You Are Here: Home » ئومۇمى » «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» 3 تىللىق پەسىللىك ژورنىلىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش چاقىرىغى

«ئۇيغۇرلارغا نەزەر» 3 تىللىق پەسىللىك ژورنىلىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش چاقىرىغى

Uyghurlargha_Nezer«ئۇيغۇرلارغا نەزەر» مۇشتەرى چاقىرىقى

توردىن بىۋاستە مۇشتەرى بولۇڭ

توردىن مۇشتەرىلىك چاقىرىقىنى چۈشۈرىۋېلىڭ

 

دۇنيانىڭ ھەر يەر-ھەر بۇلۇڭىغا چېچىلىپ كەتكەن ھەر بىر مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇرىمىزغا فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئوغۇز ۋە ئۇنىڭ يېڭى ئۈچ تىللىق ژورنىلى «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» تەھرىر كومېتېتى نامىدىن ئوتلۇق سالام يوللايمىز ۋە شۇنداقلا يېڭىدىن دۇنياغا كېلىۋاتقان ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ژورنىلىمىزغا ئاكتىپلىق بىلەن مۇشتەرى بولۇش ئارقىلىق، مىللىتىمىزنى دۇنياغا ئىلمىي يوللار بىلەن تونۇتۇش خىزمىتىگە بىز بىلەن تەڭ ئىشتىراك بولۇشىغا مۇراجەت قىلىمىز.

مەقسىدىمىز پەقەتلا مىللىتىمىزنى فرانسۇز ۋە ئېنگىلىز تىلى كىشىلىرىگە تونۇتۇشلا بولۇپ قالماي،   يەنە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى كەڭ ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى زوق بېرىش، يۇرت سۆيگۈسىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر بۇلۇڭىغا چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر كۆچمەن ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرت سېغىنىشىدا چاڭقىغان يۈرەكلىرىگە مەلھەم بېرىش، يەنە شۇنداقلا قەلەم سەۋدالىرىنىڭ سېھىرلىق قۇرلىرىنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

ژورنال 40 بەتلىك بولۇپ، يېرىمى فرانسۇزچە ۋە بەزى ئېنگىلىزچە ماقالىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. قالغان يېرىمى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئۇيغۇرچە سەھپىلەر تۆۋەندىكىچە :

1. پەسىللىك خەۋەرلەر (دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەسىل ئىچىدىكى ئاساسلىق مەدەنىي پائالىيەتلىرى)؛

2. ئەدەبىيات گۈلزارى ( نەسرىي ۋە شېئىرىي ئەسەرلەر) ؛

3. ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ( ئىلمىي ئەسەرلەر، تەتقىقات ماقالىلىرى)

4. تارىخ ۋە ئەنئەنە ( ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىمىز توغرىسىدىكى ئەسەرلەر)؛

5. فرانسىيەدە ھايات (فرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش ۋە تۇرمۇش توغرىسىدىكى ماتېرىياللار ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ياردەم ئۇچۇرلىرى )؛

6. بىر كىتاپ بىر دۇنيا ( ئۇيغۇرلارغا ئائىت يېڭى كىتاپلار ۋە ئاپتورلىرى )؛

ژورنال گەرچە فرانسىيەدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلسىمۇ، ئەمما بۇ تۇنجى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىلمىي كۆپ تىللىق ژورنال بولغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان بارلىق ئېنگىلىز ۋە فرانسۇز تىلىدىكى كىشىلەرگە تارقىتىلىدۇ. ژورنالغا مۇشتەرى بولۇشىڭىزمۇ مىللىتىمىزنى تونۇتۇش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىڭىزدۇر. چۈنكى سىزنىڭ ياردىمىڭىزسىز، ژورنىلىمىز ئالغا باسالمايدۇ ۋە ئۇيغۇرپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى قاناتلىنالمايدۇ.

تۆۋەندە مۇشتەرىلىك تۈرلىرى ۋە باھاسى تەپسىلى بېرىلدى. ئاكتىپ قوللىغىنىڭىز ئۈچۈن ئالدىن تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن : فرانسىيە ئوغۇز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى .

مۇشتەرىلىك ئادىرىسىمىز: mushteri@oghouz.org

تور ئادىرىسىمىز: http://www.oghouz.org

مۇشتەرى بولۇڭ

ئەسكەرتىش: تۈركىيەدىن مۇشتەرى بولماقچى بولۇپ توردىن بىۋاستە ئالاقە قىلىپ پۇل تۈلەشتىن قىينالغانلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ.

Comments (4)

  • دىلنۇر

    ياخشىمۇسىز، مەيلى قايسى ۋاستە ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇڭ، پوچتا ئادىرىسىڭىز، ئېلخەت ئادرىسىڭىز ۋە تېلېفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى پوچتا ئادرىسىڭىز بولمىسا ژورنالنى سىزگە ئەۋەتەلمەيمىز. بىرەر ئۆزگىرىش ياكى ئالاقىلىشىشقا توغرا كەلسە ئېلخەت ئادرىسىڭىز ۋە تېلېفون نومۇرىڭىز بولمىسا بولمايدۇ. قوللىغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.

  • بىناۋا

    سالام دىلنۇر!

    سىزلەرنىڭ ژورنالغا مۇقەددەس ئارقىلىق مۇشتەرى بولىمەن. ژورنالنى توربەتتە كۆرەمدۇق ياكى پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلەمدۇ؟
    ئۆي ئادرېسى كېرەكمۇ؟

  • مۇبارەك

    ۋەتەن ئىچىدىكىلەر قانداق مۇشتەرى بولىمىز

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top