You Are Here: Home » ئومۇمى » دارۋىن ئوقۇغان ئالتە پارچە ئەسەر ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئىدىيىسىگە تەسىر قىلىشى

دارۋىن ئوقۇغان ئالتە پارچە ئەسەر ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئىدىيىسىگە تەسىر قىلىشى

照片 309
غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئەسلى مەنبەسى:«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»52012-يىل-ئاينىڭ 3-كۈنى

كۆپىنچە  كىشىلەر دارۋىننىڭ «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى»نى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئون چوڭ ئىدىيىنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ.  بىراق دارۋىن زادى كىم؟ ئۇنىڭ قانداق مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بار؟ ئۇ زادى ئىسمى-جىسمىغا لايىق تەبىئىي پەنچى— بىئولوگمۇ ياكى ئىجتىمائىي پەنچىمۇ؟  دېگەنلەرنى ئەسلا بىلىپ كەتمەيدۇ.  بىز ناتۇرال مەيدان ۋە لىللا ئىلمىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن  دارۋىننىڭ ئىلمىي ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، شۇنى بايقايمىزكى، دارۋىن ئۆز ئۆمرىدە بىر سائەتمۇ سىستېمىلىق(مەخسۇس)بىئولوگىيە(ھاياتلىق ئىلمى)دىن دەرس ئوقۇپ باقمىغان ۋە ئوقۇمىغان. دارۋىننىڭ ئاتىسى روبېرت دارۋىن  ئۇنى ئۆز كەسپى _ بولغان ئەمچىلىكگە ۋارىسلىق قىلسۇن دەپ دارۋىنغا تېبابەت ئۆگىتىش مەقسىتىدە ئېيىدىنبرۇگ (Edinburgh)تېببىي ئېنېستوتىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ دارۋىن تاللايدىغان ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن داڭلىق ئىنىستوتقا ئوقۇشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا دارۋىن ئالىي مەكتەپنىڭ دەرسلىرىدىن زېرىكىشكە باشلايدۇ ۋە كېسەللەرنىڭ ئاغرىق ئازابلىرىدىن قىينىلىشلىرىنى كۆرۈپ چىدىيالمىغاندەك ھېسداشلىق كەيپىياتلىرىنى ئىپادىلەپ بۇ ئوقۇشتىن بارا-بارا رايى قايتىدۇ. لېكىن دارۋىن باشقا تەبىئىي پەن ئالىملىرى ۋە تەبىئەتكە قىزىقىدىغان ساۋاقداشلىرىنى ئۇستاز ۋە دوست تۇتۇشقا باشلايدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ ئوقۇۋاتقان كەسپى  تېبابەتچىلىككە قارىتا قىلچە قىزىقماس بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا دەرس تاشلايدىغان، ئىمتىھان ۋە ئۆگىنىشلەرگىمۇ كەلمەيدىغان بۆلىۋالىدۇ. كىچىك دارۋىننىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئۇنىڭ ئۇستازلىرىمۇ بەكلا نارازى ئىدى. ئوغلىنىڭ بۇ ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولغان پېشقەدەم دارۋىن نائىلاج ئۇنى يەنە مەكتەپ ئالماشتۇرماقچى بولىدۇ.

ئوغلىنىڭ دەرستىن قېچىپ ، بېرىلىپ ئوقۇمايۋاتقانلىقىنى ۋە تېبابەت سېپىگە قىلچىمۇ قىزىقمايدىغانلىقىنى بايقىغان ئاتا  چوڭ دارۋىن تولىمۇ رەنجىگەن ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئۇنى كەلگۈسىدە“ھۆرمەتلىك پوپ”(پاستېر) بولسۇن دەپ ،  كامبىرېج ( Cambridge ) ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ  ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئىنوستىتوغا  ئوقۇشقا  ئاپىرىپ  بېرىدۇ.

ئاتىسىنىڭ بۇنداق قارارغا كېلىپ قىلىشىدىكى سەۋەب ،  دارۋىن بۇ ۋاقىتلاردا تېخى دەھرىيلىك يولىغا ماڭمىغان بولۇپ ئىخلاسمەن بىر خرىستىئان مۇرىتى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىملىق مەكتەپ يۆتكەپ ئوقۇتۇشتىن  تېخىمۇ زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئىدى . كىم بىلسۇن ، دارۋىن ئىلاھىيەت شۇناسلىققىمۇ ئەسلا قىزىقمايتتى؛ تۈزۈكرەك ئوقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ،  ئېيىدىنبرۇگ تېببىي ئىنىستوتتىكى كەپسىزلىكلەر يەنە تەكرارلىنىشقا باشلايدۇ . ھەتتا دارۋىن پۈتكۈل ئوقۇش جەريانىدا تۈزۈككىنە دەرسكە قاتناشماي ئاساسەن باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئويناپ يۈرىدۇ. پەقەت  ئىمتىھان  يېقىنلىشىپ قالغاندىلا  قولىغا كىتاب ئىلىپ  ئانچە -مۇنچە ۋاراقلاپ قويۇپ، ئەپلەپ-سەپلەپ ئىمتىھان ئۆتكىلىدىن ئۆتۈۋېلىپ ئاتىسىنى “خاتىرجەم قىلىش ”نىلا ئويلايدۇ.  ۋاقىت  شۇ  رەۋىشتە  كۆز بويامچىلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ دارۋىن پەقەت ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە سىرتلاردا يۈرۈپ دوست تۇتۇش، بىرنەرسىلەرنى يېزىش، مۇزىكا كۇرۇژۇكلىرىغا قاتنىشىش، بىئولوگىيە كۇرۇژۇكلىرىغا قاتنىشىپ دالاغا چىقىپ  ھاشارات  ئەۋرىشكىلىرىنى  توپلاش،  گېئولوگىيە ئۆگىنىش قاتارلىقلار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

 بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان ئاتا چوڭ دارۋىن بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن بولسىمۇ،  توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايدىغان بۇ كەپسىز بالىنى“ قۇتقۇزۇپ قېلىشقا راستىنىلا دورا يوقلۇقى”نى بايقاپ، بالىسىغا بۇ قېتىمقى كەسىپ تاللاشتىمۇ خاتالىشىپ -مەغلۇپ بولغىنىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارى(بۆلىشى)غا قويۇۋېتىشتىن ئۆزگە ھېچ بىر ئىلاج قىلالمايدۇ.

 دارۋىننىڭ ئەسلا پوپ(پاستېر) بولغۇسى بولمىسىمۇ  لېكىن مەشھۇر  بىر ئاق سۆڭەكنىڭ  ئەتىۋارلىق ئوغلى سۈپىتىدە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ داڭدار كەسپى  ئىلاھىيەتشۇناسلىق كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەنىكەن، ئۆزى  ۋە ئاتا ئانىسىنىڭ نام ئاتىقى ئۈچۈن بولسىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ،  ئوقۇشىنى پۈتتۈردى  شاھادەتنامە  ئىلىپ، پوپلۇق ۋەزىپىسى ئۆتەش لاياقىتىگە ئېرىشىدۇ. “ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن ” دارۋىن تازا بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتالماي يۈرگەن كۈنلەردە ئەنگلىيە  خان جەمەتى ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپلەپ بايلىق ئىزدەش ۋە بازارنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە،“بېگىل ”ناملىق پاراخوتنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئىلمىي ئىكىسپىدىسىيە نامى بىلەن ئەۋەتىپ يەرشارىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش قارارىنى چىقىرىدۇ. پىلان بويىچە بۇ پاراخوتقا قابىل ۋە ساغلام بىرەر تەبىئەتشۇناس ئالىم ياكى بىر ياش ھەۋەسكار بىرگە بۆلىشى كېرەك بولۇپ قالىدۇ. دارۋىننىڭ ئۇستازى خىنسلوۋ(J.S.Henslow)بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن  دەرھال دارۋىنغا يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان دارۋىنمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ سەپەرگە قاتنىشىشنىڭلا كويىدا بولىدۇ. دارۋىنمۇ بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە ئۇرۇنۇپ كۆرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ، دارۋىن  توساتتىن1831-يىلى12-ئاينىڭ27-كۈنىدىن1836-يىلى10ئاينىڭ2-كۈنىگىچە5يىللىق پەقەت قورسىقىنى بېقىپ ئىش ھەققى بېرىلمەيدىغان  شەرەپلىك بىر خىزمەتكە ئېرىشىدۇ . ئۇ بولسىمۇ ياش ناترۇلاست سۈپىتىدە بېگېل ناملىق پاراخوتتا دېڭىز ئارقىلىق يەر شارىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش سەپىرىگە ئاتلىنىش ئىدى.

