


بۈگۈن شەنبە، دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ مەن يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا لازىملىق پىلاكات، تەشۋىقات ۋارىقى، ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېلىپ، شەھەرنىڭ ئاۋات مەيدانى بولغان ماركېتپلاتزغا كەلدىم. مەن تۇرغان كارلسرۇخې گېرمانىيەدىكى چوڭ شەھەرلەردىن ھىساپلانمىسىمۇ گېرمانىيە فېدىرال ئالى سوتى شۇنداقلا گېرمانىيەدىكى 3 چوڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىرى جايلاشقان بولغاچقا، كىشىلەر بۇ شەھەرنى گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى پايتەختى دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ 1715- يىلى قۇرۇلغان، رېيىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان، بۇ دەريا ئارقىلىق فىرانسىيە بىلەن چېگراداش كېلىدىغان ئاۋات شەھەرلەردىن ھېسابلىنىدۇ. شەھەردىكى بىرقانچە ئۇنىۋېرسىتېت خەلقئارادا مەشھۇر بولۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن خەلقئارالىق شەھەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادىتىم بويىچە ھازىرلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن تەشۋىقات ۋارىقىنى قولۇمغا ئېلىپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم. قۇياش ئۆز نۇرىنى پۈتۈن زېمىنغا سېخىلىق بىلەن چىچىۋاتقان بولسىمۇ ئەتىيازنىڭ غۇر-غۇر سوغۇق شامىلى ئادەمنىڭ يۈزىگە خېلى ئوبدانلا نەشتىرىنى سانجىپ تۇراتتى. كوچا ۋە مەن تۇرغان مەيدان ئەتراپىدا كىشىلەر پەۋقۇلئاددە كۆپ بولمىسىمۇ ئەمما ئۇياقتىن- بۇياققا ئۈتۈشىۋاتقان، قانداقتۇر ئالدىراش ئىشلىرى ئۈچۈن بېكەتتە تىرامۋاي ساقلاۋاتقان، يەنە نەرلەردىندۇ بۇ يەرگە كېلىپ شەھەرنىڭ قەدىمىي، ئۆي- ئىمارەتلىرىنى رەسىمگە تارتىۋاتقان، يەنە بەزىلىرى ئىككى- ئۈچتىن بولۇۋېلىپ قانداقتۇر بىر تېمىلاردا قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقاتتى . ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن غېمىنىڭ يوقلىقى، ھېچ بولمىسا بىزدەك دەرتمەن ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى. چۈنكى بۇ زېمىن ئۇلارنىڭ دۆلىتى ياكى بولمىسا ئۇلار دۆلىتىدىن بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەن كىشىلەر بولغاچقا ئۇلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى، چىراي ئىپادىلىرى ماڭا شۇنداق تۇيغۇ بېرىۋاتاتتى .
مەن بۇ يالغۇز كىشىلىك نامايىشتا، شۇ بىغەم كىشىلەرگە بىزنىڭ قىسقىچە تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز، بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلمىگەن بىر زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقىنىدەك مەزمۇنلار بىلەن ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋارىقىنى تارقىتىش، بىزگە ئالاھىدە قىزىققۇچى سەۋرچان كىشىلەرگە بولسا مەنمۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەھۋالىمىزنى چۈشەندۈرۈش، تارىختىكى مۇستەقىل دۆلەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇش، ئاخىرىدا خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش، غەرب ئەللىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەر قوشقان ئۇيغۇرلارغا كۈچلۈك رەۋىشتە ياردەم قىلىشى زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا مۇراجەتلەر قىلىش بولاتتى.

مەن بۇ شەھەردە، خىزمەت ۋە تۇرمۇش سەۋەبلىك 20 يىل ياشىغان بولغاچقا مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى گېرمان پۇقرالىرى ، ياۋروپالىقلارغا چۈشەندۈرۈشنىڭ تاكتىكىسىنى يامان ئەمەس بىلىپ قالغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ياكى چىراي ئىپادىسىدىنلا قانا’ئەتلەنگىنىنى بىلىپ ئىمكان قەدەر زېرىكتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىناتتىم. گېرمانلار ئادەتتە ئۆزلىرى قىزىققان مەسىلىلەرنى باشقىلار بىلەن ئورتاق مۇنازىرە قىلىشنى، خەلقئارالىق ، يەرشارى خاراكتېرلىك چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدا سوغۇققانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشنى ، ئانالىز قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مېنىڭ مەقسىتىممۇ دەل گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ يەنى گېرمان پۇقرالىرىدا بىزنىڭ مەسىلىمىز توغرىسىدا جاما’ئەت پىكرى ھاسىل قىلىش بولغاچقا، بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلاتتىم. مەن تەشۋىقات ۋارىقىنى قانچە كۆپ تارقاتسام، كىشىلەرگە بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى قانچە كۆپ چۈشەندۈرسەم ئاشۇ جازا لاگېرلىرىدا ئەقەللىي ئادەمىيلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان، پەقەتلا ئاللاھقا ئىچىدە دۇۋا قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىمكانى بولمىغان، مەزلۇم خەلقىمنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق ئاشۇ قاباھەتلىك زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ خىزمەت قىلالىدىم دەپ چۈشىنىپ، پۇچىلانغان، پىغانلىق قەلبىمگە بىرئاز بولسىمۇ تەسەللى تاپاتتىم.

كۈن نۇرى تەپتىنىڭ ئىسسىتىشىغا ئەگىشىپ مەيداندا ئادەملەر ئاستا- ئاستا كۆپىيىشكە باشلىدى. ئاندا- ساندا ئۇياقتىن- بۇياققا ئۈتۈشۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرمۇ كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. ئۇلاردىن بەزىلىرى كېلىپ مەندىن تەشۋىقات ۋارىقى ئېلىپ كەتسە، بەزىلىرى ئالاھىدە يېنىمغا كېلىپ:
– ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن، دەپ كېتىپ قالاتتى. ئۇلارغا تەشۋىقات ۋارىقى تەڭلىسەم:
– سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋىرىم بار، ئاللاھ سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن دەپ كېتىپ قالاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن سەمىمىي تەسەللىسى ھىساپلىناتتى.

تەشۋىقات ۋارىقىنى ئالمىغانلاردىن «بىزنىڭ پاجى’ئەلىك ئەھۋالىمىزدىن تولۇق خەۋەردار بولالمايدىغان بولدى» دەپ ئىچىمدە مەيۈسلەنسەممۇ بىلىندۈرمەستىن ئۇلارغا رەھمەت دەپ قوياتتىم.

شۇ تەرىقىدە مەن 10 دەك كىشىگە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ، 7-8 كىشىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسەللىسى بىلەن باھارنىڭ ئاخىرقى غۇر- غۇر شامىلىدا، بىر خىلدا يەلپۈنۈپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىختىيارسىز دىققىتىنى تارتىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىمىزنىڭ سىموۋولى، خەلقىمنىڭ غورورى، ئىپتىخارى بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ جەۋلان قىلىشىغا زوقلىنىپ ، مەيداندا تۇرغىنىمغا بىر سا’ئەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قاپتىمەن.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ مۇنارىغا ئونىتىلغان. 4 تەرەپتىن كۆرگىلى بولىدىغان، يىراقتىنلا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يوغان سا’ئەتنىڭ ئىسترېلكىسى ۋاقىتنىڭ 11:15 ئۆتكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى. شۇ ئەسنادا مەيداننىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىن ئىككى چاقلىق كىچىك سومكىنى سۆرىۋالغان، تەمبەل، ئوتتۇرا بوي، يۈرۈش- تۇرۇشىدىن تىپىك گېرمانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئەر كىشىنىڭ مەن تەرەپكە كۈلۈمسىرىگىنىچە كېلىۋاتقانلىقى كۆزۈمگە چېلىقتى.

ئۇ كىشى ماڭا ئىككى قەدەم قالغاندا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
– «ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن» دېگىنىچە قولىنى ماڭا ئۇزاتتى. مەنمۇ جاۋابەن :
– ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن دەپ جاۋاب بەرگەچ سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سالاملاشتۇق.

ئۇ كىشى بېشىغا شەپكە كىيىۋالغان، بوينىغا يۇڭ شارپا يۆگىگەن، كالتە، يارىشىملىق قىسقا پەلتو كىيگەن، قاڭشارلىق، كۆزى كۆك، ساقىلىنى قىسقا ئەمما ناھايىتى يارىشىملىق ياسىغان، قويۇق قاشلىق، بوينىغا “نىكون“ ماركىلىق قىممەت باھالىق، كۆپ ئىقتىدارلىق فوتو كامېرادىن ئىككىنى ئېسىۋالغان بولۇپ بىرى ئورگىنال فوكۇسلۇق يەنە بىرى ئۆزگىرىشچان فوكۇسلۇق ئاپپارات ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن بۇ شەھەردە تۇرمايدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . ئىچىمدە بۇ كىشى 57-58 لەرگە يېقىنلاشقان ، زھۇرنال ياكى گېزىتنىڭ مۇخبىرى بولۇپ، زىيارەت ياكى ساياھەت بىلەن بۇ شەھەرگە كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. بىز قىسقا ئەمما قىزغىن سالام- سا’ئەتتىن كېيىن ، ئۇ كىشى ئۆزىنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ:
– مەن ھانوۋەردا تۇرىمەن، ئاخشام كەلگەن ئىدىم، بۇ شەھەرنىڭ كۆرۈشكە تېگىشلىك قەدىمىي ئىزنالىرى كۆپ، يېڭىلىقلىرىمۇ كۆپ ئىكەن، ئەتىگەندىن بۇيان خېلى ئايلاندىم، مەن ساياھەت قىلىشنى ۋە ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرۇشنى ياخشى كۆرۈرمەن دەپ مەن بىلەن خۇددى كونا تونۇشلاردەك سۆزلەپلا كەتتى. مەن ئۇ كىشىگە قولۇمدىكى تەشۋىقات ۋارىقىدىن بىرنى سۇنغاچ:
– سىز ئۇيغۇرنى بىلەمسىز ؟ دەپ سورىدىم. ئۇ كىشى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، مەن سۇنغان تەشۋىقات ۋارىقىنى قولىغا ئالدى ۋە تەشۋىقات ۋارىقىنىڭ ئالدى كەينىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كىيىن جاۋابەن:
– مەن سىلەر توغرىسىدا بىر قىسىم ماتېرىياللارنى كۆرگەن دەپ سۆزلىگەچ ئۇنى پۇرلىشىپ كەتمىسۇن دېگەندەك قىلىپ ئاۋايلاپ، چاقلىق سومكىسىغا سالدى ۋە ماڭا قاراپ:
– مەن سىزنى بايراق بىلەن قوشۇپ رەسىمگە تارتىۋالسام بولامدۇ دەپ ماڭا قارىدى. مەن دەرھال :
– بولىدۇ دەپ جاۋاب بەردىم.

ئۇ كىشى “نىكون“ ماركىلىق ئاپپاراتىنىڭ فوكۇسىنى ماڭا توغرىلاپ رەسىمگە تارتىشقا باشلىدى. كامېرانىڭ زاتورىنى باسقاندا چىققان غىز- غىز ئاۋازدىن بۇ كامېرانىڭ پۈتۈن ئاپتوماتىك، يۇقىرى تېزلىكتە رەسىمگە تارتىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ كىشىنىڭ رەسىم تارتىۋاتقاندىكى ھەرىكىتى مېنىڭ ۋەتەندىكى مۇخبىرلىق ھاياتىمنى ئەسلەتتى. ئۇ چاغلاردا مەن مېخانىك فوتو ئاپپارات ئىشلىتەتتىم، بەزى جىددىي كۆرۈنىشلەرنى تارتىشتا كۆپ قىيىنچىلىق بولاتتى. ئۇ كىشى رەسىمگە تارتىپ بولغاندىن كېيىن ماڭا رەھمەت دېگەچ:
– سىز مۇشۇ شەھەردە تۇرامسىز؟ قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ خىزمىتىڭىز بارمۇ؟ دەپ سورىدى.
بۇ خىلدىكى سو’ئال سوراش، ئۆز ئىرقىغا ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن سورىلىدىغان، گېرمان خەلقىنىڭ تىپىك ئادىتى ئىدى. يانچۇقىڭىزدىكى گېرمان كىملىكى ئۇلارنى قىزىقتۇرالمايتتى . مەن گېرمانىيە گىرازھدانى دېسىڭىزمۇ تاشقى كۆرۈنىشىڭىز ئۇلارغا ئوخشىمىغانلىقتىن ، ئۇلار يەنىلا نەدىن كەلدىڭىز دېگەن سو’ئالنى سىزدىن سوراشنى ئەستىن چىقارمايتتى. ئۇلارنى قىزىقتۇرىدىغىنى، سىزنىڭ دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقلىرىغا تايىنىپ قالماستىن بەلكى ئىزدىنىپ، ئىقتىسادى جەھەتتە مۇستەقىل ياشاش بولۇپ، مۇشۇنداق ئاددىي نۇقتىلاردىنمۇ گېرمان خەلقىنىڭ نەقەدەر ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار گېرمانىيە زېمىنىدىكى ھەر بىر گىياھ ، چىمدىم تۇپرىقىنىمۇ ئۆز ئا’ئىلىسىنىڭ شەخسى مۈلكىدەك مۇ’ئامىلە قىلىشقا، قوغداشقا ئادەتلەنگەن.

مەنمۇ بۇ خىلدىكى سو’ئاللارغا جاۋاب بېرىش ئادىتىم بويىچە:
– شۇنداق مەن بۇ شەھەردە ياشاۋاتقىلى 20 يىل بولدى، يېڭى كەلگەن بىرقانچە يىلدىكى ئىشسىزلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن ئىشلەپ كەلدىم، دەپ ئۇدۇللا جاۋاب بەردىم. ئۇ كىشى:
– نامايىشنى يالغۇز قىلىپسىزغۇ؟ نىشانىڭىز ياكى نىشانىڭلار نېمە؟ بۇ شەھەردە باشقا ئۇيغۇر يوقمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن جاۋابەن:
– بىز بۇ شەھەردە 15 ئا’ئىلىگە يېقىن ئۇيغۇر بار، ۋەتەنداشلىرىمىز بىلەن ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى، دەم ئېلىش كۈنىدە 2-3 سا’ئەتتىن نۆۋەتلىشىپ نامايىش قىلىشنى كېلىشىۋالغان ، بۈگۈن نۆۋەت مېنىڭ ئىدى. مەقسىتىمىز، نىشانىمىز مۇستەقىللىق، دېدىم كەسكىنلىك بىلەن. ئۇ كىشى قوشۇمىسى تۈرۈلگەن ھالدا ماڭا قانداقتۇ بىر نەرسىنى ئاڭقىرالمىغاندەك قاراپلا قالدى. مېنىڭ گېرمانچە تىلىم ئاكادېمىك سەۋىيەدە بولمىسىمۇ ئەمما مەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا تەرجىمانلىق خىزمىتى بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللانغاچقا، بۇ مەزمۇنلارنى گېرمان تىلىدا خاتا ئىپادىلەپ قويۇشۇمغا ئۆزەممۇ ئىشەنمەيتتىم.

ئۇ كىشى سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۈكۈتنى بۇزۇپ:
– ئاجايىپ چوڭلا بىر گەپنى قىلدىڭىز ئەپەندى، مۇستەقىللىق، دۆۋلەت قۇرۇش، چولىسى تەگكەندەك قىلىدىغان ئىش ئەمەس، بۇ بايراق ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان جۇغراپىيەلىك تۇپراقتىلا ئۆز قەدىر- قىممىتىنى تاپالايدۇ، دەسسەپ تۇرغىنىڭىز گېرمانىيە تۇپرىقى، سىز خىيالى دۇنيادا ياشىمايۋاتقانسىز، ياكى بۇ پەقەت سىزنىڭ شەخسى ئارزۇيىڭىزمۇ؟ دېدى. ئۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىدىن بىرئاز خورلۇق ھېس قىلغان بولساممۇ بىلىندۈرمەستىن ئۆزەمنى ئاقلاشقا تىرىشىپ:
– يالغۇز كىشىلىك نامايىش پەقەت كارلسرۇخې شەھىرىدىلا ئەمەس بەلكى شتۇتتگارت، مىيونخېن شەھىرىدە، گوللاندىيەنىڭ دوم مەيدانىدا، ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا، خېلى ۋاقىتلاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىگە قارشى، يىلدا كۆپ ساندىكى نامايىشلارنى تەشكىللەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە غەرب ئەللىرىدىكى تەشكىلاتلىرىمىز ئىزچىل تۈردە، پارلامېنت ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن باشقا يەنە ياۋروپا پارلامېنتى ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلارغىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پاش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ . مەقسىتىمىز مۇستەقىللىق ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېدىم. ئۇ كىشى ئانچە ئېرەنسىمىگەن قىياپەتتە:
– مەن 2003- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە بولغان جەرياندا، خىتاي دۆلىتى ۋە سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارغا كۆپ قېتىم بارغان. تۇنجى نۆۋەت سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارنى كۆرگەندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارغا ئايىت ماتېرىياللارنى ئىزدەپ كۆردۈم. كېيىنكى قېتىملاردىكى زىيارىتىمدە سىلەر ياشىغان زېمىننى ئاساسەن دېگۈدەك كۆردۈم. ئۇيغۇرلار بىلەن مۇڭداشتىم. ئۈرۈمچى ، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ، غۇلجا، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى، ھەتتا بىر قىسىم ناھىيە- يېزىلارنىمۇ ئايلاندىم. ئاجايىپ بايلىرىڭلارنى، ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي ھەتتا غەرب ئەللىرىدە يېتىشكەن ئاكادېمىكلار، ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك غۇربەتچىلىكتە ياشايدىغان نامراتلارنىمۇ كۆردۈم. ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر چۆللىكىگە ئوخشايدىغان تەكلىماكاندىكى قۇم بارخانلىرى، ئالپېس تاغلىرىغا ئوخشايدىغان تەڭرى تاغلىرى، ياۋروپاغا ئوخشاپ كېتىدىغان كەڭساي ئېدىرلىقى ، تاغ ئۈستىدىكى بۇغدا كۆلى، سۈيى ئازلاپ ئۆستەڭگە ئوخشاپ قالاي دېگەن تارىم دەرياسى، گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىغا ئوخشاش، تۇرپاندىكى كەڭ كەتكەن ئۈزۈمزارلىق، بىپايان ئېكىنزارلىقلار ، ھەر يۇرتنىڭ ئۆزگىچە ئادەتلىرى، تۈرلۈك مەي باغلاپ پىشىدىغان شىرنىدەك ئوخشىغان مېۋىلىرى، مەززىلىك ھەر خىل تا’ئاملىرى قاتارلىق ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىلەر ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا. ئۇيغۇرلار ناھايىتى مېھماندوست ، ساددا كېلىدىكەن ، دېدى. مەن دەرھال ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ:
– شۇنداق بىز ناھايىتى مېھماندوست مىللەت، مۇسۇلمان بولغىنىمىز ئۈچۈن باشقىلارغا سەمىمىي مۇ’ئامىلە قىلىمىز، شۇڭا باشقا مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنى ساددا دېيىشىدۇ، دېدىم. ئۇ كىشى ئاخىرقى قېتىم بارغىنىمدا دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

– 2015- يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدا قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ، بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن يەنە كونا ئادىتىم بويىچە تۇرپان، كورلىغا بېرىپ ئۇ يەردىن تەكلىماكاننى توغرىسىغا كېسىپ ئۈتۈپ، خوتەننىڭ نىيە ناھىيەسى ئارقىلىق كېرىيە ، چېرىيە، لوپ ناھىيەلىرىنى ئايلاندىم. ئۇنىڭدىن كېيىن خوتەن شەھىرىدە بىرقانچە كۈننى ئۆتكۈزۈپ، قاراقاش، قاغىلىق ناھىيەسى، ئارقىدىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە بىرقانچە كۈن تۇردۇم. 14-15-ئەسىرلەردە ئاسىيا مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان، بۇ قەدىمىي شەھەر ئۆزىنىڭ قەدىمىي ئاسارە- ئەتىقىلىرى، ئۆزگىچە بىناكارلىق -قۇرۇلۇش، ئەن- ئەنئەنىلىرى بولغان زىبالىرىدىن خېلىلا ئايرىلىپ قالغاندەك، شەھەر خېلىلا كېڭەيتىلگەن بولۇپ، خىتاي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئىمارەتلەر ھەر تەرەپتە كۆزگە چېلىقىدىكەن. مەن قەشقەردىن ئايرىلىپ ئاتۇشتىن ئۈتۈپ، ئاقسۇغا كەلدىم. پىلانىم بويىچە كۇچادىن يولغا چىقىپ مۇز داۋان، بولغۇنتايدىن ئۈتۈپ كۆنەس ئارقىلىق غۇلجا شەھىرىگە ئۇلاشتىم. يول ئازابى مېنى خېلى چارچاتقان بولسىمۇ يول بويى كۆرگەنلىرىم، بىرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمدىن ھۇزۇر ئېلىشنى ئوبدان بىلگىنىم ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىگە كېلىپلا ھاردۇقۇم تېزلا چىقتى. مۇرەككەپ، چىگىش ۋەزىيەتكە تولغان بۇ زېمىندىكى 25 كۈنلۈك ساياھىتىمنىڭ ئاخىرقى ئىككى كۈنى قالغان ئىدى. مەن ئەتىسى غۇلجىدىن ئالمۇتاغا ئۇچۇپ، ئۇ يەردىن ئۆزبېكىستانغا بىر ھەپتىلىك بېرىپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيەگە قايتىپ كېتىشنى پىلانلىغان بولغاچقا بۇ زېمىندىكى ئاخىرقى كۈنۈم بىلەن خوشلىشىشقا قىيالمايۋاتاتتىم، دەپ مەيۈسلەنگەن ھالدا ماڭا قارىدى.

بۇ كىشىنىڭ بايانلىرى ئەينى چاغدا، مېنىڭ مۇخبىرلىق ھاياتىمدا بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىمنى ماڭا قايتىدىن ئەسلىتىۋاتاتتى. مەن دەرھال:
– سىزنىڭ ئۇ زىيارەتلىرىڭىز، سىزدە قانداق تەسىرات قالدۇردى؟ دەپ سورۇدۇم . ئۇ كىشى سومكىسىدىن ئالدىرىماي بىر بوتۇلكا سۇنى ئالدى ۋە ئىككى ئوتلىۋالغاندىن كېيىن يەنە سومكىسىغا سالغاچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

– سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا ساقچىلارنىڭ تۈگىمەيدىغان تەكشۈرۈشلىرى كىشىنى تولىمۇ بىزار قىلىدۇ، بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش گېرمانىيەدىن بارغانلارغا تېخىمۇ ئاۋارىچىلىق. بۇ زېمىندا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خىتاي مىللىتى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي نوپۇسىغا ئايلانغان، كىچىك ناھىيە، يېزىلاردىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. مەن ئۇچراشقان ئۇيغۇرلار بولسال، زىيالىيلار ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق سىياسىتىدىن ئانچە- مۇنچە شىكايەت قىلىدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زور كۆپچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتى بىلەن مەشغۇل. بايلىرى بولسا باي- باياشات، كۈندە دېگۈدەك ئالى دەرىجىلىك رېستورانلاردا يەپ- ئىچىپ قاينايدىكەن، ئىمكان قەدەر سىياسەت توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ شەھەر- شەھەرلەردە سېتىۋالغان ئۆي- زېمىنلىرى، تىجارىتى بولىدىكەن. گېرمانىيەدىكى مىليونېرلارمۇ ئۇ ئۇيغۇرلاردەك ياشىيالمايدۇ. ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق ئەمەس. نامرات ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلىدۇ . ئاي- ئايلاپ گۆش يېيەلمەيدىغان ، نامرات ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن، ئەمما ئۇلار بارىغا شۈكرى قىلىدىكەن، سىياسەت چۈشەنمەيدىكەن. مەن خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتىم. مەن ئۇيغۇرچىدە ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشەلمىسەممۇ ئۇلارغا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بەرسەم ئۇلار «ۋە’ئەلەيكۇم ئەسسالام» دېيىشنىڭ ئورنىغا ياخشىمۇ سىز دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز كۆرۈشكەن ئورۇندا بىرمۇ خىتاي ياكى ساقچى بولمىغان شارا’ئىتتا ھەم شۇنداق. ھەتتا «چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتراتقۇلۇقى سەۋەبلىك بىزنىڭ بۇ يەردىكى سىياسەتنى ھۆكۈمەت چىڭىتىۋەتتى» دېگەنلەرمۇ بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەت قىلغانلارنى كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار«شۈكرى قىلسىچۇ، تېنىغا سىڭگەن نېنىنى يىسىچۇ، بىكاردىن بىكارغا تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى بار، بىرنىڭ پالاكىتى مىڭغا دەپتىكەن نېمىشقا جىم يۈرمىگەندۇ…» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن تەرىپلەيدىكەن. ئۆزلىرىنىڭ ئەقەللىي ھەق- ھوقۇقلىرى، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، مۇستەقىللىق، دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى، خىتاي نېمە ئۈچۈن بىزگە زۇلۇم سالىدۇ؟ سەۋەبى نېمە؟ مىللەت نېمە ئۈچۈن بۇ كۈنگە قالدى؟ قانداق قىلىپ مىللەتنى بۇ زۇلۇمدىن قۇتقۇزغىلى بولىدۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلايدىغانلار بەلكىم باردۇر، ئەمما مەن ئۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ئۇچراتمىدىم. «ئاللاھ ئىگەم ھەممىنى بىلگۈچى، ئۇ ئۆزى بىزنىڭ ئىشىمىزنى بىرتەرەپ قىلىدۇ، مۇشۇ بەرگەن كۈنىگىمۇ شۈكرى، بىز قانداق قىلالايتتۇق، ھۆكۈمەت كۈچلۈك تۇرسا، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرغىلى بولامدۇ؟ سەبىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگۈچىلەرنى شەھەر- شەھەردە كۆپ ئۇچراتتىم.
– زىيالىي دېگەن بىر مىللەتنى يورۇقلۇققا يېتەكلەيدىغان ماياك، مىللەتنىڭ غورورى، مىللەتنىڭ روھى بايلىقى، مىللەتنى قوزغايدىغان ئىدىيەۋى، مەنىۋى كۈچ. مىللەتنىڭ بايلىرى بولسا شۇ روھ، ئىدىيەنى رې’ئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىكى ماددىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ، مۇھىم ھەلقىلغۇچ ئامىل. خەلق بولسا بۇ نۇقتىلارنىڭ ئاساسى. بۇ 3 نۇقتا بىرلەشكەندە، ھەرقانداق بىر مىللەت ئېرىشمەكچى بولغان نىشانىغا يېتەلەيدۇ. مەن كۆرگەن، سۆھبەتلەشكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز ئۈستىگە يۈكلەنگەن بۇرچى، زۇلۇمدا ياشاۋاتقان بىر مىللەتنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا ئىزدىنىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە ئۆز ھەلەكچىلى بىلەن بولۇپ كېتىشى، ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك شەخسى تۇرمۇشقا بېرىلىپ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا ئويلىنىشقا ۋاقىت ئاجرىتالماسلىقى، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزىدىن ئايرىپ قارىشى، ئەجدادلىرىنىڭ جەڭگىۋار، كۆرەشچان روھىنى يوقاتمىغان ئا’ئىلىلەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن ناھايىتى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن مىللەت ئۈچۈن، باتۇرلارچە سەكرەپ ئوتتۇرىغا چۈشسە، ئەزىز ھاياتىنى قۇربان قىلسا، ئاۋام خەلق ئۇلارنى قەھرىمان دەپ ياد ئېتىش، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بولۇشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە يۇقىرىقى ئىبارىلەر بىلەن تەرىپلىشى مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. بۇ قانداق روھ؟ قانداق غۇرۇر؟ قانداق ۋىجدان؟

