2013-يىللىق تۈركىيە خاندەلىكىگە تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىقى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسىسلەردىن ئۇقۇشىمىزچە، 2013-يىللىق مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا تىزىملاش 2 باسقۇچ بويىچە بولىدىكەن ۋە تىزىملاش بۇلتۇرقىغا قارىغاندا بۇرۇنراق بولىدىكەن. 2012-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن ھالدا، ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقىتدا ۋە ئېنىق تەپسىلى ئۇچۇر بېرىدىكەن.
ئالدى بىلەن ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملايدىكەن. تىزىملىتىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولىدىكەن.
تولۇق كۇرۇستا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش بولسا، 5-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ 6-ئايىنىڭ 15- كۈنىگىچە بولىدىكەن. بۇ سەۋەپتىن ناھايىتى جىددى تاييارلىق قىلىۋىتىپتۇ.
بۇ يىل ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش نىسپىتى، تولۇق كۇرۇستا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلانى قوبۇل قىلىش نىسبىتىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن ۋە نەتىجىلىرى 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئېلان قىلىنىدىكەن.
تىزىملاشقا باشلىغاندا، ئوقۇغچىلار تۆۋەندىكى توردىن بىۋاسىتە تىزىملاتسا بولىدىكەن.
http://www.turkiyeburslari.gov.tr/
http://ytb.gov.tr/
بۇ ئۇچۇرنى تۈركىيىدە ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى ۋە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىپ قويۇشۇڭلارنى ئالاھىدە ئۆتىنىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى