كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ساغلاملىق ساۋاتلىرى
![1333687135[1]](https://ug.uyghuracademy.org/wp-content/uploads/2013/02/13336871351-300x235.jpg)
1. ساغلام يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلىنىڭ. مايلىق گوش، ھايمان مىيى، جىگگەر، بورەك قاتارلىق ھايۋاننىڭ ئىچكى ئەزالىرى، تۇخۇمنىڭ سىرىقى، قايماق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى كوپ ئىستىمال قىلماڭ، بولۇپمۇ يىشىڭىز 40 تىن ئاشقاندا بۇنداق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن تىخىمۇ ئىھتىيات قىلىڭ. چۇنكى بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەر تەركىۋىدە كوپ مىقتاردا كولەس…تىرول بار بولۇپ، كولەستىرولنى كوپ ئىستىمال قىلغان كىشىلەرنىڭ يۇرەك ۋە مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ. ئادەتتە ئوسۇملۇكتىن ياسالغان يىمەكلىكلەر ھايۋان مەسۇلاتلىرىدىن ياسالغان يىمەكلىكلەرگە نىسبەتەن ساغلام. ئورۇق گوش سىمىز گوشكە نىسبەتەن ساغلام. قۇش ۋە دىڭىز ھايۋان گوشلىرىدىن ياسالغان يىمەكلىكلەر قۇرۇقلۇق ھايۋان گوشلىرىدىن ياسالغان يىمەكلىكلەرگە نىسبەتەن ساغلام.
2. بەدەن ئىغىرلىغىڭىزنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىپ، ھەددىدىن زىيادە سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىڭ. سىمىزلىكنى تۇرمۇش باياشاتلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدىغان قاراشنى ئوزگەرتىڭ. تەرەققى قىلغان ئەللەردە سىمىز كىشىلەرنىڭ كوپۇنچىسى كەمبىغەللەر ياكى مەدىنىيەت سەۋىيەسى توۋەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردا مەۋجۇت بولغان نۇرغۇن كىسەللىكلەر سىمىزلىك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
3. ئۇسۇزلۇقنى يىتەرلىك ئىستىمال قىلىڭ. ئادەتتە ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇق سۇ ماددىسى تەر ۋە سۇدۇك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئۇسۇزلۇقنى كوپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەندىكى قالدۇق ۋە زەھەرلىك ماددىلار تەر ۋە سۇدۇك ئارقىلىق ۋاختىدا تازلىنىپ بەدەندىن چىقىپ كىتىدۇ، بورەك ۋە سۇدۇك يولىدا ئاسان تاش پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، سۇدۇك يولى ياللۇغىغا ۋە بەزى كىسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا تىز ئەسلىگە كىلىشكە پايدىلىق، تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىغىنى ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ.
4. ئىچىملىكنى ھەددىدىن زىيادە قىززىق ئىچمەڭ. چاي، شورپا ياكى سۇيۇق ئاشنى ھەددىدىن زىيادە قىززىق ئىچىشكە ئادەتلەڭەن كىشىلەرنىڭ قىزىل ئوڭكەچ پەردىسى زەھمىگە ئۇچۇراپ، قىزىل ئوڭكەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقۇرلايدۇ. ئۇيغۇر ئىلىدىكى قازاقلار بىلەن گۇۋاڭدوڭنىڭ شانتۇ دىگەن يىرىدىكى كىشىلەر چاينى ھەددىدىن زىيادە قىززىق ئىچىشكە ئادەتلەڭەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قىزىل ئوڭكەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن خىلىلا يۇقۇرى.
5. تۇزنى كوپ ئىستىمال قىلماڭ. تۇز تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددا، بىراق ئادەم تۇزنى نورمالدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلغاندا، قان بىسىمى يۇقۇرلاپ، بەزى يۇرەك قان تومۇر كىسىلىنڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
6. ھەددىدىن زىيادە كوپ ھاراق ئىچمەڭ، شۇنداقلا باشقىلارنى ھاراق ئىچىشكە زورلىماڭ. ئۇزۇن مۇددەت كوپ مىقداردا ھاراق ئىچكەن كىشىلەر جىگگەر قىتىۋىلىش، جىگگەر راكى، ئاشقازان كىسىلى، قول تىتىرەش قاتارلىق كىسەل ياكى ئاقىۋەتلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.
