ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۈچ ئىمزاسى

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۈچ ئىمزاسى
تاران ئۇيغۇر
ئىمزا ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولغان بەلگە بولۇپ، شۇ كىشىنىڭ مەلۇم بىر توختام-پۈتۈم ياكى تۈرلۈك رەسمىي قانۇنىي ھۈججەتلەردە رازىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم بىر خاسلىقتۇر. ئىمزا ياكى تامغا ئۇ تەۋە بولغان كىشىنىڭ ئىسىم فامىلىسىنىڭ شۇ كىشىنىڭ پوچۇركىسىدا يېزىلغان شەكلى بولۇشى ناتايىن. دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە ئىمزالار مەۋجۈت بولۇپ، بەزىلىرى ھەتتا شەكىللەردىنلا ئىبارەت. قىسقىسى، ئىمزا بىر كىشىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىقلا ئاسان پەرق ئەتكىلى بولىدىغان ناھايىتى مۇھىم خاس بەلگىدۇر. تارىخىي شەخسلەر، بولۇپمۇ سىياسىيون ياكى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ تامغا ياكى ئىمزالىرى پەقەتلا بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي بەلگىسى بولۇپلا قالماستىن، تارىخىي ھۈججەتلەرنىڭ راست يالغانلىقىنى پەرق قىلىشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئۆلچەملەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خەلقئارالىق كېلىشىملەر ۋە مۇھىم دىپلوماتىك ئالاقىلەردە بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە مەۋقەسىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن ئويدۇرۇلغان يالغان «پاكىت»لار بەزىدە مۇشۇ نۇقتىدا كەتكۈزۈپ قويغانلىقتىن، ئاخىرىدا چېنىپ قېلىپ، يالغانلىقى ئاشكارە بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالساق، مەلۇم ساندىكى زىيالىيلار ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ فامىلە قوللىنىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە باش بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. جۈملىدىن، ئۆزىگە خاس ئىمزا تاللاپ ئىشلىتىشتە زىيالىيلار ۋە دىنىي زاتلارنىڭ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىمۇ مەلۇم. خەت تونۇپ ساۋاتلىق بولۇشمۇ چوڭ ئىش ھېسابلىنىدىغان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىمزالىرى پەقەتلا ئۆز ئسىىم-فامىلىسىنى يېزىپ قويۇشلا بولماستىن، بەلكى كىشىگە ئىستېتىك زوق بېرىدىغان تۈسنى ئالغان. ئەپسۇسكى، نۇرغۇنلىغان تارىخىي ھۈججەت ۋە نەشىر بويۇملىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىلىرى يوقىتىلغان ياكى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىگەن بىر شارائىتتا، كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ئەسلى پوچۇركىسى ياكى ئىمزالىرىنى كۆرۈپ پەرق ئېتىش ناھايىتى كەم تېپىلىدىغان بىر ئىش بولۇپ قالدى. يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلاش جەريانىمدا، تارىخىي شەخسلىرىمىزدىن ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ ئىمزالىرىنى ئۇچرىتىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. بۇ ئىمزالار ئاساسەن رەسمىي ھۈججەتلەر ۋە ئەستىلىك قىلىنغان سۈرەتلەردە خاتېرىلەنگەن بولۇپ، ئىككى خىل شەكىلدە قويۇلغان. ئۈچىنچى بىر خىل شەكلى بولسا، ھازىرغىچە ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ «پۈتۈن خىتاي مەملىكەتلىك 1-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭىشى»گە قاتنىشىشقا رازىلىق بەرگەنلىكىگە ماددىي پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقان بىر پارچە ئالاقەنىڭ سۈرىتى ئۈستىدىلا بولۇپ، بۇ ئاتالمىش ئىمزا قالغان ئىككى شەكىلدىن روشەن پەرقلىنىدۇ.
1-ئىمزا: «ئە. قاسىمى»
بىرىنچى خىل ئىمزا شەكلىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىسمى قىسقارتىلىپ، فامىلىسى بىلەن چېكىت ئارقىلىق ئايرىلغان. ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ بۇ شەكىلدە قويۇلغان ئىمزاسى باشقىلارغا ئەستىلىك ئۈچۈن قالدۇرغان ۋە سوۋغا قىلغان ئۆز فوتو سۈرەتلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكى بىرىنچى پارچە سۈرەت، يەنى ئەخمەت ئەپەندى قىزى ئادالەت قاسىمىغا قالدۇرغان خاتېرە سۈرەتتە « قىزىم ئادالەتكە، 1946-يىل 30-ئۆكتەبىر» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئاستىدىكى ئىمزادا «ا. قاسيمى» دەپ يېزىلغان.

ئەخمەت ئەپەندى قىزى ئادالەت قاسىمىغا قالدۇرغان خاتېرە سۈرەت. ماھىنۇر قاسىمى يازغان «ئەخمەتجاننى ئەسلەيمەن» ناملىق ئەسلىمىگە قىستۇرۇلغان.
يەنە بىر پارچە سۈرەت ئەخمەت ئەپەندى تەرىپىدىن ھازىر تەيۋەندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇللا تېمەن ئەپەندىگە ئەينى چاغلاردا سوۋغا قىلىنغان بولۇپ، سۈرەت ئۈستىگە «مىللەت ئوغلانى ئابدۇللا ئەفەندىمگە» دەپ يېزىلىپ، يەنە «ا. قاسيمى» شەكلىدە ئىمزا قويۇلغان.

ئابدۇللا تېمەن ئەپەندى ساقلاۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خاتېرە سۈرىتى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تىۋىتتىر ھېسابىدىن ئېلىندى.
يۇقارىقى سۈرەتلەردىن باشقا يەنە بىر مۇھىم ھۈججەت، يەنى 1946-يىلى نويابىردا نەنجىڭدە ئېچىلغان «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» (گومىنداخۈي) نىڭ ۋەكىللەر ئىمزا دەپتىرىدە ئەخمەت ئەپەندىنىڭ يۇقارقى ئىمزاسى گومىنداڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ خىتايچە ئىمزالىرى ئارىسىدىن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. مەزكۇر سۈرەت ئامېرىكا «تۇرمۇش» (Life) ژورنىلىغىمۇ بېسىلغان بولۇپ، تەيۋەندىكى دۆلەتلىك ئارخىپخانىدا خىتاي جۇمھۇرىيىتى (جۇڭخۇا مىنگو) نىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن بىرگە ساقلانماقتا.

1946-يىلى ئېچىلغان «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» گومىنداخۈي ئىمزا دەپتىرىدىن بىر كۆرۈنۈش. يۇقىرىقى قۇر سولدىن 7-ئىمزا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىمزاسى

1946-يىلى ئېچىلغان «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» گومىنداخۈي ئىمزا دەپتىرىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىمزاسى
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەخمەت ئەپەندىنىڭ 1947-يىلى 31-ئىيۇل كۈنى مىللىي ئارمىيەنىڭ باش قوماندان ئورۇنباسارى دەلىلقان سۇگۇربايوفقا يازغان بىر پارچە قازاقچە خېتىدە ئەخمەت ئەپەندى ئىسمىنى يازغاندىن باشقا ئۆز ئىمزاسىنى «ا. قاسيمى» شەكلىدە قويغان.

2-ئىمزا: «ئەھمەد قاسىمى»
ئەخمەت ئەپەندىنىڭ يەنە بىر خىل ئىمزاسىدا ئىسمىدىكى «جان» چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئىسىم فامىلە شەكلىدە «ئەھمەد قاسىمى» دەپ ئۇلاپ يېزىلغان. پەقەتلا ئىككى پارچە رەسمىي ھۈججەتتە ئۇچرايدۇ. ئەمما بۇ ئىككى ھۈججەتنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە تەسىرى ناھايىتى زور. بۇلاردىن بىرىنچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە تەسىر كۈچى ئەڭ زور سىياسىي كېلىشىم بولغان «11 ماددىلىق بىتىم» دىن ئىبارەت. 1946-يىلى 2-يانۋار كۈنى ئىمزالانغان بۇ توختامنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىغا رەخىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە رابات ۋە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى بولغان جاڭ جىجۇڭنىڭ ئىمزالىرى بىلەن بىرگە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىمزاسى يۇقىرىقى شەكىلدە قويۇلغان.

«مەركىزىي خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم شىڭ جاڭ دىكى ئىختىلال قىلغان جايلارنى ئىشغال قىلغان خەلق ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق جاڭجال مەسىلىسىنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىلىق بىتىم» (11 ماددىلىق بىتىم) نىڭ ئاخىرقى بېتىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىمزاسى
بۇ خىلدىكى ئىمزا قويۇلغان يەنە بىر ھۈججەت، «11ماددىلىق بىتىم» دىن كېيىن قۇرۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئالدىدا قۇبۇل قىلىدىغان قەسەمنامىسىدۇر. 1946-يىلى 1-ئىيۇل كۈنىدىكى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا قەسەمنامەدە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە بۇ مۇراسىمغا نازارەتچىلىق قىلغۇچى يۈ يوۋرىننىڭ ئىمزاسى بىلەن بىرگە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ئورۇندىكى خىزمەتلىرىگە تەيىنلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئىمزالىرىمۇ يەر ئالغان. تەيۋەندىكى دۆلەتلىك ئارخىپ سارىيىدا مەزكۇر قەسەمنامىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ساقلانغان بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ ئىمزاسى «ئەھمەد قاسىمى» شەكلىدە ئۇچرايدۇ.

«شىڭ جاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئىشقا كىرىش ۋاقتىدا بېرىدىغان قەسىمى» ناملىق ھۈججەتتە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىمزاسى. 1946-يىلى 1-ئىيۇل
3-«ئىمزا»: «ئەھمەدجان قاسىمى»
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىمزا تۈرلۈك ھۈججەت ۋە سۈرەتلەردە كەڭ قوللىنىلغان ۋە ھېلىھەم مۇزىي، ئارخىپخانا ۋە شەخسلەر قولىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسلى نۇسخىلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئۈچىنچى شەكىلدىكى «ئىمزا» بولسا ھازىرغىچە پەقەت ۋە پەقەت ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 1949-يىلى ئاۋغۇستتا ئۆز قولى بىلەن ماۋزىدۇڭغا يازغان جاۋابى دېيىلىۋاتقان بىر پارچە ئالاقىنىڭ سۈرىتىدە ئۇچرايدۇ. بۇ ئالاقىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ قەيەردە ساقلىنىۋاتقانلىقى نامەلۇم. ۋەتەندىكى مۇزىي ياكى خاتېرە سارايلارنىڭ ھېچبىرىدە مەزكۇر ئالاقىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ باقمىغان بولۇپ، رەڭسىز سۈرەتكە تارتىلغان نۇسخىسىدىنلا ھۈججەتنىڭ ئەسلى قىممىتى ۋە خارەكتېرىگە زىت نۇرغۇن غەلىتىلىكلەرنى ھېس قىلىش مۇمكىن. ئاۋۋال بۇ خەتنىڭ مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. ئەخمەتجان قاسىمى 1949-يىلى 20-ئاۋغۇستتا ئۆز قولى بىلەن ماۋزىدۇڭغا يازغان جاۋابى دېيىلىۋاتقان خەتتە مۇنداق يېزىلغان:
«بۈتۈن مەملىكەت خەلقلىرىنىڭ يېڭى سىياسىي كېڭىشىگە تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى سۆيۈملۈك ماۋ زەدۇڭ ئەفەندىمگە!
يىبەرگەن ئالاقىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. جانابىڭىز ئىلەرىگە قويغان مەسىلە بۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۈتكەن ئارزۇ ۋە تىلىگىدۇر.
بىز (جۇڭگو) خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇلۇغ ئۇتۇقلىرىنى (بۈتۈن جۇڭگو) بۈتۈن دۇنيا ۋە بۈتۈن ئۆلكە ئازادلىغىنىڭ غەلبەسى دەپ تونۇيمىز.
شۇڭلاشقا بىز جانابىڭىزنىڭ قويغان مەسىلىڭىزگە چەكسىز تەشەككۈرلىرىمىزنى (ۋە خۇرسەنلىكىمىزنى) بايان قىلىش بىلەن بارابەر ئۆز ۋەكىلىمىزنى (پېكىنگە) ئەۋەتىشنى بىلدۈرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن مەخسۇس رايون خەلق ھۆكۈمەت رەئىسى: ۋەكىلى:
ئەھمەد جان قاسيمى
شەھىرى غۇلجا
1949.8.20 »
مەزكۇر ئالاقە خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ قارىشى بىلەن ئېيتقاندا ئىلى تەرەپنىڭ خىتاي كومۇنىست مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە سىياسىي كېڭەشكە ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئورتاق پروگراممىنى ماقۇللاشقا رازى بولغانلىقىنىڭ ماددىي پاكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە شۇ تەرىقىدە تەشۋىق قىلىنىپ كەلدى. بىز بۇ خەتنىڭ شەكلىگە دىققەت قىلساق، «جۇڭگو، پۈتۈن جۇڭگو، خۇرسەنلىكىمىزنى، پېكىنگە (بېيجىڭغا)» دېگەن سۆزلەرنىڭ كېيىن قوشۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەسلى «مەخسۇس رايون خەلق ھۆكۈمەت رەئىسى» دەپ يېزىلغان سالاھىيەتنىڭ «مەخسۇس رايون خەلق ۋەكىلى» دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر ئالاقىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەسلى ئىمزاسى مەۋجۈد ئەمەس. بەلكى، ئۇنىڭ «ئىمزاسى» قىلىپ، ئۇنىڭ تولۇق ئىسىم-فامىلىسى يېزىلغان خالاس. بۇ خىلدىكى «ئىمزا» مەزكۇر ئالاقىنىڭ سۈرىتىدىن باشقا ھېچقانداق جايدا ئۇچرىمايدۇ. ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئىنچىكىلىكى، گېزىتخانا ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىكى كەسپىي تەجرىبىسى ۋە كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ بۇ سۈرەتتىكىدە سۈپەتسىز خەتنى يېزىشى، ۋەتەننىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق مۇھىم بىر ھۈججەت ئۈستىدە تۆت جايدا ئىنتايىن ئاددىي سۆزلەرنى چۈشۈرۈپ قويۇشى، ئۆزىنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىنى بېكىتەلمەستىن بىر قېتىم ئۆزگەرتىشى، ئەڭ مۇھىمى خاتېرە سۈرەتلەردىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئىمزاسىنى بۇ ھۈججەتكە قويماسلىقى ياكى ئىسىم فامىلىسىنىلا يېزىپ قويۇشى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ھادىسىدۇر.