ئۇ كىشى سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە داۋاملىق ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ماڭا خۇددى مىللىتىمنىڭ غۇرۇرى، شەرىپىگە ھاقارەت قىلىۋاتقاندەك، بىزنىڭ تارىختىن بۇيان تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان، باتۇرلارچە كۆرەشلىرىمىزنى يوققا چىقىرىشقا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ، بايلىرىمىزنىڭ، ئاۋام خەلقىمىزنىڭ، بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىمىزدە تۆلىگەن ھېسابسىز بەدەللىرىمىزنى تارىخ بەتلىرىدىن كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى نىمجان، ھاماقەت قىلىپ كۆرسۈتۈشكە تىرىشىۋاتقاندەك تەسىرات بېرىۋاتاتتى. مەن كەسكىنلىك بىلەن ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى بۈلۈپ:
– ئەپەندىم، سىز گېرمانىيەدەك بىر كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئەركىن پۇقراسى، يانچۇقىڭىزدا پۇلىڭىز بار، بارىمەن دېگەن يەرگە بارالايسىز، دېمەكچى بولغان سۆزىڭىزنى دېيەلەيسىز. بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكە ئاستىدا، يەنە كېلىپ خىتايدەك زالىم ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقىدا ياشاۋاتقان، مەزلۇم مىللەتنىڭ دەردىنى ئانچە ياخشى چۈشەنمەيدىكەنسىز. سىز ئات ئۈستىدە گۈل كۆرگەندەك، يۇرتىمىزغا ساياھەت قىلىپ، بۇنداق ئاددىيلا يەكۈن چىقارسىڭىز مېنىڭچە ئانچە توغرا بولمايدۇ. بىلەمسىز؟ 2017- يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى 5 مىليوندەك قېرىندىشىمىزنى جازا لاگېرلىرىغا سولىدى، ياشلىرىمىزنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە، قۇل قاتارىدا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەپ، خىتايلىرىنى بىزنىڭ يۇرتىمىزغا توشۇۋاتىدۇ. جازا لاگېرلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بولسا بۇ دۇنيادا تىرىك تۇرۇپ، دوزاخ ئوتىدا كۆيۈۋاتىدۇ، سىرتتىكىلەرمۇ ئۈستى ئوچۇق قەپەزدە ياشىماقتا. مىللىتىمىزنىڭ پۇت- قولى كىشەنلەنگەن، ئاۋازى بوغۇلغان ھالەتتە. زىيالىيلىرىمىز ، بايلىرىمىز، دىنىي ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ھەممىسى جازا لاگېرلىرىدا، ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت ھېسابلىنىۋاتىدۇ. نارەسىدە بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ، ئىز- دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ساناقسىز، ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلغانلار جىنايەتچى ھېسابلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ بولدى، بەلكىم ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم ئىچكى ئورگان تىجارىتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندۇ، قىزلىرىمىز خىتايلارغا مەجبۇرى نىكاھلىنىپ، جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىمىز يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەل ئاخبارات ئورۇنلىرى، ھەتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ مۇستەققىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ئىزچىل يول قويمىدى. ئۆزلىرى بولسا بۇ پاجى’ئەنى، جىنايىتىنى يوشۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ساختا خەۋەرلىرى بىلەن دۇنيانى ئالداپ كېلىۋاتىدۇ. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ زۇلۇمغا دۇنيا تېخى سۈكۈتىنى بۇزۇپ، ئەمىلى ھەرىكەتكە ئۆتكىنى يوق. بىزنىڭ غەرب ئەللىرىدە نامايىش ۋە باشقا تۈرلۈك پا’ئالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز، دەل شۇ پۇت- قولى كىشەنلەنگەن، ئاۋازى بوغۇلغان مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىققا تەشنا ئارزۇسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش دېدىم. بۇ سۆزلەرنى دەۋاتقان چېغىمدا، ئۇ كىشىنىڭ بايانلىرىغا بولغان نارازىلىقىمدىن چىرايىم ئاچچىقلىنىش تۈسىنى ئالغان بولسا كېرەك، ئۇ كىشى مۇلايىملىق بىلەن سۆزۈمگە ئۇلاپلا:

– كەچۈرۈڭ ئەپەندى، مەن پەقەت كۆرگەن، ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، مېنىڭ بۇ قاراشلىرىمنىڭ پۈتۈنلەي توغرا بولۇشى ناتايىن. ئەمما شۇ نۇقتا ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى خۇددى رىۋايەت- چۆچەكلەردە دېيىلگەندەك ئۇيغۇرلارنى «ھاپ» قىلىپلا بۈگۈنكى ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئەمەس، دەپ قول سا’ئىتىگە بىر قارىۋالغاندىن كېيىن قويۇق قاشلىرىنى تۈرگىنىچە يەنە سۆزلەشكە باشلىدى.

– دۇنيا 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر كۆرەشچان، دانا مىللەتلەر ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ياكى مۇستەملىكە ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ ، ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا ئېلىش دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈردى. غەرب ئەللىرىنى مەركەز قىلغان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك قىممەت قارىشى پەيدىن-پەي كېڭىيىشكە ، ئىنسانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مىليونلارچە ئادەم ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان بولسا يەنە مىليونلارچە ئادەمنىڭ ئا’ئىلىلىرى خانە- ۋەيران بولدى. ساناقسىز بايلارنىڭ ھېسابسىز مال- مۈلكى سەرپ قىلىندى. بۇ بەدەللەر ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۆچمەس ئىزنالىرىدۇر. دېمەكچىمەنكى ناھايىتى زور بەدەل بىلەن نۇرغۇن مىللەت، قەۋم ياكى بىر توپلۇق ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىگە ئىگە بولۇپ ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە ئېرىشتى . ئۇلارنى ھەقىقىي كۆرەشچان ، جەسۇر، جاپاكەش مىللەتلەر دېسەك بولىدۇ.

دۇنيادىكى دېموكراتىك ئېقىمنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دېموكراتىك دولقۇننىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم تەلەيلىك مىللەتلەر ياكى قەۋم يۇقىرىقىدەك زور بەدەل تۆلىمىگەن بولسىمۇ، ئۇلار مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. يەنى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار يۇگوسلاۋىيە پارچىلىنىپ بارلىققا كەلگەن شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن ئىبارەت. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، بارلىققا كەلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى . تېخىمۇ تەلەيلىكلىرى بولسا، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمى، خەلقئارالىق قانۇن- پىرىنسىپلارغا تايىنىپ، شەرقىي تىمور 2002- يىلى، كوسوۋو 2008- يىلى مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، خەلقئارانىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىردى. سىلەرنىڭ بۇنداق تەلەيدىن نېسىۋەڭلار يوقمۇ؟ بىلمىدىم دېدى، ئۇ كىشى خورسىنغان ھالدا ماڭا تىكىلىپ قاراپ.

ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
-مەن كۆرگەن ماتېرياللاردا قەيت قىلىنىشىچە؛ ئۇيغۇرلار 1944- يىلى نويابىردا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە، يۇرتۇڭلارنىڭ شىمالىدىكى غۇلجا قاتارلىق بىر قىسىم جايلارنى ئازاد قىلىپ شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىمدا دۆلەت قۇرغان ئىكەن. ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىياسىي چۈشەنچە، پىلان، دىپلوماتىك تاكتىكا، خەلقئارا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاجىزلىقى، خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئۆزەڭلارغا پايدىلىق يوچۇقلارنى تاپالماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەڭ ئاخىرى گومىنداڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ، سۆھبەتتە ئۇتتۇرۇپ ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت كېلىشىمى ئىمزالىنىپتۇ. بۇ بىر ئەجەللىك مەغلۇبىيەت. ئۇ كېلىشىمگە كېيىن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ۋارىسلىق قىلغان ئىكەن.

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى سىلەرگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرىپ ئۆزلىرىگە ئىشەندۈرگەن . ئۇلار زىمىنىگلارغا كىرىۋالغاندىن كېيىن دەسلەپتە سىلەرنىڭ ھەربىي قوشۇنىڭلارنى تارقاقلاشتۇرغان. سىلەر بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغان. بىر دۆلەتنىڭ ئارمىيەسى بولمىسا، ئۇ دۆلەتلىك مەۋجۇدىيىتىنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلىپ سىياسىي كىملىك كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ؟ سىياسىي كىملىك بولمىسا شۇ تۇپراقتىكى پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، دىنىي كىملىكىدىن سۆز ئېچىشقا بولامدۇ؟ بۇ كىملىكلەر يوق يەردە ئىنساننىڭ ئادەمىيلىك كىملىكىدىن، ھەق- ھوقۇقلىرىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ مانا بۇ بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن مېنىڭچە كەچۈرگىسىز جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.

ئۇلار تەدرىجىي ھالدا ئارمىيەنى تارقاقلاشتۇرۇپ، بىرئاز خاتىرجەملىك ھېس قىلغانىدى كېيىن سىلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى جەريانىدىكى بىر قىسىم كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىما’ئىي ، دىنىي يىتەكچىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن كۆز ئالدىڭلاردا ئېتىۋەتكەن ، تۈرمىلەرگە سولاپ چىرىتىۋەتكەن. سىلەر سۈكۈت قىلغان.
1955- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى، ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق «ئاپتونومىيە» ۋىۋىسكىسىنى تۇتقۇزۇپ قويسا، ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە ھازىرغىچە كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتىسىلەر.

1960- يىللارنىڭ باشلىرىدا، خىتاي- سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلغان، يەنە كېلىپ قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ پارتىيە، ئارمىيە، ھۆكۈمەت ھوقۇقى بېرىلگەن چاغدا، ئۆزەڭلار ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدىمەي سۈكۈتتە تۇرۇپسىلەر. شۇ مەزگىلدە ھەتتا خەلق ئەسكەرلىرى نامىدا، پۇقرالارغىچە قورال تارقىتىپ بېرىلگەن ئىكەنتۇق.

1966- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە بولغان، خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى قالايمىقانچىلىقلىرىدا ، ئۆزەڭلەر ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدىمەي، خىتاي ھۆكۈمىتى بۆھتانلار بىلەن نوپۇزلۇق، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا تەسىر كۈچى بولغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرمىلەرگە سولىسا سۈكۈتتە تۇرۇپسىلەر.

1980- يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئوڭشاش، ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلىشقا يۈزلىنىپ ، زېمىن ئېھتىياجى، بايلىق ئېھتىياجى سەۋەبلىك، خىتاي پۇقرالىرىنى يۇرتۇڭلارغا تۆكۈۋەتسە سىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپسىلەر، بىر تىيىن بەرمەي، يەر ئاستى- يەر ئۈستى بايلىقىڭلارنى خالىغانچە تالان- تاراج قىلسا سۈكۈتتە تۇرۇپسىلەر.

1990- يىللاردىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە يات بولغان سىلەردەك مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ما’ئارىپىڭلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويسا سۈكۈتتە تۇرۇپسىلەر.

2000- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى- مەدەنىيىتىنى جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىش سىياسىتىنى يولغا قويسا سۈكۈتتە تۇرۇپسىلەر. ئۆزەڭلارنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان، تەقۋادار مۇسۇلمان دەيدىكەنسىلەر، ئەمما ئىبادەت قىلىدىغان مەسچىتىڭلارنى چېقىۋەتسە، قۇرئان كىتابىڭلارنى ساماندەك دۆۋىلەپ ، ئوتۇننىڭ ئورنىدا كۆيدۈرىۋەتسە ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىدىكەنسىلەر.