7. خام يىمەكلىك بولۇپمۇ خام گوش بىلەن پىششىق يىمەكلىكنى بىرگە قويماڭ. خام يىمەكلىك بولۇپمۇ خام گوشنىڭ تەركىۋىدە بەزى باكتىريە ياكى كىچىك قۇرۇتلار بار بولۇپ، ئەگەر سىز خام يىمەكلىكنى پىششىق يىمەكلىك بىلەن ئارىلاشتۇرسىڭىز، بەزى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىڭىز يۇقۇرى بولىدۇ. يىمەكلىكلەرنىڭ پاكىزا بولماسلىقىدىن كىلىپ چىققان بەزى كىسەللەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىپادىلىنىپ چىقسىمۇ، بىراق يەنە بەزىلىرى ئۇزۇن ۋاقىت ئوتكەندىن كىيىن ئاندىن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. كوپۇنچە كىشىلەر كىيىن بولغان ئۇ كىسەلنى بۇرۇنقى ئۇ ئادىتى بىلەن باغلاشتۇرمايدۇ.
8. گوشنى خالىغانچە خام يىمەڭ. بەزى دوۋلەتلەردىكى بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ بەزى يىمەكلىك ئادىتىنىڭ باشقا ئەللەرگە كەڭىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن دوۋلەتلەردە نۇرغۇن كىشىلەر كالا گوشى، بىلىق گوشى قاتارلىق گوشلەرنى خام يىيىشكە باشلىدى. ئادەتتە خام يەيدىغان گوش ئالاھىدە گوش بولۇپ، بەلگۇلۇك سالامەتلىك ئولچىمىگە يەتكەن. ئەگەر سىز خالىغان گوشنى خام يىسىڭىز، ئىچكى ئەزايىڭىزدا قۇرۇت پەيدا بولۇپ قالىدىغان بەزى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن ئادەتتىكى كالا گوشى تەركىۋىدە كالا تاسما قۇرتى بار بولۇپ، بۇنداق گوشنى خام يىگەن كىشىلەر ئۇچەي كالا تاسما قۇرتى كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. بۇ كىسەل ئۇيغۇر ئىلىنىڭ چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدا ناھايتى كوپ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋىبى ئۇ كىشىلەرنىڭ كالا گوشىنى خام يىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى خام گوش كەسكەن پىچاق بىلەن پىششىق گوش كىسىپ يىگەنلىكىدىن بولغان. ئادەتتىكى بىلىق گوشىدە جىگەر قان شورۇغۇچ قۇرتى بار بولۇپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلاردا جىگەر قان شورۇغۇچ كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ناھايتى كوپ.
9. خام گوش بىلەن پىششىق گوش يىمەكلىكلەرگە ئىشلەتكەن قاچا قۇچا ۋە پىچاقلارنى ئوز ئارا ئارىلاشتۇرماڭ. خام گوشكە ئىشلەتكەن قاچا قۇچا ۋە پىچاق بىلەن پىششىق گوشكە ئىشلەتكەن قاچا قۇچا ۋە پىچاقلارنى ئايرىپ ئىشلىتىڭ، ياكى كەم دىگەندە خام گوشكە ئىشلەتكەندىن كىيىن، ياخشى يۇيۇپ تازلاپ ئاندىن پىششىق يىمەكلىككە ئىشلىتىڭ. يۇقۇردا دەپ ئوتكەندەك خام گوش تەركىۋىدە بولۇپمۇ كالا گوشى تەركىۋىدە بىر خىل قۇرۇت بولۇپ، پىشىق يىمەكلىكىڭىز بۇ ھىل قۇرۇت بىلەن بۇلغانسا، سىزنىڭ ئۇ قۇرۇتتىن كىلىپ چىقىدىغان كىسەلگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىڭىز يۇقۇرى بولىدۇ.
10. رەڭلىك يالتىراق (پىلاستىك) خالتىغا يىمەكلىك قاچىلىماڭ. رەڭلىك يالتىراق خالتىنىڭ زىيانلىق ماددا تەركىۋى يۇقۇرى بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايتى ئاستا بولىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت رەڭلىك يالتىراق خالتىغا قاچىلانغان پىششىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، بەزى ئاستا خاراكتىرلىق كىسەلگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى بولىدۇ. شۇڭا پىشىق يىمەكلىكلەرنى رەڭلىك يالتىراق خالتىغا قاچىلاشقا ھەرگۇز بولمايدۇ. پىششىق يىمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشىسى رەڭسىز يالتىراق خالتىغا ياكى باشقا ساغلام نەرسىلەرگە قاچىلاڭ.
11. پۇل سانىغاندا قولىڭىزنى تىلىڭىزغا ياكى كالپۇكىڭىزغا تەككۇزمەڭ. پۇل گەرچە ناھايتى ياخشى نەرسە بولسىمۇ، بىراق ئۇ ناھايتى مەينەت نەرسە. پۇل كۇنىگە نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچۇراشقانلىغى ئۇچۇن، پۇلدا نۇرغۇن باكتىريە ۋە مىكىرۇپلار بولىدۇ. ئەگەر پۇل سانىغاندا قولىڭىزنى تىلىڭىزغا ياكى كالپۇكىڭىزغا تەككۇزۇپ ساناشقا ئادەتلەڭەن بولسىڭىز، بەزى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىڭىز يۇقۇرى بولىدۇ. شۇڭا پۇل سانىغاندا قولىڭىزنى ئاغزىڭىزغا تەككۇزمەڭ، شۇنداقلا پۇل ساناپ بولۇپ ئەڭ ياخشىسى قولىڭىزنى يۇيىۋىتىڭ.
12. ئامال بار تاماكا چەكمەڭ، بولۇپمۇ ئوي ئىچىدە، ئەغىراياق ئايال ياكى بالا بار سورۇندا تاماكا چەكمەڭ. تاماكا چىكىش يالغۇز ئوپكە راكىنىلا كەلتۇرۇپ چىقارماستىن بەلكى يۇرەك كىسىلىنىڭ قوزغۇلىشىغا تۇرتكە بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ تاماكا چىكىشى گەرچە ئوزىنىڭ شەخسى ئىشى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ باشقا كىشىلەر بار سورۇندا تاماكا چىكىشى، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك.
13. ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ياكى ئىشەنچىلىك بولمىغان كىشىلەرنىڭ قولىدىن تاماكا چەكمەڭ. جەمىيەتتە خىرويىن قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىك سودىسىنىڭ ئەۋجى ئىلىشىغا ئەگىشىپ، زەھەرلىك چىكىملىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بەزى كىشىلەر، ئوزىگە كوپلەپ خىرىدار تىپىش ئۇچۇن، ئادەتتىكى تاماكىغا خىرويىن ئارىلاشتۇرۇپ باشقىلارغا چەككۇزىدىغان ئەخۋاللار كۇنسايىن كوپەيمەكتە. ئەگەر سىز بىلە بىلمەي شۇنداق تاماك چىكىپ، زەھەرلىك چىكىملىككە خۇمار بولۇپ قالسىڭىز، كىيىن كوپ زىيان تارتىسىز.
14. قۇياش نۇرى بىلەن مۇھاپىق ئۇچۇرشۇڭ. ھازىر كوپۇنچە كىشىلەر بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردىكى كىشىلەر تىرىسىنىڭ قارىداپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، قۇياش نۇرى بىلەن مۇھاپىق ئۇچىراشماسلىقتەك ئەھۋاللار ئىغىر. قۇياش نۇرى بىلەن مۇھاپىق ئۇچىراشقاندا، نۇرغۇن كىسەللەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ھىچقانداق قوغداش ۋاستىسى قوللانماي، قۇياش نۇرى بىلەن ھەددىدىن زىيادا ئۇچۇرشۇشمۇ زىيانلىق.
15. قول تىلفۇنى بىلەن سوزلەشكەندە قول تىلفۇنىڭىزنى ئۇزۇن مۇددەت بىر قۇلىقىڭىزدا قويۇپ سوزلۇشۇشتىن ساقلىنىڭ. قول تىلفۇنى بىلەن سوزلەشكەندە ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن مۇددەت سوزلەشمەڭ، ياكى تىلفۇنىڭىزنى ئىككى قۇلىقىڭىزغا ئالماشتۇرۇپ سوزلۇشۇڭ، ۋە ياكى قۇلاققا سىلىپ سوزلۇشىدىغان ئاڭلىغۇچ ئارقىلىق سوزلۇشۇڭ. بەزى دوكىلاتلارغا ئاساسلانغاندا قول تىلفۇنىنى ئۇزۇن مۇددەت بىر قۇلىقىدا قويۇپ سوزلەشكەن كىشىلەرنىڭ مىڭە، قۇلاق ئوسمىسىگە ياكى راكىغا گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقۇرى بولىدىكەن.
16. قالايمىقان ۋە ياكى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ. جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلەت ئولچىمدە بەزى ئورگۇرۇشلەر بولماقتا، ۋە شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان جىنسى كىسەللەر تارقىماقتا. ھەرخىل جىنسى يۇقۇملۇق كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، ئوزىڭىزگە ۋە ئاھىلىڭىزگە نۇرغۇنلىغان كوڭەل ئاغرىقى ۋە بەخىتسىزلىك ئىلىپ كىلىشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن، ئوز ھەمراھىڭىزغا سادىق بولۇپ، قالايمىقان كىشىلەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
17. سۇپىتى ناچار بولغان ياكى ساقتا گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. سۇپىتى توۋەن ياكى ساقتى گىرىم بويۇملىرىنىڭ تەركىۋىدە زىيانلىق ماددا تەركىۋى يۇقۇرى بولۇپ، بۇنداق گىرىم بويۇملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، بەزىلىرىنى ھەتتا بىرلا قىتىم ئىشلەتكەندىمۇ بەزى تىرە كىسەللىكلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەزىلىرى ھەتتا تۇغماسلىق ۋە بەزى راك كىسەللىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئادەتتە بۇ خىلدىكى گىرىم بويۇملىرىنىڭ كوپۇنچىسىنىڭ ئەكىس تەسىرى ناھايتى ئاستا بولۇپ، بىر نەچچە يىلدىن بىرنەچچە ئون يىلدا ئاندىن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.