ئىلىم-پەن ھەقىقەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقەتنىمۇ قىممەتلىك. بىراق، ئادىمىيەت پەنلىرى بىلەن تەبىئەت پەنلىرى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى  ئوربىتىدىكى ئوخشىمىغان  ئىككى ئىلمىي سىستېما بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ مەۋقەسى، چىقىش نۇقتىسى ۋە يېتەكچى ئىدىيىسىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. لېكىن ، تارىختا بۇنداق ئىشنى پەقەت دارۋىنلا شۇنداق<< ياخشى قاملاشتۇرۇپ>>قىلالىغان. دارۋىن مالستۇس(ThomasRobert Malthus)نىڭ»نوپۇس نەزەرىيىسى»، ئەنگلىيەلىك ئادەم سىمىت(Adam Smith)نىڭ»ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيىسى»،بېلگىيەلىك ئادولوف كەيتېر(Adolf Keitel English)نىڭ «ستاتىستىكا ئىلمىي(نەزەرىيىسى)»، ئەنگلىيەلىك ئىقتىسادشۇناس سىپەنسېر(Spencer)نىڭ»بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى شەخسلەرنىڭ ئەركىن رىقابىتى» توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى قاتارلىقلارنى ئوقۇغان ۋە شۇ كۆز قاراشلاردىن ئىلھاملىنىپ قالغان. دارۋىن پۈتۈن ئۆمرىدە  بىئولوگىيىدىن بىر سائەتمۇ سىستېمىلىق ھالدا دەرس ئاڭلاپ باقمىغان. بۇ ھەقتە ئېنگىلىس مۇنداق دەيدۇ:»دارۋىننىڭ بارلىق مەۋجۇتلۇق رىقابىتى تەلىماتى ئەمەلىيەتتە، خوبۇس(ThomasHobbes)نىڭ بارلىق ئادەملەر بارلىق ئادەملەرگە قارشى جەڭ قىلىدىغان ئۇرۇش تەلىماتى بىلەن بۇرژۇئازىيە ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ رىقابەت تەلىماتىنى ، شۇنداقلا مالتۇسنىڭ نوپۇس نەزەرىيىسىنى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىن بىئولوگىيە ساھەسىگە شۇنداقلا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. » بۇ،دارۋىن  تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتى نوقۇل بىئولوگىيىلىك نەتىجىسىلا بولۇپ قالماستىن، بەلگىلىك جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگىمۇ ئىگە دېگەننى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.  ۋەھالەنكى ،دارۋىن بۇ تەلىماتلارنى پۈتۈنلەي خۇسۇسى قىزغىنلىقىغا ئاساسەن تولىمۇ يۈزەكى ھالدىكى تاشقى قىياپەت سېلىشتۇرما تەتقىقاتىغا ئاساسەن ، يۇقىرىقى ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن تەققاسلاش ئاساسىدىلا ئاتالمىش «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ ۋە خاتا چۈشىنىۋېلىپ، گۇپپاڭچىلارنىڭ ھە-ھۇلىرى بىلەن ناھايىتى تىزلا پەن ۋە كەسىپ دائىرىسىدىن غايەت زور دەرىجىدە ھالقىتىپ، دۇنيا ئىلىم مۇنبىرىدە خىلى ئۇزۇن ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى . ھازىرمۇ بۇ تەلىماتقا شەكسىز ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.  ناۋادا دارۋىننى تەبىئەت پەنلىرى ھەققىدە بىرەر كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇغان دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ئۇستازىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن لېيلى(Sir CharlesLyell،1797~1875) نىڭ» گېدىرلوگىيە پرىنسىپلىرى»دېگەن كىتابىنى ئوقۇغان. ئۇندىن باشقا ،ھەقىقىي بىئولوگ ۋاللاس(Wallace)نىڭ1855-يىلى يىراق ئوكيانغا تەكشۈرۈش سەپىرىگە بېرىپ كېلىپ يازغان جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىسى:»ئۆزگەرگەن تۈرنىڭ  ئەسلى تىپىدىن چەكسىز يىراقلىشىدىكى خائىشچانلىقى توغرىسىدا»نى ئوقۇغان. بۇ ئەسەرنى ۋاللاس1858-يىلى مالاي تاقىم ئارىلىدىن دارۋىنغا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ خېتىدە :بۇ تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان ماقالە دەپ يازغانىكەن. ھەمدە بۇنى لېيلىغا ئەۋەتىپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلغان. دارۋىن ۋاللاسنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ، كۆز قاراشلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىكەنلىكىدىن تولىمۇ ھەيران قالغان . ۋاللاسدارۋېندىن ياش ھەم  تولىمۇ پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ، كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دارۋىنغا ئۆتۈنگەن ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىپ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا پائال قاتناشقان. بۇنى كۆرگەن باشقا ئىلىمدارلار ۋاللاستنىڭ  ئىلمىي پەزىلىتىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەن.

