You Are Here: Home » ئومۇمى » ياپۇن ھېكمەتلىرى

ياپۇن ھېكمەتلىرى

183259grjjiiznnzffcnn2[1]1. ئون يىلدىن كېيىن «ئون يىل بۇرۇنقى ۋاقتىمغا قايتىپ ھەممىنى قايتىدىن باشلىسام» دېگەندىن كۆرە، ھازىر «ئىشلىرىمنى قايتا باشلاش ئۈچۈن ئون يىل كېيىنكى ۋاقتىمدىن قايتىپ كەلدىم» دەپ ھەرىكەتكە ئۆتكەن تۈزۈك.
2. چۈشىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇراي دېسىڭىز دەرھال ئويغىنىپ ھەرىكەتلىنىڭ.
3. ھەممە نەرسىڭىزدىن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ ئۆكۈنمەڭ، چۈنكى كېلەچىكىڭىز تېخى قولىڭىزدا.
4. قانداق ئۆلۈشنى تاللىيالمايسىز، لېكىن قانداق ياشاش ئۆزىڭىزگە باغلىق.
5. تىرىشچانلار ئۈمىدتىن سۆز ئاچسا، ھۇرۇنلار ئاغرىنىشتىن باشلايدۇ.
6. باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، لېكىن ئۆتكەن يىلقى ئۆزىڭىزدىن ھالقىيالمىسىڭىز ئۇيالسىڭىز بولىدۇ.
7. سەن ئۆلسەڭ، بەلكىم ھېچنەرسە ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن سەن ياشاش ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتەلىشىڭ مۇمكىن.
8. يۈرىكىڭ ئۆزگەرسە پوزىتسىيەڭ، پوزىتسىيەڭ ئۆزگەرسە ھەرىكىتىڭ، ھەرىكىتىڭ ئۆزگەرسە ئادىتىڭ، ئادىتىڭ ئۆزگەرسە ئادىمىيلىكىڭ، ئادىمىيلىكىڭ ئۆزگەرسە تەقدىرىڭ، تەقدىرىڭ ئۆزگەرسە ھاياتىڭ ئۆزگىرىدۇ.
9. يولۇڭغا مېڭىۋەر، كىشىلەر بىلجىرلىغىنىچە قېلىۋەرسۇن.
10. ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى سۆزلەپ ئاڭلىتىدۇ. ياخشى ئوقۇتقۇچى چۈشەندۈرىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئەڭ قالتىس ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ يۈرىكىگە ئوت تۇتاشتۇرىدۇ.
11. تىرىشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ناتايىن، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىرىشقانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.
12. ھەرىكەتلىنىپمۇ بەختكە ئېرىشەلمەسلىكىڭ مۇمكىن، لېكىن ھەرىكەتلەنمىسەڭ بەخت قولغا كەلمەيدۇ.
13. ئويلىغىنىڭ بويىچە ياشا، بولمىسا ياشىغىنىڭ بويىچە ئويلايدىغان بولۇپ قالىسەن.
14. ئاجىزلارلا قارشى تەرەپنى كەچۈرۈۋېتەلمەيدۇ. كەچۈرۈشنىڭ ئۆزى كۈچلۈكلۈكنىڭ ئىپادىسى.
15. قىلالمىغان ئىشلىرىمغا ئەمەس، قىلمىغان ئىشلىرىمغا پۇشايمان قىلىمەن.
مەنبە: ئۈندىدار كۈسەنى تاراتمىلىرى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top