ئانا ۋەتەندىن سالام خەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى ئابدۇلئەھەد قاتارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم:
ماڭا يازغان ئېلخېتىڭلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ شۇنداق خۇشال بولدۇم، شۇ كېچىسى ھاياجانىمدىن تۈزۈكمۇ ئوخلىماپتىمەن، چۈنكى مەن ئىلگىرىدىن باشلاپ سىلەرگە ئاجايىپ ھەۋەس قىلاتتىم، قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن سۆيۈنەتتىم، سىلەردىن ماڭا خەت كىلەر دەپ چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن ئىدى. بۇ خەت ھازىر يان تېلفۇنىمدىمۇ بار،چارچىغاندا، كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ بىچارە بولۇپ قالغان چاغلىرىمدا بۇ خەتنى ئۇقۇيمەن، شۇنىڭ بىلەن ھاردۇقۇم چىققاندەك، ۋەتىنىمنىڭ قۇمساڭغۇ تۇپراقلىرىدا يالاڭئاياغ مېڭىپ راھەت سۈرگىنىمدەك خۇشال بولۇپ يىنىكلەپ قالىمەن…
بۇ قېتىم مىنىڭ «زىددىيەت» دېگەن ئىلمىي ماقالەم سىلەرنىڭ تور بەتتە ئېلان قىلىنىپتىكەن،يىراق -يېقىندىكى مەن تونۇمايدىغان بەزى دىنىي ئۆلىمالار ماڭا تېلېفون قىلىپ ماقالەمنى تەبرىكلىدى. چۈشەنمىگەنلىرىنى سورىدى…
مەن ھازىر سىلەرگە ئىۋەتكەن ھېلىقى «بۆرە يۈرەك» دېگەن رومانىمنىڭ ئىملاسىنى توغۇرلىۋاتىمەن.
مەقسىتىم : بىزنىڭ يۇرتلاردا ھەر يىلى روزا-رامىزان، قۇربان ھېيت ئىشلىرىدا بۆلۈنۈش يىلدىن – يىلغا كۆپىيىپ ۋەزنى ئېغىر بولىۋاتىدۇ.
«مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار» خەلىقنى قايىل قىلالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ «مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى نوپۇزلۇق شەخىسلەر» ھىجرىيە كالېندارىنى كەينى-كەينىدىن كىتاب قىلىپ بەس-بەستە سېتىۋاتىدۇ.
بۇلارنىڭ بېسىپ تارقاتقان كالېندارلىرى دەل مەن ماقالەمدە ئوتتۇرىغا قويغان «ئەنئەنىۋى ھېجرىيە كالېندارى»دۇر.
بۇ كالېندار خەلىقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئاللاقاچان ئىشلىتىشتىن توختىۋاتىدۇ ياكى ناھايىتى بىر قانچە دۆلەتتە قوللىنىلىۋاتىدۇ. لېكىن بىزنىڭ «مۇناسىۋەتلىك ئورۇن» لىرىمىزدا بۇنىڭ خاتا يەرلىرىنى چۈشەنگۈدەك ئادەم يوق بۇلىۋاتىدۇ ياكى بولسىمۇ تېشىغا چىقىرالمايۋاتىدۇ.
ھازىر «زىددىيەت» دېگەن بۇ ماقالەم شىنجاڭ تەۋەسىدە ئاز-تولا تور بەت يۈزلىرىدە كۆرۈنۈپ كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى، سىلەرنىڭ تور بېتىڭلار بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئالدى تور بەتلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. ناۋادا مۇۋاپىق بولسا بۇ ماقالىنى تور بېتىڭلارنىڭ كۆزنەك ئورۇنلىرىدا بىر مەزگىل چىقىرىپ تۇرساڭلار، تۆنۈگۈن ئۈرۈمچىدىن بىر مەسچىتنىڭ دىنى خادىمى سىلەرنىڭ تور بەتتە بۇ ماقالىنى كۆرۈپتىكەن،
« بۇ ماقالا بەك ياخشى بۇپتۇ، مەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ئادىل ھاجىغا بۇ تور بەتنى تەشەببۇس قىلىمەن» دەپ تېلېفون قىپتۇ…
بەلكىم خەلقىمىزنىڭ بۇ نىدالىرى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارسىمۇ ئەجەب ئەمەس!
«ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى» بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە نىسبەتەن ناھايىتى نوپۇزلۇق تور بەتتۇر، «گۆھەر –ياقۇتلار ئادەتتىكى تاش بازارلىرىدا ئورۇن ئالسا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان بىلەن ئادەتتىكى بىر تال تاش جاۋاھىرخاندىن ئورۇن ئالسا خېلى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ»
مىنىڭ بۇ ماقالەم گەرچە گۆھەر بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان كېرەكلىك تاشلارنىڭ بىرى بۇلىشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ تور بېتىڭلار ئارقىلىق بىزنىڭ بۇ يەردىكى «كاتتا دىنىي زات ئۇلۇغ»لارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قېلىشى ئىھتىمالغا يېقىن، چۈنكى مەن بۇ ماقالىنى بېيجىڭغىچە كۆتۈرۈپ يۈرۈپ كۆرىدىغان بىرە ئادەمنىمۇ تاپالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ بىرىمەن…
يۇقىرىقى تەلەپلىرىمنىڭ سەل چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ، بۇ پەقەت مىنىڭ كىچىككىنە پىكىرىم خالاس، ناۋادا سىلەرگە تەڭلىك بولۇپ قالىدىغان ئىش بولۇپ قالسا مەن ھەرگىز خاپا بولۇپ قالمايمەن.
سىلەرگە ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئامانلىق، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن!
شۇنداقلا ئەتە ئەتتىگەندىكى مەنمۇ، سىلەرمۇ كۆرەلەيدىغان ئەشۇ قۇياشتىن، بىزنى سىيپاپ ئۆتۈپ ئاندىن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئالدىراپ كەتكەن ئىللىق شامالدىن ۋەتىنىمنىڭ خۇش ھىدىنى، جاپاكەش قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئېتىزدىن يانغاندىكى مىزىلىك تەر پۇرىقىنى سىلەرگە ئىبەرتتىم.ئاددى بولسىمۇ تاپشۇرۇپ ئالغايسىزلەر!
كامالىي ھۆرمەت بىلەن ئاخىرىدا سىلەردىن ھەقىقى دوستلۇق تەما قىلغۇچى :
خوتەن قاراقاشتىكى ئابلىمىت غۇجابدۇللادىن
2013-يىلى2-ئاينىڭ 25-كۈنى.
![20131192117455604[1]](https://ug.uyghuracademy.org/wp-content/uploads/2013/02/201311921174556041-300x157.png)