ئەلۋەتتە،  دارۋىننىڭ غەيرىي كەسپى بىئولوگ بولغانلىقى   سەۋەبلىك بۇ تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قويغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە،  ھاياتلىقنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى بارلىق جەريان ۋە تېخىمۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى دارۋىن ئۆزىمۇ بىلىپ بولالماستىنلا ئالەمدىن كەتكەن. ئۇنىڭ تەلىماتىدىكى يادرولۇق ئۇقۇم:»تەبىئىي تاللىنىش»تا پەقەت ماسلىشالىغانلارلا  ئامان قېلىپ  ماسلىشالمىغانلىرى  ھالاك بولىدۇ، دېگەننى تەكىتلەيدۇ ۋە لوگىكا جەھەتتىن ئايلانمىلىق تەدرىجىي تەرەققىيات مېخانىزمىنى ئىپادىلىسىمۇ، بۇ قاراش قاتتىق ئىلمىي تەپتىشلىككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.  گەرچە بۇ قاراش ئاڭلىماققا شۇنداقتەك ، يا ئىسپاتلىغىلى ياكى ئاغدۇرغىلى بولمايدىغاندەك بىلىنسىمۇ، ماھىيەتتە،  ئۇنىڭدا  نۇرغۇن يوچۇق  ۋە چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت. كونكرېتنى قىلىپ ئېيتقاندا،دارۋىن ئۆزى يەككە تەنلەرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تەكىتلىسىمۇ،شۇ يەككە تەنلەرنىڭ زادى قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنىڭ ئىچكى سەۋەبى، ئۆزگىرىش جەريانى ۋە ئۆزگىرىش مېخانىزمى دېگەنلەرنى ئەسلا چۈشەندۈرمىگەن. دېمەك دارۋىن تەلىماتىدا ناھايىتى زور يوچۇق ۋە ئاق توچكىلار مەۋجۇت. بۇنى يەنىمۇ ئىنچىكە كۆزىتىدىغان بولساق، دارۋىن دەۋرىدە،  ھاياتلىق ئىلمى تېخى ئەمدىلا ھۈجەيرە سەۋىيىسىدە بولۇپ، ئىرسىيەت ئىلمىي تېخى ئىپتىدائىي باسقۇچتا  ھەم ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىيالمىغان ھالەتتە ئىدى. دارۋىن بىر غەيرىي كەسپىي بىئولوگىيەچى ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق چەكلىمىلىكلەردىن ئەلۋەتتە مۇستەسنا ئەمەس ئىدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top