18. ھورمۇن تەركىۋى بار دورا ياكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. ھورمۇن تەركىۋى بار دورا ۋە ياكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، بەدەندىكى نورمال ھورمۇن تەڭپۇڭلىقى تەسىرگە ئۇچۇراپ، سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر قىلىدۇ.
19. ھەرقانداق كىسەللىك ئالامىتىگە سەل قارىماڭ. كوپۇنچە كىشىلەر بەزى يەڭگىل كىسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا ياخشى بولۇپ كىتەرمەن دەپ ۋاختىدا دوختۇرخانىغا بارمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىسەلگە ۋاختىدا دىياگۇنۇز قويۇپ، ۋاختىدا داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويىدۇ. مۇتلەق كوپ ساندىكى راك كىسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىنىق كىسەل ئالامىتى بولمايدىغان ياكى كىسەل ئالامەتلىرى بولغاندىمۇ ئانچە ئىغىر بولمايدىغان بولۇپ، ئادەتتە راك كىسىللەرنى ئۇنۇملۇك داۋالاشنىڭ بىردىن بىر ئامالى راك كىسىلنى بالدۇر بايقاش. شۇڭا بولۇپمۇ ياش 40 ئاشقان كىشىلەردە كورۇلگەن ھەرقانداق ئالامەتكە ھەرگۇز سەل قارىماسلىق كىرەك.
20. ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان بالىلارغا تەبى بولمىغان يىمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق بويۇملىرىنى كوپ بەرمەڭ. ھازىر پۇتۇن جۇڭگودا كىچىك بالىلارنىڭ ھەر خىل ئوزۇقلۇق بويۇملىرى ناھايتى كوپ بولۇپ، بەزىلىرىنى كىچىك بالىلارنىڭ ئىشتىيىنى ئاچىدۇ دىسە، يەنە بەزىلىرىنى كىچىك بالىلارنىڭ بويىنى ئوستۇرىدۇ دەيدۇ. بۇ بويۇملارنىڭ تەركىۋىدىكى ھورمۇننىڭ تەسىرى بىلەن كىچىك بالىلارنىڭ ئىشتىيى ياخشىلانغانلىغى، ۋە بويى تىز ئوسكەنلىگى ئۇچۇن، كوپلەپ بازار تىپىپ، ناھايتى چوڭ ئىختىزادى كىرىم كەلتۇرىۋاتىدۇ. براق ئەمىلىيەتتە ئۇ بويۇملارنىڭ مۇتەلق كوپ قىسمى ساغلاملىق ئولچىمگە مۇھاپىق ئەمەس بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۇسى نورمال ئوسۇپ يىتىلىشىگە ناھايتى زىيانلىق.
21. ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ يىتەرلىك ئۇخلىشىغا كاپالەت قىلىڭ. ھازىر نۇرغۇنلىغان ياش ئاتا ئانىلار ھە دىسە ئولتۇراش ۋە تويلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بالىلارنىڭ رىتىملىق ئارام ئىلىشىغا ۋە يىتەرلىك ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلمايۋاتىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ نورمال ئوسىشىگە زىيانلىق.
22. ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان بالىلارنى سىرىتلارغا ئىلىپ چىقىشقا ئەھمىيەت بىرىڭ. ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان بالىلار يىتەرلىك قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچۇرشۇشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ، شەھەرلەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسىم ۋاختى ئوي ئىچىدە ئوتىدۇ. ئەگەر سىز مۇھاپىق ۋاقىت چىقىرىپ باللىرىڭىزنى سىرىتلارغا ئىلىپ چىقىپ، قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچۇراشتۇرمىسىڭىز، بالىلار كالسىي كەملىك قاتارلىق كىسەللەرگە ئاسان گىرىپتار بولۇپ، نورمال ئوسۇپ يىتىلىشىگە دەخلى يىتىشى مۇمكىن.
23. ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان بالىڭىزنى يىڭىدىن سىرلىغان ئويدە ياكى ھاۋاسى بۇلغانغان مۇھىتتا قويۇشتىن ساقلىنىڭ. بەزى سىرلار ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بەزى پۇراقلارنى چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل پۇراق گەرچە ئالھىدە غەلىتە بولمىسىمۇ بىراق بالىلارنىڭ سالامەت ئوسۇپ يىتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ. ھاۋاسى بۇلغانغان مۇھىت بالىلارنىڭ نورمال ئوسۇپ يىتىلىشىگە زىيانلىق.
مەنبە: ئاكادېمىيە facebook تورى