دىل بايان
*
ئاڭلىنار تارنىڭ ئۈنى مەھزۇن كۆڭۈل ئىقرارىدەك،
بۇ پەلەك دەھشەتلىرىنىڭ بەررىنى ئىيتارىدەك.
ھەسرىتا، زەرب بىلەن سانجىدى ئەلەملىرىم،
پەيلىنى بۇزدى ئەجەپ جاننى خوپ ئالارىدەك.
*
سىرغىدى گۈلگۈن قېنىم سەل ئېلىپ ئەزۋەيلىدى،
مەيلىگە قويسام ئەگەر نەچچە چاھ تولارىدەك.
ئۈزدى تار بارماقلىرىم، ئۆچتى ھەم غەزەل ئۈنى،
مەن ئېتەي ئىسيان بۈگۈن يىغلىماي بىچارىدەك.
*
نالەيۇ-ئەفغان بىلە چاكۇ-چاك قىلدىم ياقام،
سۈركىدىم تۇپراق يۈزۈمگە جان بېرەر تەييارىدەك.
ئوۋچىدۇر نامەرد پەلەك ئوۋلىدى بەختىم مېنىڭ،
تويمىدى ئوۋلار تېخى قاپقانلىرى قۇرارىدەك.
*
ھەر كۆڭۈل بولدى مالال، سالدى گەر ماڭا نەزەر،
دەردلىرىم تەئرىپىگە يوق سەبىر چىدارىدەك.
نە ئەجىپ سوقتى يۈرەك كەچمىدى جاندىن تېخى،
چۆلدىكى ئالۋۇن كەبى چۈش ئۈچۈن ئاۋارىدەك.
*
توزغىدى نازغىپ چېچەك، بەردى جاي قەغەز يۈزى،
ناتىۋان دەردلىك كۆڭۈلنىڭ ئۈلپىتى دىلدارىدەك.
دەردىما، ئايۋان يۈزىنى باستى ئاق-ھالرەڭ چېچەك،
بىلمىدىم قانداق ئەلەم كىپ يەنە باسارىدەك.
*
ھەر يىلى غۇنچە ئېچىپ توزىماق چېچەك ئىشى،
ھىدىغا مەستانە بوپ مەن كۈتەي خۇمارىدەك.
شېخىدىن توزغان چېچەك ئۇچىدۇ شامالسىرى،
تىترىگەن بەرگى بىلەن بۇ يۈرەك ئوخشارىدەك.
*
سورىما، سەرسان چېچەككە نە ئۈچۈن قويدۇم مىھىر،
سىرلىرىم بايان ئېتىپ كۆزلىرىم تاشارىدەك.
چاچ چېچەك خۇشبۇي ھىدىڭ، مەست قىلىپ دەردلىك كۆڭۈل،
شۇندىلا دەردۇ-پىغان دەم مېنى ئۇنتارىدەك.
*
ھېلىگەر كەمپىر پەلەك شۇ قەدەر قىينار مېنى،
جامىدا لىقلاپ ئازاپ گۈل بىلە سۇنارىدەك.
ۋادەرخ، خاھلار كۆڭۈل گۈلگۈن چېچەككە ئالدىنىش،
جانىدىن كەچمەس كىشى شۇ كەبى ياشارىدەك.
*
2020- يىلى، 11-مارت، ئامېرىكا
