ئېرقچى دېمەڭ بىزنى
*
ئېرقچى دېمەڭ بىزنى ھىچنىمىچى ئەمەسمىز،
قوينى ئىللىق، باغرى كەڭ ياۋاشقىنا خەلق بىز.
رودۇپايمۇ، يالماۋۇز ھەممىسگە ئىشك ئېچىپ،
خوش-خوش ئېتىپ، ھاپاش قىپ شۈكرى دېگەن بىزدۇر-بىز.
*
ئېرقچىلىق تۇپ تۇرسۇن مىللەتچىمۇ ئەمەس بىز،
مىللەتچىلك قىلمىغاچ بولۇپ قالدۇق ۋەتەنسىز.
بولالىساق مىللەتچى، تېرىقچىلىق ئېرقچى،
ئاھ سەرسان بوپ ياتئەلدە ئۆتمەس ئىدى كۈنىمىز.
*
قاباھەتلىك يىللار بۇ دۈشمەن ئىچتى قېنىمىز،
مەھشەرگىچە تۈگىمەس بىزنىڭ ئەرزۇ-دادىمىز.
ھەدسىلەردە يېزىقلىق ئەقىللەرگە ئىشارە،
خورلۇق تارتتۇق شىكايەت بەجايىكى ھەققىمىز.
*
سوراپ باقاي مەن سىزدىن مىللەتكە راس كۆيەمسىز،
ياكى تىللاپ مىللەتنى ئالتۇن-يامبۇ تاپامسىز.
مەزلۇم قەلب دۈشمەنگە غۇم ساقلىسا گۇناھمۇ،
گۇناھ ئارتىپ مىللەتكە شۈبىھىلىك ئۆزىڭىز.
*
يېمىدۇق ئۇ مانتىنى، پۇلنى تۆلەڭ دېمەڭسىز،
ياراشمىغان قالپاقنى كەي دەپ كايىپ يۈرمەڭسىز.
قەلبى سۇنۇق مىللەتنى سىز غاجاپسىز تارتىنماي،
ئېرقچى دەپ بىلجىرلاپ قىڭغىر كەتسۇن ئېغىزىڭىز.
*
2020-يىلى 5-مارت، ئامېرىكا