2019- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىزھدىكى بۈۋىمەريەم چېركاۋسىغا ئوت كەتتى. ئوت ئۆچۈرۈلىۋاتقان بىر- قانچە سا’ئەت ئىچىدە، ئۇ چېركاۋنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئى’ئانە قىلىنغان پۇل 300 مىليون ياۋرو، ئىككى كۈن ئىچىدە ئى’ئانە قىلىنغىنى 1 مىليارد ياۋروغا يەتكەنلىكىنى، نەق مەيدان تېلېۋىزور خەۋەرلىرىدىن كۆرۈپ، ئۇ پاكىتقا ھەممىمىز شاھىت بولدۇق.

2010- يىلىدىن باشلاپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ياردىمىدە، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۆزىنى بىرئاز ئوڭشىۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا شۇنىڭدەك دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش يامان غەرىزىدە، سىلەردەك زېمىن داۋاسى قىلىدىغان مىللەتنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش، ئۇيغۇر ئەمەس بەلكى خىتايچە سۆزلەيدىغان ، ياۋاش، خىتاي پۇقرالىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش، چاڭلاشتۇرۇپ تۈگىتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. قىزلىرىڭلارنى خىتايلارغا مەجبۇرى نىكاھلاندۇردى، ئاكادېمىكلار، بايلار، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان ھەر ساھەدىكى ئادەملەرنى يىغىشتۇرۇپ، بىرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بىرلىرىنى تۈرمىلەرگە تاشلىسا سىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپسىلەر.

زىيالىيلىرى، بايلىرى، ھەر ساھەدىكى جەمئىيەت يېتەكچىلىرىدىن ئايرىلغان بىر مىللەت، سەركىسى يوق پادا، بېشى يوق يىلانغا ئوخشايدۇ. مانا ھازىرقى ۋەزىيەتتە، سىز يۇقىرىدا دېگەندەك مىليونلارچە ئادەم جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋېتىپتۇ. مىليونلارچە ئا’ئىلىلەر خانە – ۋەيران بوپتۇ. ساناقسىز نارەسىدە بالىلار ئاتا- ئانىسىز ئىكەن. مىللەتنىڭ كېلەچەك ئانىلىرى بولغان ياش ئۇيغۇر قىزلىرى، خىتايلارغا مەجبۇرى نىكاھلىنىدىكەن. زىيالىيلار مەرتىۋىسىز، بايلار مۈلۈكسىز، جەمئىيەت يېتەكچىلىرى نام- ئاتاقسىز، پۇقرالار ئىگە – چاقىسىز ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ. مەن 72 يىللىق ھاياتىمدا سىلەردەك زۇلۇم چەككەن، سىلەردەك خورلۇق كۆرگەن باشقا بىر مىللەتنى ئاڭلاپ باقمىدىم. سىلەرگە بۇ سەبىر، چىدامچانلىق نەدىن كەلدى ؟ سىلەر سەۋەبنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كۆرەمسىلەر ؟ بىر مىللەت، مۇستەقىللىق ، ئەركىنلىك ئۈچۈن جان بېرىپ ، كۈرەش قىلىپ، نەسلى قۇرۇپ، تۈگەپ كەتكەن ئەمەس، ئەكسىنچە سۈكۈتتە تۇرۇپ، تۈگەپ كەتكەن مىللەتلەر ئاز ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەبلەر، قىيىن بولغان، ئىچكى- تاشقى ئامىللارنىڭ بولىدىغانلىقىنى چەتكە قاقمايمەن. سەۋەبلەرنى باھانە قىلساق، ھەركىمنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىپ- كەتكىچە بولغان جەرياندا نۇرغۇن قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىقلىرىغا تۈگىمەس سەۋەبلەرنى كۆرسۈتۈش مۇمكىن. بۇنىڭدىكى مۇھىم مەسىلە، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز باش تارتماي قەيسەرلىك ۋە غۇرۇر بىلەن بىجا كەلتۈرۈشۈمىز كېرەك. نەتىجىسىنى كېيىنكى ئەۋلادلار، تارىخ يەكۈنلەيدۇ . توغرا قىلغانلىرىمىزنى ئەۋلادلار ھۆرمەت، سېغىنىش ، ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىدا خاتىرىلىسە ، خاتا قىلغانلىرىمىزنى نەپرەت، ئۆكۈنۈش ۋە ئېچىنىش ئىچىدە ئەسلەيدۇ خالاس.
ئۇ كىشىنىڭ سۆزلىرى يۈزۈمگە تەستەك بىلەن ئۇرغاندەك، كېسىلگەن جاراھىتىمگە تۇز سەپكەندەك مېنى ئازابلىدى . شۇ ئازابلىق دەقىقىدە، تارىخى كىتابلاردا ئوقۇغان: 1678- يىلى ھىدايەتۇللا خوجا «ئاپئاق غوجا» ئۆزىنىڭ نام- شۆھرەت ، ھوقۇق تاماسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن جۇڭغارىيە ئىشغالچىلىرىنى باشلاپ كېلىپ، ئولپان تاپشۇرۇش بەدىلىگە تارىختا، تىللاردا داستان بولغىدەك 164 يىل سەلتەنەتلىك دەۋر سۈرگەن، سە’ئىدىيە خاندانلىقىمىزنى ئاغدۇرۇپ، قورچاق خان بولغانلىقى، ئۇنىڭ مەھمۇت قەشقەرى ، يۈسۈپخاس ھاجىپ قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك زىيالىيلىرى ئەسىرلەر بويى يىغىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق كېلەچىگى ئۈچۈن توپلىغان مىللەتنىڭ روھى، مەنىۋى بايلىقى بولغان ساناقسىز قول يازمىلار، 360 ئېغىزلىق ئالتۇنلۇق مەدرىس – دۆلەت كۇتۇپخانىسىنى ئۆلىما، تالىپلىرى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈپ، ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى مۇنقەرزلىككە تۇتۇپ بەرگىنى، خەلقىمىزنىڭ تېخى ھېلىغىچە يۇرت- يۇرتلاردىن قەشقەرگە كېلىپ، ئاپئاق غوجا مازارلىقىنى تاۋاپ قىلىشلىرى.
1698- يىلى كۈزدە، سە’ئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ پادىشاھى مەلىكە مۇختەرەم خانىم ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپ سە’ئىدىيە خانلىقىدىن ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز مەرگەنلىكى ۋە جەڭبازلىق ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن سەركەردىلەرنى قايىل قىلىپ، جەڭلەردىكى باھادىرلىقى بىلەن دوستلىرىنىمۇ، دۈشمەنلىرىنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغان، سە’ئىدىيە خانلىقىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلغان بۈيۈك ھەربىي سەركەردە، جاسارەتلىك دۆلەت ئەربابى، ئۇلۇغ ئايال ھۆكۈمدارنىڭ ئالتە نەپەر نەشىكەش ،نامەرد، سوپى-ئىشاننىڭ قولىدا پاجى’ئەلىك ئۆلتۈرۈلىشى، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇيغۇر سەلتەنىتىنىڭ بارغانچە خىرەلىشىپ كېتىشىگە يۈزلەنگەنلىكى ، ئاخىرىدا 1759- يىلى مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمىز…

1925- يىلى مىللەتنى قۇتقۇزۇش كۈرىشىگە ئاتلانغان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەشقەردىكى ئۆيىدە خىتاي غالچىسى نىياز ساقچىنىڭ قولىدا بوغۇزلىنىشى، قۇمۇلدا كۆتۈرۈلگەن قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى تۆمۈر خەلىپىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۆزىنى ئۆزى خىتايغا تۇتۇپ بېرىشى ، غوجا نىياز ھاجىنىڭمۇ يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، 1933- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى سابىت داموللامنى تۇتۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ، ئۆزىنىڭمۇ خىتاينىڭ قولىدا جېنىدىن ئايرىلىشى، شۇنىڭ نەتىجىسىدە يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا قۇرۇلغان تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بۆشۈكىدىلا دەپنە قىلىنىۋېتىشى ، 1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ، بىزنىڭ ئارمىيەمىز خەلقىمىزنى گومىنداڭ خىتايلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىسسىق جانلىرىنى بېرىپ كۆرەش قىلىۋاتسا، ئابدۇكېرىم ئابباسوفدەك ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمىتىمىزدە نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ كوممۇنىست خىتايلىرى بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، گومىنداڭ خىتايلىرىدىن قۇتۇلالمىغاننى ئاز دېگەندەك كوممۇنىست خىتايلىرىغا تۇتۇلىشىمىزغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك سەۋەب بولۇشى، ئەينى چاغدا ھۆكۈمىتىمىز ئىچىدە يۈز بەرگەن، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ كۈچلىنىشى، پۈتكۈل خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئارزۇسىغا خىلاپ تۈگىمەس ئىچكى زىددىيەتلەر، مەيلى گومىنداڭ خىتايلىرى، ياكى كوممۇنىست خىتايلىرى بولسۇن، ئۆزىمىزنىڭ سىياسىي، دەپلوماتىيە، تاكتىكا قاتارلىق تۈرلۈك جەھەتتىكى نا’ئۇستىلىقىمىزدىن سۆھبەت ئۈستىلىدە مەغلۇپ بولغانلىقىمىز توغرىسىدا يېزىلغان قۇرلار يىپقا تىزىلغان مارجاندەك بىر- بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.

1996-يىلى دىكابىردا ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە يىغىلغان، تونۇلغان زىيالىي، ئەرباپلىرىمىزنىڭ بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا، زىيالىلىرىمىز سەلتەنەتلىك تارىخىمىز توغرىسىدا پەخرلىنىپ سۆز قىلغاندا، ئۇستازلىرىمىزدىن مەرھۇم تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى دادىللىق بىلەن سۆز قىلىپ « بىز تارىخنى كۆشەۋېرىشتىن بەكرەك ئۇنىڭدىن ساۋاق، ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك، مىللەتنىڭ ئىللەتلىرىنى رەھىمسىزلەرچە قامچىلاش لازىم، ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەيدۇ، مىللەت تۈزەلمىسە شانلىق تارىخىمىزنى كۆشەيدىغانغا ئادەممۇ قالمايدۇ» دېگەن كۈچلۈك خىتابى قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلاۋاتقاندەك تۇيۇلدى.

بىز ئۇيغۇرلار مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بەرگەن ئەزىز جانلار، دەريا بولۇپ ئاققان ئىسسىق قانلار، تۆلىگەن بەدەللەر، ئاللاھقا نىدا قىلىپ كۆتۈرگەن مىليونلىغان قوللار… ئەجەبا بىز ئۆتمۈشتە نېمىلەرنى خاتا قىلدۇق ؟ بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ دېگەن سۇ’ئاللار خىيالىمدىن چاقماق تېزلىگىدە كېچىۋاتاتتى، ئۇ كىشى مېنىڭ سەل تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغانلىقىمنى كۆردى بولغاي، سۆزىنىڭ ئۇرانىنى ئۆزگەرتىپ:
– ئەپەندىم، مەن سىلەرنى ئەيىبلەش نۇقتىسىدىن دېمەيۋاتىمەن ، بەلكى مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى، كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ياخشى بىلىش كېرەك دېمەكچى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھەرقانداق ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ئۇنىڭ نېگىزلىك ماھىيىتى، ئەجەللىك، نازۇك ئاجىز نۇقتىلىرى، تەرەققىياتى، ئاخىرىدا نەتىجىسى بولىدۇ. بىز شۇنىڭغا قارىتا، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك، كۈچلۈك- ئاجىز نۇقتىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەي تەدبىر ئالساق مەقسىتىمىزگە يىتەلمىگەن تەقدىردىمۇ چوڭ زىياندىن ساقلىنىپ قالىمىز.

سىلەر تۇپرىقى مۇنبەت، بىپايان، چەكسىز كەتكەن، يەر ئاستى-يەر ئۈستى بايلىقلىرى ئىنتايىن مول، تاغۇ- دەريالىرى گۈزەل، مەن كۆرگەن ئاشۇ زېمىننىڭ ئىگىسى. بۇ نۇقتىنى سىلەردىن بەكرەك خىتايلار ياخشى بىلىدۇ. سىلەر خىتايلار بىلەن قوشنا ۋە ئارىلىشىپ ياشىغان مىللەت. تارىختا ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئۇلارغا سالغان كۈنىنى سىلەر خاتىرەڭلاردىن چىقىرىپ قويغان بىلەن خىتايلار تا ھازىرغىچە ئۇنۇتقىنى يوق. «دوستۇڭدىن دۇشمىنىڭنى يېقىن تۇت» دېگەن گەپ بار. خىتاينىڭ تارىخىدا، ئۇششاق بەگلىكلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان جەرياندىكى ھاكىمىيەت، دۆلەت باشقۇرۇش، قوشنا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادى، دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە، ئىزچىل تۈردە ھىيلە- نەيرەڭ، ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللۇنىشتا 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇلاردىن ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك نورمال بىر سەمىمىيەت، كىشىلىك ئەخلاق، ئىنسانىي قىممەت قارىشىنى تېپىش تەس. 1989- يىلى ئىيۇندىكى دۆلىتى، خەلقى ئۈچۈن دېموكراتىيە، ئىسلاھات ئارزۇسىدا تىيەن ئەن مېن مەيدانىغا چىققان ئۆز پەرزەنتلىرىنى تانكا- برونىۋىكلار بىلەن تىرىك تۇرغۇزۇپ باستۇرالىغان، ھايۋانلارنى تىرىك يەپ، ئۇلارنىڭ ئاھۇ- زارىدىن ھۇزۇر ئالىدىغان بۇنداق ھۆكۈمەت، مىللەتتىن شەپقەت تىلەش «ئۆلۈك ئىشەكتىن ئۆپكە تىلىگەن» دەك بىر ھاماقەتلىك. ئۇلار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا بارلىققا كېلىۋاتقان دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەكسىچە ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى مۇداپى’ئە قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، باشقا يات ئىرقتىكى مىللەتلەرنى كەمسىتىش تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك. مەقسەتلىرىگە يىتىش ئۈچۈن تۈلكىدەك ھىيلىگەر قىياپەتكە كىرىۋالالايدۇ، مەخپىي پىلان تۈزۈپ، ئۇنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر خەۋەرلەنگەندىن سىرت ھەتتا ھېچكىمگە بىلدۈرمەيدۇ. كۈچلۈكلەر ئالدىدا بىچارە- مەزلۇم قىياپەتكە كىرىۋالسا، ئاجىزلارغا رەھىمسىزلەرچە زوراۋانلىق قىلىدۇ. ئۇلار فې’ئوداللىق ، قۇللۇق ئىدىيەسىدىن تېخى ئازاد بولغىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى تېخىچە بېيجىڭدىكى موڭغۇل ئىمپېرىيەسى، مانجۇ ئىمپېرىيسى ئوردىسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇيالماستىن ئەكسىنچە بىزنىڭ چىڭگىزخان، بىزنىڭ تارىختىكى سۇلالىرىمىز دېيەلەيدۇ. خىتايلار ئاجىز دەۋرلىرىدە قاتتىق- مەزمۇتلىققا، قەيسەرلىككە سىمۋول قىلىنىدىغان چىنار دەرىخى، تەبئەتنىڭ رەھىمسىز قار-شىۋىرغانلىق ئاچچىق جۇدۇنلىرى، تومۇزنىڭ پىزھغىرىم ئىسسىقلىرىغا پەرۋا قىلماي، تاشنى يېرىپ يىلتىز تارتىپ ياشايدىغان قارىغاي دەرەخلىرىنى كىچىككىنە مىتە قۇرۇتنىڭ قۇرۇتۇپ، قاقشال قىلىپ قويغىنىغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ «پاراسەتلىك» نەيرەڭلىرى بىلەن، تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان چىڭگىزخان موڭغول ئىمپېرىيەسى ۋە مانجۇ قاتارلىق ئىمپەرىيەلەرنىڭ سەلتەنىتىنى ئەپچىللىك بىلەن دەپنە قىلدى. نۆۋەتتە موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالىنى دېمىسەممۇ سىلەر مەندىن ئوبدان بىلىسىلەر. ھازىر مانجۇلارنى دورىلىق ئۈچۈن تېپىشمۇ تەس. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتىكى ماھىيەتنى ئوبدان تونۇپ يېتىشى، ئويلۇنىشى، ئىزدىنىشى كېرەك.

دۆلەت قۇرۇش ناھايىتى زور، مىسلىسىز بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. دۆۋلەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈش، دۆۋلەت پۇقرالىرىنى خاتەرجەم، ئەركىن، پاراۋان شارا’ئىتقا ئىگە قىلىشتا تېخىمۇ شۇنداق.

دۇنيا دېموكراتىيەلىشىش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە، سابىق يۇگوسلاۋىيە ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىن پارچىلىنىپ قۇرۇلغان شەرقىي ياۋروپادىكى بالقان دۆلەتلىرى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قۇرۇلغىنىغا 30 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ھەقىقىي تۈردىكى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولغىنى يوق. دۆلەت باشقۇرۇش سېستىمىسى تېخىچە قاتمال، ئىچكى مەسىلىلىرى تاغدەك دۆۋىلەنگەن، پۇقرالىرى پەرىشان ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ دۆلەتلەر مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە رۇسىيەنىڭ ھامىلىلىقىدىن ماھىيەت جەھەتتىن تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمىدى. ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ نورمال تەرتىپى ياكى بولمىسا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ شۇ جۇغراپىيەدىكى نورمال، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىما’ئىي تەرتىپىگە سەلبىي تەسىر كۆرسۈتۈپ كېلىۋاتىدۇ.

سىلەر ياخشى بىلىدىغان تەيۋەن بولسا، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر سەۋىيەسىدە بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق دارامىتى 24 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق، بىر دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ئاپپاراتلار تولۇق بولۇشىغا قارىماي دۆلەت سۈپىتىدە خەلقئارانىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتىدۇ. سىپرۇسنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دارامىتىمۇ 24 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىتىمۇ تەيۋەنگە ئوخشاش.
موناكو بولسا 1489- يىلى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى فىرانسىيەدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان، يەر كۆلىمى ئارانلا 2.02 كىۋادرات كېلومېتىر، 37 مىڭ 300 نوپۇسقا ئىگە كىچىك دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق دارامىتى 30 مىڭ ياۋرودىن ئارتۇق، پۇقرالىرى باياشات-خاتىرجەم ياشايدۇ. ئىنسانلار ئوخشاش يارىتىلغىنى بىلەن ئۇلاردىكى تىرىشچانلىق ئوخشاش بولمىغاچقا نەتىجىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.
ئۇ كىشى سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، شامالدا يەلپۈنۈپ خادىغا يۆگۈشۈپ قېلىۋاتقان بايراقنى ئوڭشىغاچ، ئىچىمدە ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن: “بۇ خىرىستى’ئان مۇرىتى، مۇسۇلمانلارغا سەلبىي نەزىرىدە قارايدىكەن“ دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ئىقتىسادى، سەھىيە – داۋالىنىش، قاتارلىق سەۋەبلەردىن گېرمانىيەگە پاناھلىق تىلەپ كېلىدىغانلار ئىچىدە، بالقان دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلار خېلى سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئۆزەممۇ كۆچمەنلەر ، پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ساھەسىدە خىزمەت قىلغىنىم ئۈچۈن بۇ رې’ئاللىقنى مەنمۇ ئىنكار قىلىشقا قادىر ئەمەستىم. ئۇ كىشى مېنىڭ ئوي- خىيالىمنى سەزگەندەك: سۆزىنى داۋام قىلدى.

– مەن قانداقتۇ مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قاراۋاتقىنىم يوق. ئۆزۈم خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلغىنىم بىلەن قۇرئان كەرىمنى نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم. ئۇ ئاللاھ نىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۆز بەندىلىرى بولغان ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن ، ناھايىتى يۈكسەك، ئابستراكت ئىنسانلارنىڭ ھايات- ياشاش قىبلىنامىسىدۇر. مەيلى قايسى دىنغا ئېتىقات قىلايلى، مەسىلە بۇ قىبلىنامىنىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا چۈشىنىشتە . ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا سېغىنىپ دۇۋا قىلىش، ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئاجىز بىر قۇل ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىش، بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇنى ئاللاھ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئىنسانلارغا يارىتىپ بەرگەن مۇشۇ دۇنيادىكى كونكېرىت جەمئىيىتىمىز، ئۆزىمىزنىڭ كوللېكتىپ ۋە شەخسى ھاياتىمىز ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كونكېرىت ئىپادىسىدە كۆرۈلىدۇ. ئىنسان قاچان، قەيەردە تۇغۇلۇپ بۇ دۇنيادىن قاچان ۋە قەيەردە خوشلىشىدىغانلىقىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس. بىز تۈگىمەس تۈنۈگۈننى ئۇزۇتۇپ ، بۈگۈن ئۆزىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايمىز، شۇنداقلا تۈگىمەس ئەتىلەرنى كۈتىۋالىمىز . بىز ئەگەر بۈگۈن زىممىمىزغا يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى توغرا، تولۇق ئورۇندىيالىساق بەلكىم ئەتىدىكى تەقدىرىمىزدە ئۆزگۈرۈش بولۇشى، كېچىككەندىمۇ ئۆگۈنى ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىشىمىز، ئەكسىچە بولغاندا تەقدىرىمىز تۈنۈگۈنكىدەك، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ھالغا قېلىشىمىز مۇمكىن. بىز ياشاتقان مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئالغان ما’ئارىپ تەربىيەرىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىق نەتىجىسىدىكى ساپا پەرقى، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئانالىز قىلىشتا تۇتقان پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى قاتارلىق سەۋەب تۈپەيلىدىن قىبلىنامىنى ھاياتلىقنىڭ كونكېرىت مەۋجۇدىيىتىگە توغرا تەتبىقلاپ كېتەلمەيۋاتىمىز. نوقۇل ھالدىكى ئىبادەت كۇپايە قىلىدىغان بولسا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۆزگىچە دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى، پۇقرالىرى ئەركىن، پاراۋان ياشاش شەكلى جەھەتتە ئۈلگە ياراتقان، ئىچكى قالايمىقانچىلىق، ئۆز-ئارا توقۇنۇش قاتارلىق نىزالار تۈپەيلىدىن سەپەردىكى مۇشكىلاتقا ھاياتىنى دوغا تىكىپ غەرب، خىرىستىيان دۆلەتلىرىدە مىليونلاپ پاناھلىق تىلىمىگەن بولاتتى. دۇبەي ئەرەب مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك، ئاسمانغا تاقاشقان، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىمارەتلىرى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭىلىق بولغان، دېڭىزنى تىندۇرۇپ بەرپا قىلىنغان سۇ ئۈستى پالما ئارىلى شەھەرلىرى، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان 7 يۇلتۇزلۇق مېھمان – سارايلىرى، زامانىۋى شەھەر ئاساسىي مۇ’ئەسسەلىرى قاتارلىقلارنى لايىھەلەپ ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىلار ۋە ئۇلارنى تېخنىكا، كەسپى جەھەتتىن باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ زور كۆپ ساندىكىلىرى غەربلىكلەر. ھەتتا دۇبەي خەلقئارا ئايرودۇرۇمنىڭ كەسپى باشقۇرغۇچىسىمۇ خاتىرەمدە قېلىشىچە بىر ئەنگلىيەلىك. مۇسۇلمانلار تاۋاپ قىلىدىغان ئەڭ مۇقەددەس جاي ، مەككە مەدىنە ئورۇنلاشقان، سە’ئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنى ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتىدىن مۇداپى’ئە قىلىش ئۈچۈن، سە’ئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنىڭ تەلىپى بويىچە مۇسۇلمانلار يامان كۆرىدىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى قوغدايدۇ.

كۈرەشچان ۋە تىرىشچان مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ، پۇقرالىرىنى ئاساسەن بولسىمۇ خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرگەندىن تاشقىرى يەنە دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدا خاتىرجەمسىز ، ئەرزىيەت چېكىۋاتقان مىللەتلەر، قەۋملەرگە ئىمكانى يار بەرگەن دا’ئىرىدە ياردەم قولىنى سۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقان، بۇ گۈزەل زېمىننىڭ مۆجىزىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنى چۈشىنىشكە ھەتتا زېمىندىن ئاي شارى، مارس، قۇياش، كا’ئىناتقا يۈرۈش قىلىپ، ياراتقۇچىنىڭ سېخىلىك بىلەن ئۆز بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ئەقىل- پاراسىتىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياراتقۇچىنىڭ سىرلىق قۇدرىتى، تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

مەن قۇرئاننى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن مۇسۇلمان دوستلىرىمدىن مەسلىھەت سوراپ، كۆپ قېتىم جۈمە نامىزىغا بارغان. جۈمە نامىزىغا چاقىرىپ ئېيتىلغان، ئەزاننىڭ تەكبىرىگە ھېچكىم قوشۇق سالمايدىكەن، ئادەملەر ئۆزلىكىدىن تەرتىپلىك سەپ تۈزۈپ، تالاش- تارتىشتىن خالى ھالدا ئۆز جايلىرىنى تېپىپ ، نامازغا ھازىرلىنىدىكەن. مېھراپتىكى ئىمامنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئوقۇلغان ناماز، بۇ ئىبادەتتە قىلىنىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ يىللارچە ئالاھىدە مەشىقنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئەسكەرلەردەك يۈكسەك دەرىجىدىكى تەرتىپلىكى، ئىمامنىڭ ۋەز- نەسىھىتىنى دىققەت، ھۆرمەت بىلەن تىڭشاشلىرى مەندە ئىسلام ئەخلاقىغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. بۇ مەنزىرىنى يۇقىرى سەۋىيەدە تەربىيە كۆرگەن سىياسىيون، دۆۋلەت باشقۇرۇۋاتقان ئەربابلارنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى يىغىنلىرىغا سېلىشتۇرساق ، ئۇ ئەربابلارنىڭ چىڭقىلىپ، بىر- بىرىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي سۆزلەشلىرىدىن ئاسمان – زېمىن پەرقنى كۆرۈش مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ نامازدىن چىقىپلا توپ- توپ بولىۋېلىپ چاي ئىچكەچ ، ئۆزى ياشاۋاتقان، پاراۋانلىقى، بىخەتەرلىكىدىن بەھىر ئېلىۋاتقان دۆلەتنىڭ جەمئىيەت تۈزۈمى، قانۇنلىرى توغرىسىدا بەس- بەستە شىكايەت قىلىپ چوقۇراشلىرى، بىزنى كاپىردىن – كاپىرغا سېلىپ ئەيىبلەشلىرى ، ھېلىقى ئىبادەت جەريانىدىكى قىياپىتىدىن ئەسەرمۇ يوق، دېموكراتىيە دەپ ئاغزىغا كەلگەننى دېيىشلىرى مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان. دېمەك ئاللاھ نىڭ قانۇنى، ھۆكمى ئەڭ توغرا ۋە ئادىل. مەسىلە ئىنسانلارنىڭ ئۇ قانۇننى ئىبادەتتىلا ئەمەس بەلكى كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ھەر-بىر قەدىمگىچە كونكېرىت تەتبىقلاشتا.

بىز 21 -ئەسىرنىڭ پەن- تېخنىكا راۋاجلانغان، بۇنىڭ تەسىرىدە دۇنيا كىچىكلىتىلگەن بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. ئەڭ تالانتلىق ئادەم پۈتكۈل ھاياتىدا مېڭىسىنىڭ ئاران 10% نى ئىشلىتىشكە قادىر كېلىدىكەن، قالغانلىرىمىز بولساق مېڭىمىزنى ئىشلەتكەن بىلەن ئىشلەتمىگەننىڭ ئورنىدا بۇ دۇنياغا كېلىپ يەنە كېتىدىكەنمىز . ھايۋانلاردىن دېلفېن 13%، پىل بولسا مېڭىسىنىڭ 15% نى ئىشلىتىشكە قادىر بولۇپ، بىر كۆرگىنىنى خاتىرىسىدە قالدۇرۇش جەھەتتە ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن، ئەمما ئاللاھ ئۇنىڭغا تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى بەرمەپتىكەن. ياراتقۇچى بىزگە بەخش ئەتكەن زېمىندا، مەيلى قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلايلى، بىز شۇ قىبلىنامە بويىچە بىر- بىرىمىزگە سەمىمىي، دوستانە كىشىلىك مۇناسىۋەت قىلالايدىغان، ياراتقۇچى سېخىلىق بىلەن ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان مۆجىزىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ھاياتلىق بىزگە يۈكلىگەن ۋەزىپىنى تىرىشىپ ئورۇندىيالىغان بولساق، بىز توغرا قىلغان بولاتتۇق، مىڭ ئەپسۇس.

ئۇ كىشىنىڭ بايانلىرىدىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم دىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇ كىشىدە قالدۇرغان سەلبىي تەسىرىنى، بىزنىڭ ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئىسلام ئەقىدىمىز، ئىسلام ئەخلاقى، ئىسلامدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق، ئىسلام دىنىمىزدىكى پىرىنسىپلارغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تېخى يۈزەكى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇ كىشى ئەتراپقا بىرقۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

– سىلەردەك خورلۇق، زۇلۇم چېكىۋاتقان مىللەت ئەلۋەتتە ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە ئېرىشىپ مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. مەسىلە مۇستەقىللىقنى نېمە بىلەن، قانداق قىلىپ قولغا كەلتۈرۈشتە. گېرمانىيەدە بىر ئەسكەرنى ئاساسەن تولۇق قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن 25 مىڭ ياۋرودىن ئارتۇق پۇل كېتىدۇ . ئەگەر مۇكەممەل قوراللاندى دېسەك تېخىمۇ كۆپ چىقىم كېتىدۇ ئەلۋەتتە. سىلەرنىڭ ئارمىيەڭلار يوق. يەنە كېلىپ ھازىر كۆسەي مىلتىق بىلەن ئېتىشىپ ، ئۇرۇش قىلىدىغان دەۋر ئۈتۈپ كەتتى. سىلەردە مۇكەممەل ئەسكىرىي، ھەربىي قوماندانلىق تەربىيەسى كۆرگەنلەر بولسىمۇ پەقەتلا ئاز ساندىكىلەر بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئەسكەر چىقىرىپ، دۇنياغا خوجا بولىمەن دەۋاتقان خىتاي دۆلىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىل قىلىپ قويمايدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن تۈزۈشكەن دىپلوماتىك شەرتنامىلىرى بار. ئۇنى خالىغانچە، خەلقئارا پىرىنسىپلارنى قايرىپ قويۇپ بىكار قىلىۋېتىدىغان گۆدەكلەرچە ئىش ھازىرغىچە بۇ ئەللەردە بولۇپ باققان ئەمەس. بىر دۆلەتنىڭ چەتئەلگە ئەسكەر چىقىرىپ، ئۇرۇش قىلىش چىقىمىنى شۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ ۋە بۇنداق قارارنىڭ چىقىرىلىشىمۇ ئۇنداق ئاسانغا توختايدىغان ئىش ئەمەس.

مۇستەقىللىق ناھايىتى زور ئىقتىسادى بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ياشىغىنىغا تېخى ئۇزۇن بولمىدى. ئەڭ ئۇزۇن دېگەندىمۇ ئىككىنچى، ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى بولسا ئۈچىنچى ئەۋلادقا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئاز ساندا ئۇيغۇر بايلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭلار ئۆزەڭلارغا بەش قولدەك ئايان. ئەرەب ئەللىرىدىكى دىنداشلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە بولغان ھېسداشلىقىنى دېمىسەممۇ ياخشى بىلىسىلەر. سىلەرگە ئىقتىساد ياردەم قىلىش ئەمەس ھەتتا سىلەر تارتىۋاتقان زۇلۇم توغرىسىدا سۆزلەشتىنمۇ ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، خىتاي ھۆكۇمىتى بىلەن ئاپاق- چاپاق بولۇشۇپ يۈرۈيدۇ. غەرب ئەللىرىدە سىلەر ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىپ، مىلياردلارچە دوللار، ياۋرو مەبلەغ سالىدىغان «سېخى ، مەرد» لەرنى مەن تېخى بايقىمىدىم.

مۇستەقىللىق سىياسىي، ئىقتىسادى ، دىپلوماتىيە قاتارلىق ھەر ساھەدە يېتىشكەن ، كۆپ ساندىكى تالانت ئىگىلىرى، زىيالىيلارغا موھتاج. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشى جەريانىدا ئالىدىغان رولى ئىنتايىن زور بولىدۇ. بىر- ئىككى ئادەمنىڭ دەل پەيتىدە ئوينىغان سىياسىي، دىپلوماتىك رولى بەزىدە بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ . بۇنى تارىختىن ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. غەرب ئەللىرىدە ئاكادېمىك سەۋىيەدە يېتىشكەن ، ھەر ساھەدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسىمۇ، ساناقلىقلىرىدىن باشقا ئۇلارنىڭ پۈتكۈل مىللەتنى قۇتقۇزۇش سېپىدە قاتاردا بولماسلىقى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇ توغرىدا ئوبدان ئىزدىنىپ، سەۋەبىنى تېپىشىڭلار، تالانت ئىگىلىرىنى بايقاپ بۇ سەپكە قوشۇشۇڭلار كېرەك.

مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە مېنىڭچە بولغاندا يەنىلا خەلقئارالىق قانۇن، پىرىنسىپلارغا تايىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاتارلىق دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى، كۈچلەر بىلەن دىپلوماتىك، سىياسىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. نۇرغۇن خەلقئارالىق چوڭ مەسىلىلەر يەنىلا ئەنە شۇ سىياسىي سەھنىلەردە روياپقا چىقىدۇ. يىللارچە ماڭدۇق، يىللارچە نامايىش قىلىۋاتىمىز دەپ مەيۈسلىنىشكە، توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ. كوچا- كويلارنى تولدۇرۇپ مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ توختىماي خۇددى خوڭ كوڭلىقلاردەك نامايىش قىلىشىڭلار، دۇنيانىڭ سىياسىي مەركەزلىرى بىلەن تىنىمسىز كۈچەپ ئىشلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. مۇستەقىللىق يولىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قەدەم- باسقۇچلۇق پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىشىڭلار ۋە ئۇنى مەخپىي تۇتۇپ، كوچا- كويلاردا، چايخانىلاردا ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ يۈرۈشتىن ساقلىنىشىڭلار كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي، دىپلوماتىك تەسىر كۈچى ئارقىلىق سىلەر مەقسەتكە يېتىشتىن ئىلگىرى ئىشىڭلارنى بۇزۇۋېتىشىگە پۇرسەت بەرمەسلىك لازىم. شۇ’ئارۋازلىقتىن ساقلىنىش، ھاياجانلىنىپ، ئاچچىقلىنىپ ئىش قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆپىنچە ھاللاردا ياخشى بولمايدۇ. توغرا ئىستراتېگىيە ، مۇكەممەل سىياسەت، دىپلوماتىك تاكتىكا نىشانغا يېتىشتىكى يولنى قىسقارتىپ، بىھۇدە بەدەل تۆلەشتىن ساقلايدۇ. مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ يەكۈن چىقىرىش، ئىمكان قەدەر سەۋەنلىكتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئالدىنقىلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كېيىنكىلەر زىيازەت چېكىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېتلەر بىلەن بىرلەشمە ئارمىيە قوشۇنلىرى بومباردىمان قىلىپ، گېرمانىيە زېمىنىنى ئاساسەن دېگۈدەك خىش- كېسەك دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇشتا ئۆلگەن ياكى ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ، گېرمانىيەدە ئەرلەر ناھايىتى ئاز قالغان. ئاشۇنداق شارا’ئىتتا ياشانغان ئانىلار، ئايال- بالىلار ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، يېگەندە يەپ، يىمىگەندە كۈنلەپ ئاچ بولسىمۇ جاپاغا چىداپ، بۇ دۆلەتنى قايتا قۇرۇپ چىقتى. ئەينى چاغدا، دۇنيا گېرمانىيەنى دۈشمەن دەپ قارىغان بولسا مانا ھازىر دۇنيا بىزگە دوستلۇق نەزىرى بىلەن باقىدۇ. مانا بۇ توختاۋسىز كۆرەش، تىرىشىشنىڭ ئەمىلى نەتىجىسى.

پىل كۈچلۈك، چوڭ بولسىمۇ ئەمما ئۇنى سېرىق چۈمۈلىلەر يەپ ئىسكىلىتقا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. چۈمۈلىلەر شۇنچە كىچىك بولسىمۇ بىر- بىرىگە ئۇلۇشۇپ، بىر- بىرىگە كۆئوۋرۈك بولۇپ دەريادىن ئۆتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچلۈك بولسىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭمۇ نازۇك، ئاجىز نۇقتىلىرى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەپتى- بەشىرىسى چۇۋۇلۇپ ، سېسىق نامى دۇنياغا پۇر كەتتى، ئۇنىڭغا قارشى بولغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتىدە بولۇۋاتقان ۋابا، خىتاي ھاكىمىيىتىنى خېلىلا لىڭشىتىپ قويدى. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەلگەن بىر تارىخى پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن. سىلەرنىڭ مۇستەقىللىققا تەشنا، ئومۇمىي يۈزلۈك ھەرىكىتىڭلار خىتاي دۆلىتىگە قارشى كۈچلەرنى قايىل قىلالىسا بەلكىم ئۇلارمۇ ھەر جەھەتتىن ياردىمىنى ئايىماسلىقى مۇمكىن.

ئاجىز مىللەتلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى كۈرەشچان روھ، تەۋرەنمەس ئىرادە، قەتئىي ئىشەنچ ۋە خورلۇق، زۇلۇمغا قارشى نەپرەت ئۇچقۇنىدۇر. سۈكۈتلەرنىڭ نەتىجىسىدە مۇشۇ پاجى’ئەلىك ئەھۋالغا قاپسىلەر. مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە، سەلتەنەت سۈرگەن ئەجدادىڭلارنىڭ تەجرىبىسىدىن ئىلھام ئېلىپ ، ساناقلىق تەشكىلات، شەخسلەر ئەمەس بەلكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خۇددى نامازغا ئەزاندىن كېيىن سەپتە تۇرغاندەك، ھەر كىم ئۆز ئورنىنى تاپالىسا، ئۇچقۇنلار بىرلىشىپ، توسۇۋالغۇسىز، غايەت زور يالقۇنغا ئايلىنىدۇ. ئارزۇ قىلغان ئەمەس، بەدەل تۆلىگەن ئېرىشىدۇ .

ئۇ كىشى ماڭا تەبەسسۇم بىلەن بىر قارىدى ۋە: ئادەم 70 دىن ئاشقاندا تاققا- تۇققۇ سۆزلەشتىن خالى بولالمايدۇ، ئېگىز- پەس سۆزلەپ قويغان بولسام كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، مەن كۆرۈشكە تېگىشلىك باشقا ئورۇنلارغىمۇ بارمىسام بولمايدۇ، سىلەرگە پۇرسەت، ئامەت تىلەيمەن دېگىنىچە مەن بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ خوشلاشتى ۋە ئىككى چاقلىق سومكىسىنى سۆرىگىنىچە ئالدىراش كېتىپ قالدى.

2020-يىلى 30-مارت، كارلسرۇھە، گېرمانىيە